يىمەكلىكلەرنى ۋاكۇئوم ھالەتتە ئوراپ قاچىلاش[تېخنىكا]
،يەنە شۇ تۇرۇپلا كاللامغا غەيرىي خىياللار كىلىدىغان بولۇپ قالدى .ئۆزۈم ئاشپەز بولغاچقىمۇ يەيدىغان نەرسىلەرنى چىرايلىق ئوراپ قاچىلاپ ساتقىنىنى كۆرسەم مېنىڭمۇ شۇنداق بىرەر مەھسۇلاتتىن بىرەرنى ئىشلەپ بازارغا سالغىم كەپ كېتىدۇ. مەسىلەن سۇيۇقئاشنى ئوراپ لەغمەن نى تەييار چوپنىڭ خالتىسىدەك نەرسىلەرگە ئوراپ قاچىلاپ سېتىش دىگەندەك ھېچ بولمىسا ياڭيو،ياكى خوڭشو دەمدۇ ؟ياكى كۆممىقۇناق دىگەندەك نەرسىلەرنى پىشۇرۇپ ئوراپ قاچىلاپ ساتسا ھەممە ئادەم تالشىپ ھېچ بولمىسا قىزىقىپ بولسىمۇ يەپ كېتىدىغاندەك بىلىنىدۇ .باشقىلارغا دېسەمغۇ مېنى ساراڭغا چىقىرىۋېتىشى تۇرغان گەپ ،شۇ ئەمدى ئىزدىنىشتىنمۇ ماڭا ئوخشاش غەيرى خىياللارنى قىلىدىغان بىرەرى چىقىپ قالارمۇ دەپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .مۇشۇنداقراق خيالى بارلار ياكى مېنى قۇرۇق خىيالنى كۆپ قىلىدىكەنسەن دەيدىغانلار ،ئاكتىپ ئاۋاز قاتناشتۇرارسىلەر .دېمىسىمۇ لەغمەننى قانداقمۇ خالتىغا قاچىلاپ ساتقىلى بولسۇن ،ئەمما پولو نى قاچىلاپ ساتقانلار بارغۇ دەيمەن بوسا كاۋاپنىمۇ ئوراپ 6 ئايغىچە بۇزۇلمايدىغان قىلىپ ساتقىم بار مېنىڭ ،بۈگىنىسى كاۋاپنى ئۆتكۈزۈپ ئاشخانىدا سېتىلسا سېتىلدى سېتىلمىسا بۇزۇلمايدىغان داتلاشمايدىغان قىلىپ خالتىغا ئوراپ سېتىۋەرسەم.خا خا خا مانى ئوقۇپ ئۆزۈم كۈلىۋاتىمەن دىسە .نەخ گەپكە كەلسەم مېنىڭ ئاشۇنداق يېمەكلكلەرنى ئۇزاق ،ئەسلى پېتى بۇزۇلمايدىغان قىلىپ ساقلاشنى بولسا شۇ خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپ سىناق تەرىقىسىدە بولسىمۇ بازارغا سېلىپ باققۇم بار . قېنى ھېلىقى خوڭسا، لۈسا ياكى ئامىنە تەييار چۆپلىرىنى چىقىرىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەپ باققانلار ،ما تېمىنى كۆرۈپ بىرەر يېڭى مەھسۇلات چىقىرىشنى ئويلىشىپ باقمامسىلەر ،ياكى ھېلىقى سۈپىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلايدىغان تېخنىكىنى ئۆگىتىپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ .پۇلغا بولسىمۇ مەيلى ھە `````
خىياللىرىڭىزغا كەلسەك ، ئەلبەتتە ئۇزۇن ساقلاش ئۈچۈن ئازراق خۇرۇچ قۇشۇشقا توغرا كىلىدۇ ، بولمىسا ئۇزۇن ساقلاش مۇمكىن بولماي قالىدۇ ؟ لېكىن خەنزۇلارنىڭ ماركىلىق موما ، جۇۋاۋا دىگەنلەرنى توڭلاتقۇدا ساقلاپ ساتىدىغىنىنى كۆرگەن .... تاللا بازاردا موما، مانتىلارنى توڭلاتقۇدا تىزىپ ساتىدۇ، مەن ئالدۇرمايمەن، يېڭى يىگەنگە يەتمەيدۇ دەپ.
ئەسلى لوپنورلۇقلارنىڭ بىر يىلغىچە ھېچنىمە بولمايدىغان تالقىنىنى بازارغا سېلىش كېرەك ئىدى، ئىچى نەملىك ئۆتكۈزمەس قەغەز خالتىلاردا. بۇ ئوينى ياخشى ئويلاپسىز. يۇرتىمىزنىڭ ئۆزىدە پىشۇرلغان گۆشنى(مەسلەن دۇلان كاۋپى ماركلىق) ۋاكۇملۇق خالتىغا قاچلاپ ساتقىلى تۇرغىلى خىلى يىللار بۇلۇپ قالدى. شۇڭلاشقا باشقا تائاملارنىمۇ ۋاكۇملۇق ھالەتتە ئۇزۇنراق ساقلاش مۇمكىن بۇلۇشى مۇمكىن. پۇلانى قىلىغىلى بوپتۇ، باشقا تائاملارنىمۇ سىناپ باقسا بۇلىدۇ، مەسلەن، لەغمەننى، سىيى بىلەن چۆپىنى ئايرپ قاچىلاش دىگەندەك. مېنىڭچە مۇھىم نۇقتا، ئۇزۇنراق ساقلىغىلى قىلغىلى بۇلار، لىكىن يەيدىغان ۋاقىتتا ئەسلى تەمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلۇش ئۈچۈن كۆپلەپ تەجىربە قىلىپ باققان ياخشى. بەك ئۇزۇن ساقلاشقا ئىسلۋالماي، تەمىنى ساقلاشقا، سۈپتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن ياخشى. ئۆتكەندە دۇلان كاۋاپلىردىن بىر نەچچە خالتا ئىلىپ سەپەرگە ئاتلاندىم، گەرچە خالتىدا ساقلاش ۋاقتىنى يەنە يىرىم يىل ۋاقتى بار دەپ يىزىلغان بولسىمۇ، يىتىپ بارغان يەردە قۇساق ئېچىپ بىرنى يەي دىسەم غەلىتە پۇراق، يەنە بىرنى ئاچسام ئۇمۇ شۇ.... تېمېنى شۇنچە كۆپ ئادەم كۆرۈپتۇ .ئىنكاس ئاران ئۈچ ماۋۇ تېمىغا ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىڭلار دەيمەن. ھېلىقى تۇنۇر كاۋاپنىمۇ ۋاكۇئوم ھالەتتە قاچىلاپ ئىچكىرىگە يولغا سالغىلى بولىدىغان بوپ كېتىپتۇ. بولسا باشقا نەرسىلەرنىمۇ ئويلىنىپ باقساڭلار دەيمەن. بىرەر خىل يېمەكلىكنى ئوراپ قاچىلايدىغان سىن ماتىرىيالى بولسا ئېۋەتسەڭلەر ئورتاق پايدىلانساق .مەن ھەر كۈنى ئەتىگىنى يېرىم كۈن بىكار،قىغىلى بىرەر ئىش بولسا شۇنى تەۋسىيە قىلساڭلارمۇ ھېساپ،بىكار ئۇيۇن ئويناپ ناخشا ئاڭلاپ ئۆتكۈزگەندىن ياخشى دەپچۇ. خوڭشۇ ئەمەس تاتلىق ياڭيۇ

خەنزۇچە ئىسمى 真空包装
ھەرقانداق نەرسىنى قاچىلايدىكەن.
كۆكباشنى ۋاكۇئۇملۇق قاچىلاپ ساتقىنىنى كۆرگەن، قىشتا پشۇرۇپ يىسە شۇنداق ياخشى.
http://item.taobao.com/item.htm?id=2807781162
ئاۋۋال ماۋۇ ماشىنىدىن بىرنى ئېلىپ،ئانچە-مۇنچە سىناق قىپ بېقىڭلا~ سانائەتلەشتۈرۈپ،چوڭ كۆلەمدە ئىشلىمىگەندىكىن چىرىشتىن ساقلىغۇچ قوشۇشقا ھاجەت يوق.
لەغمەننى ياپونلار ۋاكۇئۇملۇق خالتىغا قاچىلاپ ساتىدۇ.خالتىغا قاچىلىغان پىشۇرغان كۆكباش خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.
بولسا كاۋاپنى شۇنداق قىلىپ سېتىڭە .بۇ يەردىكى كاۋاپچىلار ئۆەك گۆشىنىڭ دەپ كاۋاپ ساتىدىغان بوپكەتتى
ئاشخانىلاردا ئۈرۈمچىدىكى 2كويلۇقچىلىك كېلىدىغان كاۋاپ 10كوي .
بەت:
[1]