namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-4-13 16:09:09

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەرھابا ..كىتاب لازىم ،كىتاب ...

  بىلىم ئەقىل بۇلىغى ، كىتاب بىلىم چىرىغى .....    ( بۇ ئەسلى بۇندا گەپ ئەمەس ....)


   ماڭا بىر رۇمان لازىم بۇلۇپ قالغان ئىدى ، لېكىن بۇ كىتابنى ئىزدەش ئۈچۈن بارمىغان شەھەر ، كەزمىگەن دەشتە-باياۋان ، ئۈزمىگەن دېڭىز-ئوكيان قالمىدى .   بولسا بۇ كىتابنى نەدىن تاپقىلى بۇلىدۇ بىر ئۇچۇر بېرىۋەتكەن بولساڭلار ، بىر ئىش بىلەن تۇرپان مىللى بازارغا كېرىپ قىلىپ بىر كىتاب يايمىسىدىن سورىسام ئەتىگەندىلا بىرەيلەن ئەكىتىپ قالدى ، بۇ كىتاب بەك ئىتتىك مېڭىۋاتىدۇ دەيدۇ ... پەقەتلا تاپقىلى بولمىدى ، ئىمكانىيەت بولسا شۇ كىتاب بار جاينى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار ... ئەڭ ياخشىسى ئۈرۈمچىدە بولسۇن ، كىتابنىڭ ئىسمى <<  باھادىرنامە >> ...رەھمەت كۆپچىلىك ، سىلەرگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت ....

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-13 17:30:32

{:107:}  مۇشۇ كىتاپنى تاپالمىدىڭىزما ؟ئۈرۈمچىدە  قەدەمدە  بىر ئۇچرايدىغۇ ؟ئاقسۇدىمۇ كىتاپخانىلاردا دۆۋىسى بىلەن

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2012-4-13 17:55:42

ئۈرۈمچىدە تۈگەپ كىتىپ بارامدۇ يا.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-4-13 18:37:18

يامان قىززىق كىتاپ مۇشۇ، ھەممىسى مۇشۇنىڭدا با ئامما قىززىقلىقىدىن كۈلۈپ ئۈچىيىڭ ئۈزۈلۈك كىتىدۇ، شائېرمۇ بۇ روماننى ۋەھشەت يېزىۋېتىپتىكە،،، بۇ كىتاب يوق ھازىر، ئۆي ۋېسىپ ئېلىۋاتىدۇ، تۈگدى بۇ كىتاپ، يوق ھازىر... بۇ كىتاپنى ئاممىغان ئادەمنى ئادەم ئەمەسلا دىسە بولىدۇ...



خالمۇراتنىڭ دىيالوگى يادىمغا كەپقالدى  {:92:}

nawa717 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-13 21:20:17

3- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يامان قىززىق كىتاپ مۇشۇ، ھەممىسى مۇشۇنىڭدا با ئامما قىززىقلىقىدىن كۈلۈپ ئۈچىيىڭ ئۈزۈلۈك كىتىدۇ، شائېرمۇ بۇ روماننى ۋەھشەت يېزىۋېتىپتىكە،،، بۇ كىتاب يوق ھازىر، ئۆي ۋېسىپ ئېلىۋاتىدۇ، تۈگدى بۇ كىتاپ، يوق ھازىر... بۇ كىتاپنى ئاممىغان ئادەمنى ئادەم ئەمەسلا دىسە بولىدۇ...



خالمۇراتنىڭ دىيالوگى يادىمغا كەپقالدى \"\"

ئاۋۇ سېرىق رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى تازا چۈشەنگىلى بولمىدى، ئاندىن يېشىل رەڭدە بويالغىنىنى بەك ئاشۇرۋەتتىڭىزمۇ قانداق؟

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-4-13 22:11:29

@nawa717  بۇ دېگەن ھەممە ئۆيدىن ئېلىۋاتىدۇ دېگەن گەپ

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-13 22:49:36

‹‹ قارا چايشاپلىق قىز›› نى كۆرگەنلەر خەۋىرىنى بېرىۋېتىڭلار...

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-4-14 00:26:48

6- قەۋەتتىكى Yarkin92نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‹‹ قارا چايشاپلىق قىز›› نى كۆرگەنلەر خەۋىرىنى بېرىۋېتىڭلار...



قەشقەردە كۆردۈم، ھەممە قسىمى تولۇقكەن،بىراق ئوغۇرلۇقچە باسمىسى

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-14 22:14:32


7- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قەشقەردە كۆردۈم، ھەممە قسىمى تولۇقكەن،بىراق ئوغۇرلۇقچە باسمىسى


=========


قايسى كىتابخانىدا كۆردىڭىزكىن؟




namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-4-14 22:45:27

1- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\" مۇشۇ كىتاپنى تاپالمىدىڭىزما ؟ئۈرۈمچىدە قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغۇ ؟ئاقسۇدىمۇ كىتاپخانىلاردا دۆۋىسى بىلەن



  قەشقەر ، خوتەن ، قارىماي ، كۆيتۈنلاردىمۇ دۆۋىسى بىلەنكەن ......   لېكىن ما ئۈرۈمچىنىڭ نەرىدە قايسى كىتابخانىدا سېتىلىدۇ ، بىلىدىغاندەك گەپ قىلىپسىز ..مەن شۇ يەرگە بىر بېرىپ باقاي ..

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 09:18:54

تېخى تۇنۇگۈنلا يول بويىدىكى يايما  دۆۋىسىدە كۆردۇم ،7-يولنىڭ  بويىدا  2-دوختۇرخانىنىڭ كەينى ئىشىكىگە يېقىن بىر جايدا

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-4-15 10:16:37

10- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېخى تۇنۇگۈنلا يول بويىدىكى يايما دۆۋىسىدە كۆردۇم ،7-يولنىڭ بويىدا 2-دوختۇرخانىنىڭ كەينى ئىشىكىگە يېقىن بىر جايدا




دوختۇرخانىنىڭ كەينى ئىشىكى دىگىنىڭىز شۇ 7-يولنىڭ بويىدىكى ئىشىك شۇدە -ھە ~~~

بەت: [1]
: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەرھابا ..كىتاب لازىم ،كىتاب ...