[كۆچۈرۈلمە]كىم ئەقىللىق؟
كىم ئەقىللىق بولسا،شۇ تاپالايدۇ،ئەمىسە باشلاپ كەتتۇق:
1.ئانىسى باغدا،
بالىسى بازاردا.
2.قاتار-قاتار ئون ئىككى،
ئادەم تۇرار چېتىدە.
جىنايەتچى ئۈچ ئادەم،
چىقالمايدۇ ئىچىدە.
3.ئەللىك ئىككى ھايۋاننى،
بۆلۈپ ئالدۇق تۆتىمىز.
سوقۇشتۇرۇپ ئۇلارنى،
يېڭىپ ئالدۇق ئىككىمىز
4.ئالىسىدۇر ئالىسى،
تېشىدىدۇر ئالىسى.
تۆت پۇتى بار،قولى يوق،
بېشىدىدۇر ئارىسى.
5.گۆشى ئاچچىق زەھەردەك،
سۆڭىكى بار قۇرۇقتەك.
چاقساڭ قوينىڭ مېڭىسى،
بېغىمىزنىڭ مېۋىسى.
6.قانىتى بار قاقالمايدۇ،
دەريالاردا ئاقالمايدۇ.
قۇشلار بىلەن بەسلىشىدۇ،
يەر يۈزىدە چاپالمايدۇ.
7.ئانىلىرى ئۇزىراپ،
بولۇپ كەتتى باراڭدەك.
بالىلىرى بالامدەك،
يوغىناپتۇ كالامدەك.
8.ئانىسىنى بالىسى،
دۈمبىسىدە سۆرىگەن.
سۆرىيەلمەي بەزىدە،
ئۇيان-بۇيان ئۆرىگەن.
ئانىسىنىڭ جېنى يوق،
بارىدىغان يېرى يوق.
بۇ شېئېرى تېپىشماقلارنىڭ ئاپتورى:داۋۇتجان ساۋۇت
مەنبە:ئىلى دەرياسى ژورنىلى
1-مىۋە
5-ياڭاق
7-تاۋۇز
6- ئايرۇپىلان

2. بىلەلمىدىم...ئويلاپ باقاي ھە..
3.قارت
4. كالا
5. ياڭاق
6. ئايروپىلان
7. قوغۇن، تاۋۇز ۋە ياكى كاۋا
8. تىراكتۇر مەن ئەقىللىق
1-خوتۇن
2-خوتۇن
3-خوتۇن ...........
،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

ئىككىنچى تىپىشماقنىڭ جاۋابى نىمە؟ بوكس مەيدانىمۇ يا؟ ئەجەپ بىلەلمىدىمغۇ... ساخاتكەن
8- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ساخاتكەن
-----
مەن ماۋۇ گەپنى چۈشىنەلمىدىم
9- قەۋەتتىكى turkexنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
8- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ساخاتكەن
-----
مەن ماۋۇ گەپنى چۈشىنەلمىدىم
سائەت دىگەننى ساخات دىمەمدۇ
توغرا.سائەتكەن..ئاددىلىقىدىن ئىزىپ كەتكەن گەپ ماۋۇ تىپىشماقتا...
