فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-8 17:33:44

ئاخىرقى قۇياش


ئاخىرقى قۇياش



ئاخىرى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن قۇياشمۇ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا...

   

   قۇياش، سەن نېمىدېگەن سۆيۈملۈك ھە! ھەر دائىم قاراڭغۇلۇقتا قالغان قەلبىمگە ئۆزۈڭنىڭ ئىللىق ھارارىتىڭنى ئايىماستىن سۇنۇپ، چاڭقاق قەلبىمنى سۆيۈندۈرىسەن، يايرىتىسەن. شۇڭلاشقىمۇ مەن ساڭا قانمايمەن. لېكىن سەندىن ئايرىلىشقا چىدىمىغانسېرى ھەر كۈنى كەچتە بىر قېتىم خوشلىشىمىز، سەھەردە يەنە سېنى ئىللىق كۈلكىلىرىم بىلەن كۈتىۋالىمەن، سەنمۇ ماڭا ئىللىق باقىسەن! يوللىرىمغا نۇر بولۇپ، قەلب ئېتىزلىرىمدا ماڭا جۆر بولۇپ مۇڭلۇق كۈيلەرنى ياڭرىتىسەن. ماڭا يالغۇزلۇقنى پەقەت ھېس قىلدۇرمايسەن، بەلكى شۇ يالغۇزلۇق ئارقىلىق ماڭا ھاياتلىقىمدىكى ئەڭ سىرلىق، ئەڭ نازۇك قەلب تىۋىشلىرىمنى ئۆز-ئۆزۈمگە ھېس قىلدۇرماقچى ، ئۇنىڭدىن زوقلانماقچى بولۇشۇم ئۈچۈن ئەتراپىمدا پەرۋانە بولىسەن...

   

   گەرچە بۇرۇنقىدەك ئۆزلۈكۈمنى تاپالمايۋاتقان بولساممۇ، ئەمما ئەتراپىمدا مېنى يۆلەۋاتقان، ماڭا ئىلھام بېرىۋاتقان، ھاياتلىق سەپىرىمنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرەك بولۇۋاتقان ۋە ھەتتاكى ماڭا قەدەمدە بىر پۇتلىشىپ، ئالغا ئىلگىرىلىشىمگە توسالغۇ بولۇۋاتقان. ئاران دېگەندە تاپقان ئىلھاملىرىمنى، ئارزۇ-نىشانلىرىمنى ئۆزىنىڭ مەغرۇر كۈلكىسى بىلەن مەسخىرە قىلىۋاتقان... ئازابلىرىمغا ئازاب، يىغىلىرىمغا يىغا بولۇۋاتقان ئاشۇ ئادەملەرنى ناھايىتى ئاسانلا ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. گاھىدا ئۇلاردىن كۆڭلۈم سۆيۈنسە، گاھىدا قەلبىمدە ئەزەلدىن پەيدا بولۇپ باقمىغان غەزەپ-نەپرەت ئۇچقۇنلىرى ئۇچقۇنداپ، ئۇلارغا سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ ئاندىن تېزلا غايىب بوپ كېتىدۇ...نازۇك ھەم ئاددىي قەلبىم شۇ سۆيۈملۈك كىشىلەر تەرىپىدىن تالاي قېتىم يەتكۈچە ئازار يېگەن بولدى، ئۇلارنىڭ يۈرەكنى ئېزىدىغان ئاشۇ زەھەردەك ئاچچىق گەپلىرىگە دەماللىققا شىپا تاپالمىغان بولساممۇ، ئەمما يۈرۈكۈم خۇددى ناھايىتى مۇستەھكەم قورام تاشلار بىلەن پۇختا ئورىۋېتىلگەندەك ھازىرغا قەدەر سوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، ھەتتاكى مەن قەلبىمنىڭ تېخىمۇ بەكرەك ئازابلىنىپ بېقىشىنى، تېخىمۇ بەكرەك پۇچۇلىنىپ بېقىشىنى ھەممىدىن بەك ئۈمىد قىلاتتىم... ھەر قېتىملىق چوڭقۇر ئازابلىنىشلاردىن كېيىن مۇڭلىنىپ تۇرۇپ سۈرۈلۈۋاتقان چوڭقۇر ئىزتىراپلىق خىياللار، مۇڭلىنىشلار،ئىككىلىنىشلەر، تاڭنى-تاڭغا ئۇلاشلار نەتىجىسىدە ھەممە ھەممىگە كۆنۈپ كەتكەندەكمۇ بولدۇم... كەلگۈسۈمنىڭ ئۇنچىلىك قالتىس بولىدىغانلىقىنى، ئاجايىپ مەنالارغا، تاتلىق-يېقىشلىق كۈلكىلەرگە تويۇنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەئەينى تەس بىر ئىش ئىدى.


    بۈگۈنمۇ يەنە شۇ ئازاب دېڭىزىدا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىۋەردىم... ئەمما بۈگۈن ئۆزگىچە بىر كۈن ئىدى، بۇ كۈن مەن ئۆزۈمنىڭ قۇياشىنى ئىزدەپ تاپقانلىقىمنى  تۇيۇقسىزلا سېزىپ قالغاندەك تۇراتتىم. قۇياش ئەسلى كائىناتتىكى بارچە نەرسىلەرگە ئورتاق بولغان سۆيۈملۈك ھارارەت بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما مەن بۈگۈن ئۇنىڭ پەقەت ماڭىلا تەۋە بولۇشىنى، مەندىن باشقا ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ئۇنىڭ ھارارىتىدىن، ئىللىق تەپتىدىن ھوزۇرلىنىشىنى ئەسلا خالىمىدىم. چۈنكى،مېنىڭ قەلبىم ھەر قانداق بىر ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلالماس ھالەتتە شۇنچىلىك بەك ھالسىراپ كەتكەن ئىدى. قۇياشنىڭ بالدۇرراق كېلىپ ئىللىق باغرىغا بېسىشىنى، ئەنسىز قەلبىمنى تىنىچلاندۇرۇپ، تاتلىق پىچىرلاپ سىقىلغان- تەئەججۈپلەنگەن يۈرۈكۈمگە راھەت-بەخش تۇيغۇسىنى ئېلىپ كېلىشىنى شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى زارىقىپ كۈتكەن ئەمەسمۇ؟!


    ئەنە! ئۇ ئاستا-ئاستا ماڭا يېقىنلاپ كەلمەكتە... مەن ئۇنىڭغا زوقلانغىنىمچە سۈرەتتەك ئۆز جايىمدا قېتىپ قالغان ئىدىم، كاللام  پىكىر قىلىشتىن توختىغان، يۈرۈكۈممۇ ھازىرلا قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك تېز-تېز سوقۇاتاتتى، مەن ئەنە ئاشۇ كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئوتلۇق مىنۇتلاردا ئۆز- ئۆزۈمدىن ھالقىپ كەتكەن ئىدىم. ھەممە يەر ئاپئاق نۇر بىلەن نۇرلانغان، كائىناتمۇ ئۆز ئوقىدا ھەرىكەت قىلىشتىن توختىغان ئىدى... دۇنيالىقتىكى مېنى سەسكەندۈرگەن، ئازابلىغان ئادەملەر، قەھرىتان قىشتا يىغلامسىراپ قېتىپ قالغان قەلبىم مانا ھازىر كۆرۈنمەيتتى... قۇياشنىڭ كىشى ئەقلىنى لال قىلغۇدەك ئىللىق ھارارەتلىك تەپتىدە نەچچە ئەسىردىن بۇيان ھېچنەرسىگە قانمىغان چاڭقاق قەلبىممۇ نەمدەلگەندەك تۇراتتى... مەن ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ باغرىغا سىڭىپ كېتىۋاتاتتىم. ۋاقىتنىڭ مەڭگۈ مۇشۇ ئىزدا توختاپ قېلىشىنى ھەممىدىن بەكرەك ئۈمىد قىلماقتىمەن... يۈرۈكۈم ھازىر شۇنچىلىك بەخىرامان، شۇنچىلىك راھەتلىك سوقۇۋاتاتتى.


    مەن قۇياشقا قانمىدىم، راستىنلا قانمىغانتىم!!!


    بىراق، ئەنسىز مىنۇتلار يەنە قىستاپ كېلىشكە باشلىدى. غايەت زور بىر كۈچ مېنى ئۆزىگە تارتىپ كېتىۋاتاتتى، بۇ سۆيۈملۈك قۇياشتىن يەنە بارا-بارا يىراقلىشىشقا باشلىماقتىمەن، بۇ مېنىڭ ئۈمىدىم ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە!!!


    شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كۆزلىرىمدە، قەلىبلىرىمدە ئۇنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمىنى مەڭگۈ ساقلىۋېلىش ئۈچۈن بارچە ئازابلارغا، ئاغرىشلارغا پەرۋامۇ قىلماستىن ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن كاللامغا ئۇچۇر يوللاۋاتىمەن... بىراق بۇ كاللام ئاللىبۇرۇن كارغا كەلمەس بولۇپ قالغاندەك گىژىلداپ، ئىنكاس قايتۇرماي جىم تۇرۇۋالدى، شۇ دەقىقىدە يۈرۈكۈم يەنە ئەركىن سوقالمايۋاتاتتى، بىر نەرسىلەرگىدۇر قىيمىغاندەك، تارتىشىۋاتقاندەك ئىدى، تىت-تىت بولۇشقا باشلىدىم... ئاخىرى ئامالسىزلىقتىن ئۇنىڭ قوللىرىنى قويۇۋېتىشكە مەجبۇر بولدۇم، كۆزىگە قايتا قارىمىدىم. ھەم شۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ مېنىڭ كۆزۈممۇ قايتا ئېچىلماس بولۇپ قالغانىدى...

  

  

  مەنبە:ئۆزۈم

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-8 20:26:18

بۇرۇقتۇرمىلىق،سىقىلىش،ھاياجان،ئۈمىدۋارلىق،چۈشكۈنلۈك...قىسقىسى قەلبنىڭ پىنھان يەرلىرىدىكى ھېسىياتنى ياخشى ئىپادىلەپسىز. بىراق.......

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-4-8 21:21:25

ھېسىياتلار تېشىلىپلا كېتىپتۇ مانا.ئىچىڭىز پۇشۇپ تۇرسا ياخشىكەن سىزنىڭ \"\" .قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن !

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 06:28:38

نېمە دەرت يەتتى خېنىم ئۆزلىرىگە ؟

قۇياش نۇرى كۆرۈنمەپتۇ كۆزلىرىگە .

ئازابمۇ بەخت ئىكەن بىلگەنلەرگە .

قۇلاق سېلىپ ئولتادۇق سۆزلىرىگە .

غەم باسقاندا ئىزدىنەيلى بىر ھەق ئۈچۈن .

بالدۇر قورۇق چۈشمىسۇن يۈزلىرىگە .

چۈشسىغۇ ھېچ گەپ ئەمەس ئۇ بىر چىراي ،

شەيتان چاڭگال سالمىغاي دىللىرىگە .

ھەر نەپەستە بىر قېتىم شۈكرى كېرەك ،

ھەم كېرەك يورۇق تۇرغان كۆز نۇرىگە .

تىلەيلى دوستلار ئۈچۈن ھەر تاڭدا بەش ،

ساغلام روھ ، ساق ئىرادە ھەر بىرىگە .

......................................... \"\"

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 11:46:00

ھەر ئەتىگەندىكى ئالتۇن قۇياش نۇرى جىمى ئالەمنى ھاياتلىققا، ھەرىكەتلىنىشكە ئۈندەيدۇ؛  نۇرغۇن ئىقلىم ھەم نۇرغۇن ئادەملەر قۇياش زەر نۇرلىرىنى سەپكەن زېمىنغا كۈلۈپ باققىنىچە، يېڭى بىر كۈنلۈك ياشام-ھاياتنى كۈتۈۋالىدۇ؛ لېكىن، مېنىڭ مىللىتىم، مېنىڭ سۆيۈملۈك قەۋمىم پاك، ھالال رىزقى ئۈچۈن ئەلمىساقتىن داۋاملىشىپ كەلگەن تۇرمۇش ئادىتى بىلەن تەڭداشسىز قۇدرەت ئىگىسى ـــ ئاللاھ ياندۇرغان نۇرلۇق چىراغ بولغان ئاشۇ قۇياشنى كۈتۈۋالىدۇ؛ مېنىڭ مىللىتىم ياراتقۇچىغا بولغان ھەمدۇ-ساناسىنى تاماملاپ بولۇپ، قۇياشنىڭ چىقىپ ئۇلارنى يورۇقلۇققا چۆمدۈرۈشىنى كۈتمەيلا،  يېڭى بىر ھاياتنىڭ ئاددىي ئەمما، رازىمەنلىك بېتىنى ئەجىر-مېھنىتى ئارقىلىق بېزەش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ھەرىكەتلىنىپ بولغان بولىدۇ؛ ئۇلار قۇياشتەك كۆڭلى بىلەن قۇياشنى كۈتۈۋالىدۇ؛

  مەن مانا مۇشۇنداق «سەھەرچى مىللەت»نىڭ بىر ئەزاسى بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ھەم ئاللاھقا چەكسىز سېغىنىمەن!

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 13:50:13

5- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شاھ-سەنەم سىزنىڭ ئىمزايىڭىزدىكى گەپلەر كىمنىڭ گېپى، ئەجەپ ئوقۇپ چۈشەنمەيمەنغۇ \"\"



@shah_senem


مەنمۇ شۇنى سورىماقچىدىم ؟

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 13:52:43

ماۋزۇسى:  ئىنكاسىڭىزغا ئىنكاس يېزىلدى  



سىزنىڭ «ئاخىرقى قۇياش» مازۇلۇق تېمىغا يازغان 3- قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزنىفائىزە034نەقىل ئېلىپ ئىنكاس يازدى.بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

بۇ سىستېما ئاپتوماتىك ئەۋەتكەن ئۇچۇر، جاۋاپ قايتۇرماڭ.





ئىنكاسىڭىزنى ئۆچۈرۋالدىڭىزمۇ - نېمە  ؟    {:92:}

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 14:25:32

8- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىنكاسىڭىزنى ئۆچۈرۋالدىڭىزمۇ - نېمە ؟ \"\"

ھەئە... ئەتتىگەندە يازغان، كېيىن ئۆچۈرۈۋەتتىم، مەن يازغان نەرسىلەرنى ۋاقتىدا كۆرۈۋالمىسىڭىز ئۆچۈپ كېتىدۇ\"\"



ھە ، قەلىمىڭىزنىڭ سىياھى تۈگەپ كېتىپ ، تۈكرۈكتە ھۆللەپ ئىنكاس يېزىۋاتقان ئوخشىمامسىز \"\"


دىققەت قىلسام بولغۇدەك !

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 17:14:36

ما قىز بالىغا يەنە نىم بوغاندۇ

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-9 18:27:18

2- قەۋەتتىكى yapraqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھېسىياتلار تېشىلىپلا كېتىپتۇ مانا.ئىچىڭىز پۇشۇپ تۇرسا ياخشىكەن سىزنىڭ \"\" .قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن !

ئىچىم بەك پۇشۇپ كەتسە چاتاق چىقىپ قالامدىكىن \"\"\"\"

ahmatimam يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 20:02:32

ناھايتى ياخشى يېزىپسىز مەن بۇ يازغان ختىڭىزنى ئوقۇپ بۇلالمىدىم

yamgursiz يوللانغان ۋاقتى 2012-7-6 17:02:20

تېمىڭىزنى ياختۇردۇم. بىر ئوقۇشۇمدا تىنماي ئوقۇۋېتىپتىمەن. بەكمۇ ئەدەبىي يېزىۋېتىپسىز.  يېزىقچىلىقتا خېلى قابىليىتىڭىز بار ئىكەن. تېمىسىنىمۇ ياخشى قويۇپسىز.. مىنى ئويغا سېلىپ قويدىڭىز، بۇ ئەتىراپىڭىزدا راسلام يۈز بەرگەن ئىشلار بولسا ھەي مىنىڭ ئەتىراپىمدا قارىغاندا ھېچ ئىش يۈز بەرمەپتۇ .  بۇ بۇرۇقتۇرمىلىقتىن بالدۇرراق سەكىرەپ چىقىپ كېتىشىڭىزنى، قۇرۇق باسقان يۈزلىرىڭىزنىڭ باللدۇراق ئەسلىگە كېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ھې ھې ھې

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-7 20:01:14

بۇ پەقەتلا بىر يېزىپ قويغان بىر نەرسە... ھېچنەرسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. دېگىنىڭىزدەك ھازىر كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىمەن \"\" ... ئىنشائاللاھ!!!

yamgursiz يوللانغان ۋاقتى 2012-7-7 21:57:07

دىگىنىڭىز كەلسۇن.  قارىغاندا بۇ سىزنىڭ مۇنداقلا يېزىپ قويغان نەرسىڭىز بولسا دېمەك يازسىڭىز ئۆتتۈرۋېتىدىكەنسىزدە يېزىپ،،  مۇشۇ ئىزدىنىشقا بىر ئەسەر يېزىپ گۈزەللىكتە ھەم سۆزمەنلىكتە ھەم چولپان بولىڭە بولدى. \"\"  \"\"  \"\"  \"\"
بەت: [1]
: ئاخىرقى قۇياش