vivlviv يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 16:50:06

پۇت تىرنىقىنىڭ گۆشكە ئۆسۈپ كىرىپ كېتىشى ھەققىدە

  بىر نەچچە يىل بولغان پۇتۇمنىڭ باش بارمىقىنىڭ تىرنىقى ئۆسۈپ يان تەرەپتىكى گۆشنىڭ ئىچىگە كىرىپ بەك قېينايتتى .كېيىن ئوپىراتسىيە قىلىپ ئىككى پۇتۇمنىڭ باش بارمىقىنىڭ تىرنقىنى ئالغۇزىۋەتتىم .بىر يىلدىن كېيىن ئۆسۈپ يەنە ئوخشاش بولدى .(دوختۇر يەنە ئۆسۈپ ئوخشاش بولىدۇ دېگەن ئېدى ،لېكىن نېملا بولمىسۇن بىر يىل ئارام تېپىپ قالدىم ).ئەلۋەتتە ئوپىراتسىيەدە باش بارماقنى ناركوزلىغان بىلەن يەنە ئاغرىيدۇ ،ئادەمنى قېينايدىغىنى كۈندە بىر قېتىم داكا ئالماشتۇرۇش ،بۇ چاغدا قان قېتىشىپ باش بارماقنىڭ تىرناق ئېلۋىتىلگەن يەرگە چاپلىشىپ قالىدۇ ،ئۇنى يۇلۇپ چىقارغۇچە خېلى قېينلىسىز،بۇنداق قېينالغۇچە تاياق بىلەن كوم-كوم قويسا دەپمۇ ئويلاپ قالىسىز.ئۇنىڭدىن كېيىن بىر يىلغىچە ئاغىرىمايدىكەن .


  ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ تىرناق يەنە ئۆسۈپ،بۇرۇنقىدىنمۇ بەك قىينايدىغان بولۇپ كەتتى .يەنە ئوپىراتسىيە قىلدۇردۇم .لېكىن تىرناق ئۆسۈپ ئوخشاش بولدى ،توردىن بەيدۇلاپ كۆرسەم ،بەزىلەرنىڭ ئوپىراتسىيە بىلەن ياخشى بولماي تەكرار ناچار ئايلانما ھالەتنى ساقلاپ قالىدىكەن .


شۇنىڭ بىلەن بەيدۇلاپ نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئېنكاسىنى كۆرۈپ چىقتىم .بۇنداق بولغان تورداشلار بەك كۆپ ئېكەن .شۇ ئېنكاسلار ئىچىدىن بىرەيلەننىڭ ئالاھىدە ياسالغان بىر پۇت تىرناق ئالغۇچىنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم .ئۇنى ئىشلتىشنى سىناپ باقماقچى بولۇپ تاۋبادىن سېتىۋالدىم .شۇنىڭ بىلەن تىرناقنىڭ يان تەرىپىنى كېسىدىغان بولدۇم .بۇ تىرناق ئالغۇچقا قارىغاندا ياخشىكەن .شۇڭا مەندەك كەچۈرمىشى بار تورداشلارنىڭ بۇنداق تىرناق ئالغۇچنىڭ بارلىقدىن خەۋەردار بولۇپ قالسا دېگەن ئۈمىدتىمەن .گەرچە بۇ ئەنئەنىۋى تىرناق ئالغۇچقا قارىغاندا ياخشى بولىسمۇ ،تىرناق يەنە ئاغرىيدۇ .ئەگەر سىزنىڭ باشقىچە ھەل قىلىش ئۇسۇلىڭىز بولسا تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشساق .



مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ،脚趾钳دەپ تاۋباۋ تورىغا كىرگۈزىسىڭىز چىقىدۇ .ئىشلتىش ئۇسۇلى تاۋباۋ تورىدا بار .تاۋباۋ تورىدىن مال سېتىۋالغان چاغدا ،مال ساتقۇچىنىڭ يېقىندىن بېرى ساتقان سانىغان ۋە سېتۋالغۇچىلارنىڭ ئېنكاسىغا قاراپ مالنى سېتۋىلىڭ ياكى ئېمپورت قىلنغىنى سېتۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ،بولمىسا ناچار سۈپەتلىك مالغا ئۇچراپ قالىسىز .


مەن بۇرۇن قوللانغان ئۇسۇللار :


1.پۇت يۇيۇش ئورنىغا بېرىپ (ھەقىقىي پۇت يۇيىدىغان يەر)تىرناقنى تۈزەش .


2.يىڭنىنىڭ ئارقا تەرىپىنى تىرناقنىڭ گۆشكە كىرگەن يېرىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئاندىن ئادەتتىكى تىرناق ئالغۇچ بىلەن تىرناق ئېلىش .


3.تىرناقنى ئالماي  ئۆسۈپ كۇلىغا سېلۋەتكۈچە ئۆستۈرۈش .لېكىن بۇنىڭدا يەنە تىرناق ئۆسۈپ بولغىچە داۋاملىق ئاغرىيدىكەن ،كېيىن ئۆسۈپ بولغان چاغدا كوچا ئاپتوبۇسىدا ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كېيگەن ئاياللاردىن ھەزەر ئەيلەڭ ،بولسا ئۇلاردىن بىر مېتىر يىراق تۇرۇڭ ،ئادەم زىچ يەرلەردىن ماڭماڭ .راست گەپ قىلسام بىر ئايال مېنىڭ پۇتۇمنى ئۈچ قېتىم دەسسىۋەتكەندىن كېيىن ئالدىراش ۋاقىتلاردا كوچا ئاپتوبوسىقا چىقمايدىغان بولدۇم .يىغىپ ئېيتقاندا بۇنىڭمۇ ئۈنىمى بولمىدى .


  ئاۋۇ خىل تىرناق ئالغۇچتا ئازىراق بولسىمۇ ئۈنۈمى بولىدىكەن .ئەگەر تورداشلارنىڭ تېخمۇ ياخشى ئۇسۇللىرى بولسا تەۋسىيە قىلىشنى ئۈمىد قىلمەن .


sandhouse يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 11:25:45

ئىزدىنىشتىكى ھەممىڭلار شۇنداقمۇ نىمە ؟!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 11:27:55

مېنىڭمۇ ئۆسۈپ قالىدۇ، لېكىن تىرناقنى تارتتۇرىۋەتكۈدەك ئەمەس، سەللا ئاغىرغان ھامان، كولاپ يۈرۈپ ئېلىۋېتىمەن.

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 13:00:02

مېنىڭ باشمالتاق پۇتۇمنىڭ تىرنىقى ئاشۇنداق ،مەن ھازىر پۇتۇمنىڭ تىرنىقىنى ئېلىشتىن بۇرۇن ،5-10 مىنۇت پۇتۇمنى ئىلمان سۇغا چىلاپ تىرنىقىمنى يۇمشىتىمەن ،ئاندىن كېيىن چوڭراق تىرناق ئالغۇچنى ئېلىپ ،تىرنىقىمنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ گۆشكە كىرىپ كەتكەن يېرىگىچە  تىرناق ئالغۇچنىڭ تىرناق ياسايدىغان نەرسىسىنى كىرگۈزۈپ ئاندىن تىرناق ئالغۇچ بىلەن تولۇق كېسىمەن ،تىرنىقىمنىڭ ئۈچدەن ئىككى قىسمىغىچە پۈتۈن كېسىمەن ،ئاندىن تىرناق ئالغۇچنى قويۇپ قويۇپ،تىرنىقىمنى سول تەرەپكە تارتىپ گۆشكە كىرىپ كەتكەن يەرگە كەلگەندە بىر يۇلسام ،تىرناقنىڭ گۆشكە كىرىپ كەتكەن يېرى پۈتۈنلا يۇلۇنۇپ چىقىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن تاكى تىرنىقىم ئالغۇدەك ئۆسكۈچە جانغا ئارام بېرىدۇ ،تىرنىقىمنى مۇشۇنداق يۇلۇپ ئالغاندىن بېرى ئاغرىماس بولدى .

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 13:14:44

تىرنىقىم ئىچىگە پېتىپ،ئىششىپ،قىزىرىپ،سېرىق يىرىڭ يىغىلىپ چىقىپ كەتمىگۈچە جېنىمنى شۇنداق قاقشىتىپ كىتەتتى..ما ئىككى ئۈچ يىلدىن ئۇنچىلىك قىينىمىدى.سەۋەب قىلدىم،شۇنداق ئاددى:كۈندە كەچتە دىگۈدەك تىرناق ئالىمەن،گۆشكە پاتىدىغان ئازراقمۇ ئىمكانىيەت قويماي مۇشۇنچىلىك ئاراملىق،سەللا مەيلىگە قويۇۋەتسەم مەنمۇ ئوپىراتسىيە قىلغۇزۇپ قاقشاپ يۈرەرمەنمىكىن \"\"

ئىسىمدە قېلىشىچە دەسلەپ يۇسران مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم دىگەنغۇ دەيمەن،ساقايدىمىكىن  \"\"

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 13:16:52

مەنمۇ بۇ دەرتنى تولا تارتىپ ، تولا رېمونت قىلىپ ئۆزۈممۇ چوڭ ئۇستام بولۇپ كەتتىم .مەن كۆپرەك يىڭنە بىلەن تىرناقنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ، ئۆسكەن يېرىنى كېسىۋېتىمەن . ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىماي تۇرىۋالسا ، تىغ بىلەن تىرنىقىمنىڭ يېرىمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىمەن . تىغنى ئاۋايلاپ تۇتۇپ پەقەت تىرناقنىلا ئۈستىدىن ئاستىغا كېسىمەن ، ئۇنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ كەتكىلى بولىدۇ . ئەگەر دىققەت قىلماي گۆشكە تېگىپ سالدىمۇ ، تاس قالىدۇ جاننى ئالغىلى ...  ۋەھشىمىكەنمەن ؟

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 21:53:13

بىر دوستۇمنىڭ مۇشۇنداق تىرنىقى ئۈسۈپ قېلىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرغىنىنى كۈرۈپ مەنمۇ ئەنسىرەپ قالغان ئىدىم.

بۇ تىمىدىكى ئاماللار بولغىدەك.

مەنمۇ سىز تەۋسىيە قىلغان تىرناق ئالغۇچتىن بىرنى ئېلىپ قويسام بولغىدەك.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 22:00:40

ئەڭ ياخشى ئامالى: ئامال قىلىپ بىر قېتىم پاكىزە ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ۋاقتى-ۋاقتىدا تىرناقنى ئېلىش، مۈمكىن بولسا ھەپتىدە بىر قېتىم تىرناقنى ئېلىپ، تىرناقنىڭ گۆش ئىچىگە ئۆسۈش ئىمكانىيىتىنى قويماسلىق.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 23:02:05

مەندە بار دەرتكەن بۇ، توردىن ئالمىساقمۇ مۇقىم سېتىش ئورنىمۇ بارمىدۇ؟

yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 00:08:10

مەنمۇ ئۈزۈمنىڭ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئۇسۇلىنى يېزپ قۇياي:



بىكار بولسىڭىزلا پۇت بارماقلىرڭىزنى توختىماي ھەركەتلەندۈرۈڭ ،،پۇتنىڭ ئالقىنىنى ئۇلاپ بىرىڭ ،ئامال بار پەنجىسى تار ئاياقنى كەيمەسلىك كىرەك،ئۇچى ئۇچلۇق كەلگەن بىتىنگىلەرنى ياكى پۇتڭىزنى قىستايدىغان ئاياقلارنى كەيمەڭ، سەل چوڭ رەزمىلىكنى كىيىڭ ،،،،ئاياقنى سېلۋىتىش ئىمكانىيتى بار يەر بولسىلا ئاياقنى سېلۋىتىڭ ...



ئاندىن 3 كۈندە بىرقېتىم پۇتڭىزنى يىلمان سۇغا چىلاپ 5-10 مىنۇتقىچە تۇرغۇزۇپ پۇتڭىزنىڭ گۈشى يۇمشىغاندا چىداپ تۇرۇپ (بەك ئاغرىپمۇ كەتمەيدۇ ،مىنىڭكىنى ئانام ئېلىپ قۇياتتى شۇڭا ئاغرىق ھىس قىلمىغان بۇلشۇم مۇمكىن ،لىكىن سىزنىڭ ئاغرىپ كەتسە مەندىن كۈرشىڭىزگە بولمايدۇ) سىز رەسمىنى چىقرىپ قويغان نەرسە بىلەن تىرناقنى ئېلىپ تۇرۇڭ،تىرناقنىڭ ئىككى يان تەرپىنى ئالغاندا يەنى گۆشكە مېڭىپ كەتكەن يىرنى ئالغاندا تۈز چىرايلىق ئېلىڭ چۈنكى ئەگرى -بۈگرى ئېلىپ قويسىڭىز يەنە گۆشكە مېڭۋالدۇ سىز رەسمىنى چىقرىپ قويغان ئۇنەرسە بىلەنلا گۆشنىڭ ئىچگە ئۈسۈپ قالغان تىرناقنى تۇلۇق چىقارغىلى بولماسلىقى مۇمكىن ،،ئادەتتا تاللا بازارلىردا مەخسۇس تىرناق ئالدىغان ،تىرناق گۈزەللەشتۈردىغان ئەسۋاپلار بار 100-150 يۈەن ئەتراپىدا ھەممىسنى سېتۋالغىلى بۇلدۇ ،ئەسۋاپلارنىڭ ئىچدە بارماقنىڭ گۈشنى قايرىيدىغان ،تىرناقنى قىردىغان ھەممە ئەسۋاپلىرى تۇلۇق بىرقاپتىن چىقدۇ 9خىلغا يېقىن ئۈسكىنەچىقدىغۇ دەيمەن شۇنى سېتۋېلىپ سىناپ بېقىڭ(تاپالمىسڭىز رەسمىنى ئەۋەتىپ بىرمەن) ،،مىنىڭ پۇتۇم مۇ شۇنداق بوپ قېلىپ بەك قىينالغانتىم ،لىكىن ئوپراتسىيە قىلغۇزمىغان بەك ئاغرىپ كەتكەندە پۇت يۇيۇش ئورنىدا ئالدۇرۋىتەتتىم ..كىيىن  كۈندە دىگۈدەك يۇقارقى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھازىر پۇتۈنلەي قۇتلۇپ كەتتىم ،،پۇتڭىزنىڭ بارماقلىرنى ،ئالقىننى داۋاملىق ئۇۋلاپ بەرسىڭىز  تىرنىقىڭىز تىز ئۈسدۇ ،3كۈندە بىرقېتىم ئاز-ئازدىن تىرنىقىڭىزنى ئالالايسىز..

يەنە بىرگەپ ئادەم بەك كۆپ يەرگە بېرىشتىن گالۋاڭ ،كالامپاي خانىم-قىزلاردىن يىراق مېڭىڭ ،،تىرنىقى گۈشكە ئۈسۈپ قالغانلارنى بۇلار ئاسانلا بايقىۋالدىغان ئوخشايدۇ ،،،،،




kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 00:13:16

تىرناق ئالغاندا ئەسلىدىلا تىرناقنى يان تەرەپتىن ئېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بولمىسا كېيىن مۇشۇنداق يانغا ئۆسۈپ قالىدىغان ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا كىچىكلەرگە تىرناق ئالغاندا يان تەرەپنى بەك ئىچىگىچە ئالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭلار.

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 02:23:06

ئەسلىدىنلام تىرناقنى خاتا ئۇسول ئارقىلىق ئاپسىز شۇڭا مۇشۇ جاپا بوپتۇ

باشتىلام تىرناقنى1ڭ يان تەرپىنى ئالماسلىق كىرەك بولمىسا يانغا ئۆسۇپ كىتىدىغان ئەھۋال بولىدۇ

شۇڭا كۆپچىلىك  پۇت تىرنىقىنى ئالغاندا دىققەت قىلىش كىرەك

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 06:56:40

ئاكامنىڭمۇ شۇنداق بولۇپ قالغانتى، نەچچە ئوپراتسىيە قىلىپ كىسىپ بولدى، يەنە شۇنداق تۇرىدۇ.

قېنى مەن ماۋۇ تىمىغا دىققەت قىلىپ تۇراي....

begtash يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 08:20:30

مىنىڭمۇ شۇنداق، ئىككى قىتىم ئوپراتسىيە قىلغۇزدۇم ئازراق ياخشىلىنىش بار.

erkinqush يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 09:52:29

تىرناقنى يۇلدۇرېۋەتسىمۇ بىكاركەن. مەنمۇ مۇشۇ تېمىغا دىققەت قىلىۋاتىمەن، ئەزىزلەرنىڭ پۇتلىرى ئامان بولغاي.





ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كەيگەنلەردىن يىراق تۇرۇپ پۇتلىرىمىزنى ئاسىرايلى  \"\"

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 10:53:09

ھەرنىمە بولسا مەن ئامان قاپتىمەن . شۈكرى!

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 11:17:49

بىزنىڭ جەمەتكىلا بەرگەن ئىش ئوخشايدۇ دىسەم سىلەردىمۇ بارمىتتى . جاننى بەك قىينايدۇ بۇ ئىش . مەن ئوقۇۋاتقان چىغىمدىن تارىپ تارىتىۋاتقان دەرىت بۇ. بەزىدە يول ماڭالماي يىتىپ قالىمەن تىخى پۈتلىرىم ئىششىپ  . يامانمىكەنمەن ؟

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 13:33:25

16- قەۋەتتىكى Comeonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ بۇ دەرتنى تولا تارتىپ ، تولا رېمونت قىلىپ ئۆزۈممۇ چوڭ ئۇستام بولۇپ كەتتىم .مەن كۆپرەك يىڭنە بىلەن تىرناقنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ، ئۆسكەن يېرىنى كېسىۋېتىمەن . ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىماي تۇرىۋالسا ، تىغ بىلەن تىرنىقىمنىڭ يېرىمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىمەن . تىغنى ئاۋايلاپ تۇتۇپ پەقەت تىرناقنىلا ئۈستىدىن ئاستىغا كېسىمەن ، ئۇنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ كەتكىلى بولىدۇ . ئەگەر دىققەت قىلماي گۆشكە تېگىپ سالدىمۇ ، تاس قالىدۇ جاننى ئالغىلى ... ۋەھشىمىكەنمەن ؟

  ۋەھشىيكەنسىز.

003.gif


  باش سۈرىتىڭىزدىكى سىزمۇ؟ مەنمۇ سۈرىتىمنى چىقىرىۋالاي دېگەن، تەلىم بېرىڭچۇ. بولمىسا بويتاق ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. ئىزدىنىشنىڭ قىزلىرغا  يا پولات ئالەمدار ماڭا ئوخشايدۇ دەپ گاڭگو قىلغىلى بولمىغان. 003.gif



(ھە راس نۇسرەتخان،باركەنلا ھە؟  ئەنسىرەپ  بىر  بوپكەتتۇق ئىزدىنىشتىكىلەر،شەخسەن مەن. 003.gif )

tursunxayar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 14:27:34

15- قەۋەتتىكى nusratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىرنىقىم ئىچىگە پېتىپ،ئىششىپ،قىزىرىپ،سېرىق يىرىڭ يىغىلىپ چىقىپ كەتمىگۈچە جېنىمنى شۇنداق قاقشىتىپ كىتەتتى..ما ئىككى ئۈچ يىلدىن ئۇنچىلىك قىينىمىدى.سەۋەب قىلدىم،شۇنداق ئاددى:كۈندە كەچتە دىگۈدەك تىرناق ئالىمەن،گۆشكە پاتىدىغان ئازراقمۇ ئىمكانىيەت قويماي مۇشۇنچىلىك ئاراملىق،سەللا مەيلىگە قويۇۋەتسەم مەنمۇ ئوپىراتسىيە قىلغۇزۇپ قاقشاپ يۈرەرمەنمىكىن \"\"

ئىسىمدە قېلىشىچە دەسلەپ يۇسران مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم دىگەنغۇ دەيمەن،ساقايدىمىكىن \"\"

دەرتمەنلەر يىغىلىدىكەنمىزدە بۇ تېمىغا.


نۇسرەتنىڭ كۈندە ئېلىپ تۇرىدىغان ئامالى ھەقىقەتەن بولىدىغاندەك، ئۆزەمگە بىر تەۋسىيە قىلاي.

uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 19:47:42

يا ھەمملا ئادەمدە بارمۇ نىمە  ،  ئىشقىلىپ پۇتنى بەك نەم ياكى نىمە دەيمىز ھېلىقى ھۆل دەمدۇق ، ئىشقىلىپ كۈندە سۇغا كىچىپلا يۈرمىسە ھەر ھالدا ئارام تېپ قالىدىكە .
بەت: [1] 2
: پۇت تىرنىقىنىڭ گۆشكە ئۆسۈپ كىرىپ كېتىشى ھەققىدە