Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-4-11 22:25:01

بۈگۈن ئادەملىك بوشلۇقتا ئۇچۇش خەلقئارالىق كۈنى

بۈگۈن، ئادەملىك بوشلۇقتا ئۇچۇش خەلقئارالىق كۈنى.



بۈگۈن ئىنسانلار ئالەمگە چىققان تۇنجى كۈننىڭ خاتىرە كۈنى ئىكەن، ئۈستىدىكىسى يۇرى گاگارىن، Ю́рий Алексе́евич Гага́рин


www.bing.com نى باسساڭلار، ئاي شارىدىن يەرگە قارىغان بىر گۈزەل رەسىمنى كۆرىسىلەر.



1961- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنى، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بايقۇڭۇر ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدىن كۆتىرىلىپ، يىراق نۇقتىسى 301 كىلومېتىر بولغان ئوربىتىنى بىرنى ئايلىنىپ قايتىپ چۈشكەن، 108 مىنۇت.


گاگارىن، 1968- يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى بىر قېتىملىق مەشىق ئۇچۇشتا، رىئاكتىپ ئايرۇپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى بىلەن قازا قىلغان.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-11 22:28:59

شۇندا بولاپ ئايغا نەچچە دۆلەتنېڭ ئادىمى چىقتى؟ \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-11 22:41:48

بۈگۈن تىتانىك چۆكۈپ كەتكەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىغۇ دەيمەن...

adwokat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-11 23:09:03

مەزمۇننى كۆرۈپقۇ، ئاساسىي جەھەتتىن چۈشەندۇق. بىراق، ئادەملىك بوشلۇقتا ئۇچۇش ... دېگەن گەپنى دەسلەپتە چۈشىنەلمەي، بىرھازا ئويلىنىپ كېتىپتىمەن...

بۇ يۇرىي دېگىنى سوۋىت روسىيەسىنىڭ ئاجايىپ قەھرىمانى ئىدى - دە. سوۋىت ئىتتىپاقى مۇشۇ ئادەمنى يەر شارى تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدىن ئىلگىرى كېتىپتىكەن. پىشانىسىدىن تەر چىكەتكەن «ئامېرىكا جاھانگىرلىكى» بەلنى چىڭ باغلاپ، ئۆزىنى راۋۇرۇس چاغلاپ «ئاپوللا پىلانى»نى يولغا قويۇپ، بىر ئاچچىق بىلەنلا ئامىستروڭ قاتارلىقلارنى ئاي شارىغا قوندۇرغانىكەن.  بۇنى كۆرگەن رۇسلار تېخىمۇ دىۋەيلەپ «يوپ ...» دېيىشكىنىچە ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى قۇرۇپ چىقىپتىكەن. ئامېرىكىلىقلارمۇ «مانا ئەمىسە» دەپ ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقىرىشقىنىچە،  پرېزىدېنت رېگان دەۋرىدە «پېلانىتلار ئۇرۇشى پىلانى»نى جاكارلاپ، رۇسلارنى ھەربىي تەييارلىق مۇسابىقىسىنىڭ ئازگىلىغا تېخىمۇ چوڭقۇر سۆرەپ كىرگەنىكەن... قىزىقارلىق تارىخلار - ھە. بىراق، ئوبىكتىپ جەھەتتىن، بۇ مۇسابىقىلەر ئىنسانىيەتنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قويغىنى راست.

heqquli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 03:11:13

ئامېرىكىدىكىلەر ئايغا پىياز تېرىپتىمىش،- دەۋاتقان بىزنىڭ تۇرەك ھاپباز.

durustori يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 09:56:09

2- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۈگۈن تىتانىك چۆكۈپ كەتكەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىغۇ دەيمەن...



توۋا شۇ تايتانىك چۆكۈپ كەتكەندىن كىيىن نەچچە يۈز مىڭ ئادەم ئۇرۇشتا ئۆلدى ،ئۇلارنى ئەسلەيدىغانغا ئادەم يوق


نىمىشقا ھە دىسىلا كىشىلەر مۇشۇ تايتانىكنى ئەسلىشىدىغاندۇ ؟


ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۈچىغۇ بۇ .

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 12:20:29

«ئاي شارىدىن يەرگە قارىغان» دېگەن رەسىم بەك چىرايلىقكەنغۇ! يەر شارى ئاجايىپ ھە ... ئازراق سۈرى بار رەسىمكەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 12:23:43

بىڭ تورىدا بۇ رەسىمنى پەقەت بۈگۈن بىۋاستە، بىر ھەپتىدە بەت ئۆرۈپ كۆرەلەيمىز.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 13:07:26

ئاۋۇ ئايدا تۇرۇپ يەرشارىنى تارتقان رەسىمنى ساقلىۋالدىم

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 15:08:38

1969 -يىلدىن 1972 يىلغىچە  ئامرىكا   جەمئىي بەش قېتىم 12 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئايغا چىقىپتۇ.  مۇنداق قارىسىڭىز ئايغا چىقىش ئۇلارغا نىسبەتەن قوغۇنلۇقنىڭ يولىدەك بوپ كېتىپتۇ.مۇشۇ ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىن  تارتىلغان سۆرەتلەر بەك گۈزەل.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 16:03:07

8- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاۋۇ ئايدا تۇرۇپ يەرشارىنى تارتقان رەسىمنى ساقلىۋالدىم



  قانداق ساقلىۋالدىڭىز مەن خېلى ھەپىلىشىپمۇ ساقلىيالمىغان.

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 16:22:04

http://cn.bing.com/az/hprichbg?p=rb%2fLunarHorizon_ZH-CN1022742334.jpg

مانا ئۇ رەسىم . ئەمدى ساقلىۋېلىڭ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 18:49:04

بۇ رەسىمدىكى يەر شارى ئەگەر شىمالى يېرىم شار بولسا. ئاۋۇ قۇرۇقلۇق شىمالى ئامېرىكا قىتئەسى بولغان بولىدۇ. ماۋۇ ئوكيان ئاتلانتىك ئوكيان بولىدۇ. لېكىن ئازراق ئوخشىمىغاندەك. جەنوبى يېرىم شارمىكىن دىسەم تەتۈر قىلغاندا ئانتاركتىدا يوقاپ كېتىدىكەن. بىلەلمىدىم....

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 19:03:11

10- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاۋۇ ئايدا تۇرۇپ يەرشارىنى تارتقان رەسىمنى ساقلىۋالدىم



  قانداق ساقلىۋالدىڭىز مەن خېلى ھەپىلىشىپمۇ ساقلىيالمىغان.

باش بەتنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز喜欢这张照片吗?دەپ خەت باركەن ئاشۇنى باسسىڭىز كومپىيوتېر ئىكرانى قىلىشقا بولىدىغان نۇرغۇن رەسىملەر بار ئكەن . تاللاپ ساقلىۋېلىڭ لازىم بولسا.


http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/downloads/personalize/wallpaper-desktop-background?T1=all

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-12 20:09:38

رەھمەت سىلەرگە .

ساقلىۋالدىم .

ئۇيغۇر بالغ يوللىغان ئادرىستا سۈزۈك رەسىملەر نۇرغۇنكەن باشقىلارمۇ چۈشۈرىۋالساڭلار بولغىدەك.
بەت: [1]
: بۈگۈن ئادەملىك بوشلۇقتا ئۇچۇش خەلقئارالىق كۈنى