[كۆچۈرۈلمە] غەلىتە كۆڭۈل ئىزھارى
ئورۇن: كوچا ئاپتوبۇس بېكىتى
-قىزچاق پۇتۇمغا دەسسىۋالدىڭىز.
-سارااڭ،مەن شۇنچە يىراقتا تۇرسام.
-ۋاھ!قىزچاق،كۆزىڭىز ئۆتكۈركەن،مېنىڭ راستلا ساراڭلىق تارىخىم بار،چىرايلىق قىزلارنى كۆرسەملا قوزغىلىپ قالىدۇ.
-سىلەر ئوغۇللار داۋاملىق تېتىقسىز گەپلەرنى قىلىپ قىزلارنىڭ دىققىتىنى تارتىمەن دەيسىلەر،ئۆزۈڭلارنى كېلىشكەن ھېسابلايسىلەر.
-سىز خاتالاشتىڭىز،مەن ئۆزۈمنى كېلىشكەن ھېسابلىمىدىم،ئەكسىچە مەن ئەسلىدىنلا ناھايىتى كېلىشكەن.
-قۇسۇۋەتمەي يەنە.
-قۇسۇشتىن بۇرۇن سىزدىن بىرسوئال سورىسام بولامدۇ؟
-تېز دەڭ.
-سىز نىمىشقا كۆزىڭىزنى يۇمۇۋېلىپ مېنىڭ كېلىشكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلمايسىز؟
ئورۇن:كوچا ئاپتوبۇس ئىچىدە
-يەنە سىزغۇ؟
-بەزى ۋاقىتلاردا مەن ھەممە يەردە بولىمەن.
-تېتىقسىز،شۇنچە بوش ئورۇنلار تۇرسىمۇ،مېنىڭ يىنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ.....
-قىزچاق،ئايدىڭلاشتۇرۋېلىڭ.مەن پەقەت بوش ئورۇندا ئولتۇردۇم،بوش ئورۇننىڭ يېنىدا سىز باكەنسىز شۇ...
ئورۇن:كوچا ئاپتوبۇس توختىغاندا
-سىزمۇ چۈشۈپ قاپسىزغۇ؟
-ئىشقىلىپ سىزنى دەپ چۈشمۈدۈم،مەن ئايلىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن.
-مەن ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىمەن،قايسى ئىدارىدا ئىشلەيسىز؟
-نىمىشقا؟
-سىز ئۆزىڭىزنى ناھايىتى قىزىقچى دەپ ئويلامسىز؟
-قىزچاق،قىزىقچىلىق دېگەن تۇغما بولىدۇ،رەنجىسىزڭىز ئاتا-ئانامدىن رەنجىڭ...
ئورۇن:كېنتاكىي نىڭ ئالدىدا
-توۋا،مەن نىمدىگەن بىتەلەي،يەنە سىزغۇ.
-مېنىڭچە بۇگۈن سىزنى نەس بېسىپتۇ،قىزچاق.
-يەنە سۆزلەيدىغان بولسىڭىز ئاغزىمنى بۇزىمەن!!!!!!
-پېتىنالمايسىز،ۋارقىرايمەن..
-سىز بىرەرسى مېنى كۆزگە ئىلىدۇ دەپ ئويلامسىز؟
-ئەلۋەتتە...
ئورۇن:كېنتاكىينىڭ ئىچى
-گەپ قىلماڭ،كۆڭلۈم ئېلىشىدىكەن.
-ھە؟؟ئەسلىدە مېنىڭ گېپىمنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى شۇنچە يۇقىركەندە،مەن كەسىپ ئۆزگەرتسەم بولغۇدەك جۇمۇ.......
-نىمە قىلىسىز؟
-دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاشقازان تازلايمەن.
-سىزنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمىغۇدەك،ئاخىرەتلىكىڭىزنى تەييارلىۋالسىڭىز بولغۇدەك.
-ئۆلۈشتىن بۇرۇن بىر ئىلتىماسىم بار،بۇ تاماقنىڭ پۇلىنى سىز تۆلىسىڭىز قانداق.
ئورۇن:كېنتاكىي دىن چىقىپ
-ئۆتۈنۈپ قالاي،يەنە كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرمەي نېرى تۇرۇڭە........
-مەن سىزنىڭ قىزىقچىڭىز بۇلۇشنى شەرتسىز خالايمەن،ئەگەر دوستقا مۇھتاج بولسىزڭىز ماۋۇ نۇمۇرغا تېلفۇن قىلىڭ..~~~~~~~~~
-ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولا..نېرى تۇرۇڭە.
-شۇ ئەمەسمۇ،تېخې ماڭا ئۇچۇر قىلىپ، مېنى تىللامسىز بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ..
ھەممىسى ئۆز يولىغا ماڭدى.
-توۋا،مېنىڭ راستلا ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللۇغۇم كەۋاتىدۇ.
-خى خى.....ماڭغا ئۇچۇر يوللىمىغىنىنى بىر كۆرەيئ
-تۈگەشتىم~~!!!!مەن ئۇنى راستلا ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ نېمە~~~
-خى خى...مانا ئۇچۇر كەلدى.
مەنبە:ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن.
ئۈگىنىۋالدىم، بەزى يەرلىرىدىن پايدىلانسام بولغىدەك {:90:} {:90:} {:92:}
نىمىنداق بىزەڭ ئاداش ئۇ قىزنىڭ دىئالوگلىردىن يامان ئەمەس قىزمىكىن دىسەم ئاخرقى بۈلكىدە ئاسانلا تۈگشۈپ كەتتىدە بۇقىز...... بۇلارنىڭ تېپىشىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى، چۈنكى، ئىككىلىسى ئوخشاشكەن ئەمەسمۇ؟ كاساپەت تاقا-تۇقا پاراڭ بىلەن قوياپ كەتتا....... مەن ئاشۇنداق قىلىنلىق دورسى ساتىدىغان يەر بولسا ئازراق ئىچىۋالسام بۇلاتتى، بولمىسا بۇ بويتاقلىق تۇرمۇشۇمىنى ئاخرلاشتۇرۇلمايدىغان ئوخشايمەن،
ھازىر قىزلار قىلىن قاتتىق بالىلارغا ئامراقمىكىن دەيمەن مەندىنمۇ قېلىن گۇيكەن ياش ۋاقىتلارنى ئەسلەپ قالدىمدە مەن بۇرۇن شۇنداق ئويلايتتىم ،لېكىن بۇ سەل چاكىنىلىقكەن . بىزنىڭ بىر ئاغىنىمىز بۇلىدىغان (ئەخلاقنى كىمدىن ئۆگەندىڭ دىسە ،ئەخلاقسىزدىن )دەپ ،بىزگە تەربىيە قىلاتتى . ھەي ما بولىدىغان ئۇسۇللاركەن .ئا قىز ھېچقانداق ئەمەس بەك نورمالكەن
نورمال بولغاندىكىن بۇنداق ئۇسۇللارغا چوقۇم ئېزىپ كىتىدۇ .يۇمۇرلۇق يەنە كىلىپ ئۆزگىچە ... {:92:}
قېرى بويتاقلار ما ئۇسۇللارنى ئۆگىنۋېلىڭلار ،راستىنلا بولىدىكەن ،. بەك ياخشى چىقىپتۇ، ئوقۇۋېتىپ كۈلۈپ تىلىقىپ قاپتىمەن.
بەت:
[1]