bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-8 21:46:28

قۇلۇپنىڭ تۈزىلىشى ۋە ئاچقۇچسىز قۇلۇپ ئېچىش تىخنىكىسى

مەكتەپتە بىرنەچچە قېتىم ۋېلىسپىت يۈتتۈرگەندىن كېيىن ،قۇلۇپنىڭ قۇرۇلمىسىغا قىزىقىپ قالدىم ،ئۇنىڭسىزمۇ مۇشۇنداق نەرسىلەر ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىشقا ،ماھىيىتىنى بىلىشكە ئامراقتىم، ئېسىمدە كىچىك ۋاقتىمدا توك سائىتى ،رادىئو ،پۇرژۇنلۇق سائەت دېگەندەكلەنى بۇزۇپ ئوينىغانلىرىم .ھەييييي...بالىلىق،،،



قۇلۇپ دېسە ئۆي ئىشىكىڭىزدىكى قۇلۇپلا كاللىڭىزغا كەلمىسۇن ،ئىشىكىڭىزدىن تارتىپ ماشىنىڭىزغىچە ،ئىشكابىڭىزدىن تارتىپ سومكا ،بىخەتەرلىك ساندۇقىڭىزغىچە نۇرغۇن ئورۇنلارغا قۇلۇپ ئورونلاشتۇرۇلغان ،قۇلۇپنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ قۇلۇپ ئېچىش بىر كەسىپ تۈرىگە قاراپ يۇزلەندى (ئوغۇرلۇق كەسپى ئەمەس جۇمۇڭ) بىزدە ناھايىتى ئاز ،خەنلەدە بولسا بۇ كەسىپكە ئالاقىدار شېركەت ،مەكتەپ،مەركەز، تور دىگەنلەر كەسىپلىشىپ بولدى .


ھەممە ئادەم بىلگىنىنى سۆزلىسۇن !تۆۋەندە مەن ئەنئەنىۋى بىر قىرلىق قۇلۇپنىڭ ئاددى ماھىيىتىنى سۆزلەپ ئۆتەي:


ئەڭ ئاددى قۇلۇپ رەسىمدىكىدەك 1سىرتقى قاپ تۆمۈرى.2بىر دانە ئايلىنىدىغان تۆمۇر ئۆزەك بىلەن شۇ ئۆزەكنى تىشىپ ئۆتكەن. 3بەش ئالتە تال قىرىنداش ئۇچىچىلىك پۇرژۇنا .4،5تۆمۈرچىدىن تۈزۈلگەن ،(سۆزلىمىسەممۇ رەسىمدىكىنى چۈشىنەلەيسىىز) ئاچقۇچ سېلىنمىغان ياكى باشقا ئاچقۇچ سېلىنغان ئەھۋالدا قېرىنداش ئۇچىدەك تۆمۈرچە پۇرژۇنا تەسىرىدە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئۆتۈشكەن ھالەتتە تۇرىدۇ دە ئىچكى دۈگلەك ئۈزەكنىڭ ئايلىنىشىغا توسالغو بۇلىدۇ .





پەقەت بىز ئۆزىنىڭ ئاچقۇچىنى سالغاندىلا ماس ھالدا پۇرژۇنىنى قىسىپ ئۈزەك توسالغۇسىز ئايلىنالايدىغان ھالەتتە تۇرىدۇ.


بۇ ئادەتتىكى بىر قىرلىق قۇلۇپنىڭ ئاددى ھالىتى ،باشقا مۇرەككەپ كۆپ قىرلىق ،مەخپى شىفىرلىق قۇلۇپلار مۇشۇ ماھىيەتتىن تەرەقى قىلغان.



قۇلۇپ ئېچىش


مەن بۇنىڭدىن پەقەت ئۈچىنىلا چۈشىنىمەن.


1.بۇ ئىنتايىن ئاددى بولۇپ ،بىز ئاچماقچى بولغان قۇلۇپقا ئوخشاش شەكىلدىكى يەنە بىر قۇلۇپنىڭ ئاچقۇچىنى ئىشلىتىمىز .ئاچقۇچنى ئىنتايىن تىز سۈرەتتە سالىمىز دە تىز سۈرەتتە بۇرايمىز ،بىر قېتىمدىلا ئېچىلماسلىقى مۇمكىن بىر قانچە قېتىم تەكرارلىغاندا ئاندىن ئېچىلىدۇ ،ماھىيىتى بىز ئاچقۇچنى تىز سالغاندا پۇرژۇنا ئۈستىگە قارىتا ھەركەت قىلىدۇ،بىز ھەركىتىدىن توختىغىچە بۇرىۋالىمىز دە مەقسىتىمىزگە يېتىمىز ،مەن ئۈچ قېتىم ۋېلىسپىت قۇلۇپىنى مۇشۇ خىل ئۇسسۇلدا سىناق قىلىپ ئىككىسىدە ناھايتى تىز غەلبە قىلدىم، ئۈچىنچى قۇلۇپنىڭ ئىگسى قۇلۇپۇمنى بۇزىۋېتىسە دەپ قايتا سىنىغىزمىدى .


ئېچىلمىغان ھالىتى بەلىكىم ئۇچلۇق تۆمۈرچە رەسىمدىكىدەك قالپاق شەكىللىك ئورونلاشقان بۇلىشى ياكى ناھايتى پۇختا ماتىريال بۇلىشى مۇمكىن .شۇڭا ئوغرىلار قۇلۇپنىڭ ئەزىنىنىمۇ قىممىتىنىمۇ ئوخشاشلا ئاچالايدۇ دەپ قالماڭ.





2.بۇ خىل ئېچىشقا كەسپى خادىملانىڭ ئالاھىدە ماتىرىيالى كېتىدۇ ،(بۇ چىشى قىرلىق ئاچقۇچنىڭ يۇز تەرپىدە بولغان ئاچقۇچلارغا ماس كىلىدۇ)يەنى 1ئاچقۇچنىڭ چىشى سويۋىتىلگەن شەكلىگە ئوخشاش بىر ئەسۋابى، 2بىر دانە قاتتىق نىپىز سىىم،3بىر دانە ئىلاستىكىلىقى ياخشى بولغان سىم .رەسىمدىكى 1بىلەن 3 بولغان ھالىتى بىز ئاۋال 1بىلەن3نىڭ ئارىسىغا 2نى قىسىپ قۇلۇپقا سالىمىزدە سىلكىپ سىلكىپ قويىمىز بۇ ۋاقىتتا قۇلۇپ ئىچىدىكى پۇرژۇنا قىسىلغان ھالاتتە قۇلۇپ ئىچىدىكى ئىككى تەرەپ تۆمۈرچىلىرىمۇ قىسىلغان ھالەتتە تۇرىدۇدە 3كە ئاچقۇچنىڭ چىشىغا ئۇخشاش ئىز چىقىدۇ ئاندىن 2نى تارتىپ ئېلىۋالىمىز. (رەسىمدىكى ھالىتى)ئاندىن بۇرىساق ئېچىلىدۇ .چۈشىنىش ئۈچۈن مانى تەپسىلى كۆرۈڭ.





ئۆتكەن يىلى بىر ئوغرى (ئەسلى كەسپى قۇلۇپ ئېچىش خىزمەتچىسى ئىكەن )سىغىز ئارقىلىق نۇرغۇن ئوغرىلىق قىلغان ،بەلكىم مۇشۇ ماھىيەتتىن پايدىلانغان .


بۇنى مەن سىناق قىلىپ باقمىدىم لىكىنماھىيىتىنى مۇشۇنداق چۈشەندىم بەلكىم خاتالىق بۇلىشى مۇمكىن سىزمۇ ئويلىنىپ بېقىڭ.



3. بۇنىڭغا قۇلۇپ ئاچقۇچىنىڭ رەسىمدىكىدەك ماتىرىيالى كېتىدۇ ،ۋە ئىنتايىن ئەستايىدىللىق ،ئىنچىكىلىك تەلەپ قىلىدۇ.رەسىمنى كۆرۈپ ئۆزىڭىز چۈشىنىڭ.كىنولاردا بىردانە سىم بىلەن ناھايتى تىزلىكتە قۇلۇپنى ئاچالايدۇ بۇنىڭغا بەك ئىشىنىپمۇ كەتمەڭ ئىشەنمەيمۇ قالماڭ.












4. رەسىمدىكىدەك ئىچىش ئۇسۇلى ھى ھى


بىز ئاچقۇچنى يۈتتۈرۈپ قويساق باشقا ئۇسۇلنى سىناق قىلىپ باقماي مۇشۇ ئۇسۇلنىلا قوللىنىمىز. بۇندىن كىيىن يۇقىرىقىلارنىمۇ قوللىنىپ بېقىڭ.





ئۇھ تىما يازماق خېلى تەس ،ئۇزۇن بولغان بىر تىما يېزىپ زاكىتىمنى بىرىۋېتەي دەپ ئويلىغان . تىما پەقەت بىلىم ،تېخنىكا يەتكۈزۈش ،ماھىيىتىنى چۈشىنىش مەقىسىتىدە يوللاندى ،لازىم بولغاندا ئىشلىتىڭ .ئوغرىلىققا ئىشلىتىپ مىنى گۇناھقا قويماڭ.


تىما سىلەرگە يارامدۇ يارىمامدۇ ، ئەخلەتمۇ ئەلامۇ بىلمىدىم .ھادىقىم چىققىچە چاۋىكىڭلاغا تەشنامەن.




باشقۇرغۇچىلار رەسىم چىقمىسا تىمىنى تەستىقلىماي ئۇچۇر يېزىڭ.رەخمەت



yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-8 22:37:03

رەسىملەر تولۇق چىقىپتۇ، تېمىڭىزغا رەھمەت.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-4-8 22:53:12

بۇ تېمىنى ئۆچۈرىۋېتىش كېرەك، دەپ قارايمەن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-8 23:33:12

ئەلا باھالىدىم. بىلىپ قويغۇلۇق.

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-4-10 22:51:06

ئەڭ نوچىسى قالدۇرماپسىز. ئۆتكەندە شاكىلاتنىڭ يالتىراق قەغىزىگە ئوخشاش ئازراق ئىلاستىكىلىقى بار قەغەزنى ئاچقۇچقا پاتتۇرۇپ سىكونتنىڭ ئىچىدە ئېچىۋېتىدىغان خەۋەرنى قويغانتى.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 06:37:01

سەۋەب قىلىمىزغۇ ئەمدى ...

قالغىنى خۇدايىمغا ئامانەت .

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 06:46:24

ئۆچۈرۋەتمەسلىك كېرەك ، يوچۇنى ئۇققاندىلا يوچۇقنى ئەتكىلى بولىدۇ .

زاكات مۇشۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىسۇن ، ئەلا كەتتى

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 08:18:24

تېمىنىڭ ئەلالىقىدا گەپ يوق. ئەمما، يەنىلا ئۆچۈرىۋېتىش كېرەك، دەپ قارايمەن. باشقۇرغۇچىلار ئويلىشىپ كۆرگەن بولسا!

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 08:40:59

2- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ تېمىنى ئۆچۈرىۋېتىش كېرەك، دەپ قارايمەن.



نېمىشقا ئۆچۈرۈدۇ؟بۇمۇ بىر تېخنىكا تۇرسا؟
مۇشۇنداق تېخنىكانى بىلگەندە ئۇنىڭدىنمۇ نوچى تېخنىكا ياراتقىلى بولىدۇ.


ئەلا باھالاندى.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 08:44:01

ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ، ساقلىۋالدىم{:92:}

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 08:47:24

گەرچە بۇ ئوغرىغىمۇ پايدىلىق بولسىمۇ، تېخنىكا دىگەن يەنىلا تېخنىكا، تېخنىكىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان مۇۋاپىق ئەمەس. ئوغرىدىن مۇداپىيە كۆرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ.

ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىش كېرەك.

مەن بۇرۇن بىر تال يىڭنە ۋە بىر بېرىتىۋا پارچىسى بىلەن ياتاقنىڭ ئاددىي قۇلۇپلىرىنى ئېچىپ بېرەتتىم ئۆزىمىزگە. بۇرۇن ئىدارىنىڭ قۇلۇپلىرىنىڭ يېرىمىنى كارتا دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئېچىپ بېرەتتىم.

ufofly يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 09:13:50

ئەلا ، نىمىشقا ئۆچۈرىدۇ؟ ئوغرى ئىزدىنىشقا كىرىپ قۇلۇپ ئېچىشنى ئۈگىنىپ يۈرمەيدۇ،ھەرقانچە بولسىمۇ ،ئىزدىنىشتىكىلەر بۇ تېخنىكىنى ئۈگىنىۋىلىپ ئوغۇرلۇق قىلىپ يۈرمەس ...تېخنىكىلىق نەرسىلەرنى بىلىۋالغۇلۇق ...

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 09:28:17

ئۆيۈڭلەرگە ئوغرى كىرسە مەندىن ئاغرىنماڭلار ئەمسە-ھە! \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 09:32:56

مەن دەپ قوياي، مەن ئادەتتە كومپيۇتېرنى ئىشخانىدا قويۇپ قويىمەن، مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرسەڭلار، يوتقاندىن قىممەت نەرسە يوق{:92:}

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 09:37:33

خەنزۇچە تور بەتلەردە بۇنداق مەزمۇنلار ساماندەك كۆپ تۇرۇپتىغۇ ؟ يۈكسەلجان بەك سەزگۈر جۇمۇ.



ئۇيغۇر ئوغرىلارنىڭ تېخنىكىسى بەك تۆۋەن. ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ ساپلا قۇلۇپى يوق يانچۇقلارغا قول سېلىپ يۈرگەن. ئوغرىلار مۇنبەرگە كىرسىكەن،كاشكى\"\"



بىر قۇلۇپنى ئاچسا 100 سوم ئالىدۇ. ھەممە ئادەم بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك قويىدىغان تېخنىكا بۇ.

ئاۋۇ قوراللارنى تاۋباۋدا ساتىدىغانلار بار.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 09:38:50

ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي ھە\"\"

كارتا ئارقىلىق ئېچىش، ھازىرمۇ ناھايىتى ئەسقاتىدىغان تېخنىكىلارنىڭ بىرى، بىراق مەن ئىشىكنى ئەتسەم چوقۇم ئاچقۇچنى تولغاپ ئېتىمەن.   {:92:}

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 09:45:57

13- قەۋەتتىكى patriot2نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەنزۇچە تور بەتلەردە بۇنداق مەزمۇنلار ساماندەك كۆپ تۇرۇپتىغۇ ؟ يۈكسەلجان بەك سەزگۈر جۇمۇ.



ئۇيغۇر ئوغرىلارنىڭ تېخنىكىسى بەك تۆۋەن. ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ ساپلا قۇلۇپى يوق يانچۇقلارغا قول سېلىپ يۈرگەن. ئوغرىلار مۇنبەرگە كىرسىكەن،كاشكى\"\"



بىر قۇلۇپنى ئاچسا 100 سوم ئالىدۇ. ھەممە ئادەم بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك قويىدىغان تېخنىكا بۇ.

ئاۋۇ قوراللارنى تاۋباۋدا ساتىدىغانلار بار.

شۇ ئەمەسمۇ؟بۇمۇ كۆرسىلا قىلالايدىغان ئىش بولمىسا.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 10:07:20

مەن كۆرۈۋېلىپ چاتاق قىلدىم-دە؟ چاچ قىسقۇچۇم بىلەنلا بىر تەرەپ قىلىۋېتەتتىم، بۇنى كۆرۈپ سەۋىيەم ئۆسۈپ قالدى،   {:92:}

ھازىرچە ئەلا باھالىغاچ تۇراي!

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 10:07:54

كۆپ رەخمەت، ئەلا باھالىغانلاغا

مەنمۇ ئويلىغان بۇنى لىكىن بۇ ناھايتى ئاددىي بىر تىخنىكا خالاس ،يەنە نۇرغۇن قۇلۇپلا بار بۇ تېمىنى كۆرگەن ئادەم ھەممىنى بىلىپ ئوغىرلىق قىلىشى ناتايىن.

ئۈگەنمەكچى بولغانلا باشقا تور بەتلەردىن پايدىلىنىپ ،ماتىريال سىېتىۋالسا كەسپى قۇلۇپ ئىچىش خىزمەتچىسى بولۇپ شىركەت ،مەكتەپلەنى ئاچسا بۇمۇ بىر تەرەققىيات ،قىرىنداشلىرىمىز بىزدىن بۇرۇن چىقىپ كەتمىسۇن ،بىز ئەقىللىق مىللەت چوقۇم قىلالايمىز.{:90:}

MUZATD يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 10:43:51

ساقلىۋالاي دەپ ساقلىيالمىدىم.

ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي.
بەت: [1] 2 3
: قۇلۇپنىڭ تۈزىلىشى ۋە ئاچقۇچسىز قۇلۇپ ئېچىش تىخنىكىسى