Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 11:34:11

ھەسەل ھەققىدە

                                               ھەسەل ھەققىدە




بۇ ھەسەل ھەرىسى ئائىلىسىدىكى ھايۋانات ھەسەل ھەرىسى ئىشلەپچىقارغان ھەسەل قەنتىدىن ئىبارەت بولۇپ ، قۇيۇق ، شىرلىك سۇيۇقلۇق ، ئاق رەڭلىك ۋە سۇس سېرىق رەڭلىك ياكى ئاپېلىسىن رەڭلىك ۋە كەھرىۋا رەڭلىك بولىدۇ ، يېرىم سۈزۈك ، پارقىراق كېلىدۇ ، تەمى تاتلىق خۇشبۇي پۇرايدۇ .


ئوزۇقلۇق تەركىبى

دالىلاردىكى دەرەخلەردىن ، ئۆڭكۈرلەردىن تېپىلغان ھەسەللەر ياۋا ھەسەل ياكى تاش ھەسەل دەپ ئاتىلىدۇ . بۇلارنىڭمۇ سۈپىتى ناھايتى ياخشى . لېكىن مىقدارى چەكلىك بولغاچقا ، بازارغا سېلىنغان ھەسەللەرنىڭ كۆپىنچىسى كىشىلەر باققان ھەرىلەرنىڭ ھەسەللىرىدىن كەلگەن .

ھەسەلنىڭ ئىچىدە %35 گلوكوزا ، %40 مېۋە شېكىرى بولىدۇ ، بۇ ئىككى خىل قەنت ھەزىم قىلىنماي تۇرۇپمۇ بىۋاستە ئادەم تېنىگە سۈمۈرۈلەلەيدۇ .

ھەسەلنىڭ ئىچىدە ئادەم بەدىنىنىڭ قان زەردابىنىڭ قويۇقلۇقى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان مېنرال تۇز بار ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە مەلۇم مىقداردىكى ۋىتامىن   B1 ، ۋىتامىن 2B ، تۆمۈر ، كالتىسىي ، مىس ، كالىي ، مانگان ، فوسفۇر قاتارلىق مېنرال ماددىلار بار .

ھەسەل ئىچىدە كراخمال ئېنىزىمى ، مايدا ئۆزگىرىشچان ئېنىزىم قاتارلىقلار بولۇپ ، ئېنىزىم مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى . ئېنىزىم ـ ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ، سۈمۈرۈش ۋە ماددا ئالمىشىش ۋە خىمىيىۋىلىك ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ماددا .

ھەسەلنىڭ پۇرىقى مەززىلىك ، تەملىك بولۇپ ئوزۇقلۇق ۋە گېگىنا نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئۇ بىر خىل بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدىغان ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان ھەمدە كېسەل داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دورا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .


ھەسەلنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى

ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر قۇشۇق ھەسەلنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىچىپ بەرسە ئۇيقۇسى ياخشى بولىدۇ . ھەسەل تەركىبىدىكى گلوكوزا ، ۋىتامىن ھەمدە ماگنىي ، فوسفۇر ۋە كالتىسىي قاتارلىق ماددىلار نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ ، نېرۋا سېستىمىلىرىنى تەڭشەپ ، ئۇيقۇ ھالىتىگە ئۆتۈشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ .

ھەسەل قان تەركىبىنى ياخشىلاپ ، يۈرەك ۋە قان تۇمۇرلارنىڭ فۇنكىسيىسىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ ، شۇڭا ھەسەلنى داۋاملىق ئستىمال قىلغاندا يۈرەك قان ـ تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ھەسەلنىڭ جىگەرگە نىسبەتەن قوغداش رولى بولۇپ ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، جىگەردە ماي شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، يەنە ھەسەلنىڭ مەستلىكنى يېشىش رولى بار .

قەۋزىيەت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلىپ بەرسە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ ، ھەسەل ئىستىمال قىلغاندا جىسمانىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ ، ھارغىنلىقنى يوقىتىپ ، ئىممۇنېتىت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . ھەسەلنىڭ يەنە باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش رولىمۇ بار ، ھەسەلنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا ، چىشقا ھىچقانداق زىيىنى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروبلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ ، ھەسەلنى تېرىدىكى جاراھەتلەرگە سۈرگەندە ، مىكروبلارنى تازىلاپلا قالماستىن ، بەلكى يېنىك دەرىجىدىكى تېرە جاراھەتلىرىگە ، بولۇپمۇ كۆيۈك يارىسىغا ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ . ھەسەل تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم ئۇنىڭغا شىپا قىلىدۇ .


ھەسەل ئىستىمال قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ياز ۋە كۈز پەسلىدە پىششىقلانمىغان ھەسەلنى كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ ، ھەسەل ھەرىسى باققۇچى ساتقان خام ھەسەل بىۋاستە ئىستىمال قىلىنسا زەھەرلىنىش ئىمكانىيىتى چوڭ بولىدۇ . ھەسەلنى ئىستىمال قىلىشتا قايناق سۇ بىلەن ئېرىتىشكە ھەمدە قاينىتىشقا بولمايدۇ ، ئۇنداق بولمىغاندا ھەسەلنىڭ باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ .

ھەسەلنى دەملىگەن چاي بىلەن ئىچىشكە بولمايدۇ ، چۈنكى بونداق قىلغاندا چۆكمىلەر پەيدا بولۇپ سالامەتلىككە زىيانلىق .

بىر ياشتىن تۆۋەن بولغان بوۋاقلارغا ھەسەل بېرىشتە ئېھتىيات قىلىش كېرەك .

ھەسەل سېتىۋېلىشتا چوقۇم ئۇنىڭ سۈپىتىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك . كونكىرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە :

سىرتقى قىياپىتىدىن كۆزىتىش : ئەلا سۈپەتلىك ساپ ھەسەل بولسا ، قۇيۇق سۈزۈك ياكى سۈزۈكرەك؛ چاپلىشاڭغۇ سۇيۇق ھالەتتە بولۇپ، تاتلىق ، پۇراقلىق بولىدۇ . تېمپۇراتۇرا ℃10 تىن تۆۋەن بولسا ياكى ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا ھەسەل قېتىشما ھالەتكە كىرىدۇ . ھەسەلنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا ، رەڭگىمۇ ۋە تۈرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . رەڭ پەرقى ناھايتى چوڭ بولۇپ ، ئادەتتە رەڭگى قانچە سۇس بولسا ، ئۇنىڭ پۇرىقى ۋە تەمىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ . شۇڭا ھەسەلنىڭ رەڭگى ھەم ھەسەلنى تۈرگە ئايرىشنىڭ ئاساسى ھەم ھەسەلنىڭ سۈپىتىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۆلچەمنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

ھەسەل ئىچىدىكى غەيرىي ماددىنى تەكشۈرۈش ، غەيرىي ماددىلار ئاسانلا ھەسەلدە سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، غەيرىي پۇراق ياكى ئېچىش ، ئاچچىق بولۇپ قېلىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

مۇۋاپىق قاچىغا سېلىپ ساقلاش كېرەك ، ھەسەل ئاجىز كىسلاتالىق سويۇقلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى غەيرىي مېتال قاچا بىلەن ساقلاش كېرەك . مەسىلەن ، ياغاچ ياكى ئەينەك قاچا بىلەن ساقلىسا بولىدۇ ، قاچىنى چوقۇم پاكىز يۇيۇپ ، قۇرۇتۇپ ھەم غەيرىي پۇراق بولمىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش كېرەك . ھەسەلنى بەك لىق قاچىلىۋەتمەي ئۇنىڭ تېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . ھەسەلنى قۇرۇق ، پاكىز ، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان ھەم غەيرىي پۇراق يوق ئۆيگە قويۇش كېرەك . ئۇنىڭ تېمپۇراتۇرىسى ℃5~℃15 قىچە بولۇشى كېرەك .

ھەسەلنى بىۋاستە يېسىمۇ ، ئىلمان سۇغا سېلىپ ئېرىتىپ ئىچسىمۇ ، نانغا سۈركەپ يېسىمۇ بولىدۇ .


ھەسەل ماس كېلىدىغان كىشىلەر

ئادەتتىكى كىشىلەر ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ ، قەنت سىيىش كېسىلى بارلار ۋە بوۋاقلارنىڭ ئىستىمال مىقدارى ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.



<<يېمەكلىك ـ ئەڭ ياخشى دورا>> ناملىق كىتابتىن  ئارزۇگۈل خوجا تەرجىمىسى

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 12:40:15

ئەتىگەندە تۇرۇپ، ھەسەل سۈيى ئىچسە، ئاشقازان بىئاراملىقىنى تۈگىتىدۇ  {:92:}

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 12:52:13

تاتلىق نەرسىلەر ئىچىدە قەنت سىيىش كىسىلى بارلار ئىستىمال قىلىشىقا بولىدىغان بىردىنبىر نەرسە : ساپ ھەسەل .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 14:50:21

ھەسەل مىڭ خىل كېسەلگە شىپا دىيىلىدۇ شۇڭا. مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ھەسەل ئىچىشنى تەۋسىيە قىپتىكەن. ھەسەل ئىچىشنى سۈننەت ئەمەل قاتارىدا سانايدىكەنمىز.

دىيارىمىزدا تۇرپان تەرەپتە كۆپ ئىستىمال قىلىنمايدىكەن. ھەممىدىن غۇلجىدا كۆپ چىقىدىغۇ دەيمەن...

aytarim يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 16:27:57

ھەر كۈنى  ئەتىگەندە ناشتىدىن بۇرۇن بىر پىيالە ئىلىمان قايناق سۇغا بىر قوشۇق ھەسەل يەنە ئازىراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ئورۇقلاشقا بەك پايدىسى بولىدۇ. خانىم-قىزلار سىناپ بېقىڭلار.   {:90:}

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 19:24:04

راست ھەسەل بىلەن يالغان ھەسەلنى پەرق ئېتىدىغان ياخشى ئۇسۇللارمۇ بارمۇ ؟ئۆتكەن يىلى مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە بازاردىكى كۆپ قىسىم ھەسەللەر ھەتتا بىر قىسىم داڭلىق ماركىلىقلار پۈتۈنلەي ساختا بولۇپ بەزىلىرىنىڭ تەركىبىدە پەقەتلا ھەسەل يوقكەن ،بەزىلىرىنىڭكىدە ئون ،يىگىرمە پىرسەنت ھەسەل باركەن ،ئاساسلىق تەركىبى 果糖 ئىكەن .果糖 غاسۈپىتى ناچار ،ۋاقتى ئۆتۈپ ،قۇرتلاپ كەتكەن گۈرۈچ ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنىدىكەن.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 19:57:01

5- قەۋەتتىكى Hormaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

راست ھەسەل بىلەن يالغان ھەسەلنى پەرق ئېتىدىغان ياخشى ئۇسۇللارمۇ بارمۇ ؟ئۆتكەن يىلى مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە بازاردىكى كۆپ قىسىم ھەسەللەر ھەتتا بىر قىسىم داڭلىق ماركىلىقلار پۈتۈنلەي ساختا بولۇپ بەزىلىرىنىڭ تەركىبىدە پەقەتلا ھەسەل يوقكەن ،بەزىلىرىنىڭكىدە ئون ،يىگىرمە پىرسەنت ھەسەل باركەن ،ئاساسلىق تەركىبى 果糖 ئىكەن .果糖 غاسۈپىتى ناچار ،ۋاقتى ئۆتۈپ ،قۇرتلاپ كەتكەن گۈرۈچ ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنىدىكەن.

خاتالاشمىسام ئىزدىنىشتا بىر تىما بار ئىدى ،راس يالغان ھەسەلنى ئايرىش توغىرسىدا،مۇنبەر خەرىتىسىدىن ئىزدەپ بېقىڭ. ئايرىش تەس بولغىنى شىكەر يەيدىغان ھەرە ھەسىلى مەسىلىسى .

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 20:17:04

@bughra-oghli

سىز دېگەن تېمىنى تاپتىم ،مۇشۇ شۇمۇ ؟


http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=42086



شېكەر يېگۈزگەن ھەرە چىقارغان ھەسەلنى ئەمدى ئاڭلىشىم .


aytarim يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 21:01:29

@Horma شۇنداقكەن، ئۆتكەندە گىزىتتىن كۆرۈشۈمچە ھازىر بازاردىكى كۆپ قىسىم ھەسەللەر ساختا ياكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن بازارغا كىرگەن ھەسەللەركەن .   ئېلانلاردىكىدەك  خانىم قىزلار ھەسىلى،  ئاشقازان قۇۋۋەتلەش ھەسىلى..... دەپ تۈرگە ئايرىشنىمۇ بەك بىمەنە دەپ قارىلىدىكەن.  

   مەن ئاددىي ئۇسۇلدىن بىر قانچىنى دەپ بېرەي ھە بىلگىنىمچە: بىر تال چوكىنى ھەسەل بار قاچىغا سالسىڭىز سوزۇلۇپ چىققىنى جىڭ ھەسەل بولىدۇ، ئۈزۈلۈپ قالغىنى ساختىسى.   يەنە جىڭ ھەسەل قويۇقراق بولىدۇ، ساختا ھەسەك بەك سۈيۇق بولىدۇ. ئادەتتە ھەسەلنى كۆپ سېتىۋېلىپ كۆنۈپ كەتسىڭىز قاراپمۇ پەرقلەندۈرەلەيدىغان بوپكىتىسىز. ....

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 23:01:33

ئادەتتە كۆپىنچە ھەرە باققۇچىلار ھەرىگە شېكەر بېرىپ باقىدىغان ئوخشايدۇ.

ئاتامنىڭ بىر تونىشىنىڭ ئوغلى ھەسەل ھەرىسى باقىدۇ،بۇ يىل ئۇ كىشىدىن بىر نەچچە قېتىم ھەسەل سېتىۋېلىپ يىدۇق.ئۇنىڭدىن سورىشىمچە ھەسەل ھەرىسىگە شېكەرمۇ بېرىپ باقىدىكەن،ئەمما قانداق ۋاقىتتا شېكەر بېرىدۇ،قانچىلىك بېرىدۇ دىگەنلەرنى تەپسىلىي سوراپ باقماپتىكەنمەن.يەنە ئۇنىڭ دىيىشىچە سېتىلماي ئېشىپ قالغان ھەسەلنى ھەرىگە بەرسە شېكەر يىگەنگە قارىغاندا كۆپ ياخشى بولارمىش.

مەن تېخى ھازىرغا قەدەر ھەسەل ھەرىسىنىڭ شېكەر يىيىشىنى نورمال ئەھۋال دەپ يۈرۈپتىمەن،بۇغرا ئوغلىنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا بۇ بىر ناچار ئەھۋال ئوخشايدۇ.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 09:15:41

1- قەۋەتتىكى UyghurBalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەتىگەندە تۇرۇپ، ھەسەل سۈيى ئىچسە، ئاشقازان بىئاراملىقىنى تۈگىتىدۇ \"\"



سالامەتلىكنى ئاسىرسىلا...
بەت: [1]
: ھەسەل ھەققىدە