زادى ئالىمەن
كۆپچىلىك ھەممىڭلار شۇ نېمىنى ئالىدىغاندۇ دەپلا كىردىغۇ دەيمەن. شۇھېلىقى ئائىلىلاردە ئىشلىتىدىغان يۈگۈرۈش ماشىنىسى بولسا ئالاي دىگەن مەسلىھەت بەرسەڭلارقاندىقى ياخشى چىقىدۇ ،يۈگۈرۈش تاختىسى ئۇزۇن بولسا ياخشى بولامدۇ ياكى ،ئىشقىلىپ ئىقتىسادىممۇ ئانچە ياخشى بولماي قالدى مۇشۇ نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە بولسا ئىككىنچى قولنىڭ ياخشىراقى بولسا خەۋەرلەندۈرۈپ قويساڭلار مىننەتدار بولاتتىم ،تورنىمۇ تولا ئارىلاپ زېرىكتىم تاۋباۋ دىن ئالاي دىسەم نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە قۇيۇلۇپ كەتكەنلەرگە قاراپ قوقۇپ مۇ قالدىم ،بولسا مۇشۇ ئوقەتنى دائىم ئېشلىتىدىغانلا بىر مۇشۇ توغرىسىدا توختالساق بولاتتى ، ئۆزۈم تۇرپاندىن بۇ يەردە چېنىقىش زالىمۇ تاپالمىدىم .يا مەن تاپالمىدىممۇ .ئاندىن قۇرساق سېلىپ قالسا قانداق ئۇسۇلدا تېز سۈرئەتتە يوقاتقىلى بولار .ئەمما ھەرىكەت قىلىپ ئورۇقلا دېسەڭلەر مەيلى لېكىن تاماقنى ئاز يېگىن دېسەڭلەر مەن چىدىمايمەن .كۈندە ئامال يوق يېمىدىم دەپمۇ يەپ قويىمەن بىر 5~زىق كاۋاپنى .لېكىن قارىسام يەنىلا سوغۇق مىجەز تۇرىمەن بولسا تىۋىپلارمۇ بىر مەسلىھەت بىرىۋەتمەمسىلەر خوش بولاي .يەنە دېسەم يەنە شۇ قۇرساق سېلىپ قالغان بولسا قانداق قىلسا ئەڭ تېز سۈرئەتتە يوقاتقىلى بولارقۇرساق قاتلاشكېرەكمۇئادەتتە مەن تاقلىغۇچنى كۈندە بىر 5 مىنوت تاقلايمەن . ئاندىن ئۇيقۇسى ئاز بولسىمۇ سەمرىمدۇ ؟؟؟ تورغا جىق چىقسىمۇ سەمرىمدۇ؟؟؟ ئىشقىلىپ ئاشۇ يۈگۈرۈش ماشىنىسىنى ئالاي دەيمەن .بولسا بىر ياردەم قىلىڭلار .
6- قەۋەتتىكى Deqyanusنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆزلىرى يىشىل ياقۇتتەك پار-پۇر چاقناپ تۇرۇدىغان تازا بىشەم،قۇيۇندا قالغان قىزدىن بىرنى ئىلىڭە،قۇمدەك پاراڭ قىلىپ،سىزنى تولا سوتلاپ،باشقۇرۇپ يۈرسە، يىڭنە يەپ قالغان كالىدەك 2كۈندىلا ئورۇقلاپ كىتىسىز![]()
مائورۇقلاشنى ئۆزۈمگە ماس كۆردۈم . شۇ دېمىسىمۇ خوتۇن ىەق بىلەن بەك ئارلىشىپ كەتمەيدىكەنمەن . مۇھەببىتىم ئاران بىر .كۆزىمۇ قارا ..
ئەتتىگەندە قوپۇپ يۇگۇرسىڭىز بولىدۇ ساپ ھاۋا تەنگە داۋا دەپتىكەن
قارغاندا ئۆيدە يۇگۇرگەچ كومپىيۇتېر ئويناي دەپسىزدە
ئامال بار ئەتتىگەندە سەھەر قوپۇپ يۇگۇرەڭ شۇ ياخشى ئۈرۈمچىدە ئەتتىگەندە يۈگۈرگۈدەك يەرىمۇ قالمىدى .ھاۋانىڭ ھالى شۇ . قاتناش قۇرلۇشى باشلىنىپ تېخىمۇ بۇزۇلدى .
taobao دىن ئەرزان سېتۋاللايىسز .
ئون چوڭيۈگۈرۈش ماشىنىسىماركىسى جۇڭگودىكى .
英派斯乔山汇祥汇康舒华好家庭兄弟英克莱 奥瑞特 万年青
ئالاي دېسەم، تولا كۆچىدىغان بىزدەك بويتاقلارغا ئاۋارچىلىقكەن، ئۆيۈم بولغاندا بىرنى ئالىمەن. ئىچكىردىن ئەكەلدۇرمەڭ،كىراسى بەك قىممەت، ئېغىر بىر نىمە بۇ.
ماۋۇيەردە كونىسى باركەن.
http://www.wlmq.com/898858.htm توردىن ئېلىڭ ، يارىمىسا قايتۇرۇڭ كۆزلىرى يىشىل ياقۇتتەك پار-پۇر چاقناپ تۇرۇدىغان تازا بىشەم،قۇيۇندا قالغان قىزدىن بىرنى ئىلىڭە،قۇمدەك پاراڭ قىلىپ،سىزنى تولا سوتلاپ،باشقۇرۇپ يۈرسە، يىڭنە يەپ قالغان كالىدەك 2كۈندىلا ئورۇقلاپ كىتىسىز

2، ھاراقنىمۇ ئىچمەڭ.
3، ئىشقىلىپ ھاراق ئىچمەڭ.
4،گۆش يىسىڭىز بولىدۇ، مايلىق يېرىدىن ئۆزىڭىزنى تارتىپ تۇرۇڭ.
5، كەچتە بىكار قالماڭ، سىرتلارنى ئايلىنىپ كېلىڭ.
قالغان چېنىقىشلار ئەگىشىپ تەبىئىلا بولىدۇ.
6- قەۋەتتىكى Deqyanusنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆزلىرى يىشىل ياقۇتتەك پار-پۇر چاقناپ تۇرۇدىغان تازا بىشەم،قۇيۇندا قالغان قىزدىن بىرنى ئىلىڭە،قۇمدەك پاراڭ قىلىپ،سىزنى تولا سوتلاپ،باشقۇرۇپ يۈرسە، يىڭنە يەپ قالغان كالىدەك 2كۈندىلا ئورۇقلاپ كىتىسىز![]()
مەن ئاشۇنداق قۇمدەك پاراڭ قىلىمەن دەپمۇ قىلالمايمەن دەيمەن، قارىغاندا بۇمۇ بىر ئىقتىدار بولسا كېرەك. يامان ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدىغۇ


ئۆزلە بۈۋۈم بولغاچ مۇلايىم ۋە سىپايە.‹‹ئاچچىق ئۈرۈكنىڭ ئاچىسىدىن،خوتۇن خەقنىڭ گاچىسىدىن پانا بىرىڭ خۇدايىم›› دەيدىغان بىر ناخشا بولىدىغان.شۇڭا خانىم قىزلارنىڭ قۇمدەك ۋاتىلداپ تۇرغىنىمۇ ياخشى.
ئەمدى تېما ئىگىسىنىڭ چىنىقىش توغرىسىدىكى مەسلىھەتىگە كەلسەك.
ھاراق ئىچمەڭ،تۇرمۇشىڭىز تەرتىپلىك بولسۇن. ئاخشىمى بالدۇر ئارام ئىلىپ،سەھەر ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ،بولسا ناماز ئوقۇڭ.جاھاننىڭ تۈگۈمەس-پۈتمەس غەم قايغۇسىغا غەرىق بولماي،رىئال تۇرمۇشتا ھاياتنى قەدىرلەپ ياشاڭ. مەتو گەپ قىلالمامدىكە{:92:}
يۇمۇرغۇ بۇ
11- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گەپ ئۆگىنىۋېتىپتىكەنسىزدە، مەتونى گەپ قىلالمايدىكەن دىمەكچىمۇ يە؟
بۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم مېنى بىرى تولا گەپ قىپ كەتتىڭ دېگىنى، ئەجەپ خۇش بوپ كېتىۋاتىمە

6- قەۋەتتىكى Deqyanusنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆزلىرى يىشىل ياقۇتتەك پار-پۇر چاقناپ تۇرۇدىغان تازا بىشەم،قۇيۇندا قالغان قىزدىن بىرنى ئىلىڭە،قۇمدەك پاراڭ قىلىپ،سىزنى تولا سوتلاپ،باشقۇرۇپ يۈرسە، يىڭنە يەپ قالغان كالىدەك 2كۈندىلا ئورۇقلاپ كىتىسىز![]()
توغرا دېدىڭىز.
چوڭلار «كۆككۆزدە ۋاپا يوق» دەپ قويۇدىكەن، مەنغۇ كۆككۆزدە ھايا يوق دەيمەن.
12- قەۋەتتىكى Deqyanusنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
فائىزەخان:
ئۆزلە بۈۋۈم بولغاچ مۇلايىم ۋە سىپايە.‹‹ئاچچىق ئۈرۈكنىڭ ئاچىسىدىن،خوتۇن خەقنىڭ گاچىسىدىن پانا بىرىڭ خۇدايىم›› دەيدىغان بىر ناخشا بولىدىغان.....
شۇ ناخشا يوقاپلا كەتتىيا؟
توردا قائىدە: ئوغۇل بالا دېگەن ئاياللار بىلەن مۇنازىرە قىلمايدۇ.
lenovo1ئەپەنىم:مەن فائىزە خانىمنىڭ گىپىگە چاخ-چاخ سۈپۈتىدە چۈشەنچە بەردىم.خانىم-قىزلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشىپ،ئۇلارنى ھاقارەتلەپ ياكى كۆڭلىگە ئازار بەرگەن يىرىم يوق.پەقەت پىكىرلىشىۋاتىمىز،لېكېن خانىم-قىزلارغا يول قويۇش مىنىڭ پەزلىتىم. ئۇنى سىتىۋالغان پۇلنى باشقا ئىشلارغا سەرپ ئىتىپ، ئەمەلىي چىنىقسىڭىز ھەرجەھەتتىن ئۈنۈمى يۇقۇرى بولىدۇ.
كۈندە ئەتتىگەن كەچتە نۇرمال سۈرئەتتە يۈگرەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇڭ.
ئەتتىگەن كەچتە قورساق قاتلاشنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇڭ.
كەچلىك تاماقنى بەك كەچ يىيىشتىن ھەم بەك كۆپ يىيىشتىن ساقلىنىڭ.
( سەمىمىي مەسلىھەت- كاۋاپنى بەك كۆپ يىمەڭ..... گۆش يىگۈڭىز كىلىپ قالسا ياش(پاقلان) قوينىڭ قارا گۆشىنى سۇدا پىشۇرۇپ يىسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا كىيىنچە قانغا ماي ئۆتۈدىغان، قان-تومۇر قىتىشىش.... بىر تالاي كىسەللىك چىرمايدۇ بەدەننى.)
مەيلى ئورۇقلاش بولسۇن ياكى بەدەننى كۈچلەندۈرۈش بولسۇن: چىنىقىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، توڭلاتقۇغا سىلىنغان ئىچىملىكنى ئىچىشتىن ساقلىنىش، تاماقنى ئاز-ساز يىيىشكە ئەھمىيەت بەرسىڭىز ئۈنۈمىنى ئەلۋەتتە كۆرەلەيسىز.
بىرىنچى دوختۇر ئۆزىڭىز.
14- قەۋەتتىكى lenovo1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
6- قەۋەتتىكى Deqyanusنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆزلىرى يىشىل ياقۇتتەك پار-پۇر چاقناپ تۇرۇدىغان تازا بىشەم،قۇيۇندا قالغان قىزدىن بىرنى ئىلىڭە،قۇمدەك پاراڭ قىلىپ،سىزنى تولا سوتلاپ،باشقۇرۇپ يۈرسە، يىڭنە يەپ قالغان كالىدەك 2كۈندىلا ئورۇقلاپ كىتىسىز![]()
توغرا دېدىڭىز.
چوڭلار «كۆككۆزدە ۋاپا يوق» دەپ قويۇدىكەن، مەنغۇ كۆككۆزدە ھايا يوق دەيمەن.
خۇداغاشۈكرى،كۆزۈمكۆكئەمەسكەن،يېشىلكەن.بولمىساگېپىڭىزگەيىغلايتىم...ھۈھۈ