kamal يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 22:19:11

پاتقاق گاز ھەققىدە پاراڭلاشمايلىمۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر !


مۇنداق گەپ ، تۈنۈگۈن تىلىۋىزۇر كۆرۈۋاتسام ،ئىچكىردىكى بىر دىھقاننىڭ يېڭى ئۆيىنىڭ پارىڭى بولىۋېتىپتۇ . نىمە گەپكىن دىسەم ، بۇدىھقان يېڭى سالغان ئۆيىنىڭ ھاجەتخانىسىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغاننىڭ گىپى ، يەنى يەرگە ئورەك كولاپ ( يەرلىك شاشىدو)ئاغزىنى ھەم ئىتىىپ بۇنىڭدىن بىرنىمە گاز ھاسىل قىلىپ تۇرۇبا ئارقىلىق ئاشخانا ئۆيگە يەتكۈزۈپ گاز ئوچاققا چېتىپ تاماق ئەتكىنى تۇرۇپتۇ ، بىرنەچچە يىل بۇرۇن بىزنىڭ يۇرۇتلاردىمۇ پاتقان گازى دەپ بىرگەپلەرنى قىلىۋاتقان ، ئورەك كولاپ شاخ - شۇمبۇلاردىن گاز ھاسىل قىلىمىز دەپ . بۇخەنزۇ دىھقان ھاجەت خانىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپتۇ ، بۇنداق گازداتاماق ئىتىشكە مەن جۈرئەت قىلالمايمان ، لىكىن بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ، يېزىلاردا ئۆيلەرگە يەرئاستىدىن ئىسسىتىشقۇرۇلمىسى ئورنىتىپ مۇشۇ گازدىن پايدىلىنىپ قىشتا ئۆينى ئىسىتسا قانداق بولار دەپ ئويلاپ قالدىمبىر ئۈسكىنە بارمىشقۇ ( بى گولۇ) دەمدىكەن نىمە ، سۈيۈقلاندۇرۇلغا گازنى كۆيدۈرۈپ بىرىدىغان ، شۇ ئۈسكىنىدىن پايدىلىنىپ ، ھاجەتخانا گازىنى كۆيدۇرۇپ ئۆينى يەر ئاستىدىن ئىسسىدىغان قىلسا قانداق بولار

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 01:50:23

ئامما بىرە يەردىن گاز قاچسا چاتاق دېگەن شۇدە...   {:92:}

function يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 09:09:15

پالاق تۇخۇم...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 10:04:17

بۇ ئەسلى ئىنتايىن ياخشى ئىش، بولۇپمۇ تەبئىي گاز تۇرۇببىسى ئۇلىنىش شارائىتى يوق، تەبئىي گاز تۇرۇببىسى قاراپمۇ قويمايدىغان جايلارغا نىسبەتەن شۇنداق.



ھەجىمى بەك كىچىك بولسا يەتمەيدۇ، 6 كۇپ مېتىردىن چوڭ بولسا، خام ماتىرىيال تولۇقلىنىپ تۇرسا، بىر ئائىلىنىڭ بىر يىللىق تەبئىي گازىغا يېتىدۇ، تاماق ئېتىش، سۇ ئىسسىتىش دىگەندەكلەرگە. پەسىل تىمپىراتۇرىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا بىر يىلدا 4 ئاي ئەتىراپىدا نورمال ئىشلىيەلمەيدۇ. كۆلچەك تېمىغا ئىسسىقلىق ساقلاش، قىشتا ئىسسىتىش قۇرۇلمىسى ئورناتسا- تاڭ. ياسىغاندا گاز قاچمايدىغان قىلىپ پۇختا ياسىسىلا ئۈمىد بار.



تاس قالغان مەن يەرنى كولاپ بىرنى تەجرىبە قىلغىلى، خىيال قىلىپ باقسام، تازىلايدىغان چاغدا دېھقاندەك جاپاغا قالىدىكەنمەن، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 10:27:26

پوق ئىشلىتىمىز دەپ بىر كۈندە نەچچىلىك چىچار بولغىيدىڭلار؟ئۈيىڭلاردا قانچە چىشقاق بار؟ \"\"

ئۇنىڭدىن باشقا شاخ شۇمبا،غازاڭ پازاڭ.........دىگەندەك نەرسىلەرنى قويساڭلار بولىۋېرىدۇ.

ھاۋا بەك سوغاق بولۇپ كەتمىسىلا ئاساسەن بىر ئۆينىڭ ھۆددسىدىن چىقالايدۇ.

ئەمما ھاۋا سوغۇق بولۇپ كەتسە ئېچىش سۈرئىتى تەسىرگە ئۇچراپ پاتقاق گازى(مىتان) تۈزۈك چىقىپ بەرمەيدۇ.شۇڭا بەلكىم قىشتا ئۆي ئىسسىتىمىز دىگىنىڭلار شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلمەسلىكى مومكىن.يازنىڭ كۈنى ئىسىتماقچى بولساڭلار ئۇنىڭ يولى باشقا   {:92:}

توردىن ئىزدەپ باقسام،ئېشىنچە گازنى(يازدا ئادەتتە ئېشىپ قالىدۇ) بېسىم بىلەن سۇيۇقلاندۇرۇپ ساقلاش دىگەندەك ئۇسۇللار بار ئىكەن.ئويلىشىپ باقارسىلەر.

يەنە بىرسىگە ئۆي يېزىدا بولۇپ تېرىيدىغان يەر بولسا قىغ مەسلىسىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ھەل بولۇپ قالىدۇ.


GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 10:33:25

يەرگە تۆككىلى قىغ(ئەسلى زىيالىدەك، سىداملا يازاي دېگەن{:92:}) يوق، نەدىكەن ئۇ ئازگالغا تاشلىۋېتىدىغان قىغ.

بىزنىڭ مەھەللىگە بىر تۇتاش ئورنىتىپ باققان، يىللىق شاخ-شۇمبا، چاۋار-چاتقال ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولالماي قالغان دېھقانلارغا بۇ نەرسە تېخىمۇ ئېغىر كېلىپ، كۆمۈپ يوق قىلدى.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 10:41:25

پاتقاق گازى ئارقىلىق ئىسسىنىشنى چۈشەندىم...بىراق ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يورۇقلۇق چىقىرىشنى چۈشىنىدىغانلار بارمۇ ؟؟ ئېلىكتىرلىق يورۇقلۇق ئەلۋەتتە{:106:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 10:47:38

6- قەۋەتتىكى 79588010نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پاتقاق گازى ئارقىلىق ئىسسىنىشنى چۈشەندىم...بىراق ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يورۇقلۇق چىقىرىشنى چۈشىنىدىغانلار بارمۇ ؟؟ ئېلىكتىرلىق يورۇقلۇق ئەلۋەتتە \"\"

كۈمۈرنى كۆيدۈرۈپ توك ھاسىل قىلىدىغان توك ئىلىكتىر ئىستانسىسىنى بىلىسىز بەلكىم


كۈمۈرنى كۆيدۈرگەندەك مىتان گازىنى كۆيدۈرۈپ توك ھاسىل قىلسىلا بولىدۇ.ئەلۋەتتە،ھەجىمى ۋە قۇۋۋىتى سەل كىچىك بولىدۇ.



tanka يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 10:51:05

ئىچكىرىدىكى بىر قىسىم جايلاردا بىر خىل ئۇسۇل ئومۇملاشتۇرۇپتۇ: كونكىرت مۇنداق، ھويلىغا پارنىك ياسىلىدۇ، پارنىكنىڭ بىر تەرىپىگە ئېغىل- قوتان سېلىنىدۇ، قوتاننىڭ بۇلۇڭىغا ھاجەتخانا سېلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا بىرىنچىدىن، پارنىك ئىچى چارۋا ماللارنىڭ ئىسىققلىقى بىلەن ئىسق تۇرىدۇ، ئىككىنچىدىن، ئادەمۋە چارۋا- ماللارنىڭ چىقرىندىلىرىنى قوتان ئاستىدىكى پاتقاق گازى كۆلچىكىگە تاشلىنىپ پاتقاق گاز ھاسىل قىلىپ ئۆينى ئىسىقلىق ۋە مەخسۇس ئىشلىتىدىغان چىراقنى يورىتىشقا ئىشلىتىدۇ، ئۆچىنچىدىن، پارنىكتىكى سەي- كۆكتاتلارنى پاتقاق گازى كۆلچىكىدىكى قالدۇقلار بىلەن ئۇغۇتلىغىلى بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلدا بىر چالمىدا ئۈچ پاختەكنى سوققىلى بولىدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 10:51:21

5- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەرگە تۆككىلى قىغ(ئەسلى زىيالىدەك، سىداملا يازاي دېگەن \"\" ) يوق، نەدىكەن ئۇ ئازگالغا تاشلىۋېتىدىغان قىغ.

بىزنىڭ مەھەللىگە بىر تۇتاش ئورنىتىپ باققان، يىللىق شاخ-شۇمبا، چاۋار-چاتقال ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولالماي قالغان دېھقانلارغا بۇ نەرسە تېخىمۇ ئېغىر كېلىپ، كۆمۈپ يوق قىلدى.

\"\"


شىنجاڭنىڭ سۈيى ئاز،ئۈسۈملۈك يېپىنچىسىمۇ شۇنداق


ھىم


بۇنىمۇ ئويلىشىش كېرەككەن ئەسلى.



alkatip يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 11:08:44

يزىلاردا پاتقاق گازى خېلى ئۇمۇملىىشىپ قالدى

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 12:05:14

بىزنىڭ يېزىدىمۇ ئورنىتىپتىكەن . ئاساسەن ئىشلەتمىدى . بىر ئائىلىنىڭلا قىغنىڭ پۇرىقىدا چاي قاينىتىپ ئىچكىنىنى ئاڭلىغانتتىم   {:92:}

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 12:13:05

7- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى 79588010نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پاتقاق گازى ئارقىلىق ئىسسىنىشنى چۈشەندىم...بىراق ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يورۇقلۇق چىقىرىشنى چۈشىنىدىغانلار بارمۇ ؟؟ ئېلىكتىرلىق يورۇقلۇق ئەلۋەتتە \"\"

كۈمۈرنى كۆيدۈرۈپ توك ھاسىل قىلىدىغان توك ئىلىكتىر ئىستانسىسىنى بىلىسىز بەلكىم


كۈمۈرنى كۆيدۈرگەندەك مىتان گازىنى كۆيدۈرۈپ توك ھاسىل قىلسىلا بولىدۇ.ئەلۋەتتە،ھەجىمى ۋە قۇۋۋىتى سەل كىچىك بولىدۇ.



مەخسۇس بىر خىل چىراق يوقمىدۇ ؟ مېتان گازى بىلەن يورۇيدىغان؟يۇقىرىدا بىرەيلەن دېگەندەك...


ئۆيگە كىچىك تىپتىكى ئېلىكتىر ئىستانسىنى قۇرىمىز دېسەك سەل......





holmis1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 12:15:16

بىزنىڭ ناھىيىدە ئۇنداق ياخشى ، مۇنداق ياخشى دەپ داۋراڭ قىلىىپ 5-4يۈزچىنى ياسىغان ، لېكىن گاز چىققىنى% 5گىمۇ يەتمىدى ، ھەقىقى ئىشلەتكىنى 5-4ئائىلە چىقارمىكىن ، ياكى ئۇنچىلىكمۇ يوق . ھەي بىزنىڭ بۇ جايدا دائىم مۇشۇنداق ، ئىشنى باشلىغىچە شۇنداق داغدۇغا بىلەن باشلايدۇ ، لېكىن ھېچبىر ئىشنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ ، ياكى ئاخىرىغا ئىگە بولىدىغان ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ . تېىخى ھۆكىمەت خىزمىتىدىن دوكىلات بەرگەندە ياسىغان پاتقاق گازى كۆلچەكلىرىدىن 100%گاز چىقتى دەپ دوكىلات بەردى خىجىل بولماي .

   بولدى ، مېنىڭچە بۇ پاتقاق گازى دىگەننى ئويلىماڭلار . تېخى پىشىپ يىتىلمىدى بۇ تېخىنىكا.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 17:05:45

بىزنىڭ تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ ياساپتىكەن بىر يىلى ، ئۆتكەندە بارسام يوق تۇرىدۇ .

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 18:40:54

دېھقانلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئورنىتىپ بېرىۋاتاتتىغۇ؟ گاز چىقماپتىما ئۇنىڭدىن؟

riwayat0601 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-6 21:46:01

بىزنىڭ مەھەللىدىمۇدەسلىۋىدە تازا كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ كولاپ ، ياساپ بىرىۋىدى ، تۆككەن كالا تېزىكىگە تۇشلۇق گاز چىقمىدى ، چىققان گازدابىر چەينەك چاي ئاران قاينىدى ، ئوچاق ئەتراپى كالا تېزىكى پۇراپ چىۋىنلەر راسا ئاينىدى . .... ئاخىرى توپا تاشلاپ تۇنجۇقتۇرۇپيوقاتتى .

barman12 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-7 16:20:06

ۋاي ئۇ نەرسە مەلىمىزگە كەپ بولغىلى نەچچە يىل بولدىغۇ؟
بەت: [1]
: پاتقاق گاز ھەققىدە پاراڭلاشمايلىمۇ