Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 18:47:36

ۋىروس، قەلىب ۋە راھەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئولتۇرۇپلا تېما يازغۇم كەپكىتىدۇ بەزىدە...

بىلگى سانار دەسلەپتە ھىسابلاش ماشىنىسى بولغان بولسا، ھازىر ئادەملەرنىڭ (لوگىكىلىق)تەپەككۇرىغا تەقلىد قىلىنغان، ئۇچۇرلارنى تېز ۋە ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلالايدىغان، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە مۆۋجىزە خاراكتېرلىق ئىختىدارلارنى ھازىرلىغان، دەۋرىمىزدىكىدەك بىلىم ۋە ئۇچۇر مەنبەرلىرى پارتىلاش خاراكتېرلىق كىڭىيىۋاتقان، ئىنچىكىلىشىۋاتقان بىر زاماندا بىزنىڭ ئايرىلماس بىر ھەمراھىمىز ۋە سادىق ياردەمچىمىز، جانسىز دوستىمىزغا ئايلاندى. شۇڭىلاشقىمىكىن تورسىز بىلگىسانارنىڭ ئانچە قىززىقى ۋە ئەھمىيتى قالمىغان بولسا كىرەك. ھالبۇكى،  كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە زىچ تورلاشقان سان-سېفىر دۇنياسىدا يامان غەرەزلىك، زەرەرلىك ئۇچۇرلار ھەممە ياقنى قاپلاپ تۇرۇپتۇ. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بەزىسى بىۋاستە بىلگى سانارىڭىزنىڭ قاتتىق دېسكىسىنى كاردىن چىقىرىشى مۇمكىن، بەزىسى ئۇنىڭ سېستىما ھۆججەتلىرىنى،... يىنىك بولغاندا ئاستىلىتىدۇ، قېتىۋالىدۇ، ئۇچۇرلىرىڭىز يوقايدۇ... ھېساپتا سىزنى خاپا قىلىدۇ. ھەتتا ئىشەنسىڭىز سىزنىمۇ كاردىن چىقىرىشى مۇمكىن!

بىلگىسانارنىڭ  ۋىروسخورلىرى ۋە شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك، مۇداپىيە يۇمشاق دېتاللىرى تور دۇنياسىدىن كىلىدىغان يامان خاراكتېرلىق، بۇزۇق ھۆججەتلەر، ياغاچ ئات ۋە باشقا ئىشپىيون ھۆججەتلىرىنى ئوزىنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە ئىختىدارىغا قاراپ ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىدۇ... ھىچقانداق مۇداپىيە سېستىمىسسز قوللىنىلغان بىلگىسانارنىڭ نورمال ھالەتتە ساغلام ئىشلەيدىغانلىرى ئاز ياكى ھازىر بولمىسا كىرەك...

يۇقارقى دىگەنلىرىم ئادەتتىكى  پاكىت خاراكتېلىق گەپلەر، ھېچ قىززىقى يوق. لىكىن بىلگى سانارلارنى ئىككىنچىلەپ ئۆزىمىزگە تەقلىدلىسەك ياكى مىسال قىلساق، تور دۇنياسى ھەرخىل خاراكتېر ۋە ئىدىلوگىيەلەر بىلەن تولغان كىشىلىك جەمىيەتنىڭ مىسالىنى كۆرسەتسە بىز ئادەملەرنى ۋىروسلاندۇرىۋاتقان شەيئىلەر نىمە؟ ۋىروسخورچۇ؟

ۋىروس ئۇقۇمى تىبابەتتە كىسەل كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باكتېرىيە ياكى كىچىك مىكرو ئورگانىزىملارنى كۆرسىتىدۇ. ۋىروس لاتىنچە virus يەنى توكسېنلىق، زەھەرلىك دىگەن سۆزنىڭ ئەسلىسى . تىبابەتتىكى ئېنىقلىمىسى بولسا  باشقا ئورگانىزىملارغا ئوخشا ئاقسىل، ياغ، DNA, RNA ... لاردىن تەكىپ تاپقان، باشقا ساغلام ھۈجەيرىلەرگە يۇقۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرنى، يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەردىن بۇزۇلغان توقۇلمىلارنى ۋە بۇلاردىن كىسەلللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مىكرو ئورگانىزىملارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار نىشان ھۈجەيرىللىرىسىز يەنى يۇقۇملانغۇچى ھۈجەيرىلەرسىز ئۆز ئالدىغا كۆپىيەلمەيدۇ لىكىن ئۇلارغا ئېرسىي ماتېرىياللىرىنى كىرگۈزۈپ ئۇنى يۇقۇملاندۇرىدۇ ۋە كۆپەيتىدۇ...

ئەگەر ئادەمدە ئىممۇنتىت سېستىمىسى بولمىسا ئىدى ۋىروسلار ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرلىشىشىغا سەۋەپ بولاتتى. كۆز ئالدىمىزدىكى ئەيدىز ۋىروسى دەل  ئادەمنىڭ ئىممونتىت سېستىمىسىنى كاردىن چىقىرىپ تاشلايدىغان ۋىروس بولغاچقان ئەڭ قورقۇنچلۇق كىسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

باشقا يۇقۇملۇق كىسەللەر مەسىلەن زۇكام دىگەنلەرنى ئادەملەرنىڭ ئىممونتىت سىېستىمىسى، سىرىتتىن بىرىلگەن ۋاكسىنا ۋە دورىلار بىلەن تىزگىنلىگىلى بولىشى مۇمكىن...

تىبابەتتىكى ۋىروس ۋە بىلگىسانار ۋىروسى لوگىكىلىق جەھەتتىن ئوخشىشىپ كىتىدۇ. بىلگى سانار ۋىروسلىرى بولسا مەخسەتلىك ياسىلىدۇ.

يۇقارقى ئىككى خىل مەنادىكى ۋىروس پەقەت ئوبېكتىپ جەھەتتىن ماددا زەھەرلەنمىسىگە(ۋە ياكى زىيانلانمىسىغا)  قارىتىلدى (بىلگىسانار يۇمشاق دىتاللىرى ماددىمۇ ؟)،   ئۇنداقتا مەنىۋى زەھەرلەنمە ۋە مەنىۋى قالقان ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىمدۇ قانداق؟

ئەمدى ئىنسانلارنىڭ روھ دۇنياسى ۋە قەلىب كىسەللىكلىرىگە ۋىروس ۋە ۋىروسخور ئاڭلانمىسىنى تەقلىد قىلىپ باقساق قانداق چۈشەنچە كىلىپ چىقىشى مۇمكىن؟

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 09:00:40

تېمىڭىزنى ئوقۇپ كۆز ئالدىمغا جەمىئەتتىكى بەزىبىر ناچار ئادەملەر نامايەن بولدى . ئەلۋەتتە ، ئۇلار شۇنداق ئادەملەركى ۋىروسنى ئۆزلىرىلا يۇقتۇرۇپ قالماستىن يەنە باشقىلارغىمۇ يۇقتۇرىدۇ . بولۇپمۇ ئۆسمۈر بالىلارغا . بىر قېتىم تېلفون بازىرىدا بىر يانجۇقچىنى تۇتۇۋالدىم . بىر قولۇمدا بىر سومكا كىتاب بار ئىدى . يەنە بىر قولۇمدا يانجۇقچىنىڭ يانجۇجۇقۇمدىكى قولىنى تۇتۇۋالغان ئىدىم . تۇتقىنىم ئېسىمدە . بىر دەمدە ئالدى - كەينىمدىن مۇش - تېپىكلەر يېغىپ كەتتى . ئەتراپتا مىغ - مىغ ئادەم ( ياردەم قىلىدىغان ئىنسان يوق ) . ئېسىمنى يىغىپ بولغىچە ھەممىسى غايىب بولدى . بۇرنۇمدىن قان ئاققان ، كىيىملىرىممۇ قان يۇقى . ئەتراپىمدىكى كىشىلەر شۇچاغدىلا مېنى كۆرگەن ئىدى . ئەپسۇس ، ئۇرغانلار يوق . قايتاشىمدا ئۇرغانلارنى كۆردۈم . مېنى ئىشارە قىلىپ كۇسۇرلىشىۋېتىپتۇ . 7 - 8 دەك بالا . 12 -16 ياش ئەتراپىدا . ئوتتۇرىسىدا چوڭ ياشلىق بىر سى تۇراتتى .

ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز  : ئاق چەككەنلەرنىڭ ئاھۇ - زارىنى ....

ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز : يۇرتىمىزدىكى ئەيدىزنىڭ سانىنى ....

ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز : گۇروھۋازلارنىڭ گۇروھ نامىنى ....

ئەخلاقسىزلىق ، ئىشرەتۋازلىق يامرىدى يۇرتتا ،

كەلگۈسىدە كۆرىمىز يىتىملەرنىڭ ئاھۇ - خارىنى .

بالىلار ئەخلاق ئۆگىتىدىغان دىندىن ئايرىلدى . بالىلار يەنە يەسلىدىن باشلاپ ئائىلىسىدىن ئايرىلماقچى بولىۋاتىدۇ . تولۇقسىزدىن باشلاپلا يۇرتىدىن ئايرىلماقچى بولىۋاتىدۇ . ...

ئائىلىسدىن ، يۇرتىدىن ، ئۆرپ - ئادەتلىرىدىن ئايرىلىپ ئالىم بولماقچى . ئىنژىنىر بولماقچى . كەلگۈسىنىڭ قۇتقازغۇچىللىرى بولماقچى . . .

قەلىبلەردىكى ۋىروسلارنى تازلايدىغىنى ۋىروسخور ئەمەس بەلكى ئائىلە ، يۇرت ، ئۆرپ - ئادەت . . . قاتارلىقلار ئەمەسمىدى !

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 10:18:34

1- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تازلاپ تۇرايلى ۋىرۇسنى

كىسەل باسمىسۇن

ھىدلاپ تۇرايلى بالىلارنى

بىزدىن تانمىسۇن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 14:57:57

تازلاپ تۇرايلى ۋىرۇسنى

كىسەل باسمىسۇن

ھىدلاپ تۇرايلى بالىلارنى

بىزدىن تانمىسۇن

بۇ بەك نوچى ئىنكاس ئىكەن
بەت: [1]
: ۋىروس، قەلىب ۋە راھەت