sazguri يوللانغان ۋاقتى 2012-4-20 18:58:48

سىز چاشقان گۆشى يەپ باققانمۇ[كۆچۈرۈلمە]

سىز چاشقان گۆشى يەپ باققانمۇ؟ ئىككى ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت پىروگىراممىسىدا چاشقان بېقىش توغۇرسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك بىر خەۋەر قويۇلدى.   مۇخبىر چاشقان باققۇچىلار بىلەن چاشقان باقىدىغان يەرگە كىردى،ئۇيەردىكى چاشقانلارنىڭ چوڭلىغىدىن ھەيران قالىسىز،بىزنىڭ ئۆيدە باقىدىغان مۈشۈك بىلەن -يەكمۇ-يەك ئېلىشسا بىر مىنۇتقا قالماي مۈشۈكنىڭ ئۇستىخىننى قۇيۇپ قويغۇدەك دەرىجىدە يوغان ئىكەن.



لىكىن بەك سىمىز بولغاچقا بەك مىدىرلاپ كەتمەيدىكەن. ئاندىن ئۇنى نىمە بىلەن باقىدىغىننى كۆرسەتتى،ئۆلۈك ئىت،ئېشەك ،چوشقا ئۆلتۈردىغان گوداڭدا ئاشقان چوشقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ھەم تاماقخانىلاردىن ئاشقان نەرسىلەرنى تاشلاپ بىرىپ باقىدىغانلىغىنى كۆرسەتتى. مۇخبىر ئۇلاردىن چاشقان بېقىپ نىمە قىلدىغىننى سورىدى.

چاشقان باققۇچى خېلى ئۇزۇنغىچە جاۋاپ بەرمەي تۇرۋالدى،مۇخبىرنىڭ قايتا-قايتا سورىشى ئارقىلىق ئاخىرى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك خەۋەرنى دىدى.



دەسلەپتە ئۇلار چاشقاننىڭ تېرىسىنى ئېلىش ئۈچۈن باقىدىغانلىغىنى،چاشقان تېرىسى ئەرزان ھەم پارقىراق بولغانلىغى ئۈچۈن بازىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىگىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى چوڭ كىيىم تىكىش ئۈچۈن سېتىۋالدىغانلىقىنى ئاساسى جەھەتتىن كىيىملەرنىڭ ياقىسىغا ئىشلىتىدىغانلىنى دىدى.

ئاندىن مۇخبىر يەنە چاشقاننىڭ گۈشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلدىغانلىغىنى سورىدى. چاشقان باققۇچى ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردىغان ئىشنى دىدى. ئادەتتە چاشقان گۆشىدە خوتۈيچاڭ ياسايدىغانلىغىنى دىدى. ئاندىن ئۇلار خوتۈيچاڭ ياسايدىغان يەرگە كىردى، ئۇ يەرنىڭ مەينەتلىگىنى دىمەيلى قويايلى. ئاندىن خوتۈيچاڭ ياساشنىڭ تەپسىلاتىنى چۈشەندۈردى.ئاۋۋال تېرىسىنى شۈلىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن گۈشىنى قايناقسۇدا پىشۇردىكەن.

ئاندىن پىشقان چاشقان گۆشلىرنى گۆش ئىزىش ماشىنىسىغا سېلىپ ئېزىدىكەن.چاشقانلارنى ئۇستىخانلىرى بىلەن گۆشلىرى ئىزىلىپ يۇمشاق ھالەتكە كېلدىكەن،ئاخىردا ئۇنى ئۇن بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يۇغۇردىكەن ھەم ئۇنىڭ تۇخۇ گۈشى تەملىگىگە تۇخۇ تەمى چىقىرىش ئۇچۇن ئاز مىقداردا جىروفىن(تۇخۇ تەمى تالقىنى)كالا گۆشى تەملىككە نىيۇرۇفىن(كالا گۈشى تەمى تالقىنى)ئۇنىڭ يەنى چوشقا گۈشى تەملىكلىرمۇ بار ئىكەن.........

ئاخىردا ھەممىسنى ئارلاشتۇردىغان ماشىنىغا سېلىپ خېمىر ھالەتكە ئەكىلىپ،ھوردا خېمىر ئارلاشتۇرۇلغان چاشقان گۆشىنى پىشۇردىكەن.ھوردا پىشقاندىن كىيىن ناھايىتى جىق بۇلۇپ كۆپۈپ پىشىدىكەن.ئاندىن يەنى بىر ماشىنىغا سالىدىكەن،يەنە بىر تەرەپتىن توملىغى باش بارماقچىلىق ئۇزۇن-ئۇزۇن بۇلۇپ چۈشىدىكەن،ئاندىن ئۇنى كەينىدىكى بىر مۇنچە ئاياللار ئۆلچەملىك كىسىپ بېرىدىكەن،يەنە بىر ماشىنا كىسىكلەرنى ئاپتۇماتىك ھالدا خالتىغا قاچىلاپ ئاغزىنى ئىتىپ چىقىردىكەن،

شۇنداق قىلىپ بىز ھەم بىزنىڭ بالىلىرىمىز يەيدىغان خوتۈيچاڭ تەييار بولىدىكەن.......... مەن بۇ تېمىنى "قاشتېشى"مۇنبىرىدە كۆرۈپ قېلىپ بارلىق دوستلارغا خەۋەر قىلىش مەقسىتىدە بۇ مۇنبەرگە يۆتكىدىم!چۈنكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا 麻辣串،零食،火腿肠 يەيدىغانلارنىڭ سانى خېلىلا كۆپ، قىسقىسى مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، بۇتېمىنى كۆرگەندىن كېيىن بارلىق مۇسۇلمان دوستلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالىغا قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! بۇ تېما تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى...

http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=11886

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-20 23:04:33

چاشقان ئۆز تېنىدە داۋاسى تېپىلمايدىغان نۇرغۇنلىغان ۋىروسلارنى ئېلىپ يۇرگۈچى تىرىك مىكروپ . قىززىقارلىق يېرى شۇكى: چاشقان ئۆزى ئاغرىپ قالمايدىكەن .

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-20 23:17:44

شۇڭلاشقا مۈشۈكۈم قەۋەتلام ئامراق بۇنىڭغا......

ئىشقىلىپ بازاردا ساتقان نەرسىنىڭ سېقى يوقكەن جۇمۇ......پاش بولۇشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى...

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 01:14:46

ئەمدى مۇشۇلار ئىشلىگەن نەرسىنى ئىغىزىمغا سالماسمىناتۆۋا دىمىسەك بىكا

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 07:20:04

بازاردىكى مالاچۈەرخانىدا يەپ كىتىدۇ خوتىچاڭنى ئوقۇغۇچى باللار ئولتۇرۇپ\"\"

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 07:29:10

ھالاللىرىمۇ بار.

sazguri يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 08:26:10

باچكائاكا ماۋۇ تىمىنى مەنئاران مۇشۇسەھىپىگە يوللىيالاپتىمەن ...خاپابولمايماس سەھىپىگە يۆتكەپ بەرسىڭىز

Pathfinder يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 09:36:24

2- قەۋەتتىكى 79588010نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇڭلاشقا مۈشۈكۈم قەۋەتلام ئامراق بۇنىڭغا......

ئىشقىلىپ بازاردا ساتقان نەرسىنىڭ سېقى يوقكەن جۇمۇ......پاش بولۇشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى...

شۇڭا مۈشۈكلەرنىڭ 4 پۇتى ئاسمانغا بوپ قالىدۇ بەزىدە{:181:}

Pathfinder يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 09:37:55

4- قەۋەتتىكى tahirbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بازاردىكى مالاچۈەرخانىدا يەپ كىتىدۇ خوتىچاڭنى ئوقۇغۇچى باللار ئولتۇرۇپ \"\"

بۇنى بىر دىمەڭ ،بۇ قىز بالا خەق دىگەن ئاجايىپ مەخلۇقاتكەن، مەن ئۆمرۈمگە كىلىپ بىرسى بىرسىنى دورىمايدىغان ، يامان ئىللەتلەرنى ئالدىراپ تىز قوبۇل قىلۋالمايدىغان، يېمە دىگەن گەپنى بىر ئېغىز قىپ قويسا قۇلقىدا تۇرىدىغان قىزلارنى بەك ئاز ئۇچراتتىم.

Pathfinder يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 09:38:01

4- قەۋەتتىكى tahirbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بازاردىكى مالاچۈەرخانىدا يەپ كىتىدۇ خوتىچاڭنى ئوقۇغۇچى باللار ئولتۇرۇپ \"\"

بۇنى بىر دىمەڭ ،بۇ قىز بالا خەق دىگەن ئاجايىپ مەخلۇقاتكەن، مەن ئۆمرۈمگە كىلىپ بىرسى بىرسىنى دورىمايدىغان ، يامان ئىللەتلەرنى ئالدىراپ تىز قوبۇل قىلۋالمايدىغان، يېمە دىگەن گەپنى بىر ئېغىز قىپ قويسا قۇلقىدا تۇرىدىغان قىزلارنى بەك ئاز ئۇچراتتىم.

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 09:53:36

مۇشۇ بازاردىكى يېمەكلىكلەرنى خاتىرجەم يېگىلىمۇ بولمايدۇ ھازىر.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 10:13:24

10- قەۋەتتىكى Pathfinderنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى tahirbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بازاردىكى مالاچۈەرخانىدا يەپ كىتىدۇ خوتىچاڭنى ئوقۇغۇچى باللار ئولتۇرۇپ \"\"

بۇنى بىر دىمەڭ ،بۇ قىز بالا خەق دىگەن ئاجايىپ مەخلۇقاتكەن، مەن ئۆمرۈمگە كىلىپ بىرسى بىرسىنى دورىمايدىغان ، يامان ئىللەتلەرنى ئالدىراپ تىز قوبۇل قىلۋالمايدىغان، يېمە دىگەن گەپنى بىر ئېغىز قىپ قويسا قۇلقىدا تۇرىدىغان قىزلارنى بەك ئاز ئۇچراتتىم.


\"\"\"\" قىزلار بەك خاپا قىپ كېتىپتۇدە سىزنى

kumluk يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 11:35:53

مىنىڭ مۈشۈكۈممۇ بەك ئامراق بۇ نەر سىگە.

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 12:06:39

................................................



\"\"

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 15:12:12

ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ چاشقان گۈشىدە ياسىلدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەيدىكەن ئەمەسمۇ؟.....

ئىچكىردە ئوقىۋاتقان مەزگىلدە پويىزدا شەندوڭ زىبودا ئوقۇيدىغان ئىككى ئوغۇل ئىككى، قىز ئوقۇغۇچى بىلەن بىللە مېڭىپ قاپتىكەنمەن.

يولىچە ئاشۇ نەرسدىن باشقىنى يىمىدى. باشقا نەرسىگە ئىشتىھاسى بارماسمىش. مەن ئىچىم پۇشۇپ دەپ قوياي دەپ تۇرسام ئۇلار: ئاداش چاشقان گۈشىدىن بىرنى ئېلۋىتە » دىيىشىپ مەززە قىلىپ يىيىشكىلى تۇردى، ئۇلارغا قاراپ بەكلا ئېچىم ئېلىىشپ كەتتى، بىر ساندۇق ئېلۋاپتۇ، يولىچە ئۇلار تۆتىسى ئاشۇنى يەپلا ماڭدى. ئۆزلىرىمۇ بەك ھاياسىز نىمىلەركەنتۇق، يولىچە ئادەم بار يوق دىمەي.......

گەپ قىلشىمۇ ئورۇنسىز بىلىنىپ ئىچىمدە ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم قايناپ چىرايىمغا چىقىپ كەتكەن چېغى، ئۇلار: سىزنى رەنجىىتىپ قويدۇقمۇ نىمە، خاپا بولماڭ ، دەپ كەتتى......

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 17:32:19

Pathfinder يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:29:36

12- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى Pathfinderنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى tahirbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بازاردىكى مالاچۈەرخانىدا يەپ كىتىدۇ خوتىچاڭنى ئوقۇغۇچى باللار ئولتۇرۇپ \"\"

بۇنى بىر دىمەڭ ،بۇ قىز بالا خەق دىگەن ئاجايىپ مەخلۇقاتكەن، مەن ئۆمرۈمگە كىلىپ بىرسى بىرسىنى دورىمايدىغان ، يامان ئىللەتلەرنى ئالدىراپ تىز قوبۇل قىلۋالمايدىغان، يېمە دىگەن گەپنى بىر ئېغىز قىپ قويسا قۇلقىدا تۇرىدىغان قىزلارنى بەك ئاز ئۇچراتتىم.


\"\"\"\" قىزلار بەك خاپا قىپ كېتىپتۇدە سىزنى



مەن تېخى خاپا قىلمايدىغان قىز بالنى كۆرۈپ باقمىدىم . سىزمۇ شۇنداققۇ دەيمە ھەقچان.......\"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 16:37:44

يۆتكەپ قويدۇم.



ھازىر تاللا بازاردىكى يېمەكلىكلەردىن ئىنتايىن سەگەك تۇرىدىغان دەۋىردە ياشاۋاتىمىز. پارچە پۇل خەجلەۋاتقان بالا- ئۇكىلىرىڭلارغا ئىگە بولۇڭلار..
بەت: [1]
: سىز چاشقان گۆشى يەپ باققانمۇ[كۆچۈرۈلمە]