paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 10:38:15

موللا ئىسلام(شاڭزۇڭ)

موللا ئىسلام(شاڭزۇڭ)



موللا ئىسلام 1890 - يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ بويامەت كەنتىدە ناھىيىسىدە ئېچىلغان يېڭى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، كېيىن دادىسىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن سودا - سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ناھىيىلەرگە بېرىپ خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىلەن تونۇشىدۇ. 1920 - يىلى ئۇ سودا ئىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ئاقىل، دادىل، كەسكىن ئادەم ئىكەنلىكىنى تۇنۇيدۇ يەتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزلىرىگە شاڭزۇڭ قىلىپ سايلايدۇ (شاڭزۇڭ - سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى). شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىشىلەر ئۇنى «موللا ئىسلام شاڭزۇڭ» دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ.

موللا ئىسلام مەرىپەتپەرۋەر ئادەم ئىدى. ئۇ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى بىلىملىك، ساغلام، مەدەنىيەتلىك قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرەتتى.

1942 - يىلى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، سودا مۇناسىۋېتىنى ئۈزدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئالتاي قاتارلىق جايلاردىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا خام ئەشىيا چىقىرىش ئىشى توختاپ قالدى.تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئۆكسۈپ قېلىپ، خەلق تۇرمۇشىدا قىيىنچلىقلار تۇغۇلدى، ھەتتا ئۆلۈكلەرگە كېپەنلىك قىلىدىغان ماتامۇ تاپقىلى بولماي، تىرىكلەر ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى پاخالغا يۆگەپ، دەپنە قىلىشقا مەجبۇ بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالۋان - ياساق ھەسسىلەپ ئاشتى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتكە قاتتىق نازارىلىقى قوزغالدى. موللا ئىسلاممۇ ھەر قايسى سورۇنلاردا ئەكسيەتچىل ھۆكۈمەتكە قارشى ئاشكارە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۆتكۈر تەشۋىقاتى خەلقنى ئويغاتتى. موللا ئىسلامنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

1943 - يىل 7 - ئايدا، ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەت جېمىنەي، قوبۇقسادىكى قازاق چارۋىچىلار ئارىسىدا قىرغىنچلىق يۈرگۈزۈپ جېمىنەي قاتارلىق ناھىيىلەرنى قانغا بويىدى. موللا ئىسلام شاڭزۇڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتكە قوراللىق قارشى تۇرۇش قارارىغا كېلىپ، 1943 - يىلى 9 - ئايدا دەسلەپتە 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشتىن تۈزۈلگەن پارتىزان ئەترىتى تەشكىل قىلدى.

خەلق بۇ پارتىزان ئەترىتىگە «موللا ئىسلام پارتىزانلىرى» دەپ نام بەردى.

موللا ئىسلام پارتىزانلىرى قوراللىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمغا قارىتىلغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى. تەشۋىقات ئاخىر ئۈنۈم بەردى. نەتىجىدە گومىنداڭ پىيادە ئەسكەرلەر 8 - پولكىدىن مۇئاۋىن ۋوزۇت كوماندىرى مۆمىن مۇپتىللا بىرليەنگە قوماندانلىق قىلىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بارلىق قوراللىرى، ئاتلىرى بىلەن بىللە جېمىنەي پارتىزانلىرىغا كېلىپ قوشۇلدى. بۇنىڭ ئارقىسىدىن خۇدابەردىمۇ بىر بەن ئەسكەرنى باشلاپ ھەقىقەتكە قايتىپ پارتىزانلار ئەترىتىگە قوشۇلدى. موڭغۇللاردىن بورتىقان، ئۇيغۇرلاردىن مىراخون، تۇراخۇن، ئەخمەتخان، تاشخان، ئەھمەت ئىسمايىل قاتارلىقلارمۇ گومىنداڭ ئارمىيىسىدىن ئايرىلىپ پارتىزانلار سېپىگە قوشۇلدى. 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ باشلىرىدا يەنە دۆربىلجىننىڭ قىرىق ئوچاق دېگەن يېرىدە تۇرۇشلۇق گومىنداڭنىڭ ئاتلىق 7 - تۇەنىدىن ھۇشۇروۋ ئىسلام، ھەسەنوۋ، تۇردى سەلەيلەر ھەقىقەتكە قايتىپ جېمىنەي موللا ئىسلام پارتىزانلىرىغا قوشۇلدى. بۇلارنىڭ تەسىرىدە يەنە 40 ئۇيغۇر ئەسكەر گومىنداڭ قوشۇنىدىن قېچىپ پارتىزانلارغا قوشۇلدى. موللا ئىسلام پارتىزان ئەترىتىنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورىيىپ، قىرىق ئوچاقنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشى غەلبىىگە ئېرىشتى. بۇ چاغقا كەلگەندە، جېمىنەي موللا ئىسلام پارتىزانلىرىنىڭ سانى 500 دىن ئېشىپ كەتكەنىدى. بۇلار ئالاھىدە كوللېكتىپ جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ تەشكىللىنىپ، كۈرەش قىلغانسېرى كۈچەيدى. 1945 - يىلى موللا ئىسلام پارتىزانلىرى جېمىنەينى ئازاد قىلدى. ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقتى. خەلق ھۆكۈمىتىگە قازاق رامىزان زالىڭ ھاكىم بولدى، موللا ئىسلام «ناھىيىلىك ئازادلىق تەشكىلات» قا رەئىس بولدى.

موللا ئىسلام پارتىزانلىرى ئالتاي، تارباغاتاينى ئازاد قىلىشتا، ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىگە يېقىندىن ماسىلىشىپ جەڭ قىلىپ پارلاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالتاي ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، موللا ئىسلام ئۆز ئەترىتىدىكى 767 جەڭچىنى قورال - يارىغى بىلەن بىللە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇلاردىن جېمىنەي ئاتلىق پولكى تەشكىل قىلىنىدى. موللا ئىسلام ئۈچ ۋىلايەتنى ئازاد قىلىشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلىقتىن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ئۇنى بىر ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال، ئازاد نىشانلىق بەش يۇلتۇزلۇق بىر ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى 1946 - يىلى موللا ئىسلامغا ئۆز قولى بىلەن بېغىشلىما يېزىپ بېرىدۇ ھەمدە بىر ھەربىي خەنجەر، بىر دانە ئالتۇن ئۇچلۇق قەلەم تەقدىم قىلىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار ئۇنى ئالتاي ناھىيسىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىدى. ئەينى چاغدا ئالتاينىڭ ۋالىسى بولغان ئوسمان باندىت موللا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى ساقچىدا قاماپ قويدى. ئوسمان قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، دەلىلقان سۈگۈربايوۋ موللا ئىسلامنى قاماقتىن بوشتىپ ئۇنى ھاكىملىققا تەيىنلەيدۇ. موللا ئىسلام دەلىلقان سۈگۈربايوۋقا رەھمەت ئېيتىپ ھاكىملىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالماي جېمىنەيگە قايتىپ كېتىدۇ. ئۇ پۈتۈن شىنجاڭ تىنچىلىق بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، «سول» چىل لۇشيەننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئىنقلابىي پائالىيەت ۋە كۈرەش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمىدى. ئۇ 1960 - يىلى 70 يېشىدا جېمىنەي ناھىيىسىدە ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى خەلقىمىز ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، ئۇنى خەلق مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ!

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 11:04:38

ئىسىل كىشىكەنتۇق. ئاللاھ ئاخىرەتلىكىنى ئاسان قىلىپ بەرگەي.  سولچىل لۇشىيەننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرمىغان بىرمۇ ئازاتلىق جەڭچىسى قالماپتىكەن...

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 18:22:57

بۇ قەھرىمانىمىزمۇ تۆت كىشىلىك گوروھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېتىپتۇ .مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن.

dumqak يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 20:06:54

2- قەۋەتتىكى pantekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ قەھرىمانىمىزمۇ تۆت كىشىلىك گوروھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېتىپتۇ .مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن.





4 كىشىلىكمىش ......................

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 09:19:23

بۇرۇن قۇرالاپتىكەن جەمئىيەتنى، بۈگۈنگە كەلگەندە ئىش ئاقماپتۇ.
بەت: [1]
: موللا ئىسلام(شاڭزۇڭ)