(ياردەم )ئوغلۇم كېكەچلەيدىغان بولۇپ قالدى،قانداق قىلسام بولار ؟
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم،تورداشلار،ئوغلۇم ئالتە ياشقا كىرەي دىدى،قوش تىللىق باغچىدا ئوقۇيدۇ،ئىلگىرى سۆزلىرى راۋان ئىدى،يېقىندىن بۇيان تۇرۇپلا كېكەچلەيدىغان بولۇپ قالدى.بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋالمىدۇ،تۈزۈلۈپ قالارمۇ ياكى چوقۇم دوختۇرغا كۆرسەتسەم بولارمۇ؟ بۇ ھەقتە بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.سىلەردىن كۆپتىن - كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم. بۇ كىسەل قۇرقۇشتىن ، زىيادە جىددىيلىشىپ كىتىشتىن ، مىڭە مىزاجىنىڭ سۇغۇقتىن بۇزۇلىشىدىن ، كىكەچ بالىلارنى دوراشتىن كىلىپ چىقىدۇ . ۋاقتىدا چارە قىلىنسا ئۈنۈمى تىز بۇلىدۇ . ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە دۇرا تەسىرى ئاستا بۇلۇپ ، تەكرار قوزغىلىپ قېلىشى يۇقىرى بۇلىدۇ . بۇ كىسەل تەكشۈرۈشتە چىقمايدۇ . بىر قىسىم بىمارلاردا تىلنىڭ يىتىلىشى نورمال بولمىسا بۇ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ .بۇ كىسەلگە قارىتا مەسلەھەت ۋە ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى كىرەك بولسا تۈۋەندىكى چ چ نى قاچىلىۋېلىڭ .
hiyal999نىڭ تېمىسىدىن نەقىل
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم،تورداشلار،ئوغلۇم ئالتە ياشقا كىرەي دىدى،قوش تىللىق باغچىدا ئوقۇيدۇ،ئىلگىرى سۆزلىرى راۋان ئىدى،يېقىندىن بۇيان تۇرۇپلا كېكەچلەيدىغان بولۇپ قالدى.بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋالمىدۇ،تۈزۈلۈپ قالارمۇ ياكى چوقۇم دوختۇرغا كۆرسەتسەم بولارمۇ؟ بۇ ھەقتە بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.سىلەردىن كۆپتىن - كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم.
تەلىۋىڭىزگە ئاساسەن سىزگە قىسقا ئۇچۇر قىلسام يوللانمىدىغۇ ؟ چ چ 2642425213
تەپەككۇرى قايسى تىلدا بايان قىلىشنى مېڭىدىن تىلغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە تالاش- تاتىشقا چۈشكەندە ئاشۇنداق بولغان بولىشى مۈمكىن.
ھەكىمە چاڭجىنغىمۇ دەپ باقىلى... مەكتەپكە بىرىشتىن بۇرۇن نۇرمالمىدى؟ ئەگەر نۇرمال بولسا كىچىك بالىنىڭ كاللىسى ئىككى تىل ئارسىدا .....ھەي ھازىرقى باللار نىڭ دەردى پەرىزىمچە بالىدا راۋان تەپەككۇر توسالغۇغا ئۇچراپ ئاخىرى ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ، مىنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىكى بىر قىسىم دوستلىرىم كېكەچلەيتى ، ئۇلارنىڭ پىسخكىسىدا مۇستەقىللىق كەم، قورقۇنچاقلىق باشقىلارغا قارىغاندا سەل كۆپ ئىدى ، سىز مىنىڭچە بالىڭىزدىكى پىسخىك ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىڭ ئاندىن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش مۇھىتىنى، بالىڭىزنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە دائىرسىنى كۆزىتىپ بېقىڭ ،بەلكىم ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزىڭىز تېپىپ چىقالىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر ئىلگىرى نورمال بولۇپ ھازىر كېكەچلىگەن بولسا ئېنىقلا پىسخىك توسالغۇ ... ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بالىڭىزنىڭ سىنىپىدا ياكى دائىم بىللە ئوينايدىغان دوسلىرى ئىچىدە كىكەچلەيدىغان بالىلار بارمۇ ، سۈرۈشتە قىلىپ بىقىڭ ،بوپ قالسا ئامال بار ياخشىلىنىپ بولغىچە ئايرىپ تۇرۇڭ، ئۇنىڭدىن باشقا بالىڭىز خاتا ئىش قىپ قويسا بەك قورقۇتماڭ، ئۇنىڭ بىلەن دوسلارچە پاراڭ سىلىشىپ ئويناڭ، ئۆزىدىن چوڭراق تېلى راۋان بالىلارنى ئۆيىڭىزگە تەكلىپ قىلىپ بىللە ئوينايدىغان شارائىت يارتىپ بىرىڭ، تېلۋىزورنى بىرىلىپ گەپ-سۆز قىلماي كۆرىدىغان ئادىتى بولسا ئۆزگەرتىڭلار، تېلۋىزوردىكى پىرسۇناژلار توغۇرلۇق پاراڭلىشىڭلار، ئاللا خالىسا ياخشى بوپكىتىدۇ. ھازىر كىچىك بالىلار ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرنى يىيىشكە ئامراق . بۇنداق نەرسىلەرنىڭ تەبىئىتى سوغۇق كېلىدۇ . شۇڭا بالىڭىزنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا ئامىلە نۇشىدارى يىگۈزۈپ بېرىڭ . ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرنى يېيىشتىن ئامال بار توسۇڭ . بەك قۇۋەتلىكمۇ يىگۈزمەڭ . چۈنكى سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن كىكەچلىگەن بولسا قۇۋەتلىك نەرسىلەر دەماللىققا ئېغىر كېلىپ قىززىپ قېلىشى مۇمكىن . شۇڭا نورمال ئۆي تامىقى يېسۇن . بالىڭىز يىرگەنمىسە يەرلىك تۇخۇمنىڭ سېرىقىغا ( خام پېتى ) ئاق شىكەر ئارلاشتۇرۇپ نان يىگۈزۈڭ . ياڭاق مېغىزىنىمۇ مۇۋاپىق بېرىڭ . مەن دىگەندەك قىلالىسىڭىز تەخمىنەن بىر ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ . ئۈنۈمى كۆرۈلسە ئاندىن مېنى ئىزدەڭ !
ئىزاھات : تىبابەت دورىللىرىنىڭ ناچىرى كۆپ . شۇڭا ئامىلە نۇشىدارىنى مۇنتىزىم دورا دۇكىنىدىن سېتىۋېلىڭ ! مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا بىر ئاغىنەم 2قاپاق ئۇرۇۋېلىپ ئەتىسى كېكەچلەپ قوپۇپتىكەن ، 2كۈن راسا كۈلدۈرىۋەتكەن بىزنى ، 3كۈنگىچە ئوڭشالمىسا جىددىلىشىپ زورلاپ يۈرۈپ ئۇنلۈك ھالدا كىتاپ ئوقۇتقۇزغان ، ئالاھەزەل بىر ھەپتە ۋاقىتلاردا ئوڭشالغان . ئاۋال بالىڭىزدىكى روھى بېسىمنى ئامالنىڭ بارىچە يەڭگىللىتىپ كىتابنى جىقراق ئوقۇتقۇزۇپ بەرسىڭىز ئۈنۈمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن !~~! بەلكى ھەققىتەن سوغىۇقى ئېشىپ كەتكەن بۇلۇشى مۇمكىن...ئادەتتە مەنمۇ سوغۇق ئىچىملىكنى بەك ئىچىمەن،بەزى ۋاقىتلاردا مېنىڭ ئاغزىمغىمۇ گەپ كەلمەي سەل تۇرۇپ قالىدىغان...بەزىدە بىر كۈندە،بەزىدە2-3كۈن ياخشى بۇلۇپ قالاتتىم....سوغۇق ئىچىملىك تۈپەيلى دوختۇرخانىغا بىر كىرىپ چىققاندىن ياقى،ھازىرغۇ يېقىن يوللىمايمەن..... ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم:
مېنىڭچە بالىڭىزنىڭ ئۆزى قورقىدىغان بىر ئىشى بوپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، ( مەسىلەن:بىر سىنىپتا بىر مۇنچە بالىلار بىللە ئوقۇيدۇ،مۇئەللىملەر بەزىدە بالىلارنى بىردىن-بىردىن تۇرغۇزۇپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇتىدۇ،شۇ كىتابنى بالىڭىز ئوقۇش جەريانىدا خاتا ياكى سەل دۇدۇقلاپ قالغان بولسا،سىنىپتىكى قالغان ئاڭلىغۇچى ئوقۇغۇچىلار كۈلۈپ مازەك قىلىشى مۇمكىن،شۇنىڭ بىلەن بالىڭىزنىڭ كاللىسىغا شۇ ئىش تەسىر قىلىپ قالغان بولسا ،شۇ كىتاپ ئوقۇشتىن قورقۇپ سەل دۇدۇقلايدىغان بوپ قالىدۇ، بۇنداق دىيىشىمنىڭمۇ ئاساسى بار، مىنىڭ بىر ساۋاقدىشىم كىچىك ۋاقتىدا شۇنداق بوپ تىكەن ،باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە شۇنداق قوقۇش بېسىپ ئۇنى ، مۇئەللىم مېنى كىتاپ ئوقۇ دەپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپلام ئولتۇرىدىكەنتۇق،بەزىدە مۇئەللىم ئوقۇغىن دەپ تۇرغۇزسا ، ئۇ ئوقىماستىن جىمجىت تۇرىۋالىدىكەنتۇق،بارا-بارا شۇنداق بولىۋېرىپ ،ئۇ ساۋاقدىشىممۇ كېكەشلەيدىغان بوپ قاپتىكەن،كېيىن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە مەن بىلەن بىر كەسىپتە ئوقۇدى،مۇئەللىم بىر نەرسىنى ئوقىپ بەرگىن دەپ تۇرغۇسسا،پارقىراپ قاراپلام تۇرىدۇ؟مەن نىمە بولدىكىن بۇنۇڭغا دىسەم،دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ماڭا يۇقارقىدەك ئەھۋالىنى دەپ بەرگەن ئىدى،شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا گېزىتنى ،ئىشقەلىپ مەيلى ئۇيغۇرچە بولسۇن ياكى خەنچە بولسۇن ئوقۇيدىغان نەرسىلەرنى كۆپ ئوقۇپ بېرىشىنى تاپىلىدىم،شۇنداقلا ياتاقتىكى شۇ ھەممەيلەن ئۇنىڭغا مەدەتلەرنى بېرىپ يۈرۈپ ،راۋان سۆزلەيدىغان قىلىپ پۈتتۈرۋەتكەنتۇق مەكتەپنى.)،ئىشقىلىپ ھەرخىل ئەھۋاللار بولۇشى مۇمكىن، بالىڭىزغا ئوقۇيدىغان نەرسىلەرنى كۆپ ئوقۇتۇپ بېرىڭ،ساقىيىپ كېتىدىكەن،ئۇ ھۇدۇققۇدەكمۇ ئىش ئەمەسكەن،بالىڭىز چوقۇم يەنە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ كېلەلەيدۇ. بىرەسى دۈمبىسىگە بەكىراق ئۇرۇپ سالدىمۇ نىمە؟ قوش تىلنىڭ ئىككىلىسىنى كىكەچلەپ سۆزلەمدۇ ياكى ئانا تىلىنىلا شۇنداقمۇ ؟
بالىڭىزنىڭ پىسخىكىسىنى تەكسۈرۈڭ ،،،،،،،! بالىڭىز قورقۇپ كىتىپتۇ. ئۇنىڭغا ئىشەنچ ئاتا قىلىڭ قانداق دىگەن دادا بۇ ..... دۇختۇرخانىغا ئاپارسام بۇلارمۇ دەپ ، ئېغىرلاپتۇ كېسەل ...... دۇختۇرخانىغا ئاپارماي داخانغا ئۇقۇتۇپ باقاي دىگەنمۇ يا .... بايقىغان زاماتلا ئاپېرىدىغان ئىش ئەسلى ...نىمانچە سەل قاراش بۇ .... مۇنبەردە ۋاقتىڭىزنى ئىسىراپ قىلىپ يۈمەي چوڭىراق دۇختۇرخانىغا بېرىڭ مىڭ .............. قاندا دىگەن ئاداش بۇ ... _______________hiyal999 بۇ ئىنكاسنى چوقۇم ئوقۇڭ_____
hiyal999 سالام سىزگە :
مەن مۇ بىر كېكەچ ، ھازىر يامان ئەمەس ئازراق تۈزۈلۈپ قالدىم، مەنمۇ ئىسىمغا كەلسەم شۈنداقكەنمەن ، شۇ ۋاختا مەندە ئەتراپىمدىكى مۇھىتتىن تەشۋىشلىنىدىغان ،ئادەم جىق يەردىن قورقىدىغان ،ئۆزەمگە ئىشەنچىم يوقالغان ،ئۆزەمنى ھېش كىم كۆزگە ئىلمايدۇ دەپ ئويلايدىغان،قورقۇنچاق ، يۇرەكسىز ئىدىم ،ھازىر چوڭ بۇلۇپ ئىگەللىشىمچە بىر ئۈگەي ئاچام بۇلىدىغان مىنىڭ شۇ كىچىك ۋاختىمدا بەكلا ئۇرىدىكەنمىش ،ئاتا ئانام ئىشقا كەتسە شۇنىڭ قۇلىدا ھەر تېپىكلەرنى يەپ ئۆتۇپتىكەنمەن (3 ياش 4 ياش )ۋاخلىرىم .شۇنىڭ سەۋەبى بۇلىشى مۇمكىن .كىيىن مەن تىبابەتكە كورۇندۇم ، ‹ئېقىل قار› دەيدىغان شۇمەيدىغان دورا بەرگەن . تۇزەك پايدىسىنى كورمىدىم .كىيىن ئىزدىنىپ يۇرىپ ئاخرى تۇزۇلشكە باشلىدى . مەن ئۇزەمگە ئىشىنىشتىن باشلىدىم ، پەقەت قورقمىغاندا ، ھۇدۇقمىغاندا ، ئۆزىگە ئىشەنگەندە بۇ خىل كېكەشلاش تۇۋەن باسقۇچقا چۈشىدۇ،ئاندىن نەپەسنى ئەركىنلەشتۇرگەندە تەس دىيىلىدىغان ھەرپلارنى نورمال چىقارغىلى بۇلىدۇ ، پەقەت بولمىغاندا تەس چىقىرىدىغان ھەرپنى ئاۋال سەل ئاھاڭغا سېلىپ باشلىسا بارا بار ئوڭشىلىدۇ.ئانچە مۇنچە قول ھەركىتىنى پۇت ھەركىتىنى كىرۇشتۇرۇش ئارقىلىق ھەرپ چىقارسىمۇ بۇلىدۇ. سىز بالىڭزغا بېسم پەيدا قىلماڭ ،بېسمدىن ئاجرىشى كىرەك ،ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا ، قورقماسلىققا كوندۇرۇڭ ..نەپەسنى ئەركىن ئالسۇن .....سىزگە يەنە بىر تەۋسىيەرىم ‹国王的演讲› دىگەن فىلىمنى كورۇپ چىقىڭ .چوقۇم كورۇڭ . ئاخرىدا شۇ سەبىنىڭ بۇرۇنراق ساقىيىشىپ كىتىشىنى ئۇمىت قىلىمەن. تېما يازغۇچى
سىز ئەگەر مەسئۇلىيەتچ تېما يازغۇچى
سىز ئەگەر مەسئۇلىيەتچان گەپ قىلغان بولسىڭىز ماڭا تېل قىلىڭ. مەن تىلشۇناسلىقتا ئوقۇغان. يارىدەم قىلىشنى خالايمەن. سىزنىڭ ئۇ گېپىڭىزگە قاراپ مەسلەھەت بەرگىلى بولمايدۇ. ئامېرىكىدا تىلشۇناسلىق مۇشۇنىمۇ ئۆگىتىدۇ، مەن بىلىمەن سەۋەبىنى. پەقەت ئالامەتلىرىنى قايىل قىلارلىق يازماپسىز. يەسلىدە دەۋاتىدۇ جامائەت مەكتەپتە دىمىدى...
ئايالىمنىڭ خەنزۇ خىزمەتدىشى بالىسىنى ئۆلىما-ئالىم قىلغۇسى كىلىپ كونا شېئىرلارنى جىق يادلىتىۋېتىپتىكەن، بالا بەش ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن كىكەچلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئۇ خوتۇن بەك پۇشايماندىمىش.
17- قەۋەتتىكى matuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەسلىدە دەۋاتىدۇ جامائەت مەكتەپتە دىمىدى...
ئايالىمنىڭ خەنزۇ خىزمەتدىشى بالىسىنى ئۆلىما-ئالىم قىلغۇسى كىلىپ كونا شېئىرلارنى جىق يادلىتىۋېتىپتىكەن، بالا بەش ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن كىكەچلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئۇ خوتۇن بەك پۇشايماندىمىش.
تازا مەتۇ خەنسۇكەن

بەت:
[1]
2