renat218 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 19:55:01

قانداق يىمەكلىكلەر يەللىك يىمەكلىك ھېساپلىنىدۇ؟

دوختۇرلاردىن ياكى چوڭلاردىن يەللىك يىمەكلىك دەپ تولا ئاڭلايمىز، قانداق يىمەكلىكلەر يەللىك يىمەكلىك دەپ ئاتىلىدۇ؟ قانداق تەسىرى بار، تىۋىپلاردىن ئاڭلاپ باققۇم بار ئىدى.


uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 20:48:31

ئاپام دائىم شۇنداق دەيدىغان . بىر چاغلاردا ئۆيدە ئۇيغۇر دورا-ئۈسۈملۈكلىرى (ئىسمى شۇنداققۇ دەيمە ، ئۇزۇن بوپتۇ كۈرۈپ باقمىغىلى)دەيدىغان كىتابنى ئانچە مۇنچە كۈرۈپ باققانمۇ بولغان.   لازا    ياڭيۇ غا ئوخشاش نەرسىلەنى  ، بەزىلەر پاختىنىڭمۇ يىلى با دەيدىكەن (گەرچە يىمىسەكمۇ ) ، مۇشۇ بەدەنگە چىقىدىغان ئۇششاق بىرنىمىلەرنىڭ تولىسى مۇشۇ ئىسسىق  سوغۇق يەللىك نەسىلەنىڭ تەسىرىدىن بولىدىغان ئوخشايدۇ .

RaZiL17 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 21:33:51

(يالپۇز ) نى ناۋاتقا سىلىپ چىلاپ ئىچسە ئۆت يالۇغىغا پايىدسى بار ئىكەن ....د .... خاتا سۆزلەپ قويمىغاندىمەن .... يىمەكلىك ھىساپلىنا مۇشۇ مۇ  \"\"

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 21:41:01

گازىر بەك يەللىك

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 21:50:33

كالا گۆشى ، تۇخۇم ، قىيمىلق تاماق ، ھوردا پۇشۇرىلغان تاماق ، پولو ، .................... كۈچلۈكتىن ئاجىزغا قاراپ تىزىلدى .



يەللىك تاماق كۈچلۈك كېلىدۇ . شۇڭا ياللۇغنىڭ ئەدەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن چەكلىنىدۇ .

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 22:33:57

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 23:00:32

مەجۇنى سارتان .   سارتان   _ راك دېگەن گەپ .

faeza1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 23:26:53

ئادەمنىڭ ئېغىزىغا يارا چىقىشمۇ يەلنىڭ سەۋەبىدىنمۇ قانداق ؟ ئايدا بىرەر قېتىم ئېغىزىمغا يارا چىقىش ئادەتكە ئايلاندى . تۈپ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم . مۇشۇ ئىنكاسىمنى ئوقۇغان دوستلارنىڭ بىلىدىغانلىرىنى يېزىپ قۇيۇشىنى ، ماڭا ياردەمدە بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بۇ قېتىم ھەتتا تىلىمغا چىقىپ ، گەپ قىلىشىممۇ قىينىلىپ قالدى .

  يەنە بىر مەسلىھەت ، قۇلاقنىڭ ئۇزۇن يوللۇق ماشىنىلارغا چىققاندا غۇڭۇلداپ كىتىشى ، ھەتتا قۇلاقنىڭ بەزىدە ئىتىلىپ قېلىشىمۇ يەلنىڭ سەۋەبىدىنمىدۇ ؟

motiwarlar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 23:51:59

7- قەۋەتتىكى faeza1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

  ئادەمنىڭ ئېغىزىغا يارا چىقىشمۇ يەلنىڭ سەۋەبىدىنمۇ قانداق ؟ ئايدا بىرەر قېتىم ئېغىزىمغا يارا چىقىش ئادەتكە ئايلاندى . تۈپ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم . مۇشۇ ئىنكاسىمنى ئوقۇغان دوستلارنىڭ بىلىدىغانلىرىنى يېزىپ قۇيۇشىنى ، ماڭا ياردەمدە بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بۇ قېتىم ھەتتا تىلىمغا چىقىپ ، گەپ قىلىشىممۇ قىينىلىپ قالدى .

  يەنە بىر مەسلىھەت ، قۇلاقنىڭ ئۇزۇن يوللۇق ماشىنىلارغا چىققاندا غۇڭۇلداپ كىتىشى ، ھەتتا قۇلاقنىڭ بەزىدە ئىتىلىپ قېلىشىمۇ يەلنىڭ سەۋەبىدىنمىدۇ ؟



سىز پەرىزات سۇلايمان ئەلدەرنىڭ \"  دوزاقتىكى ئوت قېنى \" دىگەن كىتابىنى ئوقۇپ بېقىڭ. ئاپتۇرنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بەزىسى سىزگە ئوخشاپ  قالامدۇ قانداق؟




kalmidi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 03:13:59

مەنچە ئاق تۇرۇپ بەك يەللىكمىكى دەيمەن  ،يىدىممۇ بولدى تاس قالىمەن سورۇن تاللىماي يەل قويپەگىلى.....

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 08:02:03

جوسەي ،يۇمغاقسۈت....



قوناخۇننىڭ لەڭپۇڭىنىڭ لازا ئاچچىقسۈيى ھەممىدىن يەللىك \"\".

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 09:01:52

4- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كالا گۆشى ، تۇخۇم ، قىيمىلق تاماق ، ھوردا پۇشۇرىلغان تاماق ، پولو ، .................... كۈچلۈكتىن ئاجىزغا قاراپ تىزىلدى .



يەللىك تاماق كۈچلۈك كېلىدۇ . شۇڭا ياللۇغنىڭ ئەدەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن چەكلىنىدۇ .





ھوي، ماۋۇ پولومۇ يەللىكمۇ ئەمدى، سوغاق كەلمىسۇن دەپ ھە دىسىلا گاڭپەن(مىفەن) يىمەي پولا يەيدىغان ،


ياڭيۇنى بەك يەللىك دەيدىغان، ئەمما كۈندە ياڭيۇ يەپ كىتىپ بارىمىزغۇ، زىيانلىق ئەمەستۇ ھە.............

durustori يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 10:10:21

ئوخشاش بىر خىل يىمەكلىك ئوخشىمىغان ئادەملەردە ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

بىز يەللىك دەپ قارايدىغان بىر قىسىم يىمەكلىكلەرنى بىر قىسىم مىللەتلەر ئاش نان ئورنىدا ئىستىمال قىلىپمۇ ھىچنىمە بولمايدۇ .

لىكىن سىز ئۆمۈرىڭىزدە پەقەت ئىستىمال قىلىپ باقمىغان بەزى نەرسىلەرنى بىر قىتىم ئىستىمال قىلىشىڭىز بىلەنلا بەدىنىڭىزدە ئۇنداق بۇنداق بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مۇمكىن .

مەسىلەن كىچىكىدىن باشلاپلا قىزىل مۇچ ئىستىمال قىلمايدىغان بەزى كىشىلەر بىرەر قىتىم مۇچ ئىستىمال قىلىش بىلەنلا ئۇ بۇ يەرلىرىگە غۇررەك قىزىل بىر نەرسىلەر چىقىپ كىتىدىكەن .لىكىن ئوخشاش مىقداردىكى مۇچنى داۋاملىق مۇچ ئىستىمال قىلىدىغان ئادەم ئىستىمال قىلسا ھىچنىمە بولمايدىكەن ؟!

بۇنىڭغا يەنە بىر مىسال پىنتسېللىن دۇر .ئۇ بىر دورا لىكىن ھەممە ئادەمگە ماس كىلىدىغان دورا ئەمەس .ماس كىلىدىغان ئادەمگە ئۇ بىر ‹‹دورا›› بولسا .ماس كەلمەيدىغان ئادەمگە ئۇ زەھەردەكلا تەسىر پەيدا قلىپ ھەتتا ھاياتىغا خەۋىپ ئىلىپ كىلىدۇ .

ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ((يەل)) دىگەن ئۇقۇمنى تىبابەتچىلەرمۇ ئادەم قايىل بولغۇدەك چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ .

ئەلۋەتتە بەزىدە سىزگە ياقىدىغان بەزى يىمەكلىكلەرمۇ سىز بىللە يىگەن ياكى ئىلگىرى يىگەن يىمەكلىك بىلەن پاسسىپ بىرىكىش ياكى ئۆز ئارا يەكلەش نەتىجىسىدە سىزدە بەزى بىنورمال ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن .

شۇڭا ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە ياقمايدىغان ،ماس كەلمەيدىغان ۋە بىللە ئىستىمال قىلىشقا ،ياكى ئىلگىرى كىيىن دەرھاللا ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان يىمەكلىكلەرنى بىلىۋىلىش مۇھىم.

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 10:32:19

ئىنسان 4 نەرسىنىڭ مۇجەسسىمى .بۇلار تۇپراق ،سۇ ،ئوت(كۈن)،يەل(شامال،ياكى ھاۋا) ،بۇلار 4 ئاناسۇرمۇ دىيىلىدۇ .

ئادەمنىڭ يەيدىغىنى يەنىلا مۇشۇ 4 ماددا ،چىقىرىدىغىنىمۇ يەنە شۇ 4 .

دىمەك يەل ئادەم بەدىنىنىڭ تەركىۋى قىسمى بولغانىكەن ،چوقۇم يەپ يۇرۇش كىرەك .مىۋە-چىۋىنى «يەل-يىمىش» دەپ قويىمىزغۇ شۇ .بۇ 4 ماددىنىڭ بەدەندىكى تەركىۋىنىڭ ئوخشىماسلىغى ئوخشىمىغان مىزاجنى ئاشكارا قىلىدۇ .4 ماددا مۇئەييەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىسا ئادەم ساغلام بولىدۇ ،بىرەسى ئېشىپ كەتسە تەڭپۇڭسىزلىق كىلىپ چىقىدۇ ،كىسەللىك ئاشكارىلىندۇ .

شۇڭا بەدەن يەلگە ئىھتىياجلىق بولمىسا ،ياكى يەل مىقدارى ئېشىپ كەتسە يەللىك يىمەكلىكلەرنى ئازايتىش ياكى يەلنى قوغلاپ چىقىرىش كېرەك  \"\"

Oginish يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 10:42:57

ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ((يەل)) دىگەن ئۇقۇمنى تىبابەتچىلەرمۇ ئادەم قايىل بولغۇدەك چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ .

يەل ھەققىدە ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىزدىنىش خىلى چوڭقۇرلاشقان بولسىمۇ، ئۇستازلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىدىن خەۋەردار تېۋىپلىرىمىز كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن.

يەل بىلەن ياللۇغنىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، ئارتۇق يەل بەزىدە ياللۇغسىز كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ، بەزىدە ياللۇغنى پەيدا قىلىدىغان ئامىلنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: سوغۇق يەلدىن بولغان ئاشقازان ياللۇغى. بەزىدە، ياللۇغنى كۈچەيتكۈچى ئامىل بولىدۇ. يەنە بەزىدە، ياللۇغنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: ئېغىز بوشلۇقىدىكى بەزى ياللۇغلارنى كۆپىنچە سوغۇق يەل دەيمىز؛ كۆز قىزىرىپ قىچىشىش ياللۇغقا تەۋە بولسىمۇ، تېبابەتتە ئىسسىق يەل ئېشىش دەيمىز. شۇڭا يەلنىڭ ياللۇغقا قارىغاندا كەڭرەك مەنىسى بار.  

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 21:21:55

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 09:18:41

يەل ھەققىدە

بەت: [1]
: قانداق يىمەكلىكلەر يەللىك يىمەكلىك ھېساپلىنىدۇ؟