esiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 15:30:50

بالىلار جىن توغۇرلۇق ھېكايە ئاڭلامسىلەر؟

بالىلار بۇگۈن تۇرۇپلا سىلە ربىلەن جىن توغۇرلۇق گەپ  سېتىشقۇم كەپ قالدى.ئەمسە ئوڭ-سول قۇلاقلارنى چىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار پىقىر ھېكايىسىنى باشلاپ كەتتى؛

بۇرۇن بىر يېزىدا بىر نەچچە كىچىك بالىلار يەنە بىر يېزىغا بېرىپ،شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق تۇرسۇن باخشى دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھال-مۇڭ بولۇشۇپ،سكھبەتلىشىپ كىلىدىكەن،بىر كۈنى شۇ تۇرسۇن باخشىنىڭ ئۆيىدە  گەپتىن-گەپ چىقىپ جىن -ئالۋاستىنىڭ پارىڭى بوپ قاپتۇ.

؛-بىر كۈنى،-دەپ سۆزىنى باشلاپتۇ تۇرسۇن باخشى،-مۇشۇ مەھەللىدىكى ئەسكى تۈگمەنگە بىر ئىش بىلەن بېرىپ زاۋال ۋاقتىدا سەل ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن،مەيدەم شۇنداق ئېغىر ،كۆزۈمنى ئاچسام شۇنداق بەتبەشرە بىر نەرسە مەيدەمگە مىنىۋىلىپ، كانىيىمنى سىققىلى تۇرۇپتۇ.قورقۇنۇمدىن ئورنۇمدىن چاچاپ تۇرۇپ ئۇنى ئىرغىتىپ تاشلاپتىمەن،ئەمما قاچاي دىسام قاچالمايمەن گويا پۇتلىرىم يەرگە مىخلاقلىغتەك.ئامال يوق يا رەببىم دەپ ئىلىشىشنى باشلاپ كەتتىم.بىردە ئۇ يىڭىدۇ ،بىرىدە مەن يىڭىمەن.شۇنداق قىلىپ بىر چاغدا ئۇنى غاچلا قىلىپ ئاستىمغا بېسىۋالدىم ۋە پىچىقم بىلەن چىچىنى كىسىۋالدىم،شۇندىن بېرى كۈندە كەچ ئۆيۈمگە كەپ [ئۇرۇق-ئەۋلادىڭغا تەگمەيمەن چىچىمنى بېرىۋەت]دەپ يالۋۇرۇدۇ.لېكىن ساراڭمىتىم مەن بېرىپ ،چاچنى قۇرئان كىتاپنىڭ ئارىسىدا ساقلاۋاتىمەن،-تۇرسۇن باخشى ھىكايىسىنى تۈگىتىپ بالىلارغا قۇرئان ئارىسىدىكى چاچنى كۆرسىتىپتۇ.بۇنى كۆرگەن بالىلار تازا قورقۇپ [بولدى بىز قايىتايلى] دەپ دەپ قايىتىشىپتۇ.ئۇلار قايىتقان چاغدىمۇ تۈن يىرىملاشقان ۋاقىتكەن.ماڭا-ماڭا بالىلار بىر-بىرلەپ ئۆز مەھەلىلىرگە كىرىشىپ پەقەت ئۆيى ئەڭ چەتتكى بىرسى قاپتۇ،بۇ بىچارە قورقىندىن ئىچىدە مىڭ سۇبىھانئاللا ئوقۇپ قورۇسىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە دەرۋازا تىگىدىن ئاستا ئۆمىلەپ  ھويىلىغا كىرسە قېرى ئالما دەرىخى تۈۋىدە ئاپپاق چاچلىق ئۇزۇن كۆينەك كەيگەن بىرسى ئولتۇرغۇدەك.بالىنى سوغۇق تەر بېسىپ كىتىپتۇ ۋە تۇرسۇن باخشىنىڭ[جىندىن ھەرگىز قورقماسلىق كېرەك.ئەگەر جىننى ئۇچرىتىپ قالساڭلار شۇ زامان نەچچە تال چىچىنى بولسىمۇ يۇلىۋىلىڭلار] دېگەىننى ئەسلەپ،جىن تەرەپكە تىترىگەن قەدەملىرىنى ئاستا بېسىپ مېڭىپتۇ.قارىسا جىن سەل مىدىرلىغاندەك قىپتىكەن،بالا يۈگۈرۈپ بېرىپ كۆزىنى يۇمغىنچە،بۇ ئاق چاچلىق جىننىڭ چىچىدىن كۈچەپ تارتىپتۇ.

-ۋايجان كىم بۇ؟!،-بالا كۆزىنى ئاچسا مومىسى قاقشاپ يەردە ياتقۇدەك.ئەسلى مومىسى  تاھارەت ئالغىلى چىقىپ ئالما دەرىخى تۈۋىدە تاھارەت ئېلىۋاتقانكەن...........

داۋامىنى دوسلىرىمىز بىلەن كۆرگەن ئاڭلىغان چوڭ-كىچىك جىنلار ھەققىدە پاراڭلىشىپ باشلاپ كەتمەدۇق.قولۇم بەك ئاغرىپ كەتتى قالغانلىرىنى ئىنكاس قىلىپ يوللاي

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 15:44:46

مەن بىرنى دەي ھە!

دادامنىڭ كىچىك ۋاقتىكەن، مرھۇم بوۋام تۈگەپ كىتىپ قىرقى نەزىردىن كىيىن بىر كەچلىكى بىر ئىگىز ئادەم(يۈزىنى كۆرگىلى بولمايمىش) دادامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئوچاق ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئوتقا تۈكۈرۈشكە باشلاپتۇ، رەھمەتلىك مومام دەرھال قۇپۇپ بېشىغا قۇيۇپ ياتىدىغان پىچاققا ئايەتلەرنى ھۈرۈپ ھېلىقى ئادەمگە ئېتىشغا، گۈررىدە يالقۇنغا ئايلىنىپ تۈڭلۈكتىن چىقىپ كىتىپتۇ. \"\"

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 15:50:05

باينىڭ بۇلۇڭ يېزىسىدا بىر باخشى باركەن، يولدا ماڭسا قولىغا چىۋىق ئېلىپ، ئالدى-كەينى تەرەپلەرنى چىۋىقداپ ماڭدىكەن، كىشلەرتاماق ۋاقتىدا ئۆيىگە ماراپ تۇرسا ، ئوڭ-سول يېنىدىن چۆپلەرنى ئېلىپ قازانغا تاشلايدىكەن، قوشنىلرى نىمە ئىش بۇ؟-دەپ سورسا، مېنىڭ ئىككى جىن ئايالىم بار، ئۇرۇپ تۇرمىسام ئۇرۇشۇپ پېتىشمايدۇ ؛-دەپ بېرەركەن.



چارشەنبە كەچتە يېرىم كېچىدە ئەينەككە قارىسا جىن كۈرۈنەرمىش. دۇمبىسى كاۋاك بۇلارمىش. يوتقاننى كۈندە قېقىپ قايتا سالمىسا چاتاقمىش \"\"  جىننىڭ گېپىنى قىلغاندا ئىشىك تۈۋىگە جىن كىلەرمىش.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 15:51:28

ماۋۇ جىن دېگەن نەرسە ئەمەلىيەتتە بىزگە جىق ئۇچرايمىش. قارىغاندا، ماڭا ئوخشاشلار تۇيمايدىغان ئوخشايدۇ. يوشۇرۇن بولغانلىقتىن، جىن دەپ ئاتالغانمىش؛

  يەنە بەزى گەپلەرمۇ بار ئىدىغۇ، ماۋۇ جىن دېگەن نەرسە موللا-قارىمنىڭ ئۆيىگە يولىماسمىش، يەنە ھاراقكەش، زابوينىڭ ئۆيىگە كىرمەسمىش؛

  كىم بىلىدۇ، ھەممىڭلارنىڭ كەينىدە جىن قاراپ تۇرۇپ، ئىنكاس ئوقۇۋاتامدۇ، تېخى!

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 15:55:40

3- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

  ماۋۇ جىن دېگەن نەرسە ئەمەلىيەتتە بىزگە جىق ئۇچرايمىش. قارىغاندا، ماڭا ئوخشاشلار تۇيمايدىغان ئوخشايدۇ. يوشۇرۇن بولغانلىقتىن، جىن دەپ ئاتالغانمىش؛

  يەنە بەزى گەپلەرمۇ بار ئىدىغۇ، ماۋۇ جىن دېگەن نەرسە موللا-قارىمنىڭ ئۆيىگە يولىماسمىش، يەنە ھاراقكەش، زابوينىڭ ئۆيىگە كىرمەسمىش؛

  كىم بىلىدۇ، ھەممىڭلارنىڭ كەينىدە جىن قاراپ تۇرۇپ، ئىنكاس ئوقۇۋاتامدۇ، تېخى!  

ئۇيغۇرچە خەتنى جىن ئۇقۇيالماس\"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 15:56:29

كىچىك ۋاقتىمىزدا جىق ئاڭلايتۇق . چوڭلار قايسى كۈنى بىركۈنى( ئۇنتۇپتىمەن) يەرگە كىچىك تەرەت قىلغاندا پوش-پوش دەپ تەرەت قىلمىسا جىننىڭ ئۈستىگە تەرەت قىلىپ سالىدۇ، ئاشۇنداق بولسا چاپلىشىۋالالىدۇ دەيتتى.

مەھەلە چوڭلىرى سۆزلەپ بېرەتتى ،ئۇلارنىڭ دىيىشچە جنلار كۆپىنچە ئۆچكە سۈرتىگە كىرىپ پەيدا بولامىشكەن. ئەگەر ئاشۇ جىننى تۇتۋېلىپ بىر تال تۈكىنى يۇلۋېلىپ، قۇرئاننىڭ ئىچىگە سېلىۋالسا جىن نېمە دېسە ئورۇنداپ بېرەمىشكەنمىش..



ماڭا ئۇچراپ باقمدى دېسە. مېنى كۆرگەنلەر جىن كەلدى دەپ قاچىمىغانغا خوش \"\"

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 15:59:02

4- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ جىن دېگەن نەرسە ئەمەلىيەتتە بىزگە جىق ئۇچرايمىش. قارىغاندا، ماڭا ئوخشاشلار تۇيمايدىغان ئوخشايدۇ. يوشۇرۇن بولغانلىقتىن، جىن دەپ ئاتالغانمىش؛

يەنە بەزى گەپلەرمۇ بار ئىدىغۇ، ماۋۇ جىن دېگەن نەرسە موللا-قارىمنىڭ ئۆيىگە يولىماسمىش، يەنە ھاراقكەش، زابوينىڭ ئۆيىگە كىرمەسمىش؛

كىم بىلىدۇ، ھەممىڭلارنىڭ كەينىدە جىن قاراپ تۇرۇپ، ئىنكاس ئوقۇۋاتامدۇ، تېخى!

ئۇيغۇرچە خەتنى جىن ئۇقۇيالماس\"\"

كىم بىلىدۇ، ئوقۇسىمۇ ئوقۇيدۇ. ئانجىروئىد سىستېمىسىنى قاچىلىدىمۇ تېخى، ئۇلارمۇ يامان  دەيمەن! \"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 16:03:22

باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا بىر بالا بار ئىدى . مېنىڭ جىنىم بار ،قانداق قىل دېسەم شۇنداق قىلىدۇ دەيدىغان .

ئۆيى تۇرسىمۇ قېچىپ چىقىپ، ئوچۇق گۆردە ياتاتتى ، نان تۇرسىمۇ چالما يەيتى . غەلىتە قىلىقلارنى قىلىپ يۈرەتتى ئىشقىلىپ، چىرايىمۇ بىرخىللا ..... ھازىر قەيەردە يۈردىكىن ئۇ بالا .  تۇيۇقسىزلا غايىپ بولدى   {:107:}

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 16:03:51

ھەي،مۇشۇ جىن دېسە قورقمايدىغانلا بارمىدۇ \"\"

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 16:05:50

كىچىك ۋاقتىمىزدا بوۋامنى جىننىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەر دەپ يېنىغا كېلىۋالدىغان. باشقىلار ئېسىمدە قالماپتۇ . بىرسى ئېسىمدە.

بىر كۈنى دەپ ھېكايىسىنى باشلىدى بوۋام:  بازاردىن كەچ قالدىم، ئېشەكنى مىنىپ، بىر قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسام، بىر ئۆچكە ئۇچراپ، لىككىدە سەكرەپ كەينى تەرىپىمگە مىنىۋالغاندەك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆچكە كەينىمدە بارمىدۇ دەپ قولۇمنى كەينىگە سىپاشتۇرسام ئۆچكىنىڭ تاشىقى قولۇمغا ئۇرۇندى،« پاھ بۇ تىكە ئىكەن، تاشىقى ھەجەپ يوغانكىنا » دىيىشىمگە  ئۆچكە زۇۋانغا كېلىپ، «ھە، بېشىڭدىنمۇ چوڭمىكەن» دەپ سەكرەپ چۈشۈپ كېتىپ غايىپ بوپ كەتتى.    {:92:}

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 16:13:45

9- قەۋەتتىكى koxukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كىچىك ۋاقتىمىزدا بوۋامنى جىننىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەر دەپ يېنىغا كېلىۋالدىغان. باشقىلار ئېسىمدە قالماپتۇ . بىرسى ئېسىمدە.

بىر كۈنى دەپ ھېكايىسىنى باشلىدى بوۋام:  بازاردىن كەچ قالدىم، ئېشەكنى مىنىپ، بىر قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسام، بىر ئۆچكە ئۇچراپ، لىككىدە سەكرەپ كەينى تەرىپىمگە مىنىۋالغاندەك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆچكە كەينىمدە بارمىدۇ دەپ قولۇمنى كەينىگە سىپاشتۇرسام ئۆچكىنىڭ تاشىقى قولۇمغا ئۇرۇندى،« پاھ بۇ تىكە ئىكەن، تاشىقى ھەجەپ يوغانكىنا » دىيىشىمگە  ئۆچكە زۇۋانغا كېلىپ، «ھە، بېشىڭدىنمۇ چوڭمىكەن» دەپ سەكرەپ چۈشۈپ كېتىپ غايىپ بوپ كەتتى.   \"\"  

ئاۋۇ خەلىق ئىچىگە كەڭ تارقالغان ھېكايىمۇ نېمە ؟ بىزنىڭ مەھەلىدىكى چاللارمۇ ئاشۇنداي دەيتتى . بېشىڭدەك بارمىكەن دەپ.\"\"

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 16:16:00

ھەي جىن دېسە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ياتاقتا يېتىپ جىننىڭ پارىڭىنى تازا قىلغان ئاخىرى ئۇخلىيالماي ئىككى ئادەم بىر كارۋاتتا يېتىپ يۈرىپتىكەنمىز،گۈزەل چاغلا،،،،،

ھازىر ما ياتاقتا ئۈزەم يالغۇز كەچتە جىننى ئويلاپ ئۇخلىيالماي يۈرمەي يەنە ،،،،

melek يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 16:23:30

كىچىك ۋاقىتلاردا ئاتئىزىم تەربىيىسىنى بەك ئوقۇپ كەتتىممۇ ،جىن بار دېسە پەقەت ئىشەنمەيتىم ،كېيىنچە ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن كىشى جىن ۋە شەيتانلارنىڭ بارلىقىغىمۇ ئىشىنىش كېرەك دېگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشەندىم.

مەنمۇ شۇ جىننىڭ چېچىنى كېسىۋىلىپ قۇرئاننىڭ ئارىسىدا ساقلاپتۇ دېگەن ھىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ كەچكىچە دادامدىن :«  دادا ،چوڭ دادام مەسچىتنىڭ ئىمامى، داڭلىق موللىغۇ ، ئۇنىڭغا جىن ئۇچرىماپتىكەنمۇ ،جىننىڭ چېچىنى كېسىۋالماپتىكەنمۇ ؟» دەپ سورايتىم، ئەپسۇس دادام بىزنىڭ ئەجداتلارنىڭ ئىچىدىن ئۇنداق «باتۇر» لارنىڭ چىقىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقاندا مىشىلداپ يىغلىۋەتكەنتىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماڭا جىن چاپلىشىۋالسا قانداق قىلارمەن دەپ

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 16:32:38

بېشىڭدەك بارمىكەن دەمتى يا .  \"\"

گۈللۈككە ئۆتكەندە يازغان ئىنكاسىمنى چاپلاپ قوياي.

بوۋاملار تۇرغان مەھەللىنى جىنلىق مەھەللە دەپ قويىدۇ، چوڭلار. دادام بىلەن ئاپاملارنىڭ چوڭ ئۆيلىرى بىر مەھەللىدە، ئارىلىقى 100 مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئىككىلا ئۆيدىكىلەر «تۇڭ تۇڭ موماي»نىڭ گىپىنى تولا قىلىدىغان.  بۇ ئۆيلەردە كەچتە ئۇخلىغىچە، چىراقنى شۇنداق ئۆچۈردىمۇ ، «تۇڭ تۇڭ موماي» دورا يانچىشىنى باشلىۋېتەرمىش(چىراقنى ئۆچۈرگەن ھامان دورا يانچىغاندا چىققان ئاۋازغا ئوخشاش ئاۋاز چىقارمىش). چىراقنى شۇنداق ياندۇردىمۇ دورا يانچىدىغان كالتىكىنى« تۈڭگۇر» قىلىپ تاشلىۋېتەرمىش، چىراقنى ئۆچۈرسە يەنە...

  بوۋاملارنىڭ بىر ئېتى بولۇپ، بىچارە ئاتنى كېچىچە ئۇخلاتماي چاپتۇرۇپ ئوينايدىكەنتۇق بۇ جىنلار، ئەتىسى ئەتىگەندە ئېغىلغا كىرىپ قارىسا، ئات دائىم قارا-تەرگە چۆمۈلۈپ كېتەركەن، يايىلىرىنى چاچقا ئوخشاش ئۇششاق ئۆرىۋېتىدىكەن.

  دادامنىڭ ئاچىسى كىچىك ۋاقتىدا بالىلار بىلەن مۆكۈشمەك ئوينىغاندا، بىر قانچىسى شۇ ئېغىلغا كىرگەندە، جۇۋىنى تەتۈر كىيىۋالغاندەك ئاق چاچلىق بىرسىنى كۆرۈپ، قورقۇپ يىغلاپ-چىقىراپ قېچىپ  كېتىپتىكەن.  

   ئاپامنىڭ سىڭلىسىنى يېڭى تۇغۇلۇپ نەچچە ئايلىق بولغاندا، چىراقنى ئۆچۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كاڭدىن  يەرگە تاشلىۋېتىپتىكەن، بىر نەرسە يەرگە چۈشكەندەك ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، ئارقىدىن بالىنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتقىدەك، چىراقنى ياندۇرۇپ قارىسا بالا پەستە يىغلاۋاتقۇدەك. شۇنىڭ بىلەن بوۋام يان تەرەپكە يېڭى ئۆيدىن بىرنى سېلىپ، شۇ يەرگە كۆچۈپ كېتىپتىكەن. 95-يىلمىكىن، تولۇق ئوتتۇرا ۋاقتىم ئىدى، تەتىلدە يۇرتقا بارغاندا. شۇ كونا ئۆيلەرنىڭ بۇرجىكىنى چېقىپ ئۆي سالدۇق، ئۆينىڭ ئاستىنى كولىغاندا ئادەم ئۇستىخانلىرى چىققان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا  بۇ ئۆيلەرنىڭ ئورنى ئىلگىرى قالماقلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئىكەن.

يەنە...

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 16:33:50

مەن جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمنىڭ ئىچىدىكى جىننىڭ جىن چاپلىشىپ قالغان ئادەمنىڭ تىلىدا شۇنداق راۋان سۆزلىيەلىگىنىنى كۈرۈپ ............

رەنا يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 16:39:07

بىزنىڭ ياتاقتا جىن بار......

dumqak يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 16:46:35

مەنمۇ بىرنى ..........





بىزنىڭ مەلىنىڭ تۇۋەن تەرىپىدە جىلغا دەيدىغان بىر جاي بۇلىدىغان . بىر كۈنى بىرەيلەن يەر سۇغارغىلى شۇ يەردىن ئۇتىۋاتسا بىرە ئۇزۇن ئاغامچا ئۇچراپتۇ . ھېلىقى ئادەم ئاغامچىنى يىغىپتۇ - يىغىپتۇ ھېچ يەنە بىر ئۇچى چىقمىغۇدەك ، ھەيرانلىقتا نىمانچە ئۇزۇن ئاغامچا بۇ دەپتىكەن ، ئاناڭنىڭ ئۈچىيىدىنمۇ ئۇزۇنمىكەن دىگۈدەك شۇ ئاغامچا  \"\"

melek يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 16:55:20

پەيغەمبىرىمىز ، جىنلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە سۆزلەۋاتقاندا، بىر ياش ساھابە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق ۋەقەنى بايان قىلىدۇ :« مېنىڭ سەئىدىيە دەپ بىر ئاچام بار ئىدى ،ھويلىمىزدا بىر تۈپ خورما بار ئىدى، ئۇنىڭ شېغىغا ئارغامچا باغلانغانىدى .بىز شۇنىڭدىن يامىشىپ چىقاتتۇق ، بىر كۈنى ئاچام ئۆگزىدە تۇرۇپ شۇ ئارغامچىغا باغلاپ قويۇلغان نەرسىلەرنى تارتماقچى بولىۋىدى ،ئارغامچا سۆرەپ كېتىپ ئۆگزىدىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى.نەخ جىننىڭ ئۈستىگە يىقىلغان ئىكەن ،جىن ئۇنىڭدىن قاتتىق ئازار يەپتۇ،شۇڭا ئاچامدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ، ھەر ھەپتىدە ئىككى ئۈچ قېتىم ئاچام ئۇخلاۋاتقاندا كېلىپ گىلىنى سىقاتتى، ئۇ چاغدا ئاچام تىپىچەكلەپ ، بوغۇزلانغان قويدەك جان تالىشاتتى ،تاڭ ئاتقاندا ئاچامنى چالا ئۆلۈك ھالەتتە تاشلاپ كېتەتتى، ئاچام :‹ جىن ماڭا بۇ ئازابنى ،ھېلىقى كۈنى خورما تۈۋىدە ماڭا ئازار بەردىڭ دەپ ئېنتىقام ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ › بۇنى ئۆزى دەپ بەردى دېدى. مەزكۇر جىن دائىم مۇشۇنداق قىلىۋىرىپ ،ئاچامنى قويىۋەتمەي ،ئاچام ئاخېرى ۋاپات بولدى » دەيدۇ.



ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا قارىملارنىڭ جىن بىلەن سۆزلەشكەن نەق مەيدانىدىن ئۈنگە ئېلىنغان بىر ئاۋازلىق ھۈججەتنى ئاڭلىغانىدىم بەلكىم سىلەرمۇ ئاڭلىغان بولغىيتىڭلار، لىخاسالىق بىر جىننىڭ ھۆرنىسا ئىسىملىك قىزغا چاپلىشىۋالغانلىقى قارىملارنىڭ قۇرئان ئوقۇپ جىننى گەپ قىلدۇرغىنى ۋە ئىمان ئېيتقۇزغىنى سۆزلىنىدۇ ،شۇنى ئاڭلاپ نەچچە كېچە ئۇخلىمىغانىدىم ، شۇ ئۈن ھۈججىتىنى ئاڭلىغان 12 ياشلىق سىڭلىم شۇنى ئاڭلاپ بولۇپلا قىزىتىپ ،جۆيلۈپ ،ئەس -ھۇشىنى بىلمەي بىزنى بەك قورقۇتىۋەتكەن ،قىزىتمىسى يانماي ،دوختۇرغا ئاپارساق ،سىېتىرا دوختۇرلارنى كۆرگەن ھامان :« ھۆرنىسا دېگەن قىزغا جىن چاپلىشىۋاپتىكەن » دەپ تاققا تۇققا سۆزلەپ يۈرۈپ نەچچە كۈن داۋالىتىپ ئاران تىنچلاندۇرغانىدۇق.

جىننىڭ ھەقىقەتەن سۈرى بار جۇمۇ، ئۇ تاپتىن چىققان ،پاسكىنا ،گۇناھ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا ئاسانراق چاپلىشارمىش.

قەيەردە نەدە نېمە گەپ بولىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلەلەيدىكەن ،ھېلىقى ئاۋازلىق ھۈججەتتە جىن ، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن يەنە ئاز كۈن ئۆتمەي ئۇ قىزغا يانا چاپلىشىۋالىدۇ، ھېلىقى قارىم  :« يەنە نېمىشقا كەلدىڭ ،ھۆرنىسانىڭ بالىسى بار،شۇنداق ئىمانلىق ،ئەخلاقلىق قىز تۇرسا ،تىىنچ ياشىغىلى قويساڭ بولمامدۇ» دېسە ،جىن :«  نەگە بارىمەن مەن ئەمسە، مۇسۇلمان جىنلار ، مۇسۇلمان بولغىنىمغا ئىشەنمىدى  مېنى ئارىغا ئالمىدى، كاپىر جىنلار بىلەن بىرگە تۇرغۇم يوق مېنىڭ ، سىلەر ھېلىقى كۈنى مۇشۇ يەردە قۇرئان ئوقۇشقىنىڭلاردا مېنىڭ گېپىمنى ھەممە يەردە دەپ يۈردۈڭلار، تۈگەتمىدىڭلار ،بىلىمەن مەن ھەممىنى ،نەدە نېمە گېپىمىزنى قىلىۋاتقىنىڭلارنى ،شۇڭا كەلدىم مەن چىقىپ كەتمەيمەن » دەيدۇ .ئاخىرىدا ئۇ جىننىڭ ئانىسى كېلىپ تەربىيە قىلىپ ،قارىملار بىلەن سۆزلىشىپ بالىسىنى ئۇ قىزنىڭ تېنىدىن چىقىپ كېتىشكە زورلايدۇ ، ئانىسى ئۆزبىكىستاندا ياشايدىكەن ،ئۆزبىكچە تەلەپپۇزدا چېلىپ، تەستىراق گەپ قىلىدىكەن.

راست دېگەندەك جىنلار قەيەرگە بارسا .قانداق مىللەتنىڭ يېنىغا بارسا شۇلارنىڭ تىلىدا گەپ قىلارمىش،چۈشىنەلەيمىش، قالغىنىنى بىلگۈچى بىر ئاللاھ.

ئەگەر ئايال كىشىگە ئەر جىن چاپلىشىۋالسا ، قارىملار گەپكە كەلتۈرگەندە شۇ ئايال ئاغزىنى ئاچسا ئەركىشى گەپ قىلىدىكەن ،بۇنى مېنىڭ ئۆز ئاچام كۆرۈپ كەپتىكەن.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 17:04:52

مۇشۇ جىن قوغلاش دىگەن راسىت گەپما ، بالىلار  \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 17:08:53

ئاۋال تېما ھەققىدە دېسەم، مومىسىنىڭ ئاق چېچىنى جىننىڭ چېچى دەپ تارتىپ سالغان يېرى قىزىق ئەمەسكەن. تاكى مومام قازا قىلىپ كەتكۈچە چېچىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ باققان ئەمەسمەن، چوڭلار چېچىنى ئوچۇق قويمايدۇ.

كىچىك ۋاقىتلاردا كچېىدە جىن چاقىرسا جاۋاب بەرمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئاۋازى تۇتۇلۇپ قالىدۇ دېگەن گەپلەرنى تولا ئاڭلايتتۇق، كېچىسى ماڭغىنىمىزدا، سۇ تۇتىۋاتقانلار بىر بىرىنى يىراقتىن چاقىرسىمۇ، شۇ ئاۋازدىن ئەندىكىپ جىم تۇرىۋالىدىغىنىمىز ئېسىمدە.



جاڭگالنىڭ قومۇش تازا قويۇق ئۆسىدىغان يەرلىرىدە، قومۇش يوپۇرمىقىنىڭز بىر بىرىگە چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن جايلىرى ئۇچىرايدۇ، ئادەم بالىسىنىڭ ئۇنداق باغلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس، بوۋامدىن سورىسام، جىن شۇنداق قىلىپ قويىدۇ دەيدىغان، ئىشەنمەي دېسەم، ساپ-ساق قومۇشلار بىر كېچىدىلا شۇنداق بولۇپ قالىدىغانتى.  بىئولوگىيەنىڭ باللىرى مۇشۇنى تەتقىق قىلىپ، بىر ماقالە يېزىپ باقسىمۇ قىزىق تېما بولىدۇ.
بەت: [1] 2 3 4 5
: بالىلار جىن توغۇرلۇق ھېكايە ئاڭلامسىلەر؟