چاناققەلئە شېھىتلەر ئابىدىسىدە مۇراسىم
چاناققەلئە شېھىتلەر ئابىدىسىدە مۇراسىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(19.04.2012) خەۋىرى:
چاناققەلئە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشلىرىنىڭ 96-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شېھىتلەر ئابىدىسىدە خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمدا سۆز قىلغان دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ چاناققەلئە ئۇرۇشلىرىدىن ئالغان ئىبرەتلەر بىلەن رايوندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغۇچى تىنچلىقپەرۋەر سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
چاناققەلئەدە ئۇرۇش قىلغانلارنىڭ نەۋرىلىرى 96 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەجدادلىرى ياتقان زېمىندا ئۇچراشتى.
شېھىتلەر ئابىدىسىدىكى مۇراسىم 11 دۆلەتنىڭ يوللىغان گۈل چەمبىرەكلىرىنىڭ قويۇلۇشى بىلەن باشلاندى.
ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ھۆرمەت توپى ئېتىلغاندىن كېيىن دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مارشلىرى ئوقۇلۇپ، بايراقلار چىقىرىلدى.
دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ چاناققەلئە ۋە ئارقىسىدىن مەيدانغا كەلگەن ئازادلىق ئۇرۇشنىڭ، تۈركلەرنىڭ «مۇداپىئەدىن باشقا، بارلىق ئۇرۇشلارنىڭ بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى» ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى.
«بۇ سەۋەبتىنكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋەتەندە سۇلھى، جاھاندا سۇلھى پىرىنسىپى ئاساسىغا قۇرۇلغان» دېگەن داۋۇتئوغلۇ، «يەنە بۇ سەۋەبتىندۇركى تۈركىيە، 88 يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ئەڭ مۇقىمسىز رايونلىرىنىڭ بىرىدە بىر مۇقىملىق ئارىلى بولۇپ كەلدى. بۈگۈن تۈركىيەنىڭ رايوندا ۋە باشقا جايلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە مۇقىملىق يارىتىشنى چىقىش قىلىدىغان ئىجابىي، كۆپ تەرەپلىمىلىك، يىراقنى كۆرەر ۋە تىنچلىقپەرۋەر تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسىدا مانا بۇ پىرىنسىپ ۋە چۈشەنچە ياتماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئاۋسترالىيە غازى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋاررېن سنوۋدانمۇ، مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ ئازناك ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئېيتقان: «بۇ زېمىندا جان بەرگەندىن كېيىن ئۇلار بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز بولدى» دېگەن سۆزىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.
سنوۋدان، «ھېلىھەم بۇ يەردە ياتقان ئاۋسترالىيەلىكلەر ئۈچۈن تۈركىيە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدۇر، بۇ سەۋەبتىن تۈركلەر كۆپلىگەن ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان» دېدى.
تۈرك ئارمىيەسى نامىدىن سۆز قىلغان برىگادا گېنېرالى فارھات ئۆزگەنمۇ، چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ ھېچبىر دۆلەتنىڭ، ئارمىيەنىڭ، قورالنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە مىللىي شەرەپتىن كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى ئىنسان ئەۋلادىغا كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
شېھىتلەر ئابىدىسىدىكى مۇراسىمدا مەھتەران ئۆمىكىنىڭ نومۇرلىرىمۇ كۆرسىتىلدى.
شېھىتلىك خاتىرىسىگە كۆڭۈل سۆزلىرى يېزىلغاندىن كېيىن، دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىقىغا تەۋە پاراخوتلار چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتتى.
مۇراسىم، تۈرك ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ بوشلۇقتا كۆرسەتكەن نومۇرلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.
★★★★★
ما تېمىنى كۆرۈپ چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەننىڭ مەكتۇبى ئېسىمگە كەلدى .
كۆزلىرىمگە ئىختىيارىسىز يىغا ئولاشتى .
بۇ تېمىنى يەنە ئەسلەپ قويغايسىلەر :
http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=43978 قانداق قىلغاندا ئادرىسنى بېسىپلا كىرگىلى بولىدىغان بولىدۇ :http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=43978
بىلىدىغانلار تەلىم بەرگەيسىلەر
2- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قانداق قىلغاندا ئادرىسنى بېسىپلا كىرگىلى بولىدىغان بولىدۇ :http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=43978
بىلىدىغانلار تەلىم بەرگەيسىلەر
http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=43978
زەنجىنى باسسا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(24.04.2011) خەۋىرىبۇ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرى ئىدى. يۇقارقى يىل، ئاي، كۈندە خاتالىق بولۇپ قاپتۇ.
«ھۆر ئادەم» دېگەن كىنودىمۇ چاناققەلئە ئۇرۇشى تىلغا ئېلىنىدىكەن. بىر مىللەتنىڭ ئەۋلاتلىرى پەخىرلىنىپ غورۇرلانغۇدەك قەھرىمانلىق پائالىيەتلىرى بولغاندا ئەۋلاتلىرى شۇ شەرەپ ئۈچۈن بولسىمۇ جان بېرىدىكەن. مۇستاپا كامالنىڭ ئەسكەرلىرىگە «مەن سىلەرنى جەڭ قىلىشقا ئەمەس، ئۆلۈشكە بۇيرۇق قىلىۋاتىمەن» دەپ يولغا سالغان ئۇرۇشى شۇغۇ ھە.
ئەنگىلىيىلىك بىر گېنىرال «ئۇرۇشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلمەكچى بولساڭلار، بېرىپ تۈركلەر بىلەن ئۇرۇشۇڭلار» دەپتىكەنمىش. 1- دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ،
2- چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ ھېچبىر دۆلەتنىڭ، ئارمىيەنىڭ، قورالنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە مىللىي شەرەپتىن كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى ئىنسان ئەۋلادىغا كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى
1- يىقىملىق تۇيۇلدى .
2- تىتىرەپ كەتتىم . رەھمەتلىكلەرنىڭ روھى تۈرك ئالىمىنى بىر ئۈمۈر ئەسكەرتىپ تۇرسۇن .
ھۈر ئادەم نامىلىق كىنونى قانداق كۇرىمىز باللار ؟

بۇ دۆلەت مانا شۇنداق قۇرۇلغان
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(2009-03-18) خەۋىرى:
باش مىنىستىر ئەردوغان: «تۈرك مىللىتى ئۆتمۈشتىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمىگەن ۋە بۇندىن كېيىنمۇ ھەم قەتئىي باش ئەگمەيدۇ» دەپ سۆز قىلدى
مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان 18-مارت شىھىتلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چانەققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 94-يىلى قىزغىن مۇراسىملار بىلەن خاتىرىلەندى.
چاناققەلئەدىكى مۇراسىملاردا سۆز قىلغان باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردوغان، چاناققەلئە زەپىرىنىڭ تەڭداشسىز داستان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئانتانتا دۆلەتلىرى 1915-يىلى ئوسمان ئىمپىراتورلىقىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىش پىلانىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچى سۈپىتىدە، ئەڭ كاتتا دېڭىز ئارمىيە ئەترەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، چاناقەلئە بوغۇزىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن تېرىشىپ باققان ئىدى.
بىراق تۈرك ئارمىيىسى ماددىي ئىمكانىيەتلىرىنىڭ شۇنچە يېتەرسىزلىكىگە پىسەنت قىلماستىن، دۈشمەننىڭ زامانىۋى قوراللار بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇردى. ھەمدە 1915-يىلى 18-مارتتا دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دېڭىز قوشۇنىنى ۋەيران قىلىپ، چانەققەلئە بوغۇزىدا سۇغا غەرق قىلدى.
چاناققەلئەدە ئىنتايىن مۇھىم دېڭىز زەپىرىنى قولغا كەلتۈرگەن تۈرك ئارمىيىسى، شۇنىڭدىن كېيىنكى فرونتلاردا قۇرۇقلۇقتىن قىلىنغان ھۇجۇملارغا قارشى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر قانلىق بەدەللەرنى تۆلىدى.
تۈرك ئارمىيىسىنى دېڭىز ئۇرۇشى بىلەن يېڭەلمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيەنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئانزاك قىسمى 25-ئاپرىل ۋە 6-ئاۋغۇست كۈنلىرى گەلى بولۇ يېرىم ئارىلىغا ئەسكەر چىقىرىپ ئەڭ قانلىق ئۇرۇش باشلىدى.
شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ تار ئۇرۇش مەيدانىدا ئاجايىپ قانلىق گىرەلەشمە ئۇرۇش يۈز بەردى.
مۇستاپا كامالنىڭ «مەن سىلەرنى ھۇجۇم قىلىشقا ئەمەس، ئۆلۈشكە بۇيرۇيمەن» دېگەن سۆزى بىلەن باشلانغان ۋە تارىخ سەھىپىلىرىگە ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى تۈركلەرنىڭ جاسارىتىنى ۋە چۇڭقۇر ۋەتەن سۆيگۈسىنى مەڭگۈگە نامايان قىلدى.
بۇ ئۇرۇشتا 500 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. جەمئىي 253 مىڭ شەھىتنى قۇربان بېرىش ئارقىلىق ۋەتىنىنى قوغدىغان جەسۇر تۈرك خەلقىنىڭ بۇ شانلىق تارىخى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇستەملىكە دۆلەتلەرنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشلىرىغا ئۆرنەك بولدى.
چاناققەلئە 18-مارت تەنتەربىيە زالىدا چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 94-يىلىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈنجى قېتىم مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمدا باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئوردوغان، چاناققەلئە زەپىرىنىڭ تەڭداشسىز بىر داستان ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ داستاننى يازغان قەھرىمانلارنىڭمۇ مەڭگۈ ھايات ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ تۇرىشى لازىملىقىنى قەيت قىلغان باش مىنىستىر ئەردوغان: «تۈرك مىللىتى ئۆتمۈشتىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمىگەن ۋە بۇندىن كېيىنمۇ ھەم قەتئىي باش ئەگمەيدۇ» دەپ سۆز قىلدى.
ئىنتايىن كۆپ ساندىكى خەلق ئاممىسى قاتناشقان بۇ مۇراسىمدا شېئىرلار ئوقۇلدى، خەلق ئويۇنلىرى كۆرسىتىلدى.
★★★★★
‹چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەن› ئەينى يىلى بۇ ئەسەرنى تۆۋبە ئاكىمىز تەرجىمە قىلغان ،ئىستانبۇلدا تۇرۇپ تور بېتىمگە يوللىغان ئىدى. ھازىر ئەشۇ ئاكىمىز ساخ-سالامەتمىدۇ ،،،مىللەتداشلىرىغا تۈركچە ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىپ بېرىمەن دەپ قانداق كۈندە قالغاندۇ ...
نەدە بولسا خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن پۇتۇن تۇركىلەرنىڭ ،پۇتۇن مۇسۇلمانلارنىڭ غەلبىسى بۇ .چۈنكى ئىستانبول تۇركىلەرنىڭ ،ئىسلام دۇنياسىنىڭ دەرۋازىسى . دۇنيادىكى شان-شەرەپ ئاخىرەتتىكى بەخىت سائادەتكە ئىرىشكۇچىلەرگە چەكسىز ئىھتىراملار بولسۇن، چاناق قەلئە داستانى ۋە چىچىغا خىنە قويغان كىچىك ھەسەن يازمىلىرى ھەر بىر مۇسۇلمان ئوقۇشقا تىگىشلىك ئىسىل يازمىلاردۇر.
بەت:
[1]