تازلانغان سۇ ھەققىدە پاراڭلاشمايلىمۇ؟
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش جامائىتى .
ھەممىڭلارغا مەلۇم جەمىيەتنىڭ تەررەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئېڭى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە ، ئاددىسى ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ئېلىپ ئېيتساق ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان تۈرلۈك ماركىدىكى مېنىرال سۇ ، تازلانغان باكلىق سۇ ۋە سۇ تازلاش ئۈسكۈنىسى ھەربىر ئائىلىگە سىڭىپ كىردى ، مەنمۇ ئوماق ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن كېيىن ئوغلۇمنىڭ كەلگۈسى ساغلاملىقى ئۈچۈن (ئاقسۇ شەھىرىدىكى سۇنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ) سەككىز مىڭ يۈەنگە سۇ تازلاش سېستىمىسىنى ئورناتقۇزغان ،لېكىن ئالدىنقى كۈنى توردىن بۇ خىل ئۈسكۈنىنى ۋاقتىدا تازلىمىسا ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئىچىملىك سۇنىڭ سۈپتىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ دېگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم ، بىز ئادەتتە ئىشخانىدا ئىچىدىغان باكلىق سۇنى بولسا تەركىبىدىكى مېنىرال ماددىلارنى تازلاپ چىقىرىۋىتىلگەن دەپ ئاڭلىدىم .
ئۇنداقتد زادى قانداق قىلغاندا شەھەر ئىچىدە ئەڭ بىخەتەر ،ساغلام ئىچىملىك سۇ ئىچكىلى بولىدۇ ؟ بىر پىكىرلىشەيلى ....
ھەددىن زىيادە ساپ سۇنى ئىچىش بەدەننىڭ ئىمونىت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىكەن، شۇڭا تۇڭلۇق ساپ سۇنى دائىم ئىستىمال قىلماسلىق كېرەككەن. ئا ئۈسكۈنىنىڭ يىلدا ئالماشتۇردىغان بىر نىمىسى بارغۇ دەيمەن خېللا قىممەت بىر گەپنى قىلۋاتقان. ئەڭ ئاددى ئۇسۇل بىر قېتىم قاينىتىۋېتىپ ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. سۈزگۈچىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ. ئاز- ئازدىن سۈزۈپ يېغىپ، ئاخىرى بەك كۆپ توپلىۋالىدۇ. ئۈچ باسقۇچ سۈزگۈچنىڭ ئاخىرقى باسقۇچ سۈزگۈچى ئىشەنچىلىك بولسا ياخشى ئىدى. زىيالى دىگەندەك نىمىلا قىلسا چوقۇم قاينىتىۋەتكەنگە يەتمەيدۇ.بەك قىممەتقۇ، ئىش ھەققى بىلەن قوشقاندىمۇ ئۇنچىلىك قىممەتلىرى كۆپ ئۇچرىمايدىغۇ.
2- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەڭ ئاددى ئۇسۇل بىر قېتىم قاينىتىۋېتىپ ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
قۇشۇلىمەن، مەنمۇ ئامال يوق بەزىدە شاڭخەينىڭ تۇربا سۈيىنى قاينىتىۋېتىپ ئىچىۋېرىمەن. بىر قېتىم قايناتقاندىن كېيىن كۆپ ساندىكى مىكروپلار ئولىدۇ، نىسپي بىخەتەر بولىدۇ. بازارلاردا سېتىلىۋاتقان تۈرلۈك ماركىدىكى مېنىرال سۇ ، تازلانغان باكلىق سۇلارساپ سۇ ئەمەس،ئۇلار ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىدا دېزىنفىكسىيەلىنىدۇ ،مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە مۇشۇ جەرياندا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ھاسىل قىلىش ئېھتىماللىقى بار.بىزنىڭ ھازىرئىش قوشمىغان بۇلاق سۈيى ،ئىش قوشمىغان مېنىرال سۇ دېگەنلەرنى ئىچىش شارائىتىمىز بولمىغاندىكىن ،تۇرۇباسۈيىنى قاينىتىپ ،تىندۇرۇپ ئىچسەك شۇ بىخەتەر بولامدىكىن . ساپ سۇنى ئىچىۋاتىمىزغۇ سەھرادا {:92:}
3- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سۈزگۈچىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ. ئاز- ئازدىن سۈزۈپ يېغىپ، ئاخىرى بەك كۆپ توپلىۋالىدۇ. ئۈچ باسقۇچ سۈزگۈچنىڭ ئاخىرقى باسقۇچ سۈزگۈچى ئىشەنچىلىك بولسا ياخشى ئىدى. زىيالى دىگەندەك نىمىلا قىلسا چوقۇم قاينىتىۋەتكەنگە يەتمەيدۇ.
بەك قىممەتقۇ، ئىش ھەققى بىلەن قوشقاندىمۇ ئۇنچىلىك قىممەتلىرى كۆپ ئۇچرىمايدىغۇ.
مەن ئالغاندا ئەرزانراقىلىرىمۇ بارئىكەندۇق ، شۇ ئالغاندىن كېيىن بىراقلا ياخشىسىنى ئالاي دەپ ، گېرمانىيىنىڭ سۈزگۈچ ماتىيالى ئىشلىتىلگەن ، سۇ سۈزۈش سۈرئىتى تېز ، سۇ تېجەيدىغان دەپ ئەڭ قىممىتىنى ئالغان ، قوشۇمچە ماتىياللىرى بىلەن . يامغۇر سۈيىنىلا ئىشلەتمەپسىز يا {:90:} {:90:} ئەكەك سۇ ئىچىڭ تۇربا سۈيىنى بىۋاستە ئىچكەن ئادەم ھېلىمۇ ساراڭ بولۇپ قالمايدىكەن.
سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىڭ.ئەكىكى شۇ...
{:92:}
2- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەڭ ئاددى ئۇسۇل بىر قېتىم قاينىتىۋېتىپ ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مىنى دوراڭلار
ئەركەك سۇ = سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ؟
سەھرادا :
ئەركەك سۇ = بۇلاق سۈيى ، دەريا سۈيى ؟ قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنىچ.
باي ناھيىسنىڭ چامغۇرلۇق كەنتىدە دەھشەت بىر ئىسىل بۇلاق سۈيى بار، ئېرىنمىگەنلەر ئۈچ ۋاق شۇنى ئىچىپ بەرسىزە! تاغ سۇيى ئەڭ نوچىسى . {:92:}
14- قەۋەتتىكى destinyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تاغ سۇيى ئەڭ نوچىسى .
باغ سۇيى نوچى ئەمەسما (ھىجايغان چىراي ئىپادىسى) مۇھىم مەسلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپسىز ، ئىچىملىك سۇ بولغىنىشى ئادەمنىڭ كىسەللىگىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى ئىكەن .... http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=41687
بۇ تېمىنىمۇ كۈرۈپ بېقىڭ كىچىك چاغلىرىمىزدا، ئۇسساپ كەتكەندە ئۆيگە يۈگىرەپ كىرىپ، تۇربىنى ئېچىپ، تۇربىنىڭ جۈمىكىنى ئاغزىمىزغا تىقىپلا سۇ ئىچىدىغان... شۇ كۈنلەرنى سېغىندىم.
ھازىر تۇربىدىن سۇ ئىچىش مۇمكىن ئەمەسقۇ.. سۇ تازلاش تېخنىكىسى خېلى تەرەققى قىلغان.سۇنى خېلى پاكىز تازلىيالايدۇ.
ئەممازە.....شۇ سۇنى ئىچىشكە كۆڭۈل تارتىش تارىتماسلىق مەسلىسىمۇ بار
ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقاندا بېيجىڭدىكى چوڭراق سۇ تازلاش ئورۇنلىرىنى بىر قۇر ئېكىسكورسىيە قىلغان ئىدۇق.
كۆرمىسەم بوپتىكەن دەپ قالغان ئىدىم............