utkur2012 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 19:23:22

ئاق قاغا[كۆچۈرۈلمە]

ئاق قاغا



قاغىلارنىڭ پادىشاھى ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ قۇدرەت-كامالىتىنى نامايان قىلىش نىيىتىدە ھەشەم-دەرەملىك <قاغىلار مەرىكىسى> ئۆتكۈزمەكچى بولۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن يۇرت-يۇرتقا:ئۆزى ساغلام،قەددى-قامىتى كېلىشكەن،ھۆسنى گۈزەل قاغىلار تاللاپ ئەۋەتىلسۇن،پايتەختتە قاغا پادىشاھىمىز كۆرەك قىلىدۇ،دەپ پەرمان تارقىتىپتۇ.


كۆرەك ئۆتكۈزۈلىۋاتقاندا،قاغا پادىشاھ كۆز ئالدىدا توپ-توپ بولۇپ تۇرغان قاپقارا قاغىلارغا قاراپ ئىچ-ئىچىدىن خوشال بوپتۇ.لېكىن،ئۇنىڭ كۆزى قاپقارا قاغىلار توپى ئىچىدىكى كىچىككىنە بىر ئاق چېكىتكە چۈشۈپتۇ-دە،ھېلىقى خۇشاللىقلىرى بىردەمدىلا يوقىلىپتۇ،چىرايلىرىمۇ دەرھال تۇتۇلۇپتۇ.


-ئاۋۇ نېمە؟-دەپ ۋارقىراپتۇ پادىشاھ ئىككى يېنىدا تۇرغان ئاكا بىر-ئەشرەپلىرىگە قاراپ،-ئاق داغ نەدىن چۈشتى؟


-ئۇ تارىم ۋادىسىدىن ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىلگەن چىرايلىق ئاق قاغا ئىكەن،-دەپتۇ ياساۋۇلى.


-جاھاندىكى قاغىنىڭ ھەممىسى قارا ئەمەسمىدى؟ئاق قاغا نەدىن پەيدا بوپتۇ؟ماڭ،سەن بېرىپ چاقىرىپ كەل،ئوبدان بىر كۆرەي.


ياساۋۇل ھېلىقى ئاق قاغىنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا چاقىرىپ كەپتۇ.قارىسا،ھەقىقەتەن تولىمۇ چىرايلىق قاغا ئىكەن.پاك-پاكىز پەيلىرى يالتىراپ تۇرىدىكەن.ئاپئاق تېنىدىكى بىر جۇپ قارا قانىتى ئۆزىگە شۇنداق ياراشقان،تۇرقىدىن قىسقا قاناتلىق دېڭىز قۇشى پىنگۋىنگە ئوخشايدىكەن.لېكىن،پىنگۋىندىنمۇ ئۇز،قارىسىڭىز شۇنداق چىرايلىق.قاغىلار پادىشاھلىقىدا مۇشۇنداق چىرايلىق نەسەبنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن پادىشاھ مەغرۇرلانسا ۋە پەخىرلەنسە بولاتتى.لېكىن،ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدىغان كېبىرلىك پادىشاھ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى راۋا كۆرمەيدىكەن.ئۇ خۇرسىنغاندەك بىر ھالەتتىن ئەس-ھوشىنى يېغىۋالغاندەك بولۇپ،ئاق قاغىغا گۆلىيىپ قاراپ ۋە:


-بۇ قانداقمۇ بىز قاغىلارغا نەسىلداش بولسۇن؟!قاتارىمىزغا كۆز بوياپ كىرىۋالغان ناجىنىس ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ تۇرسا،ئارىمىزدا قالدۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى بار!-دەپتۇ ھەسەت بىلەن زەردە قىلىپ.


چىرايلىق ياكى ئېسىل بولغانلىقى ئۈچۈن نەزەرگە سىغمايدىغان ئىشلار بىزگە زادىلا يات،غەلىتە ئەمەس.



(چېن ياڭگۇي ئىمزالىق بۇ ساتىرا ئەسلىي <خۇنەن شەھەر گېزىتى>نىڭ 2001-يىلى16-دېكابىر سانىدا ئېلان قىلىنغان؛<فېليەتۇنلاردىن تاللانما ژۇرنىلى>نىڭ 2002-يىلى3-سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىندى)



مەنبە: توختى باقى ئارتىشى تۈزگەن <ھەق سۆزلىگەن گۇناھ ئەمەس> دېگەن كىتابتىن.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 23:12:21

\"\" ياخشى ئەسەر !

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 23:25:28

لېكىن بىر سوم پىلانى بىلەن پەقەت مۇناسىۋەتسىز... \"\"

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 02:15:21

ياخشى گەپ

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 09:01:34

ئەتراپىمىزدا  مۇشۇندا  باشقىلارنىڭ   ياخشى تەرەپلىرىنى  كۆرەلمەيدىغانلار  بەك كۆپ....

sandhouse يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 15:27:52

تارىم ۋادىسى دىگەننى تەرجىمان ئۆزلەشتۈرگەنمۇ ياكى ئەسلى مەزمۇن شۇنداق بولغىيمىتتى ؟!

utkur2012 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 17:03:58

كەچۈرۈڭلار قېرىنداشلار...مەن تۆنۈگۈن بىر سوم پىلانىغا بېلەت تاشلاپ بولۇپلا،بۇ تىمىنى يېڭى تىما يوللاش كۆزنىكىگە يوللاپ ساپتىمەن.....تۈنجى تىما يوللىشىم،تاللىغان سەھىپە خاتا بولۇپ قاپتۇ،سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن....

تۆنۈگۈندىن بېرى بىر سوم پىلانىغا بېلەت تاشلاۋاتىمەن.....
بەت: [1]
: ئاق قاغا[كۆچۈرۈلمە]