تەپەككۇر تەمەچلىرى
بۇگۇن ھايات ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويغۇم كىلىۋاتىدۇ .
1. ھايات ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا بىرىلگەن ئەڭ چوڭ غەنىمەت ۋە نئىمەتتۇر ھەم ئىمتىھاندۇر .
2. ھايات ئۇ كۇلۇشنى بىلمەيدىغانلارغا كۈلۈشنى ، يىغلاشنى بىلمەيدىغانلار يىغلاشنى ئۈگەتكۈچى ئۇستازدۇر .
3. ھاياتلىق سەپىرى دىھقانلارنىڭ زىرائەت تېرىپ ھۇسۇل ئالغىنىدەك جەرياندۇر . ئېتىزغا نىمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن .
4. ئىرىگە سادىق بولغۇچى ، پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيلىگۈچى ئايال بەخىتنىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا ئالغان بۇلىدۇ .
5. مەن كىم دىگەن سۇئالغا يالغۇز قالغان چېغىڭدا جاۋاپ ئىزدىسەڭ تىلىڭ ئۆزۈڭنىڭ تىلىدا سۆزلەيدۇ .
6. پۇلۇم بار ، ھوقۇقۇم بار دەپ ئۇنچە كۈرەڭلەپ كەتمە ؟ سىنىڭ قولۇڭدىكى پۇل ۋە ھۇقۇق ئەسلى باشقىلاردا ئىدى . سىنىڭ قولۇڭدىمۇ ۋاقىتلىقلا تۇرىدۇ ، خالاس .
7. سەپەرگە چىقساڭ تەييارلىق قىلىسەن ، دۇختۇخانىغىمۇ مەلۇم تەييارلىق بىلەن بارىسەن ، مەكتەپكىمۇ شۇنداق ! ئۇنداقتا ھاياتلىق سەپىرىڭدە ئۈلۈمدىن ئىبارەت بۇ مەنزىلگە قانچىلىك تەييارلىق قىلالىدىڭ ؟ كىملىكىڭ ئۈچۈن مەۋسۇملۇق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلغانچىلىك بولسىمۇ تەييارلىق قىلالىدىڭمۇ ؟
8. كەچ كىرگەندە بۈگۈن مەن ئۈزۈم ۋە ئەھلى ئائىلەم ئۈچۈن قانداق خەيرىلىك ئىشلارنى قىلدىم ، دەپ ئۈزۈڭدىن سوراپ باققىن !
9. قېرىندىشىم كىملىكىڭنى بىلگەن چېغىڭدا ئۆتكەن كۈنلەر ئۈچۈن قايغۇرما ! ئۈمۈتۋار ياشا ! مەيلى قانچىلىك ئازاپ ۋە كۈلپەتلەرگە ئۇچرىشىڭدىن قەتئىنەزەر ئۈزۈڭدىن سۈيۈنگىن ! بىلگىنكى سەن ئەڭ سۈيۈملۈك ...............
داۋامى تورداشلارنىڭ قەلبىدە ۋە قەلىمىدە . . .
2. ھايات ئۇ كۇلۇشنى بىلمەيدىغانلارغا كۈلۈشنى ، يىغلاشنى بىلمەيدىغانلار يىغلاشنى ئۈگەتكۈچى ئۇستازدۇر . بەك ۋەزنى بار گەپلەركەن.ھەممىسىنى ياقتۇردۇم.
ھەرگىز زىيان سالمىغىن
تىلەپ ئەلگە ئامانلىق
يامان يولدا ماڭمىغىن.
بار قەدرىنى يوقسۇزلۇق دەردىنى تارتقانلار، ساقلىق قەدرىنى كىسەل ئازابى تارتقانلاربىلىدۇ. ئۆلۈمنىڭ ۋاقتى-سائىتىنىچۇ؟؟؟؟؟!!!!!!!!!!!!! شۇڭا ھاياتلىقنىڭ ھەربىر مىنۇتىنى قەدىرلەش، ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئىككىلا دۇنيالىق ئۈچۈن ياخشىدۇر. مەن بىرنى قۇشۇپ قۇياي
مەن ئەڭ ئىشەنگەن ئادەم ماڭا باشقىلارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ قويدى.
ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەن قىلغان ھەر بىر ئىشىغا ئۈكۈنمىگىدەك ۋە ھەممە رازى بولغىدەك ياشىشى كىرەك . ئاللاھ خالىسا كىيىن پۇشايمان ، قايغۇ ، ھەسرەت - نادامەت ئەنە شۇ ئىنساندىن مۇستەسنا .
بۇ بىر جۇملە سوزنىمۇ يوللاپ قويغۇم كەلدى .
سەن ئوتمۈشۇڭگە جاۋاپكار،بۈگۈنۈڭگە خوجىدار ،كەلگۈسىڭگە سەۋەپكارسەن .
ھىسيات -جىنايەتكە ،كوز - خىيانەتكە ، ئەقىل - ھىدايەتكە باشلايدۇ . مەنمۇ قۇرۇق چىقىپ كەتمەي
ھايات -- ئىنسان جىسمىنى قېرىتىدۇ ، ئەقلىنى ياشارتىدۇ ... بۇنداق گەپلەر پەقەت خوشياقمايدىغان بوپ قاپتۇ ماڭا

كوپ ئۇخلاش ئادمنى لەقۋا قىلىدۇ ، بولمىغۇر ئويلا ر ئادەمنى زەخمە قىلىدۇ .شۇڭا ئانچە -مۇنچا ......................... نان يېسە قوسا تويىدۇ، ئۇۇساپ كەتسەڭ سۇ ئىچ...
9- قەۋەتتىكى veyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نان يېسە قوسا تويىدۇ، ئۇۇساپ كەتسەڭ سۇ ئىچ...
ھە، ماۋۇ نەق گەپكەن، قىلچە ساختىسى يوق، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ بىر سەھىپىسى بارغۇ، ئۈزۈندە يىغىدىغان، ھەئە، شۇ يەرگە ئەۋەتەيلى! توۋا دەيمەن،بەزى ئادەملەر شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنى نىمانچىۋالا زاڭلىق قىلىدىغاندۇ دەيمەن،مۇشۇنىڭ بىلەن ئىزدىنىشتا بىر قانچە قېتىم ئۇچرىتىشىم. شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنى تىللىغانلارنى مەنمۇ چۈشىنىپ بولالمىدىم

مېنىڭچە شىنجاڭ مەدىنىيىتىگە مۇشۇ سەھىپىسىدىن باشقا سەھىپىلىرىگە خېلى ياخشى ماقالىلارنى باسىدۇ.
ھايات ياخشى كىشىلەرگە كۈلۈپ باققۇچى يامان كىشىلەرگە يامان كوزدە قارىغۇچى پەرىشتە .
ھايات كومىدىيە بىلەن باشلىنىپ تىراگىدىيە بىلىەن ئاياغلىشىدىغان كىنو سەھنىسى .
