yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 13:19:52

‹‹ئۇبۇنتۇ››نى ئىشلىتەمدۇق ‹‹كۆزنەك8 ››نىمۇ؟[كۆچۈرۈلمە]




مانا ئۇيغۇرچە تىل (تىل رايۇنى بار ) قوشۇلغان سىستېما 2 بولدى. ئالدىمىزدا بىر مەيدان مەشغۇلات سېستىمىسى ئىنقىلابى كۈتۈپ تۇرىدۇ. تاللاش ئۆزىمىزدە، بىرى ھەقلىق، بىرى ھەقسىز.

1 - ئۇبۇنتۇ (ubuntu linux ) نىڭ 12 نەشرىنىڭ سىناق نۇسخىسى تارقىتىلدى.   

بۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز دىتال بولۇپ بۇنىڭدىكى libre office  ھەم ھەقسىز ھەم پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە. بۇنى غەيرەت توختى كەنجى، ساھران قاتارلىق يىگىتلىرىمىز خالىس ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بولۇپ تەرجىمە جەريانىدا، نۇرغۇن قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەتلەر يېڭىلىپ، كۆپ ئەجىرلەر سىڭدۈرۈلۈپ، يۇقۇرقىدەك خوشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سىستېمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يەنىلا بەزى نۇقسان-سەۋەنلىكلەردىن خالىي ئەمەس. ئۇبۇنتۇ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى بۇ سىستېمىنى تەرجىمە قىلىش، سىناش جەريانىدا ھەر ۋاقىت كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى، قوللىشىغا مۇھتاج. ئۆزىمىزنىڭ سىستېمىسى، تىل-يېزىقى، ئۆز قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن، پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزلا ياردەم قىلالايمىز. قېنى، بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشقا سىز قانچىلىك ياردەم قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟




2- كۆزنەك8 (windows8 ) بولۇپ بۇ بىز نەچچە ۋاقنىڭزى كۆنگەن سىستېما ئەمما ھەقلىق.

بۇنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى  uighursoft شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەخەت ئەپەندىم ئىشلىگەن بولۇپ رەسمىي نۇسخىسى تارقىتىلىشقا ئاز قالدى.

باھاسى ھەققىدىكى پەرەز

Windows 7 Starter(دەسلەپكى نەشرى) جوڭگۇدا سېتىلمايدۇ

Windows 7 Home Basic (ئائىلە نەشرى) باھاسى 399元

Windows 7 Home Premium (ئائىلە ئالىي نۇسخىسى ) 699元

Windows 7 Professional(كەسپىي نۇسخىسى ) 1380元

Windows 7 Enterprise (كارخانا نۇسخىسى ) توپ سېتىلىدۇ

Windows 7 Ultimate (بايراقدار نۇسخىسى ) 2460元







3- يەنە  mac دېگەندەك باشقا سىستېمىلارمۇ بار.




ئەمدى تاللاش ئىختىيارى بىزدە. سىز قانداق ئويلاۋاتىسىز؟ بىلەت تاشلاپ بېقىڭ، كۆڭلىڭىزدىكىنى دەپ بېقىڭ.

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 14:05:45

ئاۋۇ باھالار windows7نىڭ باھاسىمۇ ياكى windows8نىڭ باھاسىمۇ.

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 14:16:19

بىلەت تاشلاش ھوقوقۇم يوقكەنغۇ ...  \"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 14:20:52

باھاسى ھەققىدە دېگەن خاتا بولۇپ قاپتۇ.  7نىڭ باھاسىنى پەرەز قىلمىساقمۇ ئېنىققۇ  ؟

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 14:21:44

قانداق ئادەمنىڭ ھوقۇقى بار ؟   مەنمۇ تاشلىيالمىدىم   \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 14:27:09

بېلەت تاشلاش ھوقوقۇم يوقكەنتۇق، شۇڭا ئىنكاسمۇ يازمىدىم.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 14:35:47

مەن نامرات بولغاچقا، ھەقسىزنى، يەنى ئوبونتونى ئىشلىتىشىم مۇمكىن.

لېكىن، ھوقۇقۇم يەتمىگەچكە بېلەت تاشلىيالمىدىم. قارىغاندا، باشقۇرغۇچىلارلا بېلەت تاشلىيالايدىغان ئوخشىمامدۇ؟

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 14:40:41

بىلەت تاشلاش ھوقوقى يوق دەيدا

دىمىكراتىيە بامۇ يا باللا

küchlük يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 14:42:45

Ubuntu نىڭ نەشىرى ھەر قىتىم يېڭىلانغاندا قاچىلاپ باقىمەن(مەن ھازىرغىچە ئۇچراتقان قاچىلاش ئەڭ ئاسان مەشغۇلات سىستېمىسى). ئىككى ئۆتە-ئۆتمەي كومپىيۇتېردىن ئۆچۈرىمەن، سەۋەبى خاتىرە كومپىيۇتىرىمنى بەكلا قىزىتۋىتىدۇ(Asus,HP قاتارلىق خاتىرە كومپىيۇتېرلارغا قاچىلاپ باققان).

Ubuntu توختىماي نەشىر يېڭىلاشنى ئاستىلىتىپ كومپىيۇتىرلارنىڭ قوزغاتقۇچ پروگراممىسىغا كۈچىسە بولاتتى.



ھازىرغا قەدەر مەشغۇلات سىستېمىسى ساھەسىدە Microsoft كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقنى ھىچكىم تىخى كۆرسەتمىدى، بۇنداق دىيىشىمنىڭ سەۋەبى:

دۇنيادىكى بارلىق قاتتىق دېتاللارنىڭ Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى قوزغاتقۇچ پروگراممىسى بار، كومپىيۇتېردا ئاۋاز تونۇمايدىغان، ئىكران ئېنىقلىقى ماسلاشمايدىغان، قىزىپ كىتىدىغان ئىش يوق.

يۇمشاق دېتال بايلىقى زىيادە مول. ھەرخىل ساھەدىكى ھەرخىل يۇمشاق دېتاللارنىڭ Windows نۇسخىسى ئاساسەن بار، بولۇپمۇ ھەرقانداق ئويۇننىڭ Windows نۇسخىسى بار.



Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى ئويۇن ئوينىمايدىغانلار، كەسپىي ئىش قىلمايدىغانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ(پروگرامما ئاچقۇچىلار ئۈچۈن ياخشى تاللاش)

küchlük يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 14:52:06

توردا چەتئەللىكلەرنىڭ iPad كە Windows 8 نى قاچىلىغىنىنى كۆردۈم، Windows 8 دۇنيادىكى ھەرقانداق قاتتىق دېتالنى قوللايدىغان(بولۇپمۇ ھەرقانداق CPU) قوللايدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.

zeroandone يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 15:21:31

ubuntu linux بۇيىل تونۇشتۇم...كۆزنەك 8 بىلەنمۇ بۇيىل يۈز كۆرۈشتۈم...مەك نىمۇ ھازىر ئىشلىتىۋاتىمەن...ubuntu linux نىڭ ئارتۇقچىلىقى بەك كۆرۈنەرلىك...

بۇ ئۈچ سېستىمىنىڭ ئارتۇقچىلىللىرى ۋە كەمچىللىكلىرى بىر-بىرىدە تەڭلا مەۋجۇت.

مەن يىڭىلىققا ئىنتىلىپ تۇرىمەن...شۇڭا ئۈچىلىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىمەن.

ھەراس يىلنىڭ ئاخىرىدا گوگىلنىڭ خىروم سېستىمىسىمۇ چىقىدىغۇ؟؟؟؟!!

ئەسكەرتىش:مېنىڭمۇ بىلەت تاشلاش ھوقوقۇم يوقكەن. \"\"  \"\"

eltikin يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 15:34:35

مەن ئۇزۇن بولدى ئوبۇنتۇنى ئىشلىتىپ كىلۋاتقىلى يەنە كەلگۈسىدىمۇ شۇنى ئىشلىتىمەن.بۇ مېنىڭ مەڭگۈلۈك تاللىشىم بۇلۇشى مومكىن ،ئوبۇنتۇنى ئىشلىتىپ سەل كۈنگەندىن كېيىن ئوبۇنتۇنى ئىشلىتىشنىڭ ۋىندوستىن نەچچە ھەسسە ئاسان ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.ئوبۇنتۇدىكى دېتال ۋە ئۇيۇنلارغا كەلسەك ئوبۇنتۇدىمۇ ۋىندوستىكدەك نۇرغۇنلىغان دېتال ۋە ئۇيۇنلار بار .پەقەت سىزنىڭ شۇ دېتال ۋە ئۇيۇنلارنى تېىپىپ قاچىلاپ ئىشلىتەلمىگەنلىكىڭز سەۋەبىدىن بۇ ئوبۇنتۇ سېستىمسىدىكى بىر كەمچىللك سانالغان بۇلۇشى مومكىن.ئوبۇنتۇنىڭ 12.04 نۇسىخىسى يەنە 10 كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىندۇ.

ئوبۇنتۇغا ئائىت ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاغا قىزىقسىڭز قېىنى بۇ يەرلەرگە مەرھەممەت قىلىڭ.



قۇتبەگ بىلوگى (مەخسۇس لىنۇكىس سېستىملىرى ۋە ئوبۇنتۇغا ئائىت ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار ۋە دېتاللار تۇنۇشتۇرلىدىغان بىلوگ).

http://www.qutbeg.com/   


http://www.qutbeg.com/







ئۇيغۇر ئوبۇنتۇ بىلوگى(مەخسۇس ئوبۇنتۇغا ئائىت مەزمۇنلار تۇنۇشتۇرلىدۇ.)




http://ugubuntu.com/


http://ugubuntu.com/

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 15:54:28

ئۇبۇنتۇ لىنۇكىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋىروس يوق،بىخەتەر. خەت ئۇرۇش،كىنو كۆرۈش، ئېلخەت ئالاقىسى قىلىشلار ئۈچۈن ياخشى تاللاش. لازىملىق دىتالنى تېپىۋالسا خىزمەت ئۈچۈن ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن رەسىم، فىلىم بىر تەرەپ قىلىش دىگەندەك.



ياش باللارنىڭ بىر مەشغۇلات سىستېمىسنى تۇتۇپ ئىزدىنىشى ئالقىشلاشقا تىگىشلىك ئىش، چوقۇم بىر نەتىجە چىقىدۇ.

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 16:26:45

مەن كۆزنەك 7 ئىشلىتىمەن. كومپىيۇتېردا قىلىدىغان ئىشىم ئاساسەن توردىن ماتىرىيال كۆرۈش، ئىشخانا 2010 دا يېزىق بىرتەرەپ قىلىش، جەدىۋەل ئىشلەش دېگەندەك. ئويۇن ئويناپ كەتمەيمەن. بىر ئاغىنەم linux ئىشلىتىدۇ، لىكىن توربەتلەردىكى بەزى نەرسىلەر نورمال كۆرۈنمەيدۇ، قويغۇچ پات-پات نورمال ئىشلىمەي قويىدۇ. شۇڭا بۇ سېستىمىنى تازا مۇقىم ئەمەستەك ھېس قىلىۋىدىم...

uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 16:33:36

يې  باللا ھەي   ماڭا شۇنچىلىك ھوقۇق بوسىمۇ بېرىڭلارا     مەنمۇ تاشلاپ باقاي بېلەت دىگەننى   \"\"

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 16:53:42

قارىغاندا ھېچكىم بېلەت تاشلىيالمىغان ئوخشىمامدۇ ؟!

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 17:32:43

مەن MS-DOS تىن باشلاپ مىكروسوفىتنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. windows 3.1 دىن باشلاپ ھەر قايسى تارىخى باسقۇچلاردىكى تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولۇپ كەلدىم. windows XP نىڭ ھەقىقى نۇسخسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن. ئەمدى ۋىندوۋىس 8 نىڭ ھەممە يېرىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ بەرسە ئىشلەتمەسلىككە باھانەم يوق.

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 17:34:51

15- قەۋەتتىكى tayirtنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قارىغاندا ھېچكىم بېلەت تاشلىيالمىغان ئوخشىمامدۇ ؟!

شۇنداقكەن. بەت سىستېمىسىنىڭ ئىشى ئوخشايدۇ.



مەن ئۇبۇنتۇنى تاللىدىم.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 18:17:52

مەن نىمىشقا بىلەت تاشلىيالمايمەن؟

telqin يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 18:31:30

5- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بېلەت تاشلاش ھوقوقۇم يوقكەنتۇق، شۇڭا ئىنكاسمۇ يازمىدىم.


بەت: [1] 2
: ‹‹ئۇبۇنتۇ››نى ئىشلىتەمدۇق ‹‹كۆزنەك8 ››نىمۇ؟[كۆچۈرۈلمە]