«بىر سوم پىلانى»غا مۇشۇنداق بېلەت تاشلىدۇق(ئەسلىمە)
بېلەت تاشلاش ئاللىبۇرۇن ئاخىرلاشتى، بىز بىرلىك ۋە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كۈچىدە قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشتۇق. ئاخىرقى نەتىجىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز شۇنداق بىر نۇقىتىنى ئىسپاتلىدۇق:
قېرىنداشلارچە مېھىر-مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بىرلىك، ھەمكارلىقلا بولىدىكەن، توختىماي تىرىشىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىكەنمىز.
تۆۋەندىكى ئەسلى تېما "بىر سوم پىلانى"نىڭ قۇرغۇچىسى، سۆيۈملۈك دوستىمىز wapadarim912 نىڭ تەلىپى بويىچە، ئەسلىمە بولۇش ئۈچۈن ئۆچۈرۈلمىدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىزدىنىش مۇنبىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا:
(ئىزدىنىشنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، رەڭلىك خەتلىك قسىملىرىنى بولسىمۇ ئوقۇپ قويۇڭلار)
نۆۋەتتە، "شىنجاڭ 4-ماي ياشلار مېدالى مۇكاپاتى"نىڭ توردا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ پائالىيەتكە ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان "بىر سوم پىلانى"نىڭ قۇرغۇچىسى ئەيساجان نىزامىدىنمۇ تاللانغان بولۇپ، ھازىرقى بېلەت سانى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئەيساجان(تور ئىسمى wapadarim912) يىللاردىن بېرى "بىر سوم پىلانى"نى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قانات يايدۇرۇپ، نەچچە مىڭلىغان ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاشۇ ئازغىنە "بىر سوم"لىرىنى يىغىپ، بوينى قىسىلغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىنى سۇندى. "بىر سوم پىلانى"نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلار قاتارىدا ئىچكىرىدە جاپاغا چىداپ ئوقۇۋاتقان پەخىرلىك ئوقۇغۇچىلىرىمىز، ھەريەرلەردە كېسەل ئازابىدا ئىڭراۋاتقان قولى قىسقا قېرىنداشلىرىمىز، رايونىمىز تەۋەسىدە ئوقۇشسىز قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، قىينىلىۋاتقان ئىنى-سىڭىللىرىمىز...بار!
ئەيساجان 1-لىكنى ئېلىشى كېرەك. ئۇ دەيدۇ: ئەگەر 1-لىكنى ئالالىسام، "بىر سوم پىلانى"نى قانۇنلاشتۇرۇشتىن ئۈمىد تۇغۇلاتتى. بۇنداق بولغاندا، تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە موھتاج قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنالايتتۇق...
بۇ بېلەت تاشلاش ئادرېسى:
http://chengxu.iyaxin.com/newx2/vote/poll.php?id=3
(ئەڭ ئوڭ قۇردىكى 2-ئورۇندىكى بۇرۇتلۇق يىگىت شۇ، 艾沙江·尼扎木丁 )
-----------------------------------------
ئۆزگىرىش:
بىرى چىدىماسلىق قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلىنىشتىن بېلەت تاشلىغىلى بولماس قىلىۋەتكەندەك قىلىدۇ. ھازىر شىنلاڭ ۋە تېڭشۇن تورىدىكى بېلەت سانىمىز بەكلا ئاز. شىنلاڭدا 151، تېڭشۇندە 379. ئاخىرقى نەتىجە مۇشۇ ئۈچ يەردىكى بېلەتنىڭ يىغىندىسى بولىدۇ. ھازىر 7605 بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرمىگىمۇ تەس! شۇڭا، يەنە بىر غەيرەت قىلايلى، ئەمدى بۇ يەردىن تاشلايلى:
شىنلاڭ مىكرو بلوگى: http://vote.weibo.com/vid=1623498
تېڭشۈن مىكرو بلوگى:(كيۇكيۇرى(چ چ)بار بولسىلا تاشلىغىلى بولىدۇ):
http://vote.t.qq.com/vote/vote.php?id=1050459398&u=GQTxjwwezzqwyh&type=1&tpl=index
(8-ئورۇندىكىسى شۇ ھە)
-----------------------------------
دوستلار، "بىر سوم پىلانى" ئەيساجاننىڭ يالغۇز ئىشى ئەمەس، ھەممىمىزنىڭ بۇ پىلاندا ھەققىمىز ھەم مەجبۇرىيتىمىز بار. بەلكىم سىز تاشلىغان بىر تال بېلەت كەلگۈسىدىكى بىر سەبىينىڭ قولىدىكى بىر تال قەلەم، بىر پارچە كىتاب؛ يوقسۇزلۇقتىن كېسەل كارىۋاتىدا ئىڭراۋاتقان بىر قېرىندىشمىزنىڭ بىر قۇتا ئاسما ئوكۇلى؛ يەنە شۇ نامراتلىقتىن ئىچكىرىدە ياكى شىنجاڭدا قىينىلىپ ئوقۇۋاتقان پەخىرلىك ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بىر ۋاقلىق تامىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
بىز نۇرغۇن كىشىلەرگە بېلەت تاشلىدۇق، لېكىن بۇ قېتىملىق بېلەتنى چوقۇم تاشلىمىساق بولمايدۇ، تاشلىغاندىمۇ كۆپلەپ تاشلىمىساق بولمايدۇ. ھەر ئىككى سائەتتە تەكرار بېلەت تاشلىغىلى بولىدىكەن. دوستلىرىمىزغا، كيۇكيۇ توپلىرى، ئاۋام تورى(人人网) ۋە مىكرو بلوگلىرىمىزغا ئۈستىدىكى ئۇلىنىشنى تەۋسىيە قىلايلى.
دىققەت، بېلەت تاشلاش ۋاقتى 16-چېسلا كەچ سائەت 12دە ئاخىرلىشىدۇ. بىزنىڭ 10سائەتلا ۋاقتىمىز قالدى. قېنى، دوستلار، "بىر سوم پىلانى" ھەممىزنىڭ قوللىشىغا موھتاج!
(مۇمكىن بولسا، دوستلارنىڭ بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممەيلەنگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!)
---------
باشقۇرغۇچىلارغا: بېلەت تۈزۈك ئاينىمايۋاتىدۇ، شۇ سەۋەب مۇشۇنداق ماۋزۇ قويۇپ يوللاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئېغىر كۆرمەي تەستىقلاپ قويۇڭلار، كەچتە ئۆزۈم ئۆچۈرىمەن، رەھمەت!
23- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
21- قەۋەتتىكى alshahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
19- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
داۋاملىق ھۇررا
ئاز دىگەندە 100-200 پەرىق قويماي تۇرۇپ ئارام ئېلىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايۋاتىدۇ مىنىڭ
بىلەت نەتىجىسى ئىككەيلەنگە ئىككى خىل كۆرىنىۋاتامدۇ نېمە ؟![]()
5700
قارشى تەرەپ 5673
ئوخشىمايۋاتامدا؟
ئوخشاۋېتىپتۇ، ئىنكاسىمنى ئۈچۈرۈپ بولغىچە سىز نەقىل ئېلىپ بوپسىز ھى ھى
ئاۋۇ شۆۋېي دىگەن گۇيمۇ بىزدەك مۇنبەرلەردە تەشۋىق قىلىۋاتسا كىرەك ...
بىزمۇ بوشاشماي تىرىشىپ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەيلى ...
مابەتتىن 10مىڭنى تۇتۇپ قويمىغىنىمغا پۇشايمەن قىلدىما

33- قەۋەتتىكى Deqyanusنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان،سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، بارلىق ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بىلىم ئاشۇرۋاتقان،قىرىنداشلار: سىنىپ،سودا سارىيى،خولۇم-خوشنا،دوست-بۇرادەر،ئۇرۇق-تۇققان،تونۇش بىلىشلەرنى بىلەت تاشلاشقا سەپەرۋەر قىلايلى.
مابەتتىن 10مىڭنى تۇتۇپ قويمىغىنىمغا پۇشايمەن قىلدىما![]()
بويتاقلار كۇلۇبى قۇرۇپ قويسام بوپتىكەن مەنمۇ


ماۋۇ 80خالتا دىگەن تازەكنىڭ گىلىغا دەسسەيدىغان يەرگە يەتتىم،بلوگىغا ئۇلۇنىش قىلىپ قويماپتۇ خەپپپپپپپپپپپپ

ئەمما قارشى تەرەپمۇ ۋەھشەت ئۈسىۋاتىدۇ
بۇ قېتىم چوقۇم غەلبە قىلىمىز
باشقا يەرلەردىكى نەتىجىلەر قانداق بولىۋاتىدۇ راسىت؟ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەيساجاننىڭ[ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ]نامىلىق ساتېراسى بىلەن ئىمكاننىڭ تەشۋىقىنى يوللاپ ،شۇ بەت باشقۇرغۇچىلىرىدىن.مىسرانىمدىكى بارلىق تورداشلارنى بىلەت تاشلاش توغۇرلۇق چاقىرىق قىلىپ قويۇشنى ئۆتىنىپ [پەقەت 9 سائەت قالدى كۈچەيلى قېرىنداشلار] دەپ تىما يوللىسام جىم.ھازىر تېلىفۇن قىلىپ مۇمىكىن بولسا شۇ تېمامنى بەت يۈزىگە تەستىقلەپ قويىشىنى ئۆتۈندنم
مەن قاراپ باقاي دېدى.ئىلاھىم چىقىپ قالار.كىيكىۇ.توپلىرىغا توختىماي يوللىۋاتىمەن.ئۇكام شىنلاڭ.تىڭشۇنگە كىرىپ تاشلاۋاتىدۇ.ئىلاھىم غەلبە قىلغايمىز!!!!!!!!!1










باللا ، ئاۋۇ تىڭشۈن ، سىنا دىكى بېلەت تاشلاش ئەھۋالېغىمۇ دىققەت قېلىڭلار، تىڭشۈن دە پەرىق خېلى چوڭ ئىكەن.
42- قەۋەتتىكى ayturaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باللا ، ئاۋۇ تىڭشۈن ، سىنا دىكى بېلەت تاشلاش ئەھۋالېغىمۇ دىققەت قېلىڭلار، تىڭشۈن دە پەرىق خېلى چوڭ ئىكەن.
تىڭشۈندە قانداقكەن؟
بىز بىلەن بەسلىشىۋاتققاننىڭ نەتىجىسىنى دەپ بېرىڭە
ئاۋۇ يەنە بىرىمۇ يېتىشىلۋالايلا دەپتۇ.ئۆزۇمىنىڭ كومپىيوتىرىدا تاشلاپ بولدۇم،ئەمدى خىزمەتداشلىرىمنىڭ كومپىيوتىردا تاشلاي ھە. نەتىجىسىنى ۋاختىدا ئىلان قىلۋەتكەيلا،،،،،، مەن ھېلىلا ئىمكاننىڭ بۇ تېمىسىنىڭ بىر نەچچە مۇنبەردىكى كوپىيىسىنى كۆردۈم...

ئىجادىيەت دەۋاسى قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. {:92:} باشقا جەڭ مەيدانلىرىدىكى نەتىجە قانداق بولىۋاتىدۇ؟
