shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-4-14 18:51:52

ئاتالغۇ بىلەن ئادەتتىكى سۆزنىڭ پەرقى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەر ئىشتىراكچىلىرى!


  بۇ مۇنبەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سەركىلىرى يىغىلغان ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنى. مۇنبەرداشلار ئانا تىلىمىزنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى، توپلىغانلىرى ئاساسىدا نۇرغۇن ئېسىل يازمىلارنى قالدۇرۇۋاتىدۇ. مەيلى قايسى مەزمۇندا بولسۇن، مەيلى قايسى شەكىلدە بولسۇن تېما ۋە ئىنكاسلار ئارقىلىق تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلاۋاتىدۇ، روھىمىزنى ئويغىتىۋاتىدۇ. چوڭقۇر پىكىرلىك يازمىلىرى ئارقىلىق بىزگە نۇرغۇن نەپلەرنى، بىلىملەرنى، قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان پىشقەدەم قېرىنداشلىرىمىزنى، كۆز قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، پىكىر ئەركىنلىكىمىزگە يول ئېچىۋاتقان مۇنازىرىچىلىرىمىزنى، ماڭا ئوخشاش ھەممىگە ھەيرانلىق بىلەن باقىدىغان قۇلاق موللىلىرىنى، ھەتتا، ھەممىمىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۆتكەندىكىدەك، مۇنبەرگە تىزىملىتالماي، «دېرىزىسىدىن يازما ئوقۇۋاتقانلار»نى ئويلىسام، زور بىر ئىپتىخارىي ھاياجاندا ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىدۇ. چۈنكى، مەن مىللىتىمنىڭ ئەڭ جۇشقۇن ھالىتىنى ئىزدىنىشتىن كۆردۈم؛ مىللەتنى ھەقىقىي ئويلايدىغان، ئۆزىنىلا ئەمەس، ئۆزگىلەرنىمۇ تەربىيەلەيدىغان مەسئۇلىيەتچان قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆپلىكىنى ئىزدىنىشتىن ھېس قىلدىم؛ ھەرساھە، ھەر كەسپتە ئېسىللىقىنى نامايان قىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرنى ئىزدىنىشتىن تاپتىم. ئۇلۇغ ئاللاھ! مىللىتىمنىڭ، قېرىنداشلىرىمنىڭ بەختىگە ئىزدىنىشنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!


  بۇ مېنىڭ تۇنجى يازمام. شۇڭا، سەل ھاياجانلىنىپ قېلىۋاتىمەن.


  ئۇزۇندىن بۇيان، يازمىلارغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. كۆپىنچە كىشىلىرىمىز ئاتالغۇ بىلەن سۆزنىڭ پەرقىنى ئايرىمايلا قوللىنىۋېرىپتۇ. بۇ ھالەت نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردىمۇ ھېلىغىچە قەدەمدە بىر كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئاتالغۇچىلىق بىر مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تۇتىشىدىغان مۇھىم ساھە. مۇشۇ مۇنبەرگە ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى يوللايدىغانلار بولۇپمۇ چەتئەل تىلدىن خەۋەر ۋە يېڭىلىقلارنى تەرجىمە قىلىدىغانلار، جۈملىدىن، بىر قانچە خىل چەتئەل تىل بىلەن ئۇچرىشىدىغان قېرىنداشلار بۇ ئاتالغۇ مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈر. شۇڭا، يېڭى ئۇقۇمنى يېڭى ئاتالغۇ بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش توغرا كەلگەندە، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئاتالغۇچىلىق توغرىسىدىكى بىلىملەرگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇشقا باشلايمىز. دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمنىڭ مەرىدىن كېچىپ كومپىيۇتېردا بېسىپ چىققان تۆۋەندىكى بۇ يازمام سىلەرگە ئازدۇر-كۆپتۇر پايدا ئېلىپ كەلسە ئەجەب ئەمەس.



ئاتالغۇ بىلەن ئادەتتىكى سۆزنىڭ پەرقى


  ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئاتالغۇ تىلدىكى سۆزلۈك بايلىقنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. ئەمما، ئۇ ئادەتتىكى سۆزلۈكتىن روشەن پەرقىلىنىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى روشەن پەرقلەرنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىش مۇمكىن:


     1. ئاتالغۇ ئىلىم – پەن، ياكى يۈكسەك تېخنىكىدىكى مەلۇم بىر ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. يەنى بىز ئىمكان بار بىر ئۇقۇمنىڭ بىر پەندە بىرلا مەنىدە قوللىنىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. شۇڭا، ئادەتتە، بىر ئاتالغۇ بىرلا مەنىدە قوللىنىلىدۇ ۋە مەنىسى ئېنىق ھەم مۇقىم بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئادەتتىكى سۆزلەر ھەرقانداق شەيئىنىڭ ھەر خىل ئۇقۇمىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، بەزىدە ئادەتتىكى بىر سۆز بىر قانچە ئوخشىمىغان مەنىلەرنى ئىپادىلىشى ياكى ئوخشاش بىر مەنە ئوخشىمىغان كۆپ سۆز بىلەن ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، سۆزلىگۈچى ئادەتتىكى سۆزلەرنى ئەركىن قوللىنالايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، «ئاتالغۇ» تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ قانۇنىيىتى ھەققىدىكى ئىلىم-پەن ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان بولغاچقا، مەنىسى ئېنىق ۋە تۇراقلىق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەركىن قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئادەتتىكى سۆزلەر كۆپ مەنىلىك، ياكى مەنىداش بولىدۇ. مەسىلەن، «تاۋۇشچىلىق» («فونېتىكا») دېگەن سۆزنى ئالساق، ئۇ تىلچىلىققا تەۋە ئاتالغۇ بولۇپ، مۇشۇ پەندىكى «تىل تاۋۇشى ھەققىدىكى ئىلىم» دېگەن مەنىدە. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، «تىل تاۋۇشلىرىنى ئۆزىنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى قىلغان ئىلىم - پەن» دېگەن مەنىدىلا قوللىنىلىدۇ. «ئەركىن» دېگەن ئادەتتىكى سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ «بوش»، «ئازادە»، «قەرەلسىز»، «ھوقۇقلۇق» دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن مەنىلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، «ئۆلدى» دېگەن ئۇقۇمنى ئۇيغۇر تىلىدا قۇربان بولدى، ۋاپات بولدى، نەپەس ئۈزدى، تۈگىدى، ئۇچۇپ كەتتى، چاچراپ كەتتى، بېشىنى يېدى، ئۇ دۇنياغا كەتتى، دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا، «ئالەم كېمىسى» دېگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇنى ئالەم قېيىقى، ئالەم ئايروپىلانى، ئالەم بۆشۈكى، ئالەم كەپتىرى دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ئاتاش تىل ئادىتىگە ئۇيغۇن كەلگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئاتالغۇنى قوللىنىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس.


     2. ئاتالغۇلار ئاساسەن بىر پەندىكى بىرلا ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ، ئادەتتىكى سۆز ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇ مەلۇم بىر پەن بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. مەسىلەن، يۇقىرىدىكى مىسالنى ئالساق، ئالدىنقىسى پەقەت «تىلچىلىق» بىلەنلا چەكلىنىدۇ، كېيىنكىسى ھەرقانداق بىر پەن بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ھەممە ساھەلەردە قوللىنىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بۇ كۆپ مەنىلىرى ھەر قانداق ساھەدىكى ھەر قانداق شەيئىنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ مەلۇم بىر ئىلىم – پەن بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ.


     3. ئادەتتىكى بىر سۆز بىلەن ئاتالغۇنىڭ ئۈچىنچى بىر مۇھىم پەرقى، ئاتالغۇلاردا سۆزلىگۈچىنىڭ سۇبيېكتىپ كۆز قارىشى ئىپادىلەنمەيدۇ، ئادەتتىكى سۆزلەردە سۆزلۈك (لېكسىكىلىق) مەنىدىن باشقا، سۆزلىگۈچىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان تۈس مەنىسى بولىدۇ، ھېسسىيات مەنىسى بولىدۇ. شۇڭا، سۆزلىگۈچى ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلاردىكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئادەتتىكى سۆزلەرنى خېلى ئەركىن قوللىنىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاتالغۇلاردا سۆزلىگۈچىنىڭ ھېسسىياتى ئىپادىلەنمەيدۇ. ئاتالغۇلارنى كۆپ مەنىدە قوللىنىشقا مۇمكىن بولمايلا قالماي، ئۇنىڭغا ھېسسىيات ئارىلاشتۇرۇپ ئىپادىلەشكىمۇ بولمايدۇ. مەسىلەن، «چىرايلىق» دېگەن سۆز ئادەتتە «تەبىئىي قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، كۆپىنچە شۇنداق مەنىدە قوللىنىلسىمۇ، لېكىن ئوخشىمىغان ئوبرازلارنىڭ تىللىرىدا ئوخشىمىغان مەنىدە قوللىنىلىشى، بەزىدە «چىرايلىق ئەمەس»، «سەت»، كىشىنى «سەسكەندۈرىدىغان» دېگەنگە ئوخشاش، ئەكس مەنىلەردىمۇ قوللىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن:


  ئاپىسى:


ــ چىرايلىق قىزىم، سېنى شۇنچە سېغىندىم.


  ئوبيېكتى:


ــ بۇ دۇنيادا سەندىن چىرايلىق يەنە كىم بار؟


  سەلبىي مەنىدە:


ــ بۇ چىرايلىق نەدىنمۇ كەلدى؟


  دېمەك، ئوخشاش بىر سۆز ئوخشىمىغان ئورۇندا، ئوخشىمىغان مەنىلەرنى ئىپادىلەپ كەلگەن.


     4. ئادەتتىكى سۆزلەرنى سۆزلىگۈچى ياكى يازغۇچى ئۆزى سۆز قىلىۋاتقان شارائىت ۋە مۇھىتقا قاراپ، بەزى تۇراقسىز مەنىلەردە، بەلگىلىك كونتېكىستتا ئىپادىلىنىدىغان ئالاھىدە مەنىلەردىمۇ قوللىنىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاتالغۇلار تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ قانۇنىيىتى ھەققىدىكى ئىلىم – پەن ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان ئالاھىدە سۆزلەر بولغاچقا، مەنىسى ئېنىق، تۇراقلىق بولۇش ئاساسىي ئۆلچەم قىلىنىدۇ.


     5. بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك، ئىلىم – پەن ئاتالغۇلىرىنى كۆپ مەنىدە قوللىنىشقا، ھېسسىيات ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىشقا بولمايدۇ. بىر ئاتالغۇنى مۇقىم ۋە ئېنىق بولغان بىرلا ئۇقۇمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تۇراقلىق قوللىنىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئاتالغۇلاردا سۆزلىگۈچىنىڭ ئىجابىي، سەلبىي كۆز قاراشلىرى ياكى مەدھىيەلەش، پەس كۆرۈش، ئۆچ كۆرۈش قاتارلىق پوزىتسىيەلىرى ئىپادىلەنمەيدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاتالغۇلار «بىتەرەپ سۆز» جۈملىسىگە كىرىدۇ. ئۇنداقتا، بىتەرەپ سۆز (中立词) دېگىنىمىز نېمە؟ بىتەرەپ سۆز ئادەتتە «ئىجابىي مەنىلىك سۆز» ۋە «سەلبىي مەنىلىك سۆز»لەرگە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ. ھەرقانداق بىر تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىدە ئۆزىگە خاس لېكسىكىلىق مەنىگە ئىگە بولغان سۆزلەر بار بولىدۇ. سۆزلىگۈچى مۇنداق سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزى سۆزلىگەن شەيئىگە تۇتقان ئىجابىي ياكى سەلبىي پوزىتسىيىسىنى يەنى ھۆرمەتلەش ياكى پەس كۆرۈش، سەتلەش قاتارلىق پوزىتسىيىسىنى قوشۇپ ئىپادىلەيدۇ. ياكى بۇ خىل سۆزلەرنى مەلۇم شارائىت ئاستىدا، مەلۇم ئورۇندا ئەھۋالغا قاراپ قوللىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بەزى سۆزلەر باركى، بۇ خىل سۆزلەردە يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش تۈس خۇسۇسىيىتى بولمايدۇ. تۈس خۇسۇسىيىتى بار سۆزلەرنى شارائىت، ماكان، زامان چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق زاماندا، ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق كىشى ئۆز ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئەركىن قوللىنىلايدۇ، خالىغان تۈسنى ئىپادىلەيدۇ. ھېچقانداق ئىجابىي ۋە سەلبىي تۈس مەنىلىرىنى قوشۇپ ئىپادىلىمەيدىغان بەزى سۆزلەرنى ھەرقانداق زامان، ھەرقانداق ماكان، ھەرقانداق كىشى پەقەت ئوخشاش مەنىدىلا قوللىنىشقا بولىدۇ، سۆزلىگۈچى ئۆز ھېسسىياتىنى، تۈسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئەركىن قوللىنىشقا بولمايدۇ. مانا مۇشۇنداق «ئەركىن» قوللىنىشقا بولمايدىغان سۆزلەر «بىتەرەپ سۆزلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىلىم – پەن ئاتالغۇلىرى ۋە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەرنىڭ كۆپى بىتەرەپ سۆزلەردۇر. مەسىلەن، «تىلشۇناسلىق»، «يېزىق» دېگەن سۆزلەردە ھېچقانداق ئىجابىي، سەلبىي تۈس ئىپادىلەنمەيدۇ. (مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، مۇھەممەترېھىم سايىت «قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1992-يىلى نەشرى، 64-بەتكە قارالسۇن). ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، تەنتەربىيە تەتقىقاتىدا قوللىنىۋاتقان «مەشقاۋۇل» دېگەن سۆز «تەنتەربىيە ۋە ھەربىي مەشق ئۆگەتكۈچى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇ «تەنتەربىيە» ۋە «ھەربىي» ساھەدە قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇ بولغاچقا، ئۇ ئەر ياكى ئايال، ياخشى ياكى يامان، ئېگىز ياكى پاكار ھەرقانداق تەنتەربىيە ياكى ھەربىي مەشق ئۆگەتكۈچىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بۇ ئاتالغۇ «بىتەرەپ سۆز» كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ.


     6. ئادەتتىكى سۆزلەرنى ئومۇمىي خەلق بولۇپمۇ ئىشچى، دېھقان، ساۋاتسىز كىشىلەرمۇ كۆپ قوللىنىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاتالغۇلارنى ئىلىم-پەندە كۆپ قوللانغاچقا، زىيالىيلار، پەن-تېخنىكا ئالىملىرى كۆپرەك قوللىنىدۇ.


     7. ئادەتتىكى سۆزلەر جانلىق تىلغا يېقىن بولىدۇ، ئاتالغۇلار ئەدەبىي تىل يەنى كىتابىي تىلغا يېقىن بولىدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى سۆزلەرنى ھەممە كىشى ئوڭايلا چۈشىنىدۇ، ئاتالغۇلارنى شۇ پەننىڭ كەسپ ئىگىلىرى چۈشىنىدۇ.شۇنداق بولغاچقا، كۆپىنچە ئەسەرلەردە ئاتالغۇلارغا مەخسۇس ئىزاھ بېرىلىدۇ. ئادەتتە، مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇئەللىمنىڭ ئاتالغۇلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىندۇر.


     8. ئادەتتىكى سۆزلەردە ئانا تىلنىڭ قائىدىلىرى ئاساسىدا ياسالغان سۆزلەر كۆپ بولىدۇ. ئاتالغۇلاردا بۇنىڭ ئەكسىچە، كىرمە سۆزلەر كۆپ بولىدۇ.


     9. ئادەتتىكى سۆزلەرنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولىدۇ، ئاتالغۇلارنىڭ قىسقا بولىدۇ.



(مۇھەممەترېھىم سايىتنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2011-يىلى 8-ئايدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئاتالغۇچىلىقىغا باشلاش» ناملىق كىتابىنىڭ 134-~137-بەتلىرىدىن ئېلىندى.)


Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2012-4-14 21:04:47

بۇ ماقالە پۈتۈنلەي ئادەتتىكى سۆزلەركەن.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-4-14 22:13:21

ئادەتتە  نانلار  تونۇردا يېقىلىدۇ،يېقۇلغىغا ئەڭ  ياخشىسى ئوتۇن  بولمىسا كۆمۈر ئىشلىتىلىدۇ

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-14 23:23:42

توك، ماشىنا، ۋەلىسپىت، تېلۋىزور، سىنىپ، دوسكا، گىتتار، كومپىيۇتېر، يانفۇن قاتارلىقلار بۇرۇن ئاتالغۇ ئىدى ، ئەمدى ئادەتتىكى سۆزگە ئايلاندى

gulen يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 14:37:53

8. ئادەتتىكى سۆزلەردە ئانا تىلنىڭ قائىدىلىرى ئاساسىدا ياسالغان سۆزلەر كۆپ بولىدۇ. ئاتالغۇلاردا بۇنىڭ ئەكسىچە، كىرمە سۆزلەر كۆپ بولىدۇ.

مۇنۇ گەپنى مەترىيىم ئەپەندى سەل ئالدىراپ دېدىمۇ قانداق، شۇنداقمۇ مۇتلەق ئىش بولامدۇ، مەسىلەن خەنچىدە ئۇنداق ئەمەس. يەنە بىر گەپ كىتابنىڭ ئىسمى نېمانداق غەلىتە

كىتاب دېگەن ئاتالغۇ ئەمەس، كىتابپۇرۇشلۇق دېگەن ئاتالغۇ

ۋېلسىپىت دېگەن ئاتالغۇ ئەمەس

gulen يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 14:40:45

ھىكايىدە يازغۇچى گەپ بىلەن دېمەكچى بولغانلىرىنى سەنئەتلەشتۈرىدۇ، ماقالىدە تەتقىقاتچى ئاتالغۇ بىلەن ئويلىغانلىرىنى نەزەرىيەلەشتۈرىدۇ، ياكى ئىسپاتلايدۇ...

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 21:26:16

起跑器 دىگەن خەنزۇچە ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ بىر يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە پەللىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان پۇت تىرىكىنىڭ نامى.

3 يىلنىڭ ئالدىدا ماڭا بىر تەرجىمە قىلىدىغان نەرسە كېلىپ قالدى. ئارىسىدا 起跑器 دىگەن سۆز بار ئىكەن. مەن بۇنى مۇنداق تەرجىمە قىلدىم: «پۇتتىرەك بولسا پەللىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب بولۇپ .......»

لېكىن تەھىرىرگە يوللانغاندىن كېيىن، بۇ جۈملە مۇنداق تەھىرىرلىنىپتۇ. «پەللىدىن چىقىش ئەسۋابى بولسا پەللىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب بولۇپ .......».

بۇ تەھرىرگە قاراپ، يا كۈلۈشۈمنى يا ئاچچىقلىنىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.

بۇ يەردىكى «پۇتتىرەك» سۆزى ئاتالغۇ. «پەللىدىن چىقىش ئەسۋابى» بولسا ئادەتتىكى سۆزدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، «چوكا» دىگەن ئاتالغۇ، «تاماق يېيىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىككى تال تاياقچە» دىگىنىمىز ئادەتتىكى سۆز. مېنىڭچە بۇ تەھرىر دەل مۇشۇ ئاتالغۇ بىلەن ئادەتتىكى سۆزنى ئايرىيالمىغان گەپ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-16 22:04:20

ئانا تىلنىڭ ساپلىقى، ئىملانىڭ توغرا بولۇشى يازمىغا ھۆسۈن قوشۇدۇ. تېىخى ھازىرلا

ئىملا ! گىلەم تازىلامسىز،
گىلەمنىڭ يۇڭىنى تازىلامسىز؟
نى كۆرۈپتىم.


سىزگە تەشەككۈر!  يازمىڭىزنى ئەلا باھىلىدىم.


shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 16:39:43

1- قەۋەتتىكى Hechkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ماقالە پۈتۈنلەي ئادەتتىكى سۆزلەركەن.



  قانداق دەيسىز؟

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 17:36:53

4- قەۋەتتىكى gulenنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8. ئادەتتىكى سۆزلەردە ئانا تىلنىڭ قائىدىلىرى ئاساسىدا ياسالغان سۆزلەر كۆپ بولىدۇ. ئاتالغۇلاردا بۇنىڭ ئەكسىچە، كىرمە سۆزلەر كۆپ بولىدۇ.

مۇنۇ گەپنى مەترىيىم ئەپەندى سەل ئالدىراپ دېدىمۇ قانداق، شۇنداقمۇ مۇتلەق ئىش بولامدۇ، مەسىلەن خەنچىدە ئۇنداق ئەمەس. يەنە بىر گەپ كىتابنىڭ ئىسمى نېمانداق غەلىتە

كىتاب دېگەن ئاتالغۇ ئەمەس، كىتابپۇرۇشلۇق دېگەن ئاتالغۇ

ۋېلسىپىت دېگەن ئاتالغۇ ئەمەس

  مېنىڭچە، ئۇ گەپنى مەترېھىم ئەپەندى ئالدىراپ دەۋەتمىگەن. خەنچە ئاتالغۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىرمە ئاتالغۇ ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ كىشى 1998-يىلدىن باشلاپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاتالغۇچىلىق دەرسىنى ئېچىپ كېلىۋېتىپتۇ، دېمەك، مەلۇم نىسبەتتە ئىگىلىگەن، يەكۈنلىگەن تەجرىبە-ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان، دەپ قارايمەن.


  كىتاب ئىسمىدا ھېچقانداق غەلىتىلىك يوق. بىلمىدىم، سىزگە نېمىشقا غەلىتە ئاڭلاندىكىن؟!  «ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىققا باشلاش» ـــ بۇ ئىسىم ئاڭلىماققا سەل لوگىكىسىز ئاڭلانغان ئوخشايدۇ، بىراق، ناھايىتى نورمال، جايىدا قويۇلۇپتۇ.



  سىزنىڭ كېيىنكى كىتابپۇرۇشلۇق ئاتالغۇ،  ۋېلسىپىت، كىتاب ئاتالغۇ ئەمەس، دېگەن قارىشىڭىزغا قوشۇلىمەن.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 17:56:58

6- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

起跑器 دىگەن خەنزۇچە ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ بىر يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە پەللىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان پۇت تىرىكىنىڭ نامى.

3 يىلنىڭ ئالدىدا ماڭا بىر تەرجىمە قىلىدىغان نەرسە كېلىپ قالدى. ئارىسىدا 起跑器 دىگەن سۆز بار ئىكەن. مەن بۇنى مۇنداق تەرجىمە قىلدىم: «پۇتتىرەك بولسا پەللىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب بولۇپ .......»

لېكىن تەھىرىرگە يوللانغاندىن كېيىن، بۇ جۈملە مۇنداق تەھىرىرلىنىپتۇ. «پەللىدىن چىقىش ئەسۋابى بولسا پەللىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب بولۇپ .......».

بۇ تەھرىرگە قاراپ، يا كۈلۈشۈمنى يا ئاچچىقلىنىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.

بۇ يەردىكى «پۇتتىرەك» سۆزى ئاتالغۇ. «پەللىدىن چىقىش ئەسۋابى» بولسا ئادەتتىكى سۆزدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، «چوكا» دىگەن ئاتالغۇ، «تاماق يېيىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىككى تال تاياقچە» دىگىنىمىز ئادەتتىكى سۆز. مېنىڭچە بۇ تەھرىر دەل مۇشۇ ئاتالغۇ بىلەن ئادەتتىكى سۆزنى ئايرىيالمىغان گەپ.



    ئاتالغۇ دېگىنىمىز، ئىلىم، پەن-تېخنىكا ساھەسىدە مەخسۇس قوللىنىلىدىغان ئالاھىدە ئىسىملاردىن ئىبارەت.


   «پۇتتىرەك» دېگەن سۆزنى ئاتالغۇ دەپ ئالساقمۇ، لېكىن، «پەللىدىن چىقىش ئەسۋابى» دېگىنىمىز، ئادەتتىكى سۆز ئەمەس، بەلكى، سىز ياسىغان ئاتالغۇنىڭ ئۇقۇمىنىڭ ئىپادىلىنىشىدىنلا ئىبارەت. يەنە كېلىپ، ئۇ بىر سۆز بىرىكمىسى، ئايرىم-ئايرىم ئۈچ ئادەتتىكى سۆزدىن تۈزۈلگەن.  «چوكا» سۆزى ئاتالغۇ ئەمەس؛ «تاماق يېيىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىككى تال تاياقچە» دېگىنىمىز، ئاۋۇ «چوكا»دىن ئىبارەت بولغان ئادەتتىكى سۆزنىڭ ئۇقۇم ئىپادىلىنىشى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەتتىكى سۆزنىڭ ئادەتتىكى سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن ئېنىقلىمىسى.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 18:00:21

7- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئانا تىلنىڭ ساپلىقى، ئىملانىڭ توغرا بولۇشى يازمىغا ھۆسۈن قوشۇدۇ. تېىخى ھازىرلا

ئىملا ! گىلەم تازىلامسىز، گىلەمنىڭ يۇڭىنى تازىلامسىز؟ نى كۆرۈپتىم.


سىزگە تەشەككۈر!  يازمىڭىزنى ئەلا باھىلىدىم.




  رەھمەت سىزگە! بۇ مۇنبەردە، ئىملانى پېتىقدايدىغانلار ئاساسەن ئاز سانلىقىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ھال مېنىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 07:29:12

10- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

起跑器 دىگەن خەنزۇچە ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ بىر يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە پەللىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان پۇت تىرىكىنىڭ نامى.

3 يىلنىڭ ئالدىدا ماڭا بىر تەرجىمە قىلىدىغان نەرسە كېلىپ قالدى. ئارىسىدا 起跑器 دىگەن سۆز بار ئىكەن. مەن بۇنى مۇنداق تەرجىمە قىلدىم: «پۇتتىرەك بولسا پەللىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب بولۇپ .......»

لېكىن تەھىرىرگە يوللانغاندىن كېيىن، بۇ جۈملە مۇنداق تەھىرىرلىنىپتۇ. «پەللىدىن چىقىش ئەسۋابى بولسا پەللىدىن چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب بولۇپ .......».

بۇ تەھرىرگە قاراپ، يا كۈلۈشۈمنى يا ئاچچىقلىنىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.

بۇ يەردىكى «پۇتتىرەك» سۆزى ئاتالغۇ. «پەللىدىن چىقىش ئەسۋابى» بولسا ئادەتتىكى سۆزدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، «چوكا» دىگەن ئاتالغۇ، «تاماق يېيىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىككى تال تاياقچە» دىگىنىمىز ئادەتتىكى سۆز. مېنىڭچە بۇ تەھرىر دەل مۇشۇ ئاتالغۇ بىلەن ئادەتتىكى سۆزنى ئايرىيالمىغان گەپ.



    ئاتالغۇ دېگىنىمىز، ئىلىم، پەن-تېخنىكا ساھەسىدە مەخسۇس قوللىنىلىدىغان ئالاھىدە ئىسىملاردىن ئىبارەت.


   «پۇتتىرەك» دېگەن سۆزنى ئاتالغۇ دەپ ئالساقمۇ، لېكىن، «پەللىدىن چىقىش ئەسۋابى» دېگىنىمىز، ئادەتتىكى سۆز ئەمەس، بەلكى، سىز ياسىغان ئاتالغۇنىڭ ئۇقۇمىنىڭ ئىپادىلىنىشىدىنلا ئىبارەت. يەنە كېلىپ، ئۇ بىر سۆز بىرىكمىسى، ئايرىم-ئايرىم ئۈچ ئادەتتىكى سۆزدىن تۈزۈلگەن.  «چوكا» سۆزى ئاتالغۇ ئەمەس؛ «تاماق يېيىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىككى تال تاياقچە» دېگىنىمىز، ئاۋۇ «چوكا»دىن ئىبارەت بولغان ئادەتتىكى سۆزنىڭ ئۇقۇم ئىپادىلىنىشى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەتتىكى سۆزنىڭ ئادەتتىكى سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن ئېنىقلىمىسى.



«پەللىدىن چىقىش ئەسۋابى» بىلەن «تاماق يېيىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىككى تال تاياقچە»  دىگەنلەر ئادەتتىكى سۆز بولمىسا، سىز ئادەتتىكى سۆزدىن بىر - ئىككىنى مىسال ئېلىپ بېرەمسىز؟

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-4-18 10:31:40

12- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


«پەللىدىن چىقىش ئەسۋابى» بىلەن «تاماق يېيىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىككى تال تاياقچە»  دىگەنلەر ئادەتتىكى سۆز بولمىسا، سىز ئادەتتىكى سۆزدىن بىر - ئىككىنى مىسال ئېلىپ بېرەمسىز؟




  «پەللىدىن چىقىش ئەسۋابى» بىلەن «تاماق يېيىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىككى تال تاياقچە» دېگەنلەر سۆز ئەمەس، سۆز بىرىكمىسى.  ئادەتتىكى سۆز دېگىنىمىز، ئاتالغۇ ئەمەس بولغان ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ.  


  ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك، سىز يۇقىرىدا كۆرسىتىشىمنى تەلەپ قىلغان ئادەتتىكى سۆزلەر: پەللە، ئەسۋاب، چىقىش (ئىسىمداش)، تاماق، يېيىش، تاياقچە... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى سۆزلەردۇر. (ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئاتالغۇمۇ-ئەمەسمۇ، مەسىلىسىنى چىقىش قىلىپ ئايرىلغان.


  سۆز دېسىڭىز، بۇ يازغان ئىنكاسلىرىمىزدىكى ھەربىر بوشلۇق ئوتتۇرىسىدىكى ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن مەنا بىرلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى سۆز دېگىنىمىز پەقەت ئاتالغۇنى ئايرىشقىلا قارىتىلغان. شۇڭا، سۆز ۋە سۆز بىرىكمىسى، ئادەتتىكى سۆزلەر پەرقلىنىدۇ ۋە ئوخشىمىغان ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلىپ ئايرىلىدۇ.  ئىنشائاللاھ~~  چۈشەنگەن بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.  

بەت: [1]
: ئاتالغۇ بىلەن ئادەتتىكى سۆزنىڭ پەرقى