datman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 02:23:59

ياردەم. ئىسىم تىپىشىپ بەرسەڭلار

ئايالىمغا بىر ئۇيغۇر تىبابەتى بويىچە ئاياللارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان دۇكان ئىچىپ بەمەكچى بولغان شۇنىڭغا


ماس كىلىدىغان ئىسىم تاپالمايۋاتىمىز شۇڭا كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دەپ مۇشۇ مۇنبەرگىلام يوللىدىم


شۇڭا مۇشۇنىڭغا ماس كىلىدىغان ئىسىم بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار


يەنە بۇخىلدىكى دۇكاننىڭ رەسمىيىنى قانداق بىجىرمىز  قانداق ماتىرىياللار كىتىدۇ


مۇشۇ ئۇيغۇر تىبابىتى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى ئىچىپ باققان قىرىنداشلار بىر يول كۆرسەتسەڭلار


ياردىمىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۇمت قىلىمەن


wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 05:17:37

يېڭى باشلىغان ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق بولسۇن ...ئەلداۋا دەيدىغان ئىشتى ،بىراق يۈكسەلباي پاتېنىتلىق قىلىۋالدى دە ..\"\"





قېنى يەنە ئويلىشىمىزغۇ كۆپچىلىك ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 05:24:18

datmanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئايالىمغا بىر ئۇيغۇر تىبابەتى بويىچە ئاياللارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان دۇكان ئىچىپ بەمەكچى بولغان شۇنىڭغا


ماس كىلىدىغان ئىسىم تاپالمايۋاتىمىز شۇڭا كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دەپ مۇشۇ مۇنبەرگىلام يوللىدىم


شۇڭا مۇشۇنىڭغا ماس كىلىدىغان ئىسىم بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار


يەنە بۇخىلدىكى دۇكاننىڭ رەسمىيىنى قانداق بىجىرمىز  قانداق ماتىرىياللار كىتىدۇ


مۇشۇ ئۇيغۇر تىبابىتى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى ئىچىپ باققان قىرىنداشلار بىر يول كۆرسەتسەڭلار


ياردىمىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۇمت قىلىمەن




چوقۇم ياخشى ئىسىم تېپىشىپ بېرىمىز


ئۇنىڭغىچە ماۋۇ يەرگە كىرىپ ئەيساجانغا بىلەت تاشلىغاچ تۇرۇڭ


http://chengxu.iyaxin.com/newx2/vote/poll.php?id=3



يۈزى قېلىنكەن دىسەڭلەرمۇ مەيلى


بۈگۈن ھەممە تېمىغا ئېلان قىستۇرىمىز\"\"


datman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 05:41:35

نەچچە قىتىم تاشلىدىم  

بىر سوم پىلانىنى قوللىمىساق قانداق بولىدۇ

گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىيالمىساقمۇ باشقا جەھەتلەدە قوللىمىساق بولماس

arman7 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 07:39:18

(ھەكىمە) ئاياللار تىبابىتى دورىخانىسى

تىۋىبە دورىخانىسى

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 08:06:05

راسىت گەپنى قىلسام ھازىر نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق خانىم قىزلار ساقلىقنى ساقلاش كۈتۈنۈش ئورۇنلىرى كۆپىيىپ كەتتى ؟؟؟؟

ما ئاقسۇنىڭ بەزى كوچىلىرىدا ماڭدامدا بىر ئۇچرايدۇ .

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 09:09:34

قانداق ئىسم تاپسىڭىز تېپىڭ، ۋە ULY دا يېزىلىشىنى بىكىتىۋالغاندىن كىيىن شاققىدە دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش بېىتىگە كىرىپ تەكشۈرۈپ سىز ئويلىغان ئسىىمغا تىبابەت تۇرىدە ئىسىم بولمىسا گۈلدۈردە ماركىغا ئىلتىماس قىلىۋېلىك.

تور ئادرىسى:http://sbcx.saic.gov.cn/trade/SelectTdInfo/SelectTdInfo.jsp

ماركىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۈچۈن 1000 سوم ئالىدۇ، ئۆزىڭىز قىلىپ بولالمىسىڭىز ۋاكالەتچى شىركەتلەرگە ھاۋالا قىلسىڭىز 500 سوم ئەتراپىدا قۇشۇپ مۇلازىمەت ھەققى ئېلىپ ئىلتىماس قىلىپ بېرىشى مۇمكىن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 09:11:13

ئايالىڭىزنىڭ ئىسمىنى قوللانساڭلار بولىدىغۇ!

ياكى ھازىر شىنجاڭ2دە بېرىۋاتقان كىنونىڭ ئىسمىنى قويامسىز-يە!؟. «ھەكىمە چاڭجىن» قىز- چوكانلار ساغلاملىق مۇلازىمەت مەركىزى، دەپ!

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 10:26:08

ئەگەر ئايالىڭىزنىڭ مۇشۇ ھەقتە بەلگىلىك ساۋادى بولسا قىلسا بولىدۇ بولمىسا ساغلاملىق دېسە، ئاڭلىماققا ئاددىي ئىشتەك قىلغىنى بىلەن ئەمما مەسئۇلىيىتى ئېغىر ئىش، ئىسمىڭىزنىڭ دەتمەن دەپ قويۇلىشىدىن ھەم ئايالىڭىزنىڭمۇ تەڭ تىجارەتكە چۈشۈشىدىن قارىغاندا بەلكىم  ھازىرقى تۇرمۇشىڭلارنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ ئاچىدىغاندەك قىلىپ تۇرىسىز بۇ دۇكاننى. تەكلىۋىم، ئاۋال ياخشىراق ئويلۇشۇپ ئاندىن باشقا تۈرلەرنىمۇ تىجارەت دائىرىسىگە كىرگۈزگىنىڭىز ياخشىمىكىن؟ مەسىلەن، ئايالىڭىزنىڭ قولىدىن قايسى ئىش كېلىدۇ؟ ئۆزى نېمىگە قىزىقىدۇ ، دەسمىرىڭىز قانچىلىك دېگەندەك.  يەنە مەسىلەن، ئەتىگەنلىك تاماق چىقىرش، چۆچۈرىخانا ئېچىش، ئاياللار مۇلازىمەت مەركىزى ئېچىش(لايىق تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى ئېچىش، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش، قىز-ئاياللار تەربىيىسى، بەخىتلىك تۇرمۇش تەربىيىسى، ئاشپەزلىك، ساز ئۆگىنىش، رەسىم سىزىش ياكى ياشانغانلار كۇلۇبى ئېچىش ، يەسلى ...)دېگەندەك تۈرلەرنى يولغا قويۇپ باقساڭلارچۇ؟ ياكى بىر نەچچە كۈن بازار تەكشۈرۈپ كۆرۈپ سىز تۇرۇۋاتقان يەردە قانداق كەسىپنىڭ ياكى قايسى تىجارەتنىڭ بازىرى بار، نېمىگە ئېھتىياجلىق...دېگەندەك تەرەپلەرنى ئويلىشىپ كۆرۈپ باقسىڭىزچۇ؟بولسا ئىشلەپچىقىرىش ىاراكتېرىدىكى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسىڭىز ھەم پايدىسى ياخشى ھەم بازىرى بار بولۇشى مۇمكىن. سىناپ باقارسىز.

ئومۇمەن بىر ئىش قىلاي، ئىگىلىك تىكلەي دېگەن ئىش بەك ياخشى ئىش! بۇ باشقىلارنىڭ خەيرى-ساخاۋىتىنى رەت قىلىمەن، ئىككى قولۇمغا تايىنىپ ھالال ياشايمەن...دېگەننىڭ نىشانى. ئەمما يەتتە ئۆلچەپ بىر كەسمىسىڭىز ئالدىراپلا قىلغان ئىشتىن يەنە زىيان چىقمايدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. ئۆزىڭىزگە ناتۇنۇش ساھەنى بولۇپمۇ سالامەتلىككە، جانغا تاقىلىدىغان ساھەنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ، كۆزىڭىز يەتكەندىن كېيىن قىلسىڭىز ئاندىن ھەم بىخەتەر ھەم ئوڭۇشلۇق بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن. ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي.

تۆۋەندە توردىن ئىزدەپ تاپقان بىر قىسىم كىچىك تىپتىكى ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنىڭ تور ئادرېسى، مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز  ئالاقىلىشپ كۆرۈپ ئىشەنچىلىكلىكىگە ئېنىق كۆزىڭىز يەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئالاقىلىشارسىز:

http://www.chemm.cn/sample/pro198210.html (بۇ تۇخۇم تۈرمىلى ياساش ماشىنىسىكەن)

http://wazin1379.cn.coovee.net/showroom-Detail-388939.html( بۇ باھاسى 280 يۈەنلىك قولدا چۆرۈيدىغان قوناق ئېتىلدۇرۇش ماسىنىسىكەن.)

http://www.jdzj.com/cp_view.asp?id=363759  (بۇ مارۇژنا چىقىرىش ماشىنىسىكەن)

http://www.foodjx.com/offer_sale/detail/833668.html (بۇ كۆپتۈرۈلگەن قىسماق پۇشۇرۇش ماشىنىسىكەن)

http://www.nyjx-z.com/zt411840/pddetaildate/product/detail/20100426_8698394.html  ( بۇ قوناق پۇشۇرۇش ماشىنىسى1500- 1800  يۈەن ئىكەن)

http://www.kvov.com/5173/hdeity/43e7c58fb11f90a9ca2450da229963e5.html  (چۆپ كېسىش ماشىنىسى1400-2000)

http://detail.china.alibaba.com/buyer/offerdetail/949465880.html   (ئەشمە قۇيماق،‹ ماخۇار › ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسى 3800 يۈەن)

http://www.spjxcn.com/product-detail/874708.html   (ھەرخل قىسماق پۇشۇرۇش ماشىنىسى)

http://ktyzspjx.wtianx.com/pro_show.aspx?d=xxcp&id=878934  (بەرەڭگە ياپراقچىسى‹ياڭيو ياپراقچىسى› پۇشۇرۇش ماشىنىسى)

http://dyspjx.cn.coovee.net/showroom-Detail-550561.html   ( بەرەڭگە قەلەمچىسى توغراش ماشىنىسى )

http://www.shentop.com/detail.php/id/30116   (ھەرخىل بەرەڭگە پۇشۇرۇش ماشىنىسى)

http://jiaotongwang.shang1.com/offerdetail-330398.shtml   (گازىر، يەر ياڭىقى‹خاسىڭ›، ياڭاق مېغىزى، كۈنجۈت... قورۇش ماشىنىسى)

http://www.shuishan.com/cn/socks_machine_604.asp  ( ئاپتوماتىك پايپاق توقۇش ماشىنىسى)

http://china.nowec.com/supply/detail/997192.html   (پەلەي توقۇش ماشىنىسىكەن)

http://www.worldsocks.com/search/sell-offer-40448.aspx ( ئەت پايپاق توقۇش ماشىنىسى)

... بەيدۇ ياكى گوگېلىغا كىرىپ ئىزدىسىڭىز ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرمۇ بەك جىقكەن. ئەگەر تورغا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز ئۈرۈمچى نەنزىگو ياكى چاڭجىياڭ يولىدىكى (10-يول،16 يول ئاپتوبۇسلىرى بارىدۇ، ياكى تاكسى توسسىڭىزمۇ 10 يۈەنگە ئاپىرىدۇ. شۇ يەردىكى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر توپ سېتىش بازىرىغا بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە ھېسابىدا كۆرۈپ شۇلاردىن مۇناسىۋەتلىك ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى ساتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ( بىكارغا  بېرىدۇ) كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.


tiwiba19 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 11:16:08

گۈلھەكىمنىڭ تەكلىۋىنى ئويلىشىپ كۈرۈڭ . مىنىڭ تەكلىۋىم تۈۋەندىكىچە :

1.سالماقچى بولغان دەسمىينىڭ ئاز -كۆپلىكىگە قاراپ دۇكاننىڭ كۈلىمى ، بىزىلىشى مۇۋاپىق بۇلىشى كىرەك . بولسا يۇرتىڭىزدىكى مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىۋاتقانلارنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ .

2.دۇكاننىڭ ئىسمى مەلۇم بىر خىل خام دورىنىڭ ئاتىلىشى ، ياكى ئايالىڭىزنىڭ ئىسمى ، ئۈزىڭىز ياخشى كۈرۈدىغان تىبابەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىسىمدىن بىرنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ  .  مەسىلەن : سۇمبۇل خانىم _قىزلار ساغلاملىق مۇلازىمەت مەركىزى ، رەيھان ، ئەبرىشىم ، ئۈستىقۇددۇس ، چۆبىچىن . . .

يەنە مەسىلەن : مىھرىبان خانىم قىزلار ساغلاملىق مۇلازىمەت مەركىزى ، دوست خېنىم ئاياللار ساغلاملىق مەركىزى . . . ياخشىراق ئويلانسىڭىزياخشى ئىسىملارنى تاپقىلى بۇلىدۇ .

3.ئايالىڭىز بۇكەسىپنى قانچىلىك دەرىجىدە بىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىگە ئاساسەن داۋالاش سايمانلىرى ساتىدىغان دۇكانلارنى ئايلىنىشى كىرەك . بۇ يەردە  ئۈزىگە كىرەكلىك بولغان لازىمەتلىكلەرنى تاپالايدۇ .

4.دۇكانغا دورا كىرگۈزۈشتە ئىشەنچنى ئاساس قىلىش ئامال تەستىقى بار دۇرا ياسالمىللىرىنى كىرگۈزۈش لازىم . تىۋىپلار ئۈزى ياسىغان دورىلاردىن كىرگۈزىشتە ئىشەنچلىك ئورۇنلاردىن ئاز ئەمما ساز كىرگۈزۈش كىرەك . سۈپەتسىز ياسالغان دورا ياساللمىللىرىنى كىرگۈزمەسلىك ، سۈپەت ، ئىشەنچنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش كىرەك .

5.ئەگەر خوتەندىن كىرگۈزىدىغان دورا كىرەك بولسا مەن بىلەن ئاقىلاشسىڭىز بۇلىدۇ . ئاياللار كىسەللىكلىرىگە ، ۋە باشقا كىسەللىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئىشەنچلىك دورىلار بىلەن تەمىنلەيمەن . سۈپىتىدە مەسىلە كۈرۈلمەسلىككە مۇتلەق كاپالەتلىك قىلالايمەن .  مەسلەھەت سورىسىڭىز قۇلۇمدىن كىلىشىچە ياردەم بىرىمەن .

ئالاقىلاشقۇچىلار بۇ چ چ نى قاچىلىۋالسا بۇلىدۇ . 2642425213

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 12:22:30

تەشتا بەدەن ساغلاملىق سىمفۇنىيىسى ...

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 14:25:04

كۆپچىلىكنىڭ ياخشى مەسلىھەتىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن

ئەمدى ئايالىمغا كەلسەك ئايالىمغا بۇ كەسىپ بىلەن سۇغۇللىنىۋاتقىلى 10 يىلدىن ئاشتى  ئايالىم ئىشلەۋەتقان دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى بۇرۇن ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ

مۇدىر ۋىراچى ئىدى كىيىن خىزمەتنى تاشلىۋىتىپ دوختۇرخانا ئاچقان شۇ تۇنجى شاگىرتى مىنىڭ ئايالىم 13 ياش ۋاختىدىن تارتىپ مۇشۇ كەسىپنى ئۇگەنگەن

لىكىن ئايالىمغا بولغان مۇئامىلىسى ئەزەلدىن ياخشى ئەمەس دايىم دەشكەللەپلا يۇرگۇنى يۇرگەن تا ھازىرغا قەدەر  شۇنداق نەچچە قىتىم يىغلاپ كىلىپ ئىشلىمەيمەن دىگەنتى

بولدى ئۇنداق قىلماڭلار ئۆزەڭلىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيلىگەن ئۇستازىڭلا تىللىسا نىمە بوپتۇ دەپ نەچچە قىتىم بەزلەپ ئىشقا ئاپىرىپ قويدۇم لىكىن بۇ قىتىم شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۇرۇپتۇ  شۇمۇ ئادەمنىڭ ئىشىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئىشقا بىرىشىغا يول قويمۇدۇم  دوختۇرخانا باشلىقىمۇ نەچچە قىتىم كىلىپ كەچۇرۇم سورىدى لىكىن مەن قەتئى قوشۇلمۇدۇم

ئەمدى ئايالىمنىڭ سەۋىيەسىگە كەلسەك شۇ دوختۇرخانا باشلىقى نىمە ئىشنى قىلالىسا مىنىڭ ئايالىممۇ شۇ ئىشنى قىلالايدۇ كىچىك ئوپراتسىيە ئىشقىلىپ سەۋىيەسى خىلى يامان ئەمەس

لىكىن بىر ئوقۇمىغانلام يىرى با

ئەسلىدە ئىشلىمەي ئويدە ئولتۇرسۇن دىگەن لىكىن ئايالىم مىنىڭ مۇشۇ ئىقتىدارىمنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىكارچى قىلغىم يوق ئازراق بولسىمۇ باشقىلارغا پايدىسى تىگىدىغان ئىش قىلىش ئويى بارلىقىنى ئىيتى شۇڭا باشقا دۇكان ئاچالمىغاندىكىن مۇشۇخىلدىكى دۇكان ئىچىشنى ئويلاشتۇق

لىكىن تىجارەت كىنىشىكىسى دىگەندەكلارنى قانداق بىجىرىشتا گاڭگىراپلا قالدۇق  قانداق رەسمىيەت كىتىدۇ قايسى ئورۇن بىجىرىدۇ دىگەندەك

شۇڭا مۇشۇنداق دۇكان ئىچىپ باققان قىرىنداشلار بولسا مەسلىھەت كۆرسەتسەڭلا دىگەن ئۇمۇتتە

يەنە داۋاملىق ئىسىم تىپىشىپ بەرگەن بولساڭلار بىزغۇ قەلىبداشلار دىگەن ئىسىمنى ئويلاشقان لىكىن ئۇ ئىسىمنى ناھىيمىزدىكى بىر توخۇ قورىمىخانىسى (ئەسلى بىر ھاراق ئىچىدىغان پاھىشخان)

قويۇپ بوپتۇ تىخى ئىزاتاتماي ئۆزھال دىگەن ئىسىمنىمۇ بىر پاھىشخانا قويۇپ بوپتۇ شۇڭا باشقا ئىسىمنى قويۇشنى ئويلاشتۇق لىكىن تۇزۇك ماس كەلگۇدەك ئىسىم تاپالمىدۇ

شۇڭا ئىزدىنىشتا بىلىملىك كىشىلىرىمىز كۆپ شۇڭا ئۆزى مەنىلىك ياخشى يىقىشلىق ئىسىم بولسا تىپىشىپ بەرسەڭلار دىگەن ئۇمۇتتە

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 16:35:47

{:136:}

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 16:53:00

داۋالاش كەسپى بىلەن شوغۇللانسا ياكى رىتسىپلىق دورىلارنى ساتىمەن دېسە رەسىمىيەتنى بىجىرمەك خېلى تەس. ئايالىم ئوقۇمىغان دەيسىز، ھەر قانچە ئۇستا دوختۇر بولۇپ كېتىپ، دوختۇرلۇق سالاھىيە كېنىشكىسى بولمىسا داۋالاش كەسپى بىلەن شوغۇللانغىلى قويمايدۇ.

ئادەتتىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان دۇكان ئاچماقچى بولسىڭىز ئۇ ئاسانراق. ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارسىگە بېرىپ مانداق تىجارەت قىلماقچىتىم قانداق رەسمىيەت كېتىدۇ دېسىڭىز لازىملىق نەرسىلەرنى شۇلار ئۆزلىرى ئېيتىدۇ.

utkur2012 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 17:13:03

بىرزات ئەپەندىدىن مەسلىھەت سوراپ بېقىڭ.....

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 17:14:47

شۇ دەسمىينى خەجلەپ ئايالىڭىزنى ئۆيدە بېقىڭ.

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 17:15:47

ئايالىڭىز «ياپونىيەدىكى ‹ئىشسىز› ئاياللار» نى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسۇن.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 17:34:15

مىڭ جان شىپاخانىسى

تادۇ مىجەز تەڭشەش ئورنى

دەردىشىپا بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ئورنى

ساغلام ھايات داۋاخانىسى

جانلالە بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش مەركىزى

ئۇز ھايات ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى

...

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 17:43:37

ھازىر مىللىي تېبابەت ئەسەرلىرىنى رەتلەش، كۆڭۈل بۆلۈش ئىشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بولسا مۇشۇ ئاپتونۇم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى شاگىرتلارغا، ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغانلارغا قارىتا يەنە بىر مەزگىل ئىمتىھان ئېلىش ياكى سەۋىيىسىنى سىناپ كۆرۈش ياكى تېبابەت ئۇستىسىدىن يازما ئىسپات ئېلىش شەكلىدە  ماتېرىيال ئېلىپ دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلىش كېنىشكىسى بېجىرىشنى ئويلىشىپ باقسا بەك ياخشى ئىش بولاتتى. تېبابەت دېگەن ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدىغان ئالاھىدە كەسىپ بولغاندىن كېيىن ئىزچىل ئەمەلىي قوللاشقا ئېرىشىلسە بىمارلارغا قولايلىقلار يارىتىلغان، دۆلەتنىڭ داۋالىنىش بېسىمى يېنىكلىگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە سەھىيە خىزمىتىدە يەنە بىر قاتار زەنجىرسىمان ياخشىلىنىش ، تەرەققىياتلار كۆرۈلەتتى، دەپ ئويلايمەن.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 20:58:19

ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قويۇپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش يۆنىلىشىدە تەرەققى قىلسا ياخشى بولىدۇ. شەخسىي تىپتىكى داۋالاش ئىشلىرىدا ۋىۋىسكىغا شۇغۇللانغۇچىنىڭ ئۆز ئىسمىنى قوللىنىشى ھەر جەھەتتىن ياخشى.كىشىلەرنىڭ مايىللىقىمۇ شۇ.



مەدەت تىلەيمىز. ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئىشلىرى يەنىلا شۇ خانىم-قىزلىرىمىزغا ھاۋالە. بۇ ساھەدە ئىختىساسلىقلار ئاز.

تىبابەتتىن ياخشى خەۋىرى بارلار ئۆيدە ئولتۇرسا ياخشى ئەمەس. ئاياللارمۇ ئىسلامىي ئۇسۇلدا داۋالاش ئورۇنلىرىنى ئاچسا،بۇ تەبرىكلىگىدەك ئىش بولىدۇ.
بەت: [1] 2
: ياردەم. ئىسىم تىپىشىپ بەرسەڭلار