تۈرك تىلى ئۈگۈنۈش ماتىرياللىرى ۋاشاڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى. كەمىنە تۈرك تىلى ئۈگۈنۈشكە قىزىقىپ، ئۆتكەن يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە توردىن تۈركچە ئۈگۈنىدىغان نۇرغۇن ماتىريال يىققان. قاتىتىق دىسكامدا توپا باستۇرۇپ ساقلىغىچە قېرىنداشلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنەي دەپ يوللىدىم.
بۇ ماتىرياللارنىڭ ئومۇمىي سېغىمى 2 جى ئەتراپىدا كىلىدىكەن. ئىككىگە بۆلۈپ 金山T盘 گە يوللىغان ئىدىم. بىرىنىڭ سېغىمى 1جى، يەنە بىرىنىڭ 1.6جى كىلىدىكەن. بىر جى دىن يۇقۇرى ماتىرياللارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن 金山T盘 گە ئەزا بولمىسىڭىز بولمايدىكەن. چاقماق ياكى باشقا چۈشۈرگۈچە چۈشۈرگەندىن، ئاۋۋال 金山T盘 گە ئەزا بولۇپ، ئاندىن چۈشۈرمەكچى بولغان ماتىريالنىڭ ئادىرسىغا كىرىپ، ئۇ ماتىريالنى ئۆزىڭىزنىڭكىگە يۆتكەپ، 金山T盘گە چۈشۈرۈش بۇيرۇقىنى بىرىپ قويسىڭىز تىزلا چۈشۈرۈپ بىرىدىكەن.
金山T盘گە ئەزا بولۇش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ. ئەزە بولسىڭىز 20 جى ھەقسىز بوشلۇق بىرىدۇ. بوشلۇققا ماتىريال چىقىرىش سۈرىتىمۇ ماڭا خېلى يارىدى.
1_ چۈشۈرۈش ئادىرسىغا بۇ يەرنى بېسىپ كىرىڭ.
بۇنىڭدىكى ماتىرياللارنىڭ تىزىملىكى :
1.تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلىمى تەرپىدىن ئاڭلىتىلغان <بىللە ئۈگۈنەيلى> ئاتلىق پىروگىراممىنىڭ 60 قا يېقىن سانى. ئۇيغۇرچە_تۈركچە.
2. خەنسۇچە قايسى بىر توربەتتىن ئاڭلىتىلغان <تۈركچە_خەنسۇچە> سۆزلىشىش. بۇنىڭدا ئۇزۇنلىقى 20 مىنۇتتىن ئاشىدىغان، 20دىن ئارتۇق م پ 3 بار.
3. خەنسۇچە_ئۇيغۇرچە_تۈرۈكچە تۈركۈم سۆزلەر لۇغىتى.
4.ماھىنۇر باللار باغچىسى تورى تەرپىدىن تارقىتىلغان تۈركچە كىتاپلار.
5. بىلقۇت تورى تەرپىدىن تۈزۈلگەن تۈركچە ئۈگۈنۈش ماتىرياللىرى.
6. بىر قىسىم كىتاپلار (تۈركچە ئۈگۈنىمەن 4 قىسىم، تۈرك تىلىدا. تۈرك تىلىدىن 100 سۆزلۈك، ئۇيغۇرچە_تۈركچە. تۈركچە_ئۇيغۇرچە 500 جۈملە، مەلەك خېنىم تۈزگەن كىتاپ. ئوسمانلى تۈركچىسى سۆزلىكى، تۈركچە. تۈركچە_ئۇيغۇرچە چوڭ ھەجىلىك لۇغەت. ئادىم، ئادىم دەرس كىتابى، 4قىسىم تۈركچە. ھەمراھ ئۇيغۇرچە_تۈركچە لۇغىتى. يېڭى ختىت 4 قىسىم قاتارلىقلار بار).
2_ ماتىريالنى چۈشۈرۈش ئادىرسىغا بۇ يەرنى بېسىپ كىرىڭ.
بۇ ئادىرىستىكى ماتىريالدا پۈتۈنلەي سۈرەتلىك فىلىم بار بولۇپ، تۈركىيەلىكلەر چەت ئەللىكلەرنىڭ تۈرك تىلى ئۈگۈنىشى ئۈچۈن ئىشلىگەن. دەسلەپكى قەدەمدىن باشلاپ ئۈگۈتىدۇ. تۈركىيەنى ئومۇمىي تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئۈگۈتىدۇ. بۇ فىلىمدىن ھەم تۈرك تىلى ئۈگۈنەلەيسىز، ھەم تۈرك مەدىنىيىتى، تۈركىيەنىڭ داڭلىق ساياھەت رايۇنلىرى، چوڭ مۇزىيلار... قاتارلىق داڭلىق ئورۇنلىرىنى ئىكران ئارقىلىق بولسىمۇ ساياھەت قىلىپ چىقىسىز.
قەنى، بىسمىللاھ دەپ چۈشۈرۈشنى باشلاڭ.
@Yarkin92@ _Imkan
pdf نۇسخىسى بولسا تەمىن ئەتكەن بولساڭلار... @atella ئۇنىڭ PDF نۇسخىسى مەندە يوق، بار دەپمۇ ئاڭلىمىدىم.
مەن بىر دوستۇمدىن ئوبدانراق سۈرۈشتۈرۈپ باقاي، خەۋىرىنى بېرىمەن.
مەندىمۇ شۇ pdf نۇسخىسى يوق...
لېكىن <<تۈركچە ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت>> نىڭ pdf سى بار.
http://v.youku.com/v_show/id_XMzc4NzA1ODI4.htmlما كىنونى چوقۇم كۆرۈڭ، تۈرك تىلى ئۆگىنىڭ ياكى ئۆگەنمەڭ.
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم. ۋەلى كېرىم كۆك ئالپ تۈزگەن كىتاپ بلەن، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللانىڭ تۈزگەن كىتابى كىمدە بار....
1- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋەلى كېرىم كۆك ئالپ تۈزگەن كىتاپ بلەن، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللانىڭ تۈزگەن كىتابى كىمدە بار....
مۇشۇ كىتابنىڭ pdfنۇسخىسى بۇلسا ،ماڭا لازىمتى تۈرك تىلى ئۆگىنىدىغانلار خېلى كۆپ ئوخشىمامدۇ؟
تىل ئۆگىنشنى يېڭى باشلىغۇچىلارغا ماۋۇ يۇمشاق دىتالنىڭ ياردىمى بەك زور...
Rosetta Stone
مەن دەسلەپتە تاۋبادىكى بۇ دۇككاندىن 20 يۈەنگە سېتۋىلپ ئۆگەنگەن...قارسىام ئۇ دۇككانچى مېنى ئالداپ ئەسلىي نۇسخدىكنى ئەمەس بەلكى يىشىۋىتىلگەن نۇسخىنى ئەۋەتىپ بېرىپتۇ، بەيدۇدىن ئىزدىسەم قۇمدەك يېغىپ كەتتى، بۇ دىتالنڭ ئېنگىلىز،نېمىس،ياپۇن،خەنزۇ،كورىييان،ئەرەپچە،ئىسپانچە دېگەندەك تىل بولاقلىرى بار ئىكەن،قىززىققۇچىلار تۆۋەندىكى قىچىر تورىدىن كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ...
http://www.verycd.com/topics/2750727/
تۈركچە ئۆگنىش دىتالىنى بۇ يەردىن چۈشۈرسەڭلار مۇ بولىدۇ...
http://xidong.net/File001/File_26357.html
ئاتىللا رەھمەت سىزگە، بۇ دىتالنىڭ ئىنگىلىز تىلى ئۈگۈتىدىغىنىنى تاپقان. لېكىن تۈرك تىلى ئۈگۈتۈدىغىنى بارلىقىنى ئويلىماپتىمەن. چۈشۈرۋالدىم
1- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋەلى كېرىم كۆك ئالپ تۈزگەن كىتاپ بلەن، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللانىڭ تۈزگەن كىتابى كىمدە بار....
مەندە بىرى بار، لېكىن تۈزگۈچىسى پەقەتلا رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، 96-يىلى نەشىر قىلىنغىنىكەن. باشقىلارنىڭ قولىدىكى كۆپەيتمە نۇسخىسىدىن كۆپەيتىۋالغان، خەتلىرى سەل سۇس. مەندە ۋەلى كېرىم كۆكئالىپنىڭ تۈزگىنى بار، كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى... بەدئۇززامان سەئىد نۇرسى ھەقىقەتەن ئىسىل كىشىكەن. خېلى بۇرۇن كىنوسىنىڭ تۈركچىسىنى كۆرۈپ، چالا بۇلا چۈشەنگەن. ئاۋۇ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۆرۈپ، بۇ كىشىگە ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى. بۇ كىنونى كۆرسە نۇر رىسالىسىنىڭ بەزى يەرلىرىنى چۈشەنمەك ئوڭايكەن. بەلەن گەپلەركەنغۇ .،جىق جىق يىغىڭلا ...كىىين بىراقلا چۈشۈرۋالاي .. {:92:} ئاخشام چۈشۈرۈپ قويۇپ ئۇخلاپ قالغانتىم،ئەتىگەن قارىسام چۈشۈپ بوپتۇ ھەممىسى.تىما ئىگىسىگە رەھمەت دىيىشنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن،رەھمەت تىما ئىگىسى. TRT ئۇيغۇرچە-تۈركچە بىللە ئۈگىنەيلى دەرىسلىكىنى چۈشىرىۋېلىڭ
http://chewendazlar.com/?p=641
دۇنياۋى تىللارنى ئۈگىنىش دېتالى Rosetta Stone
http://chewendazlar.com/?p=122
مانىڭدا ئەرەبنىڭكىمۇ بار جۇما! دۇنياۋى چوڭ تىللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار. ئۇيغۇرچىنىمۇ مۇشۇنداق ھېچ قانداق تىلنىڭ ۋاستىسىسىز پەقەت ئۇيغۇرچە بىلەنلا ئۆگىتىدىغان ئانا تىل ئۈگەنگەندەك تەسىراتقا كەلتۈرىدىغان Rosetta Stone دېتالى شەكلى بولغان بولسا نېمە دىگەن ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن. ئاتېللا تەۋسىيە قىلغان دېتالنى چۈشۈرۋاتىمەن، رەھمەت
ئېلىكتىر ئېشەك ئىسمى جىسمىغا لايىق چۈشۈرىدىكەن بىر نەرسىلەرنى......

