چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغانلارغا
چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغانلارغا(ئادەم ئىزدەش)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!
مەن بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلاپ مالايسىيادا ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېلىۋاتىمەن.بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن چاقىرىق ئەكەلتۈرۈش(مەكتەپكە تىزىملىتىش)،تەرجىمە قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇش،كېتىدىغان ماتېرىياللارنى تولۇق ئەكەلتۈرۈش(مەن ئەكەلگەندە ماتېرىيال كەم بولۇپ قېلىپ ئىككى قېتىم ئەكەلتۈرگەن ئىدىم)... قاتارلىق باسقۇچلاردا ناھايىتى جاپا تارتقان ئىدىم، بۇ جەرياندا كۆپ ئىشلارنى توغرا تەرتىپى بىلەن ئورۇنلاشتۇرالماي كۆپ چىقىمدار بولغان ھەمدە ۋاقت ناھايىتىمۇ ئۇزۇن سوزۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
شۇ سەۋەبلىك مالايسىياغا قەدەم قويۇپ بىرقانچە تۇغقىنىمنىڭمۇ بالىلىرىنىمۇ چەتئەلدە ئوقۇتۇش ئارزۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپ ئۇقۇشۇش،تىزىملىتىش جەريانىدا بىرقانچە ياخشى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈش،ئالاقىلىشىش،مۇلاھىزىلىشىش ئارقىلىق 2-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ئوقۇش چاقىرىقى ئەۋەتىپ بېرىمەن دەپ تېما يوللىغان ئىدىم.
بۇ ھەقتە يوللانغان تۇنجى تېمام:
http://bbs.misranim.com/thread-73516-1-1.html
بۇ مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئۇلانمىسى،كۆرگىلى بولمايدىكەن شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭساي مۇنبىرىدىكىنىمۇ قالدۇرۇپ قويدۇم
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-18418.html بۇ كەڭساي مۇنبىرىدىكى تېما ئادىرسى
بۇ ھەقتە يوللانغان ئىككىنجى تېمام:
http://bbs.misranim.com/thread-74046-1-1.html مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئۇلانما ئادىرىسى
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-18600.html كەڭساي مۇنبىرىدىكى ئۇلانما ئادىرسى
==========================================================================
ناۋادا پاسپورت بېجىرىش(چاقىرىق ئەكەلتۈرۈش)...قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلار بولسا
AlkamAnwar@yahoo.com
مۇشۇ ئېلخەت ئادىرسى بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ،چ چ نى قالدۇرۇپ قويسام ئىچى پۇشۇپ
قالسىمۇ گەپ سورايدىغانلار چىقىدىكەن،شۇڭا ئاۋال ئېلخەت بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاندىن قىلىدىغىنىڭىز
مۇقىم بولغاندا ئاندىن چ چ نى قوشۇپ،گاھىدا تېلفۇن قىلىشىپ ئالاقىلەشسەكمۇ بولىدۇ
==========================================================================
ئەمدى گەپنىڭ مېغىزىغا كەلسەم ئىككى كۈن ئىلگىرى يەنى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى(چارشەنبە) بىرى جوڭگو بانكا كارتامغا 2800 پۇل ساپتۇ،لېكىن پۇلنى كىمنىڭ سالغانلىقىدىن خەۋەر يوق، سالماقچى بولغان بىر ئىككىسى بىلەن ئالاقىلەشسەم مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىرەر ئىككى ھەپتىگىچە توختاپ تۇرۇپ ئاندىن ئالاقىلىشىدىغان بوپتۇ.شۇنداق قىلىپ ھېسابات سۈرۈشتە قىلىپ يۈرۈپ بۇ پۇلنى كىمنىڭ سالغانلىقىنى بىلەلمىدىم، بىرەرسىنى خاتا سېلىپ سالدىمۇ يە دەپمۇ ئويلاپ باقتىم،لېكىن خاتا سالغان تەغدىردىمۇ مەن ئىلگىرى باشقىلاردىن ئېلىۋاتقان پۇلنىڭ سانى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش چىقىش مۆمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن... شۇ سەۋەب تۈپەيلى بۇ تېمىنى يوللىدىم.
ناۋادا پۇل سالغۇچى (4-ئاينىڭ 18-كۈنى) بۇ تېمىنى كۆرسىڭىز مەن بىلەن دەرھال ئالاقە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.ئالاقە قىلىشتىن بۇرۇن ئۇچۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشى ئۈچۈن پۇل سالغاندا بانكىدىن چىقىرىپ بەرگەن تالوننى توردىن ئەۋەتىپ بېرىشىڭىزنى سورايمەن.
ps
چەتەلگە چىقىپ نېمە ئوقۇيمەن قانچىلىك ۋاقىت ئوقۇيمەن ئۇقۇغان نەرسەم ئاقامدۇ ئاقمامدۇ. 100 ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە 98 مۇشۇنى ئويلاشمايدۇ.
بەت:
[1]