[كۆچۈرۈلمە]ئەيساجان(ۋاپادارىم)غا داغ-دۇغىلىق بېلەت تاشلايلى!
ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولىۋاتقان ئاقكۆڭۈل، تىرىشچان ياش، مۇنبەرلەردىكى تەسىرلىك دوستىمىز ، ‹بىر سوم پىلانى› نىڭ ئىجراچىسى ، ساخاۋەتچى ۋاپادارىم بۇ قېتىم بورتالا ئوبلاستى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك <يېنىمدىكى ياخشى ياش> باھالاش پائالىيتىدە نامزات بولۇپ، توردا بېلەت تاشلاش باسقۇچى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. بېلەت تاشلاش ۋاقتى : 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە. بىرلا قېتىمدا 35 ئادەمگە، بىر ئادەمگە بىر قېتىمدا بىرلا بېلەت تاشلىغىلى بولىدىكەن. بىر ئادەمگە تاشلانغان بېلەت ۋاقىت ئارىلىقى 2 سائەتتىن ئېشىشى كېرەك ئىكەن. قېرىنداشلارنىڭ ئارىمىزدىن كۆزگە كۆرۈنگەن ھەم ئۇل ئاساس سېلىپ ياخشى ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرماقچى بولغان قېرىندىشىمىزنىڭ يولىنىڭ راۋان بولۇشى ئۈچۈن بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ ھەرىكەت قىلىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
بېلەت تاشلاش ئادرىسى : http://gqtw.xjnbc.com
<پىدائى تۆھپىكار ياخشى ياش> تۈرىدىكى 艾沙江 نى تاللاپ تاشلىسىڭىز بولىدۇ.
ئىلاۋ:مەن بۇنى مىسرانىم مۇنبىرىدا كۆرگەن،ئەلتىكىن ئىسىملىك مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى يوللاپتىكەن،ۋاپادارىمنىڭ تېخىمۇ ۋاپادار بولىشى ئۈچۈن يەنە بېر قېتىم بۇ بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارايلى!
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەلتىكىننىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تاشلاۋاتىمەن
بۇرۇنقى ھەپتە بۆرتالاغا باغاندىمۇ تونۇش بىلىشلەرگە دەپ قويدۇم ، بىلمەي يۈرىشىدۇ ئۇ پوۋاشلار ...
تور بەتنى ئېچىپ بىر بېلەت تاشلاپ بولۇپ توربەتنى ئۆچۈرىۋېتىپ تورنى ئۈزۈپ قايتا ئۇلاپ يەنە تاشلىسا 1-2مىنۇتتا بىر بېلەت تاشلىغىلى بولىدىكەن خالايدىغانلار سىناپ بېقىڭلار. ئالدىنقى قېتىمقىسىنىڭ جاۋابى قانداق بۇلۇپ كەتتى؟
2- قەۋەتتىكى ablajan5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تور بەتنى ئېچىپ بىر بېلەت تاشلاپ بولۇپ توربەتنى ئۆچۈرىۋېتىپ تورنى ئۈزۈپ قايتا ئۇلاپ يەنە تاشلىسا 1-2مىنۇتتا بىر بېلەت تاشلىغىلى بولىدىكەن خالايدىغانلار سىناپ بېقىڭلار.
مۇشۇنداق قىلساق بولارمۇ؟ مەن 4مىنۇتتەك ۋاقىتتا 3بېلەت تاشلاپ قويديم مەن مەنمۇ بىلەت تاشلاپ قوياي دوستىمىز ئۈچۈن ! بۇ توربەت بىر قىسمىلا تۇرۇدۇ.
4- قەۋەتتىكى atarutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى ablajan5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تور بەتنى ئېچىپ بىر بېلەت تاشلاپ بولۇپ توربەتنى ئۆچۈرىۋېتىپ تورنى ئۈزۈپ قايتا ئۇلاپ يەنە تاشلىسا 1-2مىنۇتتا بىر بېلەت تاشلىغىلى بولىدىكەن خالايدىغانلار سىناپ بېقىڭلار.
مۇشۇنداق قىلساق بولارمۇ؟
بولىدۇ، بىراق ساختىلىقىڭىز ئاشكارىلىنىپ قېلىشى ئېنىق... شۇڭا لايىقىدا بولغىنى ياخشى. ھېچكىمنىڭ بىر ئىككى تال ساختا بىلەتنى دەپ باشقا بېلەتنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكىنى ياكى بىلەت تاشلاشنى توختىتىپ قويغىنىنى كۆرگۈسى يوق. شۇڭا كۆپرەك تەشۋىق قىلايلى. بۇ ئوبلاست تەۋەلىكى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان نامزاتلىققا كۆرسىتىش پائالىيىتى ئىكەندە؟ بېلەت كەتتى... @wapadarim912 مۇ بىر نەرسە دەپ قويسا بولاتتى، مۇشۇ پائالىيەت توغرىسىدا... ھازىرچە 5-ئورۇندىكەن. يەنە كۈچەپ باقىلى. ھوي ،ئەمدى ئىشتىن كەلگەن ،كىرىپ قارىسام بۇ تېما تۇرىدۇ ،مەن تېخى ھېلىقى بېلەت تاشلاشقا يەنە كۈن ئۇزارتىلغان چېغىۋا دەپتىمەن ،ئەسلى مۇنداق ئىكەندە ....
251-بىلەت بىلەن بۇ قېتىملىق سەپەرۋەرلىككە كۈچ قوشۇشنى باشلىدىم.
@Deqyanus
ئەيساجانغا يەنە بىلەت تاشلىنىۋېتىپتۇ، مانىڭدا ئۇتمىساق ئۆتكەنكىنىڭ ھاردۇقى چىقمايدىغان چىراي، قېنى، ھە-ھۇ بىلەن ...
ھە تاشلايلى، تاشلايلى! بېلەت تاشلاشنى باشلايلى ...
يا باشقا ئۇيغۇر نامزاتلار يىتىم ئۇيغۇر بولمىغاندىكىن مانا بىرىنچى قىلىۋىتىپتۇق. ئەمدى قالغان ئۇيغۇرلارغىمۇ تاشلاپ قويۇڭلار بالىلار... خەلىق پۇلى ئەپەندىم:
سىز بىلەت تاشلىغاندا 251 ئىكەن،مەن ھازىر كىرىپ بىلەت تاشلىدىم بىلەت سانى 290بولدى.ئوبلاست بويۇنچە باھالاشتا بولسىمۇ يىڭىپ چىقمىساق بولمايدۇ.ئەيساجان خىزمىتىنى قىلىۋەرسۇن، قالغان قېرىنداشلار بىلەت تاشلاشقا كۈچەيلى.