پالغا ئىشەنمەڭ،پالسىز يۈرمەڭ.!!!!
ئوڭ قاپاق تارتسا<چىسلا بويىچە> سول قاپاق تارتسا<چىسلا بويىچە>1.بۇرۇنقى دوستىڭىز بىلەن ياخشى ئۆتىسىز. 1.تىنچ-ئامانلىقنىڭ بىشارىتى.
2.ئويلىغان ئىشىڭىز يۈز بېرىدۇ. 2.بىر نەرسىڭىزنى ئوغۇرلايدۇ.
3.بىرئاي خاتىرجەم بولىسىز. 3.خىيالىڭىز بىر يەردە ئەمەس.
4.خىيالىڭىز بىر يەردە ئەمەس. 4.ياخشى ئىشنىڭ بىشارىتى.
5.بۇگۈن بەختكە ئېرىشەلمەيسىز. 5.چوڭ بىر ئىش يۇزبېرىدۇ.
6.بىر خۇشاللىق گەپ ئاڭلايسىز. 6.ئىشلىرىڭىز رېتىمسىز بولىدۇ.
7.قولىڭىزدا پۇل تۇرمايدۇ. 7.تەلىيىڭىز كېلىدۇ.
8.بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز. 8.بىرئىشىڭىز دوستڭىزئالدىدائاشكارلىندۇ.
9.ئويلىغان ئىشىڭىز يۈزبېرىدۇ. 9.بىرسى سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.
10.تۇرمۇشىڭىز بۇرۇنقىدەك. 10.بىرسى سىزگەبولغان قارشىلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.
11.كۆڭلىڭىز بىئارام بولىدۇ. 11.ئىشلىرىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ.
12.بىرسى سىزنى ئىزلەپ كېلىدۇ. 12.خۇشاللىق ئىش يۈزبېرىدۇ..
13.خوش-خەۋەر ئاڭلايسىز. 13.خاپىلىق يۈز بېرىدۇ.
14.بىرسى بىلەن تونۇشسىز. 14.بىر خەۋەر كېلىدۇ.
15.بىرسىنڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىسىز. 15.بىرسى سىز بىلەن تونۇشىدۇ.
16.پات ئارىدا بەخت كېلىدۇ. 16.ئويۇنىڭىز كۆڭۈللۈك بولىدۇ.
17.پات ئارىدا بىرسى سىزنى ياخشى كۆرىدۇ. 17.بىرسى سىزنى ئەسلەيدۇ.
18.دوسلىرىڭىز بىلەن كېلىشەلەيسىز. 18.بىرسى سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.
19.خەيىرلىك ئىش يۈز بېرىدۇ. 19.سالامەتلىكىڭىز ياخشى ئەمەس.
20.دوستڭىزدىن دۈشمىنىڭىز كۆپ. 20.بىرسى بىلەن سوقۇشۇپ قالىسىز.
21.بىريامان ئىش يۇزبېرىدۇ. 21.ئاغزىڭىزنى چىڭ يۇمۇڭ.
22.بىرسى سىزگە بىر نەرسە بەگۈدەك. 22.بىرسىنىڭ سىزگە كۆزى چۈشىدۇ.
23.بەخت سىز بىلەن بىللە. 23.كۆڭۈلسىز بىر ئىش يۈزبېرىدۇ.
24.سىلەر بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرىسىلەر. 24.بەختلىك بۇلۇشنىڭ ئالامەتلىرى.
25.بىرئاي خۇشال بولىسىز. 25.بىرسى سىز بىلەن كۆرۈشىشنى ئويلايدۇ.
26.بىرسى سىزگە سوۋغات بېرىدۇ. 26.باشقىلارغاقىلغان مۇئامىلىڭىز قوپال.
27.تۇرمۇشىڭىز خىيال بىلەن ئۆتىدۇ. 27.بۈگۈن يالغان سۆزلەيسىز.
28.باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىز. 28.ئاجايىپ بىر ئىش يۈزبېرىدۇ.
29.بىر ئىش قىلىشتا بەلنى چىڭ باغلاڭ. 29.قالايمىقانىلىق يۈزبېرىدۇ.
30.بۈگۈن سىزگەئامەت كېلىدۇ. 30.ياخشى خەۋەر كېلىدۇ.
10- قەۋەتتىكى Deqyanusنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇش يەيسىز
ماۋۇ سىز ئاچقان پال توغرا چىقتى سول قاپاق تارتسا قىزلارغا يارىشارمىش. مەنغۇ قاپىقىم تارتسا، ھاي ئاندا قىمماڭلا دەپ سىلاپ قويىمەن دانىيال ئەلەيھى سالامنىڭ پال ھەققىدىكى كىتابىنى، نىيوتۇننىڭ تەتقىق قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. تولۇقسىزدىكى ۋاقلاردا مۇشۇندا بىرمىلەرنى ئويناپ يۈرەتتۇق {:92:}
ماۋۇ ئازكەن تېخى ھەپتىلىك ،يىللىقلىرىمۇ بارتى . 100 دە 1 پىرسەنت توغرا چىقسا قانداقكىن..... پالغا ئىشەنگەنسېرى توغرا چىققاندەك ھىس قىلىدىكەن .شەيتان ئەنە ئاشۇنداق قىلىقلىرىمىزنى ئۆزىمىزگە چىرايلىق كۆرسىتىدۇ . لىكىن مەن قاپاق تارتسا بىر نومالسىزلىق بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بولمىدى دىگەندە قاپىقىڭىز بىنورمال {:90:} بىرەسى مىنى ياخشى كۈرۈپ قالدىمۇ نىمە ؟؟؟
پالچىلىقمۇ ئۇيغۇر تىبابىتىگە كىرەمدۇ ؟ ئىككىلا قاپاق تەڭ تاتسىچۇ مۇش يەيسىز ئىزدىنىشتا پال سالىدىغان بىرەرىنى ئۇچراتماپتىمەن، قالغىنىنى ئۇچراتتىم بولمىسا...
5- قەۋەتتىكى baytekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
100 دە 1 پىرسەنت توغرا چىقسا قانداقكىن.....
ئۇمۇ توغرا كەپ قالغىنىمىكى ... قاپاق تارتىش مۇسكۇلنىڭ ئىشى، كۆزدە كېسەللىك پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالامىتى. قاپىقڭلار تارتسا خوش بۇلۇپ يۈرمەڭلار، كىسەلنىڭ سىگنالى ئۇ {:92:} قاپىقى تارتمىسىچۇ ؟ بىز كىچىك چاغلاردا چوڭلار دائىم شۇنداق گەپلەرنى قىلاتتى،ئوڭ قاپاق تارتسا ياخشىلىق بولىدۇ،سول قاپاق تارتسا يامانلىق بولىدۇ،قۇلاق قىزارسا،بىرەرسىنىڭ يامان سۆزىنى قىلىۋاتقانلىقىدىندۇر،ئالقىنى قىچىشسا پۇل كىرىدۇ...كىرپىگى چۈشۈپ كەتسە،قولتۇققا سېلىۋېلىشى كېرەك....بالا ئالدايدىغان ئىشلار..... خۇراپىي نەرسىلەرنىمۇ تەستىقلايدىغان بولدۇقما ئەمدى؟
18- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خۇراپىي نەرسىلەرنىمۇ تەستىقلايدىغان بولدۇقما ئەمدى؟
=====
بىر تېما ئۆچۈرۈلۈپتىكەن،ئورنىغا سان تولۇقلانغىلى تەستىقلانغان چېغى...
بەت:
[1]
2