NewTab يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 15:47:02

خوڭكوڭلۇقلار ئاددىي خەنزۇچە خەتلىك قورۇما تىزىملىكىگە ناھايىتى سەزگۈر

خوڭكوڭلۇقلار ئاددىي خەنزۇچە خەتلىك قورۇما تىزىملىكىگە ناھايىتى سەزگۈر



4-ئاينىڭ 6-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭ بىلەن جۇڭگو قۇرۇقلۇقى ئارىسىدىكى مەدەنىيەت توقۇنىشى بىر مەزگىل تىنجىپ قالغاندىن كېيىن يەنە پەيدا بولغان. تەيۋەن «ۋونت گېزىتى» نىڭ 5-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيە Agnes b قەھۋاخانىسى خوڭكوڭدا يېڭىدىن تارماق دۇكان ئاچقاندا ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنسۇچە خەتتە قورۇما تىزىملىكى قىلغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن خوڭكوڭ ئاممىسى ئېنتىرنېتتا قاتتىق تەنقىت قىلغان. خەلق رايى ۋەكىلى ئەرز قىلغاندىن كېيىن، فرانسىيە شېركىتى دەرھال كەچۈرۈم سورىغان ھەمدە قورۇما تىزىملىكىنى مۇرەككەپ خەنسۇچە خەتكە ئالماشتۇرغان، ۋەقە ئاندىن تىنجىپ قالغان.


ۋەقە خوڭكوڭنىڭ جىيۇلوڭدىكى بىر سودا سارىيىدا يۈز بەرگەن. يېڭىدىن ئېچىلغانAgnes b قەھۋاخانىسى ئاسقان چوڭ قورۇما تىزىملىكىدە ئېنگىلىزچە يېزىلغاندىن سىرت، ئاددىي خەنسۇچە خەت بىلەن قورۇما ئىسىملىرىنى ئاتىغان. خوڭكوڭ «سىڭتاۋ گېزىتى» خەۋەر قىلىشىچە، سايگون رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى فەن گوۋېي يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تەنقىت قىلىپ، Agnes b نىڭ قورۇما تىزىملىكى ئاددىي خەنسۇچە خەت شەكلى ئىشىلتىپلا قالماي، يەنە ئىشلەتكەن سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگو قۇرۇقلۇقى ئىشلىتىدىغان سۆزلەر بولۇپ قالغان، مەسىلەن خوڭكوڭلۇقلار ئادەتلەنگەن «沙律» قورۇما تىزىملىكىدە «色拉» بولۇپ قالغان؛ خوڭكوڭلۇقلار دائىم دەيدىغان «冻饮» قورۇما تىزىملىكىدە «冰饮» بولۇپ قالغان؛ كاكائودا ياسىلىدىغان «朱古力» بولسا جۇڭگو قۇرۇقلىقىغا ئوخشاش «巧克力» بولۇپ قالغان. فەن گوۋېي سۈرەتلەرنى دەرھال ئېنتىرنېتتا ئېلان قىلغان ھەمدە Agnes b قەھۋاخانىسىدىن ئاددىي خەنسۇچە خەتلەرنى دەرھال مۇرەككەپ خەت شەكلىگە ئۆزگەرتىپ، 7 مىليون خوڭكوڭلۇقنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ:«بۇ ۋەقەدە شىياگاڭلىقلارنى كەمسىتىدىغان ئامىللار بار. سودا سارىيىغا يېقىن رېستۇران تىجارەت باشلاي دەپ قالدى، Agnes b جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكىلەرنى ئاساس قىلدى، شۇڭا خوڭكوڭلۇقلار بىلەن كارى بولمىدى. ئەمما قەھۋەخانا خوڭكوڭدا تىجارەت قىلىدۇ، ئەگەر مۇرەككەپ خەت شەكلىدە يازمىسا، سودىگەرنىڭ پەقەت جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكى مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن بولىدۇ» دېگەن. Agnes b قەھۋەخانىسى تېزلىكتە ئېنتىرنېتتا ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغان. شېركەتنىڭ قەستەن خوڭكوڭلۇقلارنى كەمسىتمىگەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە موشۇ ھەپتە ئىچىدە بارلىق تاماق تىزىملىكىنى ئېنگىلىزچە ۋە مۇرەككەپ خەنسۇچە خەتتە يېزىپ چىقىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.


Agnes b خوڭكوڭدا داڭقى بولغاچقا، يەنە كېلىپ ئوتتۇرا ھال دەرىجىدىكى ماركا بولغاچقا، نۇرغۇن خوڭكوڭلۇق خىزمەتچىلەر ئېستىمال قىلالايدۇ، شۇڭا ۋەقە قىسقىغىنا نەچچە كۈن ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ كەتكەن. جىيۇلوڭ رايونىدىكى لىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ يەر نېمىلا بولمىسۇن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ يېرى بولۇپ، مۇرەككەپ خەت شەكلىنى ئىشلىتىشى كېرەك، گەرچە نۇرغۇن خوڭكوڭلۇقلار ئاددىي خەنسۇچە خەت شەكلىنى كۆرۈپ چۈشەنسىمۇ، يەنىلا مۇرەككەپ خەت شەكلى ياخشى ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يېقىندا «تۇغۇتلۇق ئاياللار» ۋە گۇاڭدوڭ-خوڭكوڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋەقەلىرى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ جۇڭگو قۇرۇقلۇق مەدەنىيىتىدىن خېلى بىزار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. داڭلىق مەدەنىيەتچى زات چېن يۈن ماقالە يېزىپ، خوڭكوڭ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ يېرى، جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكىلەرنىڭ ئەمەس. جۇڭگو قۇرۇقلۇقى ناھايىتى چوڭ، مەدەنىيىتىمۇ كۈچلۈك، ئەگەر جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكىلەر خوڭكوڭ مەدەنىيىتىگە كۆنەلمىسە خوڭكوڭغا كەلمىسىمۇ بولىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى مەجبورلىمايدۇ، دېگەن. بىراق، بىر قىسىم كىشىلەر خوڭكوڭ مەدەنىيىتى تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان بولىشى كېرەك دەپ قارىغان. خوڭكوڭ رادىئو پىروگىراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى فەن دېۋېينى جاھاننى قالايمىقان قىلدى ،دەپ تەنقىت قىلغان. ئۇ نۇرغۇن رېستۇرانلاردا ئېنگىلىزچە تاماق تىزىملىكى ئىشلىتىدۇ، ئەمىسە نېمىشقا بۇ رېستۇنلارنلار خوڭكوڭلۇقلارنى كەمسىتكەن بولمايدۇ؟ دېگەن. بىر قىسىم ئاخباراتلار باھا بېرىپ، بۇ ۋەقە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ سەزگۈر مەدەنىيەت توقۇنىشى نېرۋىسىنى يەنە قوزغاپ قويدى، خوڭكوڭلۇقلار مۇرەككەپ خەت شەكلى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكىلەر بىلەن پەرقلەندۈرۈپ كەلگەن، دېگەن.





مەنبەسى: http://news.okyan.com/View.aspx?ID=4751


alqin317 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-8 07:55:22

خوڭكوڭ دىسە نەكىن دەپتىمەن، ئەسلى شياڭگاڭكەندە...

ئىنگىلىزچىدىن بىۋاستە ئەكەپسىز...

دەمال بۇنداق يىزشقا كۈنەلمىدىم....



لىكىن ياخشى تىما ، ھارمىغايسىز...

شياڭگاڭلىقلار مەدەنيەت جەھەتتە ئچىكى قۇرۇقلۇقتىن راستلا پەرقىلىنىدۇ...

مەن تۇنۇيدىغان بىر قانچە شياڭگاڭلىق ھەتتا «خەنزۇچە ئورتاق تىل»سۆزلىسە بىر ئاز گاڭگىراپ قالدۇ...

شوڭا ئولار بىلەن ئىنىگىلىزچە پىكىر ئالماشتۇرمىز...ھەتتا ئلىكرۇنلۇق خەت يىزشساقمۇ ئىنگىلىزچە...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-8 12:43:55

1- قەۋەتتىكى alqin317نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوڭكوڭ دىسە نەكىن دەپتىمەن، ئەسلى شياڭگاڭكەندە...

ئىنگىلىزچىدىن بىۋاستە ئەكەپسىز...

دەمال بۇنداق يىزشقا كۈنەلمىدىم....



لىكىن ياخشى تىما ، ھارمىغايسىز...

شياڭگاڭلىقلار مەدەنيەت جەھەتتە ئچىكى قۇرۇقلۇقتىن راستلا پەرقىلىنىدۇ...

مەن تۇنۇيدىغان بىر قانچە شياڭگاڭلىق ھەتتا «خەنزۇچە ئورتاق تىل»سۆزلىسە بىر ئاز گاڭگىراپ قالدۇ...

شوڭا ئولار بىلەن ئىنىگىلىزچە پىكىر ئالماشتۇرمىز...ھەتتا ئلىكرۇنلۇق خەت يىزشساقمۇ ئىنگىلىزچە...

بۇرۇن شۇ گۇاڭدوڭلۇقلارنىڭ شىاڭگاڭنى « خوڭگاڭ» دېگىنىنى ئاڭلاپ ئېنگلىسچە «خوڭكوڭ» دەپ ئاتاپ قالغانمىش.

RGB يوللانغان ۋاقتى 2012-4-8 12:45:48

مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق ھەقىقەتەن زوركەن ، كىچىككىنە خەت شەكلىنىمۇ بوش قويمىغانغا قارىغاندا ، بۇلارنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسى بەك كۈچلۈككەن ، ئۆزىنى - ئۆزى ھۆرمەتلەش ، ئۆز تىل -يېزىقى سۆيۈش ھەقىقەتەن ئۇلۇغۋاركەن ، قارىغاندا بىرمىللەت بولغان بىلەن ئاڭ - سەۋىيە ئوخشىمىسا قېنىمۇ قېتىلمايدىغان ئوخشىمامدۇ ؟  \"\"

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-4-8 13:14:10

ئەنگىلىيە پوكىنىغا بېسىپ يېتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ قۇيسا، ئەمدى ئۆزىنىڭ دۆلەت يېزىقىنى ياراتماي كىتىپتىما؟ ئالمايمەن دەپ ئەنگىلىيەگە سېتىۋەتكەن بولسا ئولتۇراتى جاھانگېر قېرىنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ... \"\"

gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-4-8 19:20:26

مەمۇيي رايون دىگەن نوچى بولامدۇ نىمە؟
بەت: [1]
: خوڭكوڭلۇقلار ئاددىي خەنزۇچە خەتلىك قورۇما تىزىملىكىگە ناھايىتى سەزگۈر