Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 09:54:38

قارىسام ئاۋۇ يەردە جىننىڭ تېمىسى قىززىپ كېتىپتۇ، خەلق ئارىسىدا يەنە بىر سىرلىق گەپلەر بار. ئۇزۇن كېسەل تارتىپ، دوختۇرغا بارسا كېسەل تاپالمايدىغان، ھېچقانداق ئامال تاپالماي داخان-پىرخونلارغا بارسا ئۆلۈپ كەتكەن تۇققىنىڭلارنىڭ گۆرىنى ئىچىپ بېقىڭلار دەپ كۆرسەتمە بىرىدىكەن. ئەگەر گۆردىكى جەسەت تېخى تولۇق چىرىپ كەتمىگەن بولسا بىر بولسا كىپىنىنى يېۋالىدىكەن، يەنە بىر بولسا قولى مەيدىسىگە چىقىۋالغان ياكى پۇتى مايماق دېگەندەك ئەھۋالدا بولىدىكەن، كىپىننى يەۋالغان بولسا تارتىپ چىقىرىدىكەن، قول-پۇتى مايماق بولسا تۈزلەپ قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ھىلىقى ئۇزۇن ۋاقىت كېسەل بولغان تۇققىنى ساقىيارمىش. ئۆلگەن ئادەمنىڭ تېرىك ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنچە ئېغىر بىتاب قىلىپ قويالىشىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ. بۇ ھەم مومكىن ئەمەس بىر ئىش. لىكىن ئەھۋال شۇنداق بولىشىغا قارىماي نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ئىشقا ئىشىنىدۇ. ئانامنىڭ يېراق بىر تۇققىنىنىڭ قىزى ساقسىز بولۇپ قىلىپ يېتىپ قاپتۇ، دوختۇرغا ئاپارسا كېسەل تاپالماپتۇ، قىز تاماقمۇ يېمەيدىكەن، كۈندىن كۈنگە جۈدەپ بىر تېرە-بىر ئۇستخان بولۇپ قاپتۇ. شۇ ئارىدا بىرسى يېقىندا ئۆلۈپ كەتكەن تاغىسىنىڭ بۇ قىزغا بەك ئامراق ئىكەنلىكىنى، شۇ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ بۇ قىزنى چاقىرۋاتقان بولىشى ئىھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ گۆرنى ئىچىپ قاراپ بىقىش تەكلىۋىنى بىرىپتۇ. باشقا ئامال بولمىغاندىن كىيىن تۇققانلىرى قەۋرىستانلىققا بىرىپ ھىلىقى قىزنىڭ تاغىسىنىڭ گۆرىنى ئىچىپتۇ. گۆر ئىچىدىكى پۇراق سەل تارقىغاندىن كىيىن ئىچىگە كىرىپ قارىسا جەسەت كىپىنىنى يېۋالغان ئىكەن. نوچىراقىدىن بىرسى جەسەتنىڭ مەيدىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ كۈچەپ كىپەنلىكنى تارتىپتۇ، خىلى ھەپىلىشىپ يۈرۈپ جەسەتنىڭ ئاغىزىدىن كىپەنلىكنى تولۇق تارتىپ چىقىپ گۆرنىڭ ئېغىزنى ئىتىپ ئۆيگە قايتىشىپتۇ. قارىسا ھىلىقى بىتاپ قىز قورسىقىم ئىچىپ كەتتى، نان يەيتىم دەپ يىغلاپ ئولتۇرغانمىش، شۇنىڭ بىلەن كىيىن ئۇ قىز سەللىمازا ساقىيىپ كېتىپتىكەن. بۇنداق ئىشلارنى تولا ئاڭلاپ كەتتىم. بۇنى خەلق ئارىسدا <<ئۆلگەنلەرنىڭ تېرىكلەرنى يېنىغا تارتىشى>> دەپ ئاتايدىكەن. ئۆلگەن كىشى ئۆزىنىڭ ئامراق كىشىسىنى يېنىغا تارتامىش ...

ئۆلدى دېگەن گۇمان بىلەن يەرلىكىدە قويۇپ قىلىش، كىيىن تېرىكلەرنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ قەۋرىنى ئاچسا كىپەنلىرىنى يىرتىپ ، توپىلارنى تاتىلاپ دېگۈدەك ھالەتتە تۇرۇپتۇ دەيدىغان گەپلەرمۇ ئانچە مۇنچە بولۇپ تۇرىدۇ. لىكىن گۆردىكى ئادەم راستىنلا ئۆلگەن ياكى خاتا كۆمۈپ تاشلانغان بولسۇن، ئۇنىڭ سېرتتىكى تېرىك ئادەملەرگە تەسىر قىلالىشى، چۈشىگە كىرىپ بىئارام قىلىشى نېمە سەۋەپتىن بولىشى مومكىن؟ ... ئۆلگەن ئادەم بىلەن تېرىكلەرنىڭ رېشتىنى باغلاپ تۇرىدىغان بىرەر يوشۇرۇن سىر بارمۇ؟ بۇ خىل ئەھۋالدا دىنىمىزنىڭ ھۆكمى نېمە؟ باشقا سەۋەبلەرنى قىلىپ ھېچقانداق چارىسى بولمىغاندا تۇققانلىرىنىڭ گۆرىنى ئىچىپ بىقىش ئەقىدىگە خىلاپ كىلەمدۇ؟...............

  جىننىڭ گېپىنىمۇ تازا قىلىشىپتۇق، ئەمدى بۇ ھەقتىمۇ پاراڭلار بولسا قىلىشىپ باقمايلىما باللا؟

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 10:09:19

بىرزات ئەپەندى سىز ئۇ تۇققىنىڭىزنى ھەقسىز داۋالاپ قويغان بولسىڭىز گۆرنىمۇ ئىچىپ ئولتۇرماس بولغىيتتى.( چاقچاق) بۇخىلدىكى پاراڭلارنى كىچىك چاغلىرىمدا ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ قالاتتىم. مانا ئۇزۇن بولدى ئاڭلىمىغان ھازىر سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن. قىنى باشقىلار نىمە دەركىن ..............

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 10:11:53

1- قەۋەتتىكى yigana0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرزات ئەپەندى سىز ئۇ تۇققىنىڭىزنى ھەقسىز داۋالاپ قويغان بولسىڭىز گۆرنىمۇ ئىچىپ ئولتۇرماس بولغىيتتى.( چاقچاق) بۇخىلدىكى پاراڭلارنى كىچىك چاغلىرىمدا ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ قالاتتىم. مانا ئۇزۇن بولدى ئاڭلىمىغان ھازىر سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن. قىنى باشقىلار نىمە دەركىن ..............

مەن كىچىك ۋاقتىمدىكى گەپلەر ئىدى. يېقىننىڭياقى يەنە ئاڭلاپ قالدۇق بۇنداق گەپلەرنى...

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 10:36:54

بىز تەرەپتىمۇ مۇشۇنداق بىر ئىش بولغان بىر ئائىلىدىن بىر يىل ئارقا ئارقىدىن ھەرخىل سەۋەپ تۇپەيلى ئىچىدە 4مىيىت چىقىپ، باشقىلارنىڭ مەسلىھەتتى بىلەن بىرنىچى بۇلۇپ تۇگەپ كەتكەن مۇمايىڭ گۆرنى ئاچسا مۇماي ئولتۇرۇقلۇق ھالەتتە كىپەننى چىشلەپ ئولتۇرغىدەكمىش،

بەزىلەر دەيدۇ، بىز ئۇيغۇرلار مىيتىنى بەك بالدۇر يەرلىكىگە قۇيۋىتشكە ئالىدىرايمىز بەز مىيىتىلەر تىخى ئۆلمىگەن، يۇركى توختاپ قالغان بۇلۇشى مۇمكىنكەن،    مەن كىچىك ۋاقتىمدا مۇنداق بىر ئىش بولغان مەھەلمىزدە بىر تۇڭگان مۇماي تۇگەپ كەتكەن، ئۇلار مىيىتىنى جىنازغا سىلىپ ئىلىپ كىتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز جىنازا مىداراپ كەتكەن، باشقىلا قۇرقۇپ قاچەقاش بۇلۇپ كەتكەن،  قارسا ھىلىقى مۇماي تىرلىپ قاپتىكەن،  لىكىن بىر ھەپتىدىن ياشاپ يەنە ئۇدۇنيا سەپەر قىلىغان، لىكىن ئىككىنىچى قىتىم بۇنداق مۆجىزە يۈز بەرمىگەن،   

ھازىر تىببىدىمۇ يۇرەك توختىسا ئۇ ئادەمنى مۇتلەق ئۆلدى دىگىل بولمايدىكەن، پەقەت چوڭ مىڭە ئۆلسە ئۇچاغدا ھەقىقى ئۆلگەن بۇلۇدىكەن،

ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 11:00:40

3- قەۋەتتىكى elxat421نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ گەپنىڭ ئاساسى بار.يېقىندا بىر پوتپلچى مەيداندا يېقىلىپ چۇشۇپ 76مىنوت يۇرىكى سوقۇشتن توختاپ قالدى.جىددى قۇتقۇزۇشتىن كىيىن ئەسلىگە كىلىپ ھازىر ماڭغىدەك بوپتۇ.

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 12:25:53

ما گەپنى ھەممە ئادەم ئاڭلاپ كەتسە، دوختۇرخانىدىكى ئادەملەر ئازىيىپ، ھەممىىسى قەبرىستانلىقتا كەتمەن كۆتۈرۈپ يۈرۈشمىسۇن يەنە.

بەزى گەپكە ئىشىنەي دىسە ئەسىلى ئىشەنمەي دىسە ئەسىلى، باشقا كۈن كەلگەندە سىناپ بېقىش خىيالىغا كىلىدىغانلارمۇ چىقىپ قالىدۇ، تىمىدىكىدەك \"\"

dunyajan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 12:37:17

ئادەم ھاياتلا بولسا ئاڭلىمىغان گەپلەرنى ئاڭلايدىكەن. \"\"

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 12:38:51

مىنىڭ چوڭ دادام تۈگەپ كىتىپ يەرلىككە قويۇپ بولغاندىن كىيىن، ئون كۈنگىچە چوڭ دادام دادامنىڭ چۈشىگە كىرىۋىلىپ، توۋلاپ دىگەندەك قىپتىكەن. دادام چوڭلارغا بۇ ئىشنى دىسە، چوڭلار دادامغا:‹بېرىپ دادىڭىزنىڭ قەبرىسىنى ئېچىپ بىقىڭ. ئولتۇرۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن›، دەپتىكەن.  دادام بېرىپ قەبرىنى ئېچىپتۇ. قارىسا چوڭ دادام راس ئولتۇرۇپ قالغانكەن. دادام سۈر ياسىننى ئوقۇپ، دۇئا قىلغاندىن كىيىن، چوڭ دادامنى تۈزلەپ ياتقۇزۇپ قويۇپ يېنىپ كەپتىكەن.  لىكىن چوڭ دادام كىپىنىنى يەۋالماپتىكەن.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 12:54:21

ئاشۇ ئولتۇرۇپ قالغان، كىپەنلىكىنى يەۋالغان كىشىلەر، جېنى چىقماي تۇرۇپ  كۆمۈلۈپ كەتكەن كىشىلەر بولۇپ كەتكەن بولامدا شۇنداق قىلىپ ؟ \"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 14:16:25

ئىزدىنىش بىھۇدە تالاش تارتىشلاردىن ئەمەلىيەتكە يۆتكەلگەندەك قىلىدۇ

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 14:29:42

6- قەۋەتتىكى dunyajanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئادەم ھاياتلا بولسا ئاڭلىمىغان گەپلەرنى ئاڭلايدىكەن. \"\"

شۇ ئەمەسمۇ .

مەنمۇ @ulastay دىن << ماۋۇ گەپنىڭ ئاساسى بار.يېقىندا بىر پوتپلچى مەيداندا يېقىلىپ چۇشۇپ 76مىنوت يۇرىكى سوقۇشتن توختاپ قالدى.جىددى قۇتقۇزۇشتىن كىيىن ئەسلىگە كىلىپ ھازىر ماڭغىدەك بوپتۇ. >>

پوتپلچى

يېڭى گەپتىن بىرنى ئاڭلىدىم .

dunyajan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 14:37:52

10- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى dunyajanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئادەم ھاياتلا بولسا ئاڭلىمىغان گەپلەرنى ئاڭلايدىكەن. \"\"

شۇ ئەمەسمۇ .

مەنمۇ @ulastay دىن << ماۋۇ گەپنىڭ ئاساسى بار.يېقىندا بىر پوتپلچى مەيداندا يېقىلىپ چۇشۇپ 76مىنوت يۇرىكى سوقۇشتن توختاپ قالدى.جىددى قۇتقۇزۇشتىن كىيىن ئەسلىگە كىلىپ ھازىر ماڭغىدەك بوپتۇ. >>

يېڭى گەپتىن بىرنى ئاڭلىدىم .

ئەجىلى توشمىسا ئۆلىمەن دەپمۇ،ئۆلىۋالغىلى بولمىغاندەكلا ئىشتە بۇ...

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 14:41:47

ما تېمىغا چاقچاق قوشالمىدىم \"\"

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 14:51:24

بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ بىر ئايال بىر قېتىم ئۆلۈپ تىرىلغانمىش ،يۈرىكى توختاپ يىراق يىقىنغا ئۆلۈم خەۋىرى تارقالغاندا تىرىلىپ قىلىپ ھازىرمۇ ھايات يۈرىيدۇ .ئاتمىشتىن ئاشتىمىكىن ھازىر ئۇ ئايال

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 17:14:20

ئۆلدى دېگەن گۇمان بىلەن يەرلىكىدە قويۇپ قىلىش، كىيىن تېرىكلەرنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ قەۋرىنى ئاچسا كىپەنلىرىنى يىرتىپ ، توپىلارنى تاتىلاپ دېگۈدەك ھالەتتە تۇرۇپتۇ دەيدىغان گەپلەرمۇ ئانچە مۇنچە بولۇپ تۇرىدۇ. لىكىن گۆردىكى ئادەم راستىنلا ئۆلگەن ياكى خاتا كۆمۈپ تاشلانغان بولسۇن، ئۇنىڭ سېرتتىكى تېرىك ئادەملەرگە تەسىر قىلالىشى، چۈشىگە كىرىپ بىئارام قىلىشى نېمە سەۋەپتىن بولىشى مومكىن؟ ... ئۆلگەن ئادەم بىلەن تېرىكلەرنىڭ رېشتىنى باغلاپ تۇرىدىغان بىرەر يوشۇرۇن سىر بارمۇ؟ بۇ خىل ئەھۋالدا دىنىمىزنىڭ ھۆكمى نېمە؟ باشقا سەۋەبلەرنى قىلىپ ھېچقانداق چارىسى بولمىغاندا تۇققانلىرىنىڭ گۆرىنى ئىچىپ بىقىش ئەقىدىگە خىلاپ كىلەمدۇ؟...............

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 18:08:54

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 18:22:35

مەن ئەكسەنچە ئادەم ئۆلگەندىن كىيىنمۇ مېڭىسى ئۆلمەسمىكىن دەپ پەرەز قىلىمەن.

بۇ ھەقتە ئىلمىي ئاڭلىنىدىغان سەپسەتىدىن بىرنى ئويدۇرۇپ چىقىرايمۇ؟

مۇنداق:

دولقۇن دىگەن نەرسىنى بىلىسىلەر، شۇ دولقۇن ئېنىرگىيە ۋە ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ۋاستىسى.

ئادەم مېڭىسى ھەر ۋاقىت بەلگىلىك چاستوتا بەلۋېغىدىكى ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنى ( فوتونلار) تارقىتىپ تۇرىدۇ( مىنىڭ نۇردىگەن نىمە دىگەن تېمامغا قارالسۇن)

نۇر ۋە دولقۇن ھەققىدىكى تەجىربىلەردە Peak يەنى (رىزونانسلىق) چوققا نوختا ھىساپقا ئېلىنىدۇ... ۋە مۇناسىۋەتلىك سان سىفىرلاردىن سىتاتىستىكىلىق يەكۈن چىقىرىلىدۇ...

ئادەم مېڭىسى تارقىتىدىغان مۇشۇنداق پىك نوختىلار مىڭە ئالاھىدە، شىددەت ۋە تۇيۇقسىز،... پىكىر قىلغاندا يۈز بىرىدۇ ، Noise يەنى شاۋقۇنغا قارىغاندا كۈچىنىشى يۇقىرى دولقۇنلار تارقىلىدۇ...

بو دولقۇنلار باشقا بىر مېڭە ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ لىكىن چاستوتىسى ئوخشاش بولىشى كىرەك.

بالىغا بىر ئىش بولسا ئانىنىڭ كۆڭلى تۇيۇش مۇشۇنىڭدىن بولسا كىرەك.

كۇۋانت فىزىكىسى، مېڭە ئېلىمى،...

تېلفۇندا قۇلايسىزكەن،  مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي. 

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 19:59:18

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 20:37:48

مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى قىلىشمايلى، تېمىغا كېلىلى. مەن دۈجۈرنى تۇرۇپ باقاي بۈگۈن، چاپاننى كەيمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن.

tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 20:43:55

18- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ ئىنكاسىمنى ئۆچۈرۈۋېتىپسىز، ئۆزەم ئۆچۈرسەم ئۇنىڭ يولى باشقىچىتتى، ئۇف

ئىنكاسلارنى بېشىدىن تازىلاپ كەلگەن، سىزنىڭكىنى قۇيۇپ قويسام، باش ئاخىرى يوقلا بىر نىمە بۇلۇپ قالغۇدەك.كەچۈرگەيسىز
بەت: [1] 2 3
: