Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 08:06:23

ئانا تىل ئۆگىنىشتىن ياردەم

بۇ ئەسلى بىرەيلەننىڭ ھاۋالىسى ئىدى.


سەئۇدىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئاتا- ئانا پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلنى ئۆگىتىشتە قىينىلىپ قاپتۇ، گەرچە ئۆي ئىچىدە ۋە بىر نەچچە خوشنىلار ئارا ئۇيغۇرچە مۇھىت بولسىمۇ، تېلۋىزور ۋە باشقا تەرەپلەردە ئەرەب تىلى بولغاچقا بالىلارمۇ قېيىپ كېتىدىكەن...


بالىلار 4 ~ 2 ياش ئارىسىدا، مەقسەت مۇشۇ ياشتىكى بالىلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئانا تىل ئۆگىتىدىغان قانداق ماتىرېياللار بار؟


كىتاب، ئۈن-سىن ... باشقا قانداق نەرسىلەر بولسا سېتىۋېلىپ ئەۋەتىپ بەرمەكچى ئىكەن. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ماتىرېيال تەۋسىيە قىلساڭلار...



osmanjan37 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 08:28:32

ئىرپان شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئېلىپبە  تازا ماس كېلىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە يانداشما مەشىق ۋە ئۈن-سىن ماتىرياللىرى باركەن. مەن بىر ئاينىڭ ئالدىدا 30 يۈرۈش سېتىلۋالغان.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 08:58:18

بۇنى قىلماق ئاسان.

1. ئۆيدە ساپلا ئۇيغۇرچە سۆزلەش، ئەرەبچە سۆزلەشنى چەكلەش، بۇنى ئاتا-ئانىلار ئۆزىدىن باشلاش، ئالدى بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش كېرەك.

2. شىنجاڭدىن كۆپ تۈركۈمدە ناخشا-ئۇسۇل، كىنو، كارتون فىلىم پىلاستىنكىلىرىنى سېتىۋېلىپ (ئادەتتە بىرەر 100 كويغا 10- 20 پىلاستىنكا كېلىدۇ)، ئادەتتىكى ۋاقتلاردا ئۆيدە ناخشا قويۇپ قويۇش (بالىلار ناخشىسى بولسا تېخىمۇ ياخشى، ئابلاجاننىڭ ناخشىلىرىمۇ بوپ قالىدۇ). بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا بالىلارغا ئۇيغۇرچە كارتون فىلىملىرىنى قويۇپ بېرىش، بەزىدە ئۇيغۇرچە كىنولارنى كۆرۈش.

3. قەرەللىك ھالدا، ئەتراپتىكى ئۇيغۇر خوشنىلار يىغىلىشىپ، ئۇيغۇرچە سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇش. بالىلار بىۋاستە سۆھبەتكە قاتناشمىسىمۇ، قۇلىقى ئاڭلىسىلا بولىدۇ.

مۇشۇنداق بولغاندا، بالىلار چوقۇم ئۇيغۇرچىنىمۇ بىلەلەيدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ.

بالىنىڭ يېشى مەكتەپ يېشىغا توشقاندا، ئاندان ئىرپان دىگەندەك قۇراللارنى قوللانسا بولىدۇ، ھەمدە ھەپتىدە بىر قانچە قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇر يېزىقنى ئۆگەتسە بولىدۇ.

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 09:46:21

ئىرپان شىركەت تورى ئېچىلمايۋاتىدۇ...

kawullar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 10:03:37

كىچىك ۋاقىتلاردا باشلانغۇچتا دەرس قىلىپ ئۆتكەن ئىلىپبە كىتابلىرى بولماسمۇ ؟



چۈشۈرۈش ئادرېسى :http://1000eb.com/5xoz

چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بىرھون تورى تەمىنلىگەن.

مەنبە:http://www.birhon.com/?p=462

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 10:21:05

ئايپەد بارلارغا قارلۇق شىركىتىنىڭ «بال ئېلىپبەسى»مۇ ياخشى تاللاش .

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 10:32:21

ئەڭ ياخشىسى ماڭا ئوخشاش ئەرەب تىلىنى يەنىمۇ پىششىقلىغۇسى بار بولغان بىرەيلەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشەنچلىك بولغان، ھەمدە سىستېمىلىق ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا بىلىمى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلىملىرىگە ئىگە بولغان قىز بالىنى ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلغان بولسا، شەكسىزكى، ئۇ ئائىلىنىڭ بالىسىلا ئەمەس، قوشنىلىرىنىڭ بالىلىرىمۇ قىينالماي، ئانا تىلىدا شەرەپلىك، مەنتىقىلىق سۆزلىيەلەيدىغان چوڭ بولاتتى. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ۋاقىت ۋە ئىقتىساد كېتىدۇ...

blue19 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 11:32:59

ئەگەر iPad بولسا \"بال تەملىك ئېلىپبەنى ئىشلىتىڭ\"



بۇ ئۇلىنىشنى كۆرۈڭ

http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=46765

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 11:53:12

يۇرتقا ئەۋەتسۇن، نەچچە ئايدىلا ئۈگىنىپ كېتىدۇ.

قوشنىمىزنىڭ ئويىنى بىر خەن كەلداخۇن (يەرلىك شىۋېىسى بەكلا ئېغىر) ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان، مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن تەڭتۇش بالىسى 2 ئايدىلا ئۇيغۇرچىدا چاڭ-چاڭ سوزلەيدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى،

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 14:30:13

ئايپەد، پايپەد ۋە كومپىيۇتېر دىگەنلەردىن بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ئۆگىنىش ئۇسۇلى پەقەت چوڭلارغىلا ماس كېلىدۇ. ئۆزەڭلەرگە ماس كېلىدىغان تىل ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى كىچىك بالىلارغا تاڭلماڭلار، بۇرادەرلەر. بالىلار بۇنداق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئالدىغا كەلسە، ئېلېترونلۇق ئويۇندىن باشقىسىنى خالىمايدۇ.  

كىچىك بالىغا مۇمكىنقەدەر «ئۇيغۇر تىلى مۇھىتى» نى يارىتىپ بەرسىلا، بالا ئۆزلىگىدىن ئۇيغۇرچىنى سۆزلەپ چوڭ بولىدۇ.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 19:19:33

بالىلار 4 ~ 2 ياش ئارىسىدا،

++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

بۇ ياشتىكى بالىلارغا ئىرپان شىركىتىنىڭ  ئېلىپبەسى تازا ماس كېلىدۇ .

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 03:58:58

كۆكتاشنىڭ 2- قەۋىتىدىكى ئىنكاسىدىكى ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر ئاساسەن توغرا، لېكىن «بۇنى قىلماق ئاسان» دېگەن گەپ توغرا ئەمەس، چۈنكى كىچىك بالا دېگەن شۇنچىلىك سەزگۈر بولىدىكەنكى، مۇشۇ تىلنىڭ ئائىلىسىدىن باشقا يەردە ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاتا- ئانىسىدىن باشقىغا ئۇيغۇرچە گەپ قىلمايدىكەن. يات تىلدا قىلغان سۆزىگە بىر قېتىم جاۋاب قايتۇرۇپ قويدىڭىزمۇ، بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۆيدىمۇ بىمالال چەت تىلدا سۆزلەپ كېتىدىكەن. ئىشقىلىپ ئاتا- ئانا ناھايتىمۇ قاتتىق پوزىتىسىيدە بولمىسا، ئاسانلا بالىغا ئۇتتۇرىۋېتىدىكەن.

كىچىك بالىنىڭ تىلى ۋە ئەقلى تەپەككۈرى ئويناش جەريانىدا يېتىلىدۇ، ئاداشلىرى بىلەن ئوينىغاندا ئىشلەتمىگەن تىلنى ئاڭلاپ چۈشەنسىمۇ، ئىشلىتىشتە قىينىلىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ.

شۇڭا، يۇقىرىقى تەدبىرلەردىن باشقا، بالىلارنى يۇرتقا كۆپ ئاپىرىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئامال، بولۇپمۇ تىلى چىقىش مەزگىلىدىكى بالىلار كامىدا 3-4 ئاي يۇرتتا تۇرسا بولىدىكەن، كېيىن كېتىدۇ، يەنە سۆزلىمەس بولۇپ قالىدۇ، نەچچە يىلدىن كېيىن يەنە يۇرتقا بارىدۇ، لېكىن بۇ چاغدا نەچچە كۈندىن كېيىنلا چۇرۇلداپ يەنە سۆزلەپ كېتىدۇ.

بالىلار مەكتەپكە كىرسە نېمە ئىشلار بولۇپ كېتەر دەيمەن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 07:34:23

دىلرۇبا ئېيتقاندەك يۇرتقا ئېلىپ بېرىش ۋە يۇرتتا بىر مەزگىل تۇرغۇزۇشمۇ ئىنتايىن ياخشى ئۇسۇل.

مېنىڭ دىمەكچى بولغىم، بالىغا ئۇيغۇر تىلى مۇھىتى يارىتىپ بېرىش، پەقەت ئاتا-ئانا بولغۇچى ئازراق كاللا ئىشلەتسىلا، بۇنى قىلىش تەس ئەمەس. لېكىن بۇ مۇھىت ئۆزلىگىدىن پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، پەقەت ئاتا- ئانىلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق.

gulahmalik ئەپەندىدىن سوراپ باقسام،

ئىرپان ئېلىپبەسى 2-4 ياشلىق بالىلار بىلەن پاراڭلىشالامدۇ؟ سۇئال سورىسا جاۋاب بېرەلەمدۇ؟

ھازىرقى مەسىلە، بالىغا ئېلىپبە ئارقىلىق يېزىق، يەنى خەت ئۆگىتىش ئەمەس، ئېغىزدا سۆزلەيدىغان تىل، يەنى سىز باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرچە گەپنى ئۆگىتىش. مەقسەتنى چۈشىنىپ بىر نەرسە يازارسىز!
بەت: [1]
: ئانا تىل ئۆگىنىشتىن ياردەم