‹‹ بۈشۈك ›› مەدەنىيىتى تۇغۇرلۇق بىلىدىغىنىڭلار بارمۇ
بالىنى زادى بۈشۈكتە بۈلۈشنىڭ زۈرۈرىيىتى بارمۇ ؟ بولسا قانچىلىك ؟ زادى قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار ؟ ئادەتتە نەچچە ئايلىق ۋاقتىدىن باشلاپ بۈشۈكتە ياتقۇزغان ياخشى ... بۈشۈككە ئالاقىدار قانداق بىلىملەرنى بىلىسىلەر ؟ بولسا بىر -ئىككىدىن دەپ باقساڭلار ...
نۇرغۇن ياشلىرىمىز بىلىۋىلىشقا ، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىلىملەرنىڭ بىرى ....
تىمنى كۆرمەيلا تەسىتقلاپ قارىسام تۈرمىدە ئىكەن .ئۆچۈرسەم بولمىدى كۆرۈپ تۇرايلى ئەمدى قانداق ئەيلەيتتۇق . مۇنبەردە مەتۇ ھەممىدىن كۆپ ئەزا چەكلەمدۇ نېمە؟ نەق مەيداننى كۆرۈپ باقتىم،ئۇنى چەكلەش كەتمەيتى،مۇنبەردىكى كۆپ بالىلارنىڭ پىكرى ئۇچۇق،تەپەككۇرى تېرەن بولغانكىن،ئۇ بالىنىڭ ساددا قاراشلىرىنى تۈزۈتۋالغىلى بولاتتى.رەدىيەلەرمۇ خېلى جىق چۈشۈپتۇ.مېنىڭچە،ئۇنچىلىك ئىشلارغا ئادەم چەكلىگەننىڭ پايدىسى يوق.مەتۇنىڭ بۇ قىلغان ئىشى قاملاشماپتۇ. ماۋزۇنى كۆرۈپ بىرىنچى بولۇپ ئېسىمگە كەلگىنى ، بۇرۇت ماجراسى ناملىق توپلامدا توختاش بەكرى ئەپەندىنىڭغۇ دەيمەن « بۆشۈك » دەپ بىر ھېكايىسى بولىدىغان شۇ ئېسىمگە كەلدى.
ھېكايىدە ،بىر ئايال :«بالىنى بۆشۈكتە ياتقۇزۇش قايسى زاماندىكى ئىش » دەپ بۆشۈك ساتقۇچى بوۋاينىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە ،يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي كېتىپ قالىدۇ ،نەتىجىدە ئۇ ئايالنىڭ بالىسى توققۇز ئايدىمۇ تۇغۇلمايدۇ ، قورساق ئىچىدە تۇرۇپ چوڭىيىدۇ ، قورساق بەكمۇ چوڭىيىپ ، بالا تۇغۇلماي ئۇلار ئامال قىلالمىغاندا ،تۆرەلمىنىڭ قورساقتا چوڭ بولىۋاتقانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ ھەم ئۇ بوۋاق قورساقتا تۇرۇپ ئاتا ئانىسىغا ئاچچىقلاپ گەپ قىلىدۇ :« بۆشۈكنى ئەينى چاغدا ئالمىدىڭلار، مەن بۆشۈكتە ياتاتتىم » دەپ بىر مۇنچە ئەپسانە كەبى گەپلەرنى قىلاتتى،شۇ ھېكايىنى ئوقۇغان چېغىمدا :«بۆشۈك راستىنلار بەك مۇھىم نەرسە ئوخشايدۇ ،بوۋاق چوقۇم يېتىشى كېرەك ئوخشايدۇ » دەپ ئويلاپ ، ئۆزەمچە چەتئەلدىكىلەردىن ئەندىشە قىلىپ كېتىپتىمەن :« ئۇ يەردە يا بۆشۈك بولمىسا ،چەتئەلدە تۇغۇلىۋاتقان ئۇيغۇر بوۋاقلار قانداق قىلار ئەمدى » دەپ جىددىيلىشىپ كېتىپتىمەن.
كېيىن ھېس قىلدىمكى بۆشۈك بولمىسىمۇ ،بۆشۈكتە ياتمىسىمۇ بوۋاق چوڭ بولىۋىردىكەن ئەمما بۇنىڭ بوۋاقلارنىڭ تازىلىقى ۋە پۇت قوللارنىڭ نورمال ،تۈز يېتىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ پايدىسى بار ئىكەن ، شۇنى ئويلىسام ئاتا -بوۋىلىرىمىز ئەجەپ ئەقىللىقكەنتۇق، مۇشۇ بىرنىمىنى ياساش، جابدۇقلىرىنى ھەرخىل شەكىلدە ياساپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار قانداقمۇ ئەقلىگە كەلگەن بولغىيتى دەيمەن.
ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دۆتلىكىمىزگە تەسەللى ئىزدەپ :« كىچىك ۋاقتىمدا بۆشۈكتە تولا يېتىپ ،سىلكىنىپ دۆت بوپ قاپتىكەنمەن » دەپ ئوسۇرغاققا ئارپا نېنى باھانە بولغاندەك گەپ قىلىدىغانلارنىڭ خېلى كۆپلىكىنى ھېس قىلدىم.
مەلەك، ئەپسانى كەبى گەپ دىسڭىز ئەپسانى گەپ دىگەندەك بىلىنىپ كىتىدىكەن ئۇنداق دىمەي چۆچەكلەردە ئاڭلايدىغىنىمىزدەك گەپلەرنى قىلىدۇ دىسىڭىزچۇ ياكى باشقىچە دىسىڭىزچۇ. ئاتىكاچىلىق قىلدى دەپ ئەيىپكە بۇيرىماڭ، ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ نىمە دەپ ئەجەبا ئەپسانە گەپ... دەپ قايتا ئوقۇسام كەبى دىگەن سۆز باركەن. گەرچە ئىككىسىنىڭ مەنىسى پەرىقلەنسىمۇ ئوقۇسا شۇنداق تۇيغۇ بىرىپ قويىدىكەن. سىزنىڭ تۇيغۇ ئىپادىلەش قابىلىيتىڭىز بەك ياخشى، داۋاملىق ئەركىن ۋە چەكلىمىسىز... لىكىن مۇشۇ سۆز مەندە خاتا تۇيغۇ بىرىپ قويغان بولسا كىرەك.
بۆشۈك توغرىلىق شۇ ھىكايە مىنىڭمۇ يادىمدا. ئەمما بۇ تېما ھەققىدە، بۆشۈك مەدەنىيتى ھەققىدە تەپسىلى بىر چۈشەنچە بىرىلسە بەك ئەرزىيدۇ، شەخسەن مەن بەك قىزىقىمەن. مەن ھازىرمۇ بالامنى بوشۇكتە بېقىۋاتىمەن {:92:} ‹يىقىندا› داڭلىق ئالىملا كىچىك بالىنى تەۋرەتسە ناھايتى ياخشى ئۇخلايدىغىننى ئىسپاتلاپتىمىشقۇ، {:136:}
7- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
‹يىقىندا› داڭلىق ئالىملا كىچىك بالىنى تەۋرەتسە ناھايتى ياخشى ئۇخلايدىغىننى ئىسپاتلاپتىمىشقۇ،
ئىسپاتلىمىسىمۇ ئەزەلدىن شۇنداققۇ ؟ بۇ قاسىم سىدىقنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ئەمەستۇ ؟
دىمەكچى بولغىنى داڭلىق ئالىملار تەۋرەتسە ناھايىتى ياخشى ئۇخلايدىكەن دىمەكچى ئوخشايدۇ.
8- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
7- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
‹يىقىندا› داڭلىق ئالىملا كىچىك بالىنى تەۋرەتسە ناھايتى ياخشى ئۇخلايدىغىننى ئىسپاتلاپتىمىشقۇ،
ئىسپاتلىمىسىمۇ ئەزەلدىن شۇنداققۇ ؟ بۇ قاسىم سىدىقنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ئەمەستۇ ؟
قاسىم سىدىقنى بۇيەردە چىشلەپ تاتماڭ ، بىر ئاغىنەم دەۋاتاتتى ،بىزنىڭ مىللەتكە ئىنىق بولغان بىلەن بەزى مىللەتلەرگە بۇ بىر تەتقىقات نەتىجىسى دىمەكچى ئوخشايدۇ. مۇشۇ مەتۇنىمۇ تۈرمىگە سولاپ باقسا قانداق بولار؟
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلار بۆلۈمىگە ئىچكىرىدن بىر قانچە مۇتەخخەسىس كىلىپتۇ.ئاغىنەم بىلەن شۇ مۇتەخخەسىسنىڭ يىنىغا كىرسەك بىر دېھقان بالىسىنى كۆرسىتىۋىتىپتۇ. دوختۇر بۆشۈكنى كۆرۈپ ھەيران قىلىپ بۇ نىمە نەرسە دىۋىدى. ھېلىقى دېھقان ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ: جېگېما شاڭمىيەن شى زىلەيشۇي، شىيامىيەن شى شىياشۇيداۋ-دىۋىدى ھېلىقى دوختۇر بۇ بولىدىغان نەرسىكەن دەپ ماختاپ كەتكەنتى..
3- قەۋەتتىكى Yurtbexiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نەق مەيداننى كۆرۈپ باقتىم،ئۇنى چەكلەش كەتمەيتى،مۇنبەردىكى كۆپ بالىلارنىڭ پىكرى ئۇچۇق،تەپەككۇرى تېرەن بولغانكىن،ئۇ بالىنىڭ ساددا قاراشلىرىنى تۈزۈتۋالغىلى بولاتتى.
رەدىيەلەرمۇ خېلى جىق چۈشۈپتۇ.مېنىڭچە،ئۇنچىلىك ئىشلارغا ئادەم چەكلىگەننىڭ پايدىسى يوق.مەتۇنىڭ بۇ قىلغان ئىشى قاملاشماپتۇ.
بۇ مۇنبەردە چاقچاق قىلغىلى ياكى راسىت گەپ قىلغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ..
13- قەۋەتتىكى sayillarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3- قەۋەتتىكى Yurtbexiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نەق مەيداننى كۆرۈپ باقتىم،ئۇنى چەكلەش كەتمەيتى،مۇنبەردىكى كۆپ بالىلارنىڭ پىكرى ئۇچۇق،تەپەككۇرى تېرەن بولغانكىن،ئۇ بالىنىڭ ساددا قاراشلىرىنى تۈزۈتۋالغىلى بولاتتى.
رەدىيەلەرمۇ خېلى جىق چۈشۈپتۇ.مېنىڭچە،ئۇنچىلىك ئىشلارغا ئادەم چەكلىگەننىڭ پايدىسى يوق.مەتۇنىڭ بۇ قىلغان ئىشى قاملاشماپتۇ.
بۇ مۇنبەردە چاقچاق قىلغىلى ياكى راسىت گەپ قىلغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ..
مەتۇ نۇرۇز توغۇرسىدىكى تېمىدىمۇ غالجىرلىق قىلغان،ئۇنى ھېچكىم چەكلىمىگەن،ئەمدى،كىچىك ئىشقىمۇ ئادەم چەكلەپ يۈرگىننى ئۇ ئاداشنىڭ!
مېنىڭ بالام 2ئايلىق بولغاندا ئون نەچچە كۈنلا بۈشۈكتە يېتىپ باققان، ئۇ چاغلاردا بەك يىغلايتتى، يىغلىمايدىغانلا ئىش بولسا بۈشۈكتە ياتمىسىمۇ ياتمىسۇن دەپ ئويلىغان. لېكىن بالامنى پۇتۇمدا تەۋرىتىپ ئۇخلىتىپ كۆندۈرۈپ قويۇپتىمەن، تەۋرەتمىسەم ئۇخلىمايدۇ، بىر كۈندە نەچچە سائەت پۇتۇمدا بالا تەۋرىتىش ئېغىر كەلدى، ئاخىرى مانا 9 ئايلىق بولغاندا قايتىدىن بۈشۈكتە ياتقۇزدۇم، شۇنداق ياخشى كۆنۈپ كەتتى..مەنمۇ راھەتكە چىقىپ قالدىم. يازغۇچى:namsez تەستىقلىغۇچى: ozhal
قامالغان ۋاقىت:2012-4-6
قامىلىش سەۋەبى:مۇنبەر غالجىرلىق كېسىلى يۇقتۇرۇۋالغان.
مۇددىتى:7كۈن
نەق مەيدان:/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=46695
ئىزدىنىش تۈرمىسىدىن چىقىشىغا قالغان ۋاقىت: 6كۈن
ھالىتى:ئەينەكتىن ئۆزىگە ھومىيىۋاتىدۇ...
ئىجرا قىلغۇچى:matu
~~~~~~~~~~~~
ئىنكاس بولسىغۇ بىر نۆرە ئىدى تېمىنى بەرىبىر كۆرگىلى بولمىغاندىكىن ئۆچۈرۈپلاۋەتسەڭلار بولاتتى. نەق مەيداندىن قارىغاندا مەتۇنىڭ چەكلىگىنى ھەقلىقكەن.
1- قەۋەتتىكى ozhalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تىمنى كۆرمەيلا تەسىتقلاپ قارىسام تۈرمىدە ئىكەن .ئۆچۈرسەم بولمىدى كۆرۈپ تۇرايلى ئەمدى قانداق ئەيلەيتتۇق .
تېما مەزمۇنىنى مۇشۇ قەۋەتكە نەقىللەپ قويغىلى بولسا... بۈشۈك بوۋاقلار ئۇچۇن ياسالغان ئەڭ چوڭ كەشپىيات
بەت:
[1]
2