durustori يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 08:18:56

دۇرۇس دېتاللار توپلىمى 2.0 يىڭى نۇسخىسى تارقىتىلدى

            دۇرۇس دېتاللار توپلىمى   




                  كومپىيۇتېر قوراشتۇرغۇچىلار  2.0


           (سىناق نۇسخىسى)





2.0 نۇسخىسىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دىتاللارنىڭ نەشىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ،ۋە ئاز بىر قىسىم يىڭى دىتاللار قوشۇلدى . ( خاتىرجەم بولۇڭ  ،ھەممىسى ئىلگىركىدەكلا ئېلانسىز ۋە پاكىز نەشىردىكى دىتاللار )



بۇ بىكىتىمىز ئۆزى يىغىپ توپلاپ .تاللاپ، رەتلەپ تۈزۈپ چىققان يۇمشاق دېتاللار توپلىمى بولۇپ .ئىچىگە ئاساسەن بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان،كۆپ ئېھتىياجىمىز چۈشىدىغان،  ئىگىلىرى ھەقسىز قىلىپ تارقاتقان دېتاللارنى ياخشى ياكى يېڭى ياكى ئېلانسىز نەشىرنى تاللاپ تۈرۈپ قوشتۇق .ئىچىدىكى دېتاللار تۈرى بويىچە تىزىلىپ ،ھەر بىرىگە ئۆز تىلىمىزدا ئىزاھات بىرىلىپ  ئىزدەپ تىپىش ئاسانلاشتۇرۇلدى.ئۇنىڭدىن باشقا توپلامنىڭ دوس ھالەتتە قوزغۇلۇش ئىقتىدارى سىستىما قاچىلاش ئىشلىرىڭىزغا ياردەمدە بولغۇسى .   

بەزىدە سىزمۇ دائىم ئىشلىتىدىغان ئاددى ،پاكىز، ئىشەنچىلىك يۇمشاق دىتاللارنى تاپالماي ئاۋارە بولىدىغانسىز قىنى بۇ توپلامنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ بىقىڭ .
  

  

بۇ يۇمشاق دىتال توپلىمىنىڭ ئاساسى  ئالاھىدلىكى تۆۋەندىكىدەك :

1.دىتاللار ئونۋىرسال ھالەتتە جەملەنگەن،يەنى ھىچكىمنىڭمۇ مەن كومپىيۇتېردا توربەتلا كۆرىمەن كىنو كۆرمەيمەن،كىنولا كۆرىمەن تور بەت كۆرمەيمەن دىيەلمىگىنىدەك ھەر بىر ئادەمنىڭ ئونۋىرسال ئىھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ يۇمشا دىتاللار توپلىمى  بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان ئونۋىرسال دىتاللارنىڭ جۇغلانمىسى ھالىتىدە تۈزۈلگەن.  

ئەمما بۈگۈن سىز كۆرىۋاتقان بۇ نۇسخىسى يەنى ‹‹كومپىيۇتېر قوراشتۇرغۇچىلار نۇسخىسى ››

ئاساسەن كومپىيۇتېر بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىدىغان،بولۇپمۇ ئۇچۇر كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنى ئاساسى نىشان قىلغان بولۇپ باشقا  

جەھەتتىكىلىرى قوشۇمچە تەمىنلەندى . بۇنىڭدىن كىيىنكى نۇسخىلىرىمۇ  خۇدا خالىسا ئوخشاشلامۇشۇنداق مەلۇم كىشىلەر توپىنى ئاساس قىلىپ ۋە شۇ بويىچە ،تۈرگە ئايرىلىپ چىقىرىلىدۇ.

2.بۇ يۇمشاق دىتاللار ئالاھىدا تاللانغان بولۇپ ،پۈچەك،ۋىرۇسلۇق ياكى ئەسقاتمايدىغان ،ياكى ئېلانى كۆپ ،نامغا يۇمشاق دىتال ئاتالغانلاردىن ئاساسى جەھەتتىن خالى يەنى مۇشۇنداق بولغاندىلا بىز پەقەت 700مىگابايىتلىق دىسكىغا تىخىمۇ كۆپ نادىر دىتاللارنى چىقىرالايمىز .

3.يۇمشاق دىتاللار يۇقىرى دەرىجىدە رەتلەنگەن ،مۇشۇنداق بولغاندىلا سىز قاچىلىماقچى بولغان نەرسىنى توپلام ئىچىدىن تىخىمۇ ئوڭاي تاپالايسىز ئەمەسمۇ ؟

4.تۈزۈلىشى چىرايلىق ۋە پاكىز بولۇپ ئىشلىتىش جەريانىدا سىزگە مەلۇم ئىستىتىك زوق بىرىدۇ .بۇ جەھەتتە سىز بۇرۇنقىدەك قاچىلىماقچى بولغان دىتاللىرىڭىزنى بىر مۇنچە ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئىسىڭىزدە يوق ھۆججەت خالتىلىرىنى تەخىرسىزلىك بىلەن ،قالايمىقان ۋە گىچماچ بىر خىل تۇيغۇ ئىچىدە توردىن ياكى  ئىزدەپ قالىدىغان ئەھۋاللار بۇ يۇمشاق دىتال توپلىمى بىلەن ئازتولا ئازىيشى مۇمكىن .

5.بۇ يۇمشاق دىتاللار ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرمايدۇ،ۋە كۆپلىكىدىن كومپىيۇتېرىڭىزنى  مالىمان قىلىۋەتمەيدۇ چۈنكى بۇ دىتاللار پىرىسلانغان ھالەتتە ساقلىنىدۇ ۋە ئىجىرا بولىدۇ.

  

قالغان ئالاھىدلىكلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن ئاڭلىشىمىزنى ئۈمۈت قىلىمىز ! ئەڭ ياخشى بولغىنى يەنىلا ئەمەلى باھا !

  

دىتالنى پىرىستىن يىشىش پارولى تور بىتىمىزنىڭ نامى شۇ .   يەنى : www.durus.cn

بۇ يۇمشاق دىتاللار توپلىمىنىڭ ئاساسى كۆرۈنىشى ۋە پىلاستىنكا سىرتىغا چاپلىنىدىغان كۆرۈنىشى تۆۋەندىكىدەك.  












چۈشۈرۈش ئادىرسى : www.durus.cn

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 12:57:11

توربېتىڭلاردىن دىتال چۈشۈرۈش سەل قۇلايسىزكەن   

ئوڭشاپ قويساڭلار بولغىدەك

xamxar111 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 15:58:05

مۇنبىرىڭلارمۇ  توختاپ قالغان  ئوخشىمامدۇ ..............؟  بىر زامانلاردا  ئۇچۇق  تۇراتتى ....  {:107:}

durustori يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 16:05:35

2- قەۋەتتىكى xamxar111نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇنبىرىڭلارمۇ توختاپ قالغان ئوخشىمامدۇ ..............؟ بىر زامانلاردا ئۇچۇق تۇراتتى .... \"\"

شۇنداق ،ۋاقتىنچە تاقاپ تۇردۇم ،خۇدا خالىسا بىر كۈنلەردە قايتا ئىچىلىدۇ .

durustori يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 16:07:02

1- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توربېتىڭلاردىن دىتال چۈشۈرۈش سەل قۇلايسىزكەن

ئوڭشاپ قويساڭلار بولغىدەك



مەن بۇ تەرىپىنى ھىس قىلماپتىمەن .

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 18:19:56

4- قەۋەتتىكى durustoriنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توربېتىڭلاردىن دىتال چۈشۈرۈش سەل قۇلايسىزكەن

ئوڭشاپ قويساڭلار بولغىدەك



مەن بۇ تەرىپىنى ھىس قىلماپتىمەن .

\"\"\"\"


ئۈستىدىكى رەسىملەرگە خەتلىك چۈشەندۈرۈش يېزىپ قويمىسىڭىز تۇنجى قېتىم كىرگەن ئادەم قانداق ئىقتىدار ئىكەنلىكىنى بىر قېتىم ئېچىپ باقماي تۇرۇپ بىلەلمەيدىكەن.


ئاستىدىكى دۇرۇس دىتاللار توپلىمىتى چۈشۈرىۋېلىڭ دىگەن يەردىكى خەتلەرنى بېسىپ كىرگىلى بولمايدىكەن .


مەنمۇ چۈشۈرەلمەي ئاخىرى ئۈستىدىكى ئاۋۇ رەسىملەرنى بىردىن-بىردىن چىكىپ بېقىپ ئاندىن چۈشۈرىۋالدىم.

karayol يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 17:26:47

ئەسسالامۇئەلەيكۇم. تۇر بېتىڭىزنى بالدۇرراق ئېچىۋېتىشىڭىنى سۇرايمەن.

karayol يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 17:26:51

ئەسسالامۇئەلەيكۇم. تۇر بېتىڭىزنى بالدۇرراق ئېچىۋېتىشىڭىنى سۇرايمەن.

durustori يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 19:13:26

7- قەۋەتتىكى karayolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇم. تۇر بېتىڭىزنى بالدۇرراق ئېچىۋېتىشىڭىنى سۇرايمەن.



تور بەت ئوچۇققۇ ؟!
بەت: [1]
: دۇرۇس دېتاللار توپلىمى 2.0 يىڭى نۇسخىسى تارقىتىلدى