Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2012-4-4 16:49:15

«چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ئېلىپ بارمايلىما؟

«چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» بۇ خەنچە «دايۈېجىن»
دەپ ئاتالغان، مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى پولات تاۋلاشنى ئاساس قىلغان،
سولچىللىقنىڭ تەسىرىدىكى، تولا چاينىلىپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە
ئۇنتۇلماس جاراھەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن خاتا ھەركەتلەرنىڭ بىرسى. ئەمما مەن
ئويلايمەنكى، ئومۇمەن «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»لەرنىڭ ھەممىسىلا خاتا بولىۋەرمەيدۇ.
بۇنداق دىسەم سىز، مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدە بىر قېتىم «چوڭ سەكرەپ
ئىلگىرىلەش» ئېلىپ بېرىپ، يەتكىچە خاپىلىق تارتتۇق، بولدى قىلىڭ، بۇنداق گەپنى
ئىككىنچى ئېغىزىڭىزغا ئالماڭ، دىيىشىڭىز مۈمكىن. غەم قىلماڭ، مەن بۇ قېتىم سىزگە
شۇنداق ھۆددە قىلالايمەنكى، پەقەت سىز ھۆكۈمەت يول قويغان، ھۆكۈمەتنىڭ
فاڭجىن-سىياسەت، ئەمىر-مەرۇپلىرىغا رىئايە قىلغان ئاساستا «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» پائالىيىتى ئېلىپ بارسىڭىز ھىچقانداق ھەرەج
تارتمايسىز، خاپىلىقمۇ تارتمايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى «چوڭ سەكرەپ
ئىلگىرىلەش» ھىچقانداق تەشكىلسىز، زورلاش، مەجبۇرلاش بولمىغان ئاساستا، ئۆز
ئىختىيارىلىقىڭىز بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئۆزىڭىزنىڭ قىلماقچى-ئەتمەكچى
بولغانلىرىڭىزنى دەڭسىيەلەيسىز.


قېرىنداشلىرىم. مەن ئۇيغۇر تورچىلىقى ھەققىدە
توختالمىساممۇ بولار، ئەمما خەنزۇلارنىڭ توردىكى ماتىرياللىرىنىڭ تولۇقلىقىغا
ئىنتايىن ھەۋىسىم كېلىدۇ. بەلكىم سىلەرنىڭمۇ ھەۋىسىڭلا كېلىشى مۈمكىن. بەيدۇدىن خەنزۇلارنىڭ
ھەرقانداق ماتىريالىنى ئىزلىسىڭىز، تولۇق بولمىسىمۇ، ئىشقىلىم سىزنى مەلۇم
چۈشەنچىگە ئىگە قىلغۇدەك ئازدۇر-كۆپتۇر بىر نەرسىلەر چىقىدۇ. بۇ جەھەتتە بىز
ئۇيغۇرلارنىڭ تورچىلىقى تېخى كۆپلەپ ئارقىدا. بۇنى دىمىسەممۇ بىلىسىلەر. ئۇنداقتا
ئۇيغۇر تورچىلىقىنى خۇددى خەنزۇلارنىڭكىگە ئوخشاش، نىمە ئىزلىسەڭ شۇنى تاپىدىغان
ھالغا كەلتۈرگىلى بولامدۇ؟


قاراپ باقىدىغان بولساق بىزدە توردىكى
ماتىريالچىلىقنى تەرەققى قىدۇرغىدەك شارائىتلارمۇ يوق ئەمەس، ئەلبەتتە، توردىكى
ماتىريالچىلىقنى تەرەققى قىدۇرغىدەك شارائىت بىزدە ئازدۇر-كۆپتۇر بولسىمۇ ھازىرلانغان.
مەسىلەن: ماتىريال مەنبەسى، ماتىريال يوللۇنىدىغان تور بەتلەر، ماتىريال يوللۇغۇچى
خادىم، مەتىريال يوللاش ۋاقتى، كومپىيوتىر، تور ...قاتارلىق شارائىتلارنىڭ ھەممىسى
تولۇق. پەقەت چۈشەنچە، ئەھمىيەت بېرىش ، تىرىشچانلىق.... قاتارلىق مىجەز خاركتىرغا
ياتىدىغان تەرەپلەرلا كەم.


گوگول، ياخو، بىڭ.. قاتارلىق ئىزدەش
ماتورلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزدەش ئىقتىدارى بار، توردا ئۇيغۇرچە ماتىريال كەمچىل،
يوقنىڭ ئورنىدا، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر
تورچىلىقىنى خۇددى خەنزۇلارنىڭكىگە ئوخشاش، نىمە ئىزلىسەڭ شۇنى تاپىدىغان ھالغا
كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئەلبەتتە، بۇنى بىرلا يول بىلەن، يەنى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»
يولى بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ!


ئۇنداقتا «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»نى قانداق
ئېلىپ بارىمىز؟


ئومۇمەن ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغان، مەسئۇلىيەتچانلىقى بار،
ئۇيغۇرنىڭ تەرەققىياتىغا ئانچە-مۇنچە كۆڭۈل بۆلىدىغان، خەت ئۇرالايدىغان ھەم تورغا
ماتىريال يوللىيالايدىغانلىكى كىشى، ئۆزىگە ۋەزىپە دەپ بىلىپ، ئۆزىدە بار بولغان ھەرقانداق
ماتىريالنى، توردا ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى دەلىللەپ بولغاندىن كېيىن ھەرقايسى توربەت،
مۇنبەر، بلوگ ۋە مىكرو بلوگلارغا يوللاش. مانا بۇ بىزنىڭ دەۋاتقان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» پائالىيىتىمىزدۇر.


ھىساپلاپ باقساق، خاس ئەلكۆۈيى
مۇنبىرىنىڭ ئەزاسىلام
83969 نەپەر (بۇ سان ئىشەنچىلىك بولسا) بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدىن 100 نەپەر
ئادەم بۇ پائالىيىتىمىزگە ئىشتىراك قىلسا، بىر قېتىمدىلام 100 پارچە ماتىريال
يوللىنىدۇ دىگەن گەپ. ئەگەر مىڭ، ئونمىڭ ئادەم ئىشتىراك قىلسىچۇ؟ قالغىنىنى
دىمىسەممۇ بۇ قېتىمقى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» پائالىيىتىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى
چۈشۈنۈپ ئالالايسىز.


سىز ئۆزىڭىزنى ئۇيغۇر
ھىساپلامسىز؟ ئۇيغۇرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالامسىز؟


قېنى دوستلار سىلەچە ۋاقىت
جەھەتتىن بىر ئاينى،يەنى مۇشۇ 4- ئاينى ۋاقىت قەرەلى دەپ بىلىپ، «بىر ئايدا بىر
پارچە» پائالىيىتى ئۆتكۈزسەك بولارمۇ، ياكى «بىر ئايدا ئىككى پارچە» پائالىيىتى
ئۆتكۈزسەك بولارمۇ؟ سىزنىڭچە بىزنىڭ بۇ قېتىمقى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» پائالىيىتىمىزنىڭ
ئەھمىيىتى كەچكىچە ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم دەپ قۇرۇق ھەسرەت چېكىپ ئەمەلىيەتتە بىر قىللىق
ئەمەلى ئىش قىلمىغاندىن ياخشىراق بولارمۇ؟


سىز ئۆزىڭىزنى ئۇيغۇر
ھىساپلامسىز؟ ئۇيغۇرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالامسىز؟

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-4 19:23:38

duldul يوللانغان ۋاقتى 2012-4-4 19:25:42

ماۋۇ كىم ئېمجۇڭ مۇئاۋىن باش مايەرگىمۇ يوللاپتىيا ما تېمىنى.

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-4-4 19:28:36

ئارزۇيىڭىز ياخشىكەن. بۇ ئىشقا راستىنلا تۇتۇش قىلىپ قالسىڭىز ئالپ تورى كومپىيۇتېر ۋە يانفون ھەققىدىكى تېخنىكىلىق ماقالىلەر، يېڭى ئۇچۇرلارنى قانچىلىك يوللىساڭلار شۇنچىلىك قوبۇل قىلىدۇ، تېخى قىلغان ئەجىرىڭلارغا چۇشلۇق پۇلمۇ بېرىدۇ.

ئادېرسى: http://www.alip.bizياكى

http://www.uyghurweb.com

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-4-4 20:42:03

ئالىم ئەھەتتەك كىشىلىرىمىز بىر پىكىر بەرمىسە ،ئىشقا ئاشمايدۇ جۇمۇ بۇ ئىشلار....

بىكار بۇ تېمىدا باشقا مۇنبەردە سۆزلەپ يۈرۈپتىمىنا،بۇ يەرگە ئەمدى چىقىپتۇ ئەمەسمۇ \"\"

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-4-4 21:12:41

2- قەۋەتتىكى duldulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ كىم ئېمجۇڭ مۇئاۋىن باش مايەرگىمۇ يوللاپتىيا ما تېمىنى.



خەق نىمە ئويدا سىز نىمە كويدا زادى ؟؟؟

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-4-4 21:25:28

3- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئارزۇيىڭىز ياخشىكەن. بۇ ئىشقا راستىنلا تۇتۇش قىلىپ قالسىڭىز ئالپ تورى كومپىيۇتېر ۋە يانفون ھەققىدىكى تېخنىكىلىق ماقالىلەر، يېڭى ئۇچۇرلارنى قانچىلىك يوللىساڭلار شۇنچىلىك قوبۇل قىلىدۇ، تېخى قىلغان ئەجىرىڭلارغا چۇشلۇق پۇلمۇ بېرىدۇ.

ئادېرسى: http://www.alip.bizياكى

http://www.uyghurweb.com

بۇغداي نېنىڭ بولمىسىمۇ بۇغداي سۆزۈڭ بولغاي ، دەپ بېكاغا ئېيىتمىغان چوڭلار ! مانا مۇشۇنچىلىك چۈشۈنۈش ،مۇشۇنچىلىك قوللاشمۇ مۇھىمغۇ بىزدە !

alipenwer ئەمما تېما ئىگىسى دەۋاتقان مەسىلىنى بىر ئادەم تۇتۇش قىلىپ ، باشقا ئەپ چىقىدىغان ئىش ئەمەس جۇمۇ !





خەنزۇلارنىڭكىدەك قىلىپ كېتىش مېنڭچە سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ ھازىرچە ، چۈنكى ئويلاپ باقايلى : تورغا چىقىۋاتقان ئادەملەرنىڭ سانى مەسىلسى ، يەنە بىرسى  جۇڭگودا دۆلەت تىلى خەنزۇ تىلى ، ھەرقانداق ئىدارە ئورگان ، مەكتەپ -كان -كارخانا ..............................................لاردىن يوللىنۋاتقان ئۇچۇرلار ھەممىسى خەنزۇچە ، ئۇلار بىزدەك مۇنداق قىلايلى دىمىسىمۇ تەبئى ھالدا بولىۋېرىدۇ ، بۇ جەھەتتە ئۇلار بىلەن بەسلەشمىسەكمۇ  تېما ئىگىسى ئويلىغان ئوي ئۈچۈن تىرىشىپ  باقساق يامىنى يوق -ئەلۋەتتە !!

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-4-4 21:50:10

ئىليارۇق، تېما ئىگىسى قانچە ياش ئۇنى بىلمەيمەن، ئەمما ئاتتەك چاپچىپ تۇرغان ياش بالا ئىكەنلىكى ئېنىق. ھەقىقەتەن ئۇنداق ئىشنى بىر ئادەم قىلىپ بولالمايدۇ، ئەمما ئاشۇ بىر ئادەم قايناق ھېسىياتقا سەۋىرچانلىقنى قوشۇپ بەل باغلاپ قىلىپ باقسا باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.

Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2012-4-4 22:00:55

بىر ئايدا بىر تېما يوللاشنى قويۇپ تۇرايلى.ياخشىراق مۇنازىرە تېمىسىنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرماي،ئىلمىي پېكىرلىشىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 00:22:54

ئوبدان گەپ بوپتۇ،ۋەزىپە قانداق ئورۇنلىنىدۇ؟بار ماتىريالنى نەگە يوللايمىز؟تەپسىلىرەك سۆزلەنسە!

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 01:16:06

بەيدۇدەك ئىزدەش ماتۇرىدىن بىرسى بولسا ئاۋال

function يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 11:21:15

跨越式发展

dumqak يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 13:50:12

7- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىليارۇق، تېما ئىگىسى قانچە ياش ئۇنى بىلمەيمەن، ئەمما ئاتتەك چاپچىپ تۇرغان ياش بالا ئىكەنلىكى ئېنىق. ھەقىقەتەن ئۇنداق ئىشنى بىر ئادەم قىلىپ بولالمايدۇ، ئەمما ئاشۇ بىر ئادەم قايناق ھېسىياتقا سەۋىرچانلىقنى قوشۇپ بەل باغلاپ قىلىپ باقسا باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.



مەزكۇر تىما ئىگىسى خاتا پەرەز قىلمىسام ھەرگىز 45 ياشتىن ئارتۇق ئەمەس .

dumqak يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 13:51:32

2- قەۋەتتىكى duldulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ كىم ئېمجۇڭ مۇئاۋىن باش مايەرگىمۇ يوللاپتىيا ما تېمىنى.




قارىم قارابەگ زۇلپىقار ھەققىدە ئىككى ئېغىز توختالسا مۇئاۋىن قىلىۋەتكەن ئوخشىمامسىز ؟



ئىنتايىن كۈلكىلىكتە بۇ !

بەت: [1]
: «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ئېلىپ بارمايلىما؟