tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 10:22:13

ھەر يۇرتنىڭ ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەكلىرى

ھەر يۇرتنىڭ ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەكلىرى



      ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرى(بولۇپمۇ يېمەكلىرى) تۈرىنىڭ كۆپلىكى، تەمىنىڭ تاتلىقلىقى، قۇۋۋەتلىكلىكى بىلەن داڭلىق. رايونىمىزغا كەلگەن مەيلى ئىچكىرىدىن كەلگەن ساياھاتچىلەر بولسۇن ياكى چەت ئەلدىن كەلگەنلەر بولسۇن يېمەكلىرىمىزنى ھۇزۇر، ئىشتىھا بىلەن يېمەي، ماختىماي قالمايدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق بىلىدىغىنى، ئۇلارنىڭلا ئەمەس، كۆپىنچى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاساسلىق بىلىدىغىنى(تاماق تۈرلىرىدىن) پولو، كاۋاپ(ھەر خىل كاۋاپلار)، لەغمەن، مانتا(پېتىر ۋە بودەك مانتا)، خوشاڭ، قورۇما چۆپ(سومىيەن)، گاڭپەن، چۆچۈرە، تۈگرە، ئۆپكە-ھېسىپ، سۇيۇقئاش، لەڭپۇڭ قاتارلىقلار.


     يۇقىرىدا تىلغا ئالغان تاماقلار(ئۇنتۇلۇپ قالغانلىرىمۇ بار ئەلۋەتتە) رايونىمىزدىكى ھەممە ئۇيغۇرلار بىلىدىغان، ۋە ئاساسلىق يەيدىغان تاماقلار. ئەمدى ئەسلى دېمەكچى بولغىنىمىزغا كەلسەك، سىز ھەر كۈنى شۇنداق لەغمەن، پولۇ، كاۋاپ، سۇيۇقئاش... دېگەندەكتاماقلارنى يەۋىرىپ زىرىكىپ قالامسىز، باشقا تاماقلارنىمۇ ئەلۋەتتە چەت ئەلچە تاماقلارنى ئەمەس، ئۇيغۇرلارغا خاس باشقا تاماقلارنىمۇ يېگۈڭىزكېلەمدۇ؟


       خوش! ئەمدى مېنىڭ بۇ تېمىدا ئوتتۇرغا قويماقچى بولغىنىم: ھەر يۇرتنىڭ ئۆزىگە خاس، ئۆزيۇرت ئىچىدىلا ياقتۇرۇپ يېيىلىدىغان ۋە كەڭ ئومۇملاشقان تاماقلاردۇر. ئەگەر بۇنداق ئۆزگىچە تاماقلارنى قانچە كۆپ كىشىلەر بىلسە شۇنچە ياخشى. چۈنكى بۇنداق ئۆزگىچە تاماقلارنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى يېيىشلىك ھەم ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى.


       مەن ئالدى بىلەن ئۆزۈم بىلگەنلەرنى سۆزلەي. قالغىنى ئىزدىنىشلىقلاردىن كەلسۇن.


مېنىڭ بېلىشىمچە خوتەندە بۇنداق ئۆزگخچە يەرلىك تاماقلار خېلى كۆپ.


1. گۆشگىردە. مەنچە گۆشگىردە دۇنيادىكى ئەڭ يېيىشلىك، ئەڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى شۇنداقلا ئەڭ ئەرزان تاماق بولسا كېرەك. گۆشگىردىنى يېزىۋاتساق يەپ باققانلارنىڭ كۆز ئالدىغا تونۇردىن ھازىرلا چىققان، قىزىرىپ پىشقان گۆشگىردە كېلىپ، ئاغىزىغا سېرىق سۇ يىغىلىپ كەتتى ھەرقاچان. بۇ تاماق باشقا يۇرتلاردىمۇ ھەتتا ئۈرۈمچىدىمۇ بار ئىكەن(ئۈرۈمچىدە بەيگە مەيدانى تەرەپتە بار). ئەمما، يەنىلا خوتەندىكىسىگە يەتمەيدىكەن. ياكى خام پىشۇرۇپ قويىدىكەن، ياكى خېمىرىنى قېلىن قىلىپ قويىدىكەن. گۆشگىردىنىڭ ئېتىلىشى، يېقىلىشى توغرىسىدا توختۇلۇپ ئولتۇرمايمەن. چۈنكى بۇنى كەسپىي ناۋايلار ياقمىسا ھەممە كىشى قىلالمايدۇ.


2. ئۇماچ. ئۇماچمۇ مېنىڭچە رايونىمىزدىكى ھەممە يۇرتتا بار. ئەمما، كەڭ يېيىلىدىغان(ئىچىلىدىغا) يۇرت يەنىلا خوتەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتەندە ئۇماچنىڭ تۈرى كۆپ. پەسىلگە قاراپ تۈرى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: مۇشۇ كۈنلەردە كۆپ سېلىنغان ئۇماچ ئېتىلىدۇ. قىش پەسلىدە چامغۇر ياكى گۈلە سېلىپ ئېتىلگەن ئۇماچ بار. يەنە تېخى بىر خىل ئالاھىدە ئۇماچ بار. ئۇ قۇربان ھېيىتتا ئېتىلىدۇ. يەنى شورپا ئىچىپ تويۇنغان چاغدا، قوي گۈشىنىڭ شورپىسىدا ئەتكەن ئۇماچمۇ بەك ئىچىشلىك بولىدۇ. ئەمما، ئۇماچنى ئەتمەكمۇ ئاسان ئەمەس ئىكەن سەللە كەتكۈزۈپ قويسا سويۇق ياكى قويۇق ئېتىپ قويىدىغان گەپ ئىكەن.


3. سىقماق. سىقماقمۇ خوتەندە، بولۇپمۇ يېزىلاردا يېيىلىدىغان مەزىلىك تاماق. بۇ تاماق قوناق ئۇنىدا يۇغۇرغان خېمىر قولنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ ئېتىلىدىغان بولغاچقا «سىقماق» دەپ ناھايىتى جانلىق ئاتىلىدۇ. بۇنى ئېتىشنى بىلىدىغان خوتۇن قىزلىرىمىز بولسا تەپسىلىيرەك دەپ بەرگەيسىلەر. مەن بۇ تاماقنىڭ قانداق ئېتىلىشىنى تازا بىلمەيمەن.(يېيىشكىغۇ بەك ئامراق بولمىسا)


4. كۇمىلەك. خوتەندە «كۇمىلەك» سۆزىنىڭ ئۆزى بىر يېقىملىق ئۇماق سۆز. چۈنكى، خوتەندە بۇ سۆز بىر خىل يېمەكنى كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە كۆچمە مەنىدە  «بۇدۇرۇق، ئۇماق... » دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ۋە ئاساسەن كىچىك بالىلارنى ئەركىلىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:


- بالىڭىز  كۇمىلەكتەك ئىكەن.


- تاتلىق بالام، كۇمىلەك بالام، سۆزۈمنى ئاڭلاڭ، ماخما!


ئەمدى بۇ تاماقنىڭ ئاساسلىق ئېتىلىش ئۇسىلىغا كەلسەك، يەنىلا قوناق ئۇنى خېمىرسىدا ئېتىلىدۇ. تەپسىلى ئېتىلىشىنى يەنىلا تاماققا ئۇستا قىز-ئاياللىرىمىز ئېيتىپ بەرسۇن.


5. جىمموللەك. جىمموللەكنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قاپتىمەن. چۈنكى، بۇ تاماق خوتەندە بولۇپمۇ يېزىلاردا خوددى پولو، لەغمەنلەردەك كۆپ يېيىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇشۇنداق كۆك بار ئەتىياز پەسلىدە كۆپ ئېتىلىدۇ. جىمموللەكنىڭ ئىككى خىلى بار. بىرى: قىيما جىمموللىكى؛ يەنە بىرى: قىيمىسىز جىمموللەك. ئەلۋەتتە قىيمىلىقى قىيمىسىزىدىن تەملىك. بېراق، قىيمىسىزىنىڭمۇ ئۆزىكە يارىشا ئۆزگىچە تەمى بار. بۇ تاماقنىڭ(قىيمىلقىنىڭ) ئاساسلىق ئېتىلىشى: ئاۋال قوي گۆشىدە قىيما قىلىمىز، ئاندىن يۇمۇشاق قوناق ئۇنىدا خېمىر يۇغرۇيمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن قازاننى ئېسىپ سۇ قۇيۇپ قاينىدىتىغانغان گەپ. قازان قاينىغاندا ئانچە-مۇنچە سەي كۆكتات سالىمىز، بۇنىڭغا چامغۇر، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلار ئەڭ ماس كېلىدۇ. ئاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردىكى خېمىرنى يۇمىلاق قىلىپ ياسايمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ يۇمىلاقتىن ئازراق تۆشۈك ئېچىپ كاۋاك قىلىپ قىيمىنى سالىمىز، ئاندىن تۆشۈكنى ھىم ئېتىمىز.(تۆشۈك چىڭ ئېتىلمىسە جىمموللەك قازاندا قاينىغاندا قىيمىسى چىقىپ كېتىدۇ. ئاندىن قازاندا ئوبداق قاينىتىمىز. 15 مىنىۇتلاردىن كېيىن، قاچىلارغا ئېلىپ سۇۋۇتۇپ مەززە قىلىپ يەيمىز.(مەن پەقەت ئانامنىڭ ئەتكىنىنى كۆرگىنىم بويىچىلا سۆزلەپ بەردىم. خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا كەسپى جىمموللەكچىلەر تۈزىتىپ قۇيارسىلەر.) بۇ تاماق قەشقەرنىڭ بەزى ناھىيەلىرىدىمۇ بار ئىكەن ھەمدە «مۇنەك» دېيىلىدىكەن. باشقا يۇرتلاردا بارمۇ- يوقمۇ بىلمەيمەن.


6. قوناق ئېشى. بۇ ئاشنى ئەتمەك بىر قەدەر قېيىن ھەم ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. تەپسىلىي ئېتىلىشىنى مەنمۇ ياخشى بىلمەيمەن. بۇ تاماقنىڭ تەمىمۇ بەكلا ئېسىل. ئەمما، ئەتمەك تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى ھازىرقى ياش قىز-ئاياللار ئاساسەن ئېتەلمەيدۇ. كۆپىنچىسى ئېتىشنىمۇ خالىمايدۇ . چۈنكى، 5 كىشىلىك بىر قازان ئاشنى 4-5 سائەتتە ئاران ئېتىپ بولغىلى بولىدۇ. ئاڭلىشىمچە تېخى ھازىر خوتەننىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدا توي قىلماقچى بولغان قىزلار مۇشۇ قوناق ئېشىغا ئامراق يىگىتلەرگە، ياكى قوناق ئېشىغا ئامراق بوۋا-مۇمىسى بار يىگىتلەرگە تېگىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.


     يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن  قوناق ئۇنى تاماقلىرىغا ھەرگىز سەل قارىماڭ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېيىشلىك بولۇپلا قالماي، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئونىڭ ئۈستىگە سېمىزلىك،قاندىكى ماي تەركىبى ئېشىوپ كېتىش، دىيابىت قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ياخشى دورىسى.(بۇ مەن دەۋالغان گەپ ئەمەس، ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىسپاتلانغان.)


7. كۆمەچ. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىمىز قازان كۆمىچى(باشقا ئۈرۈمچى، غولجا... قاتارلىق يۇرتلادا گۆشنان دېيىلىدۇ) ئەمەس، بەلكى چوغدا كۆمۈلگەن كۆمەچ. بۇ خىل نان خوتەننىڭ ھەممە يەرلىرىدە دېگۈدەك بار. ئەمما، داڭلىقى يەنىلا چىرا(نىيە ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىدىمۇ بار)نىڭ يوغان كۆمىچى. بۇ كۆمەچنىڭ ئېتىلىشىنى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى چىرىلىق، نىيەلىك بالىلار مەندىن ياخشى بىلسە كېرەك. مەن پەقەت تەمىنىڭ ياخشىلىقىنى، بىر يىگەن ئادەمنىڭ ئىككىنچى قېتىم يېيىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنىلا بىلىمەن.


خوتەننىڭ ئالاھىدە تاماقلىرى ئاساسەن يۇقىرىقىلار(ئۇنتۇلۇپ قالغىنىنى باشقىلار تولۇقلارسىلەر). ئىچىملىكلەردىن جىگدە شەربىتىمۇ خېلى كەڭ ئىچىلىدۇ.


      باشقا يۇرتلانىڭكى ئۆزگىچە يېمەك(تاماق)لىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. بىلىدىغىنىم غولجىنىڭ ئەتكەن چېيى، قومۇلنىڭ بىر خىل ئالاھىدە ئېشىدىنلا ئىبارەت قالغىنى ئىزدىنىشلىقلارغا كەتتى:


قەشقەرنىڭ...


ئاتۇشنىڭ...


ئاقسۇنىڭ...


كورلىنىڭ...


غولجىنىڭ...


بۆرتالانىڭ...


قاراماينىڭ...


تورپاننىڭ...


قومۇلنىڭ...


سانجىنىڭ...


يەنە مەن ئېتىنى ئاتىمىغان باشقا يۇرتلارنىڭ...


بىلىدىغىنىڭلارنى ئايىماي سۆزلىگەيسىلەر. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر يېمەكلىرىنىڭ كەڭ تارقالمىغىنى كەڭ تارقالسۇن. بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن، يەپ باقمىغانلار يەپ باقسۇن ھەتتا ئامراق بولۇپ قالسۇن.






tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 12:38:33

ئۈزۈپ تاشلاپ مىفەن  \"\"

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 13:06:38

پولو ، لەغمەن ، سامسا ، كاۋاپ ، نان قاتارلىق تائاملارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئاتۇشتا بىلىپ قالىسىلەر ...

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 13:22:54

غۇلجىنىڭ ئەتكەن چېيى  \"\"

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 13:25:19

قەشقەرنىڭ لەڭپۇڭى.

( ماۋۇ قۇنەك قايسى يۇرتقا تەۋە بولغىيتى؟ )

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 13:40:51

باينىڭ قېتىقى( ھھھھھى كۆكىنەكنىڭ ئەمەس )  كەلپىننىڭ چىپتىسى .

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 13:44:33

ئىستانبۇلنىڭ داپەنجىسى  \"\"

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 13:45:26

تۇرپاننىڭ پۇرچاق ئۈگرىسى،قۇمۇلنىڭ پېتىر ياپمىسى بۇلار باشقا يۇرتتا يوق \"\"

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 13:54:51

پوسكامنىڭ پولۇسى    {:90:}

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 14:03:22

ئۈستىدىكى تاماقلاردىن  جىمموللەك دېگىنىدىن باشقىسىنى يەپ بېقىپتىكەنمەن، دادام بەك ئامراق بۇلارغا.....

قوناق ئۇنى تائاملىرىنى ھەقىقى يېشىل يىمەكلىك دېسەك بولىدۇ  \"\"

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 14:03:27

1- قەۋەتتىكى Yarkin92نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غۇلجىنىڭ ئەتكەن چېيى  \"\"  



غولجىنىڭ ئەتكەنچېيىدىن پەخىرلىنىپ ھىجىيىپ تۇرماي،  باشقا يەنە ئالاھىدە يەيدىغانلىرى بولسا دېمەمسىلە بۇرادەر!

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 14:12:21

8- قەۋەتتىكى tursunnنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى Yarkin92نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غۇلجىنىڭ ئەتكەن چېيى \"\"



غولجىنىڭ ئەتكەنچېيىدىن پەخىرلىنىپ ھىجىيىپ تۇرماي،  باشقا يەنە ئالاھىدە يەيدىغانلىرى بولسا دېمەمسىلە بۇرادەر!



سۈيرۇ لەغمەن،خەنسۇ بازىرىدىكى بېغىر ئۈچەي كاۋاپلار {:181:}




izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 14:35:06

ئاتۇشنىڭ نارىنى

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 14:37:45

زىيالى بىلەن ۋەيرانىنى يىغلىتىۋېتىدىغان تىما بولدىدە بۇ ،

شۇنداقمۇ @ziyali @weyrani  \"\"

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 14:39:19

شوركۆلنىڭ بېلىقى، پىچاقسۇندىنىڭ جاڭگال كاۋىپى  \"\"

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 14:43:29

ما ئۈرۈمچىدىكى بۇلاق بېشى ئەتراپى، مىللەتلەر كوچىسى ئەپچۆرىسىدە قايسى ئاشپۇزۇلنىڭ قايسى تامىقى ئوخشايدا باللا؟!  \"\"

ما 1 ئاينىڭزى ھەر كۈنى بىر ئاشپۇزۇلدىن تاماق يەپ باقىمەن. ئاغزىمغا تېتىغۇدەك ئاش چىقىدىغانلىرى ئۇچرىمايىدىيا   {:107:}

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 14:56:01

13- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما ئۈرۈمچىدىكى بۇلاق بېشى ئەتراپى، مىللەتلەر كوچىسى ئەپچۆرىسىدە قايسى ئاشپۇزۇلنىڭ قايسى تامىقى ئوخشايدا باللا؟! \"\"

ما 1 ئاينىڭزى ھەر كۈنى بىر ئاشپۇزۇلدىن تاماق يەپ باقىمەن. ئاغزىمغا تېتىغۇدەك ئاش چىقىدىغانلىرى ئۇچرىمايىدىيا \"\"



ۋاي جىقققۇ ئاداش. شەربەت لەغمىنى،تەڭگە تاغ لەغمىنى،ۋەلى ئاتۇش نارىنى،جاھانگىرنىڭ سومىنى،ماي گۈلىنىڭ ئانامنىڭ لەغمىنى،كۆۋرۈك بېشىدىكى كاۋاپلار،2-دوختۇرخانا ئۇدۇلىدىكى ھەرخىل ئاشپۇزۇللار،پىت بازىرى تەرەپكە كىرىپ كەتسەڭغۇ بەك جىق ئۇششاق ئاشپۇزۇللار،تاماقلىرى شۇنداق ئوخشايدۇ،\"\"ھەجەپ يېگۈم كەلدا\"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 14:58:38

يۇقاردىكى قوناق ئېشى قايسى تاماق؟

بىزنىڭ يۇرتتا ناھايتى تارقالغان ئىككى خىل قوناق ئۇنى تائامىنى باشقا جىق يۇرتتىكىلەر بىلمەيدىكەن.

1. زاڭ، قوناق ئۇنىنى تاسقاپ كېپىكىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، سۇنى قاينىتىپ، ئۇننى سۇغا سورۇپ سېلىپ، نوغۇچ بىلەن چالىدۇ، شۇنداق قىلىپ بارا بارا قويۇقلاشتۇرۇپ، ئوماچتىن قويۇقراق ھالەتكە كەلگۈچە چالىدۇ، پىشقاندىن كېىيىن سەي قۇيۇپ قوشۇق بىلەن يەيدۇ. دېققەت قىلمىسا قوناق ئۇنى كاللەك بولىۋېلىپ پىشمايدۇ، ياكى ئاشقا ئىس ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەزى دېھقانلار قايناق سۇغا شېكەر شاللاپ، بىر قوشۇق بىر قوشۇقتىن ئېلىپ شىكەر سۈيىگە مىلەپ يەيدۇ(شېكەر زېڭى دەپ ئاتايدۇ). ئاچارچىلىق مەزگىللەردە، يارما پولىرىدىن قالسا، مېھمان ئۇزىتىشتا خېلى ئەتىۋا تاماقكەنمىش. شۇ ئاشقا ئوخشاش لۆم لۆم ، ياكى گەپ ئۆتمەي چاپلىشىپلا تۇرىدىغان باللىنى زاڭ دەپ تىللايمىز.  {:92:}  



2. يوبدان. يەنە يۇقارقىدەك قوناق ئۇنىنىڭ كېپىكىنى تاسقىۋەتكەندىن كېيىن، شۇ ئۇندا خىمىر يۇغۇرىلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ خىمىر بۇغداي ئۇنىنىڭكىدەك يېپىشقاق بولمايدۇ. خىمىر يۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، خىمىرنى 10 سانتىمىتىر كەڭلىكتە نىپىز يىيىپ، چوكا يوغانلىقىدا كېسىدۇ(مەخسۇس يوبدان سىققۇچمۇ بار، بازاردا خېلى كەڭرى)، ئاندىن ھەر خىل كۆكتات سېلىپ، قاينىتىلغان قازانغا سېلىپ، سۇيۇقئاشنىڭ قويۇقلىقى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە قىلىپ پۇشۇرىلىدۇ. بەزىدە گۆش، ياكى قېرىن توغراپ تېخىمۇ تەملىك ئېتىدۇ. يېڭى چامغۇر چىققاندا كۆپرەك ئېتىلىدۇ.



مۇشۇ ئىككى تاماق ھەققىدە دوستلىرىمنىڭ بىرەسىدىنمۇ ئاڭلىمىدىم.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 15:00:43

14- قەۋەتتىكى adil621نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

13- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما ئۈرۈمچىدىكى بۇلاق بېشى ئەتراپى، مىللەتلەر كوچىسى ئەپچۆرىسىدە قايسى ئاشپۇزۇلنىڭ قايسى تامىقى ئوخشايدا باللا؟! \"\"

ما 1 ئاينىڭزى ھەر كۈنى بىر ئاشپۇزۇلدىن تاماق يەپ باقىمەن. ئاغزىمغا تېتىغۇدەك ئاش چىقىدىغانلىرى ئۇچرىمايىدىيا \"\"



ۋاي جىقققۇ ئاداش. شەربەت لەغمىنى،تەڭگە تاغ لەغمىنى،ۋەلى ئاتۇش نارىنى،جاھانگىرنىڭ سومىنى،ماي گۈلىنىڭ ئانامنىڭ لەغمىنى،كۆۋرۈك بېشىدىكى كاۋاپلار،2-دوختۇرخانا ئۇدۇلىدىكى ھەرخىل ئاشپۇزۇللار،پىت بازىرى تەرەپكە كىرىپ كەتسەڭغۇ بەك جىق ئۇششاق ئاشپۇزۇللار،تاماقلىرى شۇنداق ئوخشايدۇ،\"\"ھەجەپ يېگۈم كەلدا\"\"



سەن دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە بېشىمنى تىقىپ بېقىپتىمەن بولمىسا، ئاغزىمغا تېتىغۇدەك ئاش ئېتىدىغانلىرى تازا ئۇچراپ كەتمىدى. \"\"


يەنە بىلىدىغانلار بولسا پىشكى تاشلاڭلار دوستخانغا، يەنە قانداق ئاشپۇزۇللار بار؟! \"\"

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 15:03:03

15- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يۇقاردىكى قوناق ئېشى قايسى تاماق؟

بىزنىڭ يۇرتتا ناھايتى تارقالغان ئىككى خىل قوناق ئۇنى تائامىنى باشقا جىق يۇرتتىكىلەر بىلمەيدىكەن.

1. زاڭ، قوناق ئۇنىنى تاسقاپ كېپىكىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، سۇنى قاينىتىپ، ئۇننى سۇغا سورۇپ سېلىپ، نوغۇچ بىلەن چالىدۇ، شۇنداق قىلىپ بارا بارا قويۇقلاشتۇرۇپ، ئوماچتىن قويۇقراق ھالەتكە كەلگۈچە چالىدۇ، پىشقاندىن كېىيىن سەي قۇيۇپ قوشۇق بىلەن يەيدۇ. دېققەت قىلمىسا قوناق ئۇنى كاللەك بولىۋېلىپ پىشمايدۇ، ياكى ئاشقا ئىس ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەزى دېھقانلار قايناق سۇغا شېكەر شاللاپ، بىر قوشۇق بىر قوشۇقتىن ئېلىپ شىكەر سۈيىگە مىلەپ يەيدۇ(شېكەر زېڭى دەپ ئاتايدۇ). ئاچارچىلىق مەزگىللەردە، يارما پولىرىدىن قالسا، مېھمان ئۇزىتىشتا خېلى ئەتىۋا تاماقكەنمىش. شۇ ئاشقا ئوخشاش لۆم لۆم ، ياكى گەپ ئۆتمەي چاپلىشىپلا تۇرىدىغان باللىنى زاڭ دەپ تىللايمىز. \"\"



2. يوبدان. يەنە يۇقارقىدەك قوناق ئۇنىنىڭ كېپىكىنى تاسقىۋەتكەندىن كېيىن، شۇ ئۇندا خىمىر يۇغۇرىلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ خىمىر بۇغداي ئۇنىنىڭكىدەك يېپىشقاق بولمايدۇ. خىمىر يۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، خىمىرنى 10 سانتىمىتىر كەڭلىكتە نىپىز يىيىپ، چوكا يوغانلىقىدا كېسىدۇ(مەخسۇس يوبدان سىققۇچمۇ بار، بازاردا خېلى كەڭرى)، ئاندىن ھەر خىل كۆكتات سېلىپ، قاينىتىلغان قازانغا سېلىپ، سۇيۇقئاشنىڭ قويۇقلىقى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە قىلىپ پۇشۇرىلىدۇ. بەزىدە گۆش، ياكى قېرىن توغراپ تېخىمۇ تەملىك ئېتىدۇ. يېڭى چامغۇر چىققاندا كۆپرەك ئېتىلىدۇ.



مۇشۇ ئىككى تاماق ھەققىدە دوستلىرىمنىڭ بىرەسىدىنمۇ ئاڭلىمىدىم.

مېنىڭ بىلىدىغىنىم زاڭنى سەي بىلەن يەيدىغان. كېيىنچە سۈت زاڭ دېگەنلەرنىمۇ ئاڭلىدىم. زاڭنىڭ ئۈستىگە سۈت قۇيۇپ يەيدىكەن. ماۋۇ يوبدان ئۆزى ئوبدان ئاش، سىڭىشلىك ھەم يېيىشلىك. ئەمما، ئەتمەك تەس، ئەتتىمۇ دېگەندىمۇ ئاغىزغا تېتىغۇدەك ئەتمەك تەس. شۇڭا، بىزنىڭ ژۇتلىدا كېلىن قىزنى يوبدان ئەتكۈزۈپ باقىدىغان ئىشلار باردەك، ئېسىمدە.\"\"
بەت: [1] 2 3 4 5
: ھەر يۇرتنىڭ ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەكلىرى