karguli612 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 12:52:01

ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىشتىن ياردەم.

ئېنگىلىز تىلىنى نولدىن باشلاپ ئۆگەنمەكچى ئىدىم،ياخشىراق ،ئاسانراق ئۆگەنگىلى بولىدىغان ئۇسۇل-چارىلەرنى،ماتىرياللانى تەۋىسسيە قىلساڭلار.كۆپ رەخمەت.






تېما ئىگىسى جاۋابقا ئېرىشىپ بولغان ھامان تېما ئۆچۈرىلىدۇ. ياردەم سورىغۇچىنى سىلكىشلىمەي بىلگىنىڭىزنى تۆكۈڭ، بولمىسا ئىنكاس قاتناشتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.____tumaris

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 15:30:33

تىل ئۆگىنىشتە ئاسان ئۇسۇل يوق!

ئۇشبۇ تۇربەتنىڭ  چەتئەل تىلى باغچىسى ئاستىدىكى تىمىلارنى ئۇقۇپ باقسىڭىزلا،بۇ تىممنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسىز

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 15:36:49

ياخشى ئويلاپسىز! ئەمما، مەيلى قانداق تىل ئۆگىنىڭ ئەڭ ئاۋال بېسىپ ئولتۇرالايدىغان چۇيۇندەك قوڭ، قەتئىي داۋاملاشتۇرالايدىغان پۇلاتتەك ئىرادىڭىز بولمىسا بولمايدۇ. قالغىنىنى ئۈستىدىكى تورداش دېگەن يەردىن كۆرۈڭ، «ئىزدىنىش»تا تىل ئۆگىنىشكە ئائىت يازمىلار ۋە ماتېرىياللار خېلى بار.

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 15:48:25

ئون يىل ئىلگىرىكى ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىش تەجرىبەم:

سەن ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنەلمەيسەن،ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما-- مۇشۇ بىر ئىغىز كەمسىتىش مىنى ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن دەپ قارايمەن.

1.ياز كۈنى ئەتىگەن سائەت 4 تە تۇرۇپ مەھەللىدىكى ئېتىزلىقلارنى پىتىغلىغاچ قاتتىق ۋاقىراپ تېكىست ۋە جۈملە يادلاشنى داۋاملاشتۇردۇم،تەخمىنەن ھەركۈنى بىر سائەت ئەتراپىدا.

2.ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئىشقا چۈشۈپ بىر سائەتچە كۈندىلىك ۋەزىپەمنى تاماملىۋەتكەندىن كېيىن چۈشكىچە بىكار ۋاقىت تاپساملا(ئىشخانامدا ئاساسەن دىگۈدەك بىكار ئىدىم) يىڭى سۆزلۈكلەرنى دەپتەرگە يىزىپ مەشىق قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇم.ئەتىگەندىن كەچكىچە ۋاقىتلا بولسا تاشلاپ قويمىدىم

3.كەچلىكى تاماق يەپ ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆيۈمدىكى ئۈستەل چىرىغىنىڭ يورىقىدا كىچە سائەت 12گىچە دەرسلىك مەزمۇنىنى پىششىقلاشنى داۋاملاشتۇردۇم.بۇمۇ ئوخشاشلا ئىزچىللىققا ئىگە.

4.ئانچە مۇنچە ساۋادىم چىققاندىن كېيىن مەھەللىدىن تاپالمىغان ئىنگىلىزچە بىلىدىغان دوستلارنى خەنسۇ يولداشلارنىڭ ئىنگىلىزچە چايخانلىرىدىن ئىزدەپ تىپىپ ئىغىز تىلىمنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلدىم.

5.سەككىز ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئابلەت يۈسۈپ ئاكا تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئۈچ قىسىم ئىنگىلىز تىلى (ئۇيغۇرچە)،يىڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلى ئىككى قىسمىنى (بۇ كىتاپنىڭ خەنسۇچىسىنى كۆرۈش جەريانىدا تايىنى يوق خەنسۇ تىلى سەۋىيەم بىراقلا يۇقىرىلاپ كىتىپتۇ،بۇنى كېيىن ھىس قىلدىم) ، ئالىي مەكتەپ ئىنگىلىز تىلىنىڭ 1.قىسمى قاتارلىق دەرسلىكلەرنى يادلاپ تۈگەتتىم.

6.ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنگەن ئاشۇ سەككىز ئاي ۋاقىت ئىچىدە نەۋرە ئاكامنىڭ تەۋسىيسى بىلەن لى ياڭ نىڭ crazy english نىمۇ كۆرۈپ چىقتىم.

7.ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن 4.دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتنشىپ ئۆزۈمنى سىناپ بىقىش قارارىغا كەلدىم.لىكىن ئۈچ قىتىملىق تىزىملىتىشقا ئۇرۇنۇشۇم پۈتۈنلەي مەبلۇبىيەت بىلەن تۈگەشتى.

8.ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىرىشەلمىگەندىن كېيىن ئاچچىقىمدا يانا ياماقچىلىقىمنى قىلايچۇ دەپ ئويلاپ ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىدىغان ۋاقتىمنى پۇل تىپىشقا قاراتتىم.

9.ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىشكە قىززىقىپ يۈرگەن ۋاقىتتا مىنى تۆۋەن كۆرۈپ كۆزگە ئىلماي باشقىلار ئالدىدا مىنى ئىنتايىن ئوسال قىلغان مەھەللىمىزدىكى مەلۇم ئىنگىلىز تىلى تەربىيلەش نۇقتىسىنى ئىچىۋالغان مالىمنى ئوقوغۇچىلىرى ئالدىدا ئىنگىلىز تىلى بىلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇپ جۇللىقىنى چىقىرۋىتىپ پۇخادىن چىقتىم.چۈنكى سەككىز ئاي ئىلگىرى ئۇ مالىم مىنى سەن ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنەلمەيسەن دىمىگەن بولسا مەن ئۇنچە جاپاغا چىداپ ئۇگەنمىگەن بولاتتىم.

10.ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىش جەريانىدا يادىمدا يوق ئۈگىنىپ قالغان خەنسۇ تىلىدىن پايدىلىنىپ تىجارىتىمنى تىخىمۇ بەكراق يۈكسەلدۈردۇم.ئىچكىرىلەردە ئايلىنىپ يۈرۈپ ھىچ يەردە تىل جەھەتتە قېيىنچىلىققا ئۇچراپ باقمىدىم.

11.چەتئەللىكلەر بىلەن قىززىقىپ پاراڭلىشىپ قويۇپ ساقچى ئاكاشلارنىڭ ئۇلار بىلەن نىمە دىيىشتىڭ دىگەن سوراقلىرى ۋە تاياق توقماقلىرىدىن قورقۇپ كىتىپ ئىنگىلىز تىلىنى بىراقلا تاشلىدىم.

12.دەل ئون يىل  بوپتۇ،ئىنگىلىز تىلىنى تاشلاپ قويغىلىمۇ سەككىز يىل بوپتۇ.لىكىن شۇ ۋاقىتتا ئۈگەنگەن بىلىملىرىم سەككىز يىلدا ماڭا ئىلىپ كەلگەن تەلەي پۇرسەت،بايلىق،يۈز ئابروي ....دەپ بولالمايمەن.قىسقىسى 27ياشلىق بىر يىگىت ئىرىشىدىغان ھەممە نەرسىگە ئىرىشىپ بولغاندەك تۇيغۇدا مەن.

13.مانا ھازىر 2012.يىلى ئۈگىنەي دەپ قولۇمدا رۇسچە ۋە تۈركچە كىتاپلار ۋاراقلانماقتا.مىنى يەنە نىمىلەر ، قانداق تەلەي ، قانداق دىشۋارچىلىقلار كۈتىۋاتىدۇ بۇنى بىلمەيمەن.



ئۈگىنىمەن دەپ ياخشى ئويلاپسىز،ئۈگىنىڭ.بىر نەرسە ئۈگىنىشنىڭ قەتئى زىيىنى يوقكەن.ئوغرى ئوغۇرلۇق ھۈنىرىنى ئۈگەنسىمۇ شۇ ئارقىلىق جىنىنى باقالايدىكەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 16:04:34

ئىزچىللىق

yasinjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 16:19:06

مېنىڭچە مۇنتىزىم ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا ئوقۇغان ياخشى،

selma يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 16:19:56

ئېنگىلىزچە  كىنو  كۆرۈڭ  كۈندە،  ياكى  چەتئەلگە  بىر چىقىپ  كىرىڭ.

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 16:31:02

كۆپ ئوقۇش،يادلاش، شارائىت بولسا ئۆز-ئارا سۆزلىشىشنى.... ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ كونا ئۇسۇللار بولسىمۇ ئۈنۈمىنى يوقاتقىنى يوق.

قالغىنى سىزنىڭ مەقسەت، تىرىشچانىلىق، ئىرادىڭىزگە باغلىق.

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 19:01:51

ماۋۇ يەرنى چىكىڭ

http://bbs.izdinix.com/showpost.aspx?Page=13&ThreadID=38669#Inkas

karguli612 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 19:17:14

سىلەرگە كوپ رەخمەت.ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەنلەر ياخشىراق ئۇن-سىن ماتىرياللىرنى تەۋىسيە قىلسڭلار.

ئۇرۇمچىدە بولسام ئاتلانغا كىرىپ ئوقۇيتتۇم چۇقۇم.(قىزىمنى ئېلىپ) \"\" بۇيەردە چەتئەل تىلى كۇرۇسلىرىنىڭ تاينى يوق.يا بولمىسا قاسىمجان مۇئەللىمگە دەپپاقساڭلار ،تۇرپان تەرەپلەردە تارماق مەكتەپ ئاچامدىكىن؟ ئاچسا بىرىنچى بۇلۇپ تىزىملىتاتتىم.  {:90:}

lawrence يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 20:34:22

nur قېرىندىشىمىزنىڭ ئىنكاسى ياخشى يېزىلىپتۇ ، قانچە يىللاردىن  بېرىقى جاپالىق ئۈگىنىش  جەريانىمىز ئاز تولا  ئوخشىشىپ  كېتىدىكەن .



  مەن مەلۇم بىر تىلنى 1يېرىم يىل ئۆزلىگىمدىن ئۈگەندىم ، كىتاپ  كۆرۈش ، ئاز تو؛ا رادىيو ئاڭلاش ، قونچاق فىلىم كۆرۈش دىگەندەك  دەرىجىگە يەتكەندەك  بولدۇم ، لېكىن سۆزلىشىش  پۇرسىتى بولمىغاچقا قانداقلا  قىلسام  بۇ  تىلنى  ئۆزلىگىمدىن  ئۈگىنىپ  بولۇشقا  كۆزۈم يەتمىگىلى  تۇردى ، دەل شۇ  چاغدا  توردىن  ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان  ئۇستازدىن بىرىنى  تاپتىم ، ھازىر  شۇ  ئۇستازدىن سۆزلىشىشنى ئۈگىنىۋاتقىلى 2 ئاي بولدى ، ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىممۇ  ئېشىۋاتىدۇ ، يەنە  10 ئاي ئەتراپىدا ئۈگەنسەم 2- دەرىجىلىك تەرجىمانلىق  كېنىشكە  ئېلىش  ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە  ئىشەنچىم  بار  ‹



   karguli612 ، تىل  ئۈگىنىشكە ئەستايىدىل مۇئامىلە  قىلسىڭىز خۇددى  ئۈستىدىكى nur قېرىندىشىمىز  ئېيتقانداق  نۇرغۇن  پۇرسەتلەرگە ئېرىشىسىز ، بۇ  ھەم  مۇتلەق ، چۈنكى  ئاللاھ  ئىگىمىز تىرىشقاننىڭ  نەتىجىسىنى  بېرىشكە  ۋەدە  قىلغان . ھەم بىلىم  ئاللاھتىن  كېلىدۇ  ئىرادىمۇ  شۇنداق ،  تىل ئۈگىنىشتە  ئەڭ  مۇھىمى  ئىرادە ‹



  ئۇندىن  قالسا   تەلەپپۇز قىلماق، تاۋۇش چىقارماق; تاۋۇش چىقارماق; تەلەپپۇز قىلماق; 、

lawrence يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 20:42:50

يۇقۇرىدىكىنى تەھرىرلىسەم  خەت  شەكلى چىقماي  قويدى ، دىمەك  تاۋۇش  چىقىرىشنى ئۈگىنىش  سىزنىڭ  چەت ئەل تىلىنى  ئۈگىنىشىڭىزدە  ھالقىلىق  مۇھىم  رول  ئوينايدۇ ، 4 ئاي ئۈزلۈكسىز  ۋاقىت  چىقىرىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ › خۇددى  قۇرئانى  كەرىمنى ئۈگىنىش  ئۈچۈن  ئالدى بىلەن  تەجۋىد  ئۈگىنىش  ئەڭ  مۇھىم  بولغىنىدەك ...



   يەنە  ئازراق  تەجرىبە  يازاي  دىسەم  بۇ  يەردە  بوشلۇق  قىيىنچىلىغى مەۋجۇت  ئوخشايدۇ ، باشقۇرغۇچى  بەرىبىر  ئۆچىرىدىكەن . ئەڭ  ئاخىرىدا ، بىزگە بەخت  ئۈگىنىشتىن  كېلىدۇ ، خۇددى مۇقەددەس  كىتاۋىمىزدە  كەلگەن تۇنجى ئايەت «ئىقرا- ئوقى -- ئۈگەن » بولغىنىدەك . سىزگە ئۇتۇق  تىلەيمەن .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 20:47:30

yasinjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 20:50:43

新概念英语نىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرىستىتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سۆزلىگەن سىنلىرى بار، بەك ياخشى، توردىن ئىزدەپ تاپالايسىز، تاۋباۋدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، قىممەت ئەمەس،

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 21:10:28


9- قەۋەتتىكى karguli612نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇرۇمچىدە بولسام ئاتلانغا كىرىپ ئوقۇيتتۇم چۇقۇم


========


<<ئاتلان ۋىتامىن ئىنگىلىز تىلى تور دەرسخانىسى>> دا ئۆگىنىڭ.


yasinjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 21:13:02

13- قەۋەتتىكى yasinjan0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

新概念英语نىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرىستىتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سۆزلىگەن سىنلىرى بار، بەك ياخشى، توردىن ئىزدەپ تاپالايسىز، تاۋباۋدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، قىممەت ئەمەس،



مەسىلەن: http://detail.tmall.com/item.htm?id=12822524913&ad_id=&am_id=&cm_id=&pm_id=


بۇ دۇكان بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق، پەقە مىسالغا ئېلىپ قويدۇم.

facebooks يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 21:36:30

نۆلدىن باشلاپ ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ،

ياخشى كىتابلار نۇرغۇن  ،ئالدى بىلەن 新概念英语 دىگەن كىتاب بار بۇكىتابنىڭ 1-2 -قىسمىنى تېپىپ باشتىن باشلاپ ئۆگىنىڭ ،بۇ كىتابنىڭ دەرسلىكى youku.com دە ئىزدىسىڭىز ناھايىتى تۇلۇق ،بۇ كىتابنىڭ pdfشەكلىدىكى نۇسخىسىنىمۇ توردىن چۈشۈرۈپ كومپيۇتېردا كۆرەلەيسىز .

مۇشۇ ئىككى قىسىم كىتابنى راستىنلا ئۆگىنىپ بولسىڭىز خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يىتىپ قالىسىز .شۇ چاغقا بارغاندا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرىسىز.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 23:48:13

سۆزلۈك ئۈگىنىشتە ئىنگىلىز تىلىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 3000 سۆزلۈك دەپ كىتاپ بار. شۇنىڭ ئىشلىتىڭ.  زېرىكتۈرمەيدۇ،ھەم ئاسان كىرىشكىلى بولىدۇ. يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىزتىلىنىڭ 1-2-قىسىملىرى تۈگىسە كىيىنكى قەدەملىرىنى ئۆزىڭىز تېپىپ ماڭالايسىز. تەربىيلەش مەكتەپلىرىنىڭ نامى ئەمەس، ئوقۇتقۇچىنىڭ نامى مۇھىم. بۇ جىق بەدەل تۆلەپ ئېرىشىدىغان يەكۈن~  ئوقۇتقۇچىسى يارىسىلا تەربىيلەش مەركىزىنىڭ نامى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.


karguli612 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 08:19:26

سەمىمىلىك بىلەن بەرگەن تەكلىپلىرىڭلەرگە كۆپ رەخمەت.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 21:43:54

0دىن باشلىغان ئادەمگە چوقۇم بىر ئوقۇتقۇچى يىتەكلىمىك زۆرۈر.
بەت: [1] 2
: ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىشتىن ياردەم.