xboy يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 18:30:40

ئىزدىنىش ھەكىملىرىدىن ياردەم سورايمەن...

ئالدىنقى ھەپتە ئاشقازىنىم تۇيۇقسىزلا ئاغرىپ كېتىپ دوختۇرخانىغا بارسام ، ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۇرۇش قىلىپ12 بارماق ئاشقازان يارىسى دەپ دىياگىنوز قويدى..كاساپەت ئاجايىپ ئاغىرىپ قويىدىكەن...بۇلۇپمۇ كېچىسى ئۇخلاتمايدىكەن ...


دوختۇرخانىدا ئازراق دورا ئۇكۇل يېزىپ بەردى ، مۇشۇنى ئىچسەڭ ياخشى بولىسەن دەپ ...لېكىن ئۈنۈمى تازا ياخشى ئەمەس..


سىلەردىن سورايدىغىنىم ئاغرىق توختىتىدىغان قانداق ئامال بار..؟؟؟


تىبابەتتە قانداق دورىلار بىلەن تېزراق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ ؟؟؟


ياردىمىڭلارنى ئايىمغايسىلەر.....

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 22:49:32

ئالدى بىلەن سەبرىلىك بولۇڭ . ئاندىن ئىمكانىيەت بولسا تىبابەت دوختۇرخانىسىدا بىر ئاي يېتىپ داۋالىنىڭ . بۇنىڭغا ئوخشاش سوزۇلما خارەكتىلىك كىسەللىكلەرنى داۋالاشتا غەرب تىبابىتىدىن ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئۈنۈمى ياخشى . تۇنجى قوزغىلىشى ئوخشايدۇ . شۇڭا ۋاقتىدا داۋالىنىڭ . ئازراق ئۈنۈمىنى كۆرۈپلا توختاپ قالسىڭىز چاتاق . بۇ خىل كېسەلنىڭ قايتا قوزغالمىقى بەكلا ئاسان . شۇڭا ، تولۇق ساقايغۇچە داۋالىنىڭ .

ئادەتتىكى كېسەل بولغان بولسا ئاددى ئۇسۇللارنى دەپ بىرەتتىم . بۇنىڭغا دېسەممۇ بەرىبىر . قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنتىزىم داۋالانمىسىڭىز بولمايدۇ .

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 23:05:47

ماڭا ئوخشاش بوپسىز. دېمىسىمۇ دەھشەت ئاغرىيدۇ.

مەن مىللىي شىپاخانىنىڭ دورىسىنى يېگەن ئىدىم. بىر ئايغا قالماي ساقىيىپ كەتتىم.تۆت يىل بۇرۇنقى دورا بولغانلىقى ئۈچۈن دورىنىڭ ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ. ھەقىقەتەن ئۈنىمى ياخشى.

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 23:29:03

غەربچە دورا يېگەندىن،ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ تەبىئىي دورىلىرىنى يەپ ساقايسىڭىز،ئەكس -تەسىرى ئاز بولىدۇ مەنچە \"\"

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 02:39:42

مىنىڭچە سىز پىننە گۇلقەنتىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىڭ

ئاشقازانغا بەك پايدىلىق

ئانتىبئوتىك دورىلارنىڭ ئاشقازان بىلەن بورەككە بولغان زىيىنى خىلى چوڭ شۇڭا

ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرى بىلەن داۋالىنىڭ يەنە بىرگەپ

ئامال بار ئىشەنچلىك يەرلەردىن دورا سىتىۋىلىڭ چۇنكى ھازىر ئىنساپسىز ئادەملەر بەك جىقىيىپ كىتىپتۇ

قايسى كۇنى ناھىيلىك مىللى شىپاخانا دورا ياساش ئورنىدا ئىشلەيدىغان بىر تونۇشۇم كەپتۇ ئازراق زەپە باتى ئالسىڭىز دەپ بولدى ئاداش مەندە ھازىر پۇل يوقتى دەپ رەت قىلۋەتتى نىمىشقا دەمسىز ئۇ زەپەنى دورا ياساش جەريانىدا دورىغا زەپەنى ئازقىتىپ ئازراقنى ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا تىقىۋالىدىغان ئىش

توۋادەتمەن مۇشۇنداق ئادەملەرگە شۇڭا ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىنى سىتىۋالغاندا ئىشەنچىلىك يەرلەردىن سىتىۋالسىڭىز ياخشى

بولمىسا قىممەت دورىلارنى ئەسلى رىتسىپقا ئاساسەن قوشماي قىممەت دورىنى ئاز ياكى قوشمايدىغان ئەرزان دورىلارنى قوشۇپ قويدىغان

ئىشلار ھازىر ئۇيغۇرتىبابىتى ساھەسىدە بىر ھارام شاخ سۇپىتىدە بىخ سۇرۋاتىدۇ

durustori يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 07:30:10

ئاۋال غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇڭ ! مەسىلەن قىزىل مۇچ ،ئاچچىقسۇ دىگەندەك

ۋە يەنە ھەزىم قىلىش قىيىن بولغان يىمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇڭ مەسىلەن : پولو ،كاۋاپ .تۇخۇم دىگەندەك

ھەزىم قىلىش ئاسان ،سىڭىشلىك تاماقلارنى يەڭ .

ئاندىن دورىخانىغا بىرىپ 奥美拉唑خەنزۇچە يىزىلىشى خاتا بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن سىز بىۋاستە ‹‹ ئاۋمېيلازو›› دىسىڭىز چۈشىنىدۇ .

بۇ دەل ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە ياللۇغى بارلارغا ماس كىلىدىغان دورا .مۇشۇنىئىشلىتىپ بىقىڭ .قوشۇمچە تەبىئى ھەسەل ئىستىمال قىلىپ بىرىڭ .

ئەلۋەەتە چوقۇم ئاللادىن كىسىلىڭىزگە شىپالىق بىرىشىنى تىلەڭ !



ئاللا سىزگە شىپالىق بەرسۇن !


Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 08:45:11

زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇپ ھاراقنى بىر قۇلاق مىدىرلىغىدەك بىر ئىچىڭ.راس ئىچىشتىن بۇرۇنسۇدا قاينىتىپ ئۇزاق پىشۇرۇلغان پاقلاننىڭ قۇيرۇق يېغىدىن 2-300گىرامنىئىستىمل قىلۋېتىپ ھە..ئاش قوساق ياكى خوگو بىلەن ئەمەس

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 20:45:42

uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 21:23:39

بۇرۇن بىزنىڭ بىرئوقۇتقۇچىمىز ئاشقازان يارىسى دېدىمۇ ياكى بىرنىمە ئىشقىلىپ ، 2-دوختۇرخانىدا ساقايماي ئاخىرەتلىكىگە تەييارلىق قىلىڭلا دەپتىكە ، يېنىپ چىقىپ مىللىي تىۋىپ دورىلىرى بىلەن داۋالىنىپ ساقىيىپ كەلدى .بىزنىڭ تىبابىتىمىزدا ،ۋاقىت جېقراق كېتىدىكەن ئەمدى ، لېكىن راۋرۇسلا ساقايتىدىكەن .

بىر بۇرادىرىمىز دەپتۇ زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرىمىز دەپ ھاراقنى تەۋسىيە قىپتۇ ، اللە قىلما دىگەن ئىشنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ ، ئەمدى بەلكىم ئۇ ئامال بىلەن ئازراق ئارام تېپمۇ قالا ، لېكىن ئۇنىڭ ھېسابى ئېغىر ، شۇنى ئىچىپ ساقايغاندىن ،ئەگەر مەن بولسام، ئىچمەي كېسەل بىلەن ئۈلۈپ كەتسەممۇ شۇنى ئەۋزەل كۆرىمەن .ئەلۋەتتە كېرەك بىز شۇخىل پوزىتسىيىدە تۇرىشىمىز لازىم ئىدى. ھەممىمىز بىلىمىز ھاراقنىڭ قانچىلىك ئېغىر گۇناھ قاتارىدا تۇرىدىغانلىقىنى . ھېلىقى ئوقۇتقۇچىمىزمۇ دەل شۇ ھاراقتىن بېرى كەممەي شۇ كېسەلگە ئۇلاشقان .



اللە شىپاھلىق بەرسۇن كېسىلىڭىزگە .ناۋاداسۆزلىرىمنى ئارتۇق زىيادە ھېس قىلسىڭىز ،ئەپۇ قىلارسىز .

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 10:16:42

چاخچاق قىلىپ قويغان..! \"\"

tiwiba19 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-19 18:26:49

بۇ كىسەلگە قارىتا تىبابەت دورىسى ئىستىمال قىلماقچى بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ ! چ چ 2642425213 باشقا گەپنى شۇ يەردە دىيىشەيلى .
بەت: [1]
: ئىزدىنىش ھەكىملىرىدىن ياردەم سورايمەن...