بالىلارغا زىھنىي ئويۇن- رەسىمنى بوياپ كۆرۈڭ
بۇ ئەسلى خەنزۇچە دىتال ئىكەن ، سىناپ كۆرسەم بالىلارنىڭ رەڭ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقاياردىمى بولىدىغان ئويۇن خاراكتېرلېك دىتال ئىكەن. رەسىمنى بوياپ بولۇپ
ساقلىۋالغىلىمۇ بولىدىكەن.

بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ ۋوۋ، ئالامەت ياخشى دىتالكەنغۇ بۇ ؟ نەدىن تاپسىز مۇشۇنداق ياخشى دىتاللارنى
ئۇكىلارنى خوش قىلۋىتەي...ئەمدى ئويۇن ئويناپ خاپا قىلسۇنا قېنى... بالىلار بۇنى ئوينايمىز دەپ كومپىيۇتىرغاكۆپ قاراپ كەتسە زىينى بولمامدۇ ؟

2- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بالىلار بۇنى ئوينايمىز دەپ كومپىيۇتىرغاكۆپ قاراپ كەتسە زىينى بولمامدۇ ؟
چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟
مەجبۇرلاش يوق.
ياق.4- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ياق.
چۈشۈرۈپ سىناپ باققانلاردىن سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ مەن زىينى بار يوقلىقىنى سوراپ باقتىم ،،،،،،،
6- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن زىينى بار يوقلىقىنى سوراپ باقتىم ،،،،،،،
سىناپ بېقىپ قانداقلىقىنى كۆرۈپ باقماي تۇرۇپ سۇئال قويماسلىقىڭىز ھەم سۇئالىڭىزدا تەئەددىيلىك بولماسلىقى كېرەكتى.
كومپيۇتېر بار ئۆيدە، بالىلار بۇنى ئوينىمىسا باشقا ئويۇننى ھامان ئوينايدىغان گەپ، پايدا- زىياننى ئۆزىڭىز مۆلچەرلەڭ .
رەھمەت سىزگە، ئىنىمنىڭ بىر بالىسى بارتى رەسىم سىزىششقا ئامراق. شۇنى خوش قىلىۋىتەي ئامېرىكىدا بالىلار 13 ياشقا كىرگەندە توردىن ئۆزىگە لازىملىق نەرسىنى تېپىپ، چۈشۈرەلەيدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.يامان تەسىرى ئۈچۈن كومپيۇتېردىن ئايرىۋېتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس. مەسىلە كومپيۇتېردا ئەمەس، بالىنىڭ مەشغۇلاتىنى كونترول قىلىشقا تەدبىرسىز، تەييارلىقسىز قېلىشتا.
بالىنىڭ مەشغۇلات ۋاقتىنى كونترول قىلىسىز، شەرتلىشىسىز، مەسىلەن، تاپشۇرۇق تۈگىدىمۇ، نورما توشۇپ بولدىمۇ، يېڭىدىن نىمە ئۆگەندى، نىمە قىلالايدىغان بولغانلىقىنى قەرەللىك دوكىلات قىلدۇرۇش.. شەرتكە بالا بويسۇنمىسا، كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى دەرىجىگە ئايرىپ چەكلەش دىگەندەك..
گەپ ئاتا- ئانا ئۆزى بالىنىڭ كومپيۇتېردا نىمە ئۆگىنىۋىلىشى كېرەكلىگىنى بىلمەسلىكى، ئۆزى كومپيۇتېر بىلمەسلىكى، چۈشەنمەسلىكىدە.
9- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئامېرىكىدا بالىلار 13 ياشقا كىرگەندە توردىن ئۆزىگە لازىملىق نەرسىنى تېپىپ، چۈشۈرەلەيدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
يامان تەسىرى ئۈچۈن كومپيۇتېردىن ئايرىۋېتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس. مەسىلە كومپيۇتېردا ئەمەس، بالىنىڭ مەشغۇلاتىنى كونترول قىلىشقا تەدبىرسىز، تەييارلىقسىز قېلىشتا.
بالىنىڭ مەشغۇلات ۋاقتىنى كونترول قىلىسىز، شەرتلىشىسىز، مەسىلەن، تاپشۇرۇق تۈگىدىمۇ، نورما توشۇپ بولدىمۇ، يېڭىدىن نىمە ئۆگەندى، نىمە قىلالايدىغان بولغانلىقىنى قەرەللىك دوكىلات قىلدۇرۇش.. شەرتكە بالا بويسۇنمىسا، كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى دەرىجىگە ئايرىپ چەكلەش دىگەندەك..
گەپ ئاتا- ئانا ئۆزى بالىنىڭ كومپيۇتېردا نىمە ئۆگىنىۋىلىشى كېرەكلىگىنى بىلمەسلىكى، ئۆزى كومپيۇتېر بىلمەسلىكى، چۈشەنمەسلىكىدە.
توغرا دېدىڭىز، مەنمۇ بەك دىققەت قىلىۋاتىمەن. ئەسلى 2- قەۋەتتىن نەقىل كۇنۇپكىسىنى بېسىشنى ئۇنتۇپتىمەن..
11- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسلى 2- قەۋەتتىن نەقىل كۇنۇپكىسىنى بېسىشنى ئۇنتۇپتىمەن..
قانداقلا بولسۇن مەن ھەرۋاقت دىققەت قىلىدىغان ئىشىم بولىشى كېرەك.
بەت:
[1]