Qunek يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 17:46:54

لەڭپۇڭ مۇھىممۇ ئىشەكمۇ (يىرىك ئەسەر)

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر ئۈچۈن ماقالە يېزىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، تورداشلارنىڭ ئىلھاملىرى قايناپ تاشماقتا . ئۇيغۇر ئۈچۈن ماقالە يېزىش تەخىرسىز بىر مەسىلە بولغانلىقى سەۋەپلىك ، ئىزدىنىش كيۇ كيۇ توپىدىكىلەرمۇ ئىلمى ، پاكىتلىق ئۇسۇلدا يېزىلغان يىرىك ئەسەرلەر ئۈستىدە ئىشتىياق بىلەن ئىزدەنمەكتە . تۆۋەندە ئىزدىنىش كيۇ كيۇ توپىدا ئېلان قىلىنغان يىرىك ئەسەرلەرنى نامزات كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق << ئىزدىنىش كيۇ كيۇ توپىدىكى ئون مەشھۇر يىرىك ئەسەر>> باھالاش پائالىيىتىگە تاللاپ چىقماقچى بولۇۋاتىمىز . شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئاۋاز قاتناشتۇرىشىنى ، شۇنداقلا ، كەم قاپتۇ دەپ قارىغان باشقا يىرىك ئەسەرلەرنىمۇ تەۋسىيە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز .



مەزكۇر پائالىيەت 4 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىن 4 – ئاينىڭ 32 – كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا، ھەرقايسى تورداشلار، ئاپتورلار ئۆز كۆڭلىدىكى مۇناسىپ ئەسەر ياكى ئۆز ئەسىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ.



ئەسەرلەر تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە ...




لەڭپۇڭ نەزەرىيىسى (ئاپتورى :ئاۋار)

لەڭپۇڭ يىگەن <ئەخلاقلىق بالا>(ئاپتورى :قۇناخۇن)

تۈگرە يەپ ئولتۇرۇپ تەخسىگە نەزەر (ئاپتورى : قۇناخۇن)

ئايفوندا تورغا چىقىپ ئىزدىنىشقا نەزەر (ئاپتورى :قۇناخۇن)

ئوبۇرنىدا ئولتۇرۇپ تېلفۇنغا نەزەر (ئاپتورى : قۇناخۇن)

بىلكاندا تۇرۇپ تورخۇمارغا نەزەر (ئاپتورى :ئاۋار)

داۋەندە تۇرۇپ شىڭفۇلۇغا نەزەر (ئاپتورى :مۇتكىم)

WC دا تۇرۇپ تەرەت قىلىۋاتقانلارغا نەزەر (ئاپتورى :رۇسلان)

BRT دا ئولتۇرۇپ يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەرگە نەزەر (ئاپتورى :رۇسلان)

چوڭ بازارنىڭ مۇنارىدا تۇرۇپ شىمىگوغا نەزەر (ئاپتورى :ئوتۇنچى)

تاتلىق ئۇيقۇدا ئويغاقلارغا نەزەر (ئاپتورى :قۇناخۇن)

لەمپۇڭ غالتىكىدىن دۇنياغا نەزەر (ئاپتورى :ئاۋار)

لەڭپۇڭ مۇھىممۇ ئىشەكمۇ ؟ (ئاپتورى :ئاۋار)

مەن نىمىشقا لەڭپۇڭ چىقاردىم (ئاپتورى :قۇناخۇن)

مەن نىمىشقا لەڭپۇڭ يەيمەن (ئاپتورى :ئاۋار)

لەڭپۇڭچىلارنىڭ 8 خىل چوڭ تۆھپىسى (ئاپتورى :ئاخۇنجان)

لەڭپۇڭچىلاردىكى ئازغۇنلۇق روھى (ئاپتورى :ئاۋار)

لەڭپۇڭچىلىق گۇمراھلىقمۇ ؟ (ئاپتورى :ئاخۇنجان)

لەڭپۇڭچىلارمۇ تەنقىدكە مۇھتاج (ئاپتورى :ئاۋار)

غەرىپنىڭ لەڭپۇڭنى يەمدۇق شەرىقنىڭمۇ ؟ (ئاپتورى :ئاۋار)

ئۇيغۇرلاردا لەڭپۇڭچىنىڭ قىممىتى ۋە قىسمىتى (ئاپتورى :ئاخۇنجان)

چېڭلوڭغا تون كەيدۇرمەي لەڭپۇڭ ئەۋەتىش كىرەكتى (ئاپتورى :ئاۋار)

لەڭپۇڭ ۋە JAVA (ئاپتورى : گۇدلاك)


لەڭپۇڭ ۋە كىملىك (ئاپتورى : ۋەيرانى)


تەكلىماكاندىكى قەدىمى لەڭپۇڭ (ئاپتورى : تېددىي)


لەڭپۇڭنى كونكىرىت يىيىشنىڭ 10 خىل ئابىستراكىت ئۇسۇلى (ئاپتورى : قۇناخۇن)


لەڭپۇڭ ۋە بەخت (ئاپتورى : سۈزۈك)


قورقۇنۇچلۇق لەڭپۇڭ(ئاپتورى :مۇتكىم)


لەڭپۇڭ ۋە يوشۇرۇنغان قول(ئاپتورى :تارىم722)


لەڭپۇڭنىڭ root ھوقوقىغا ئېرىشىش (ئاپتورى : ئالىپ ئەنۋەر)



ھازىرچە مۇشۇلار يوللاندى ، تورداشلارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن تولۇقلىنىپ ماڭىدۇ .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 17:56:40

ئەركتىكىننىڭ ماشىنىسىدىكى لەڭپۇڭ (ئاپتورى : مۇتكىم)

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 18:06:53

قىززىق ھە \"\"

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 18:07:00

مەن بايا يوللىغان تېما مۇھىم.

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 18:34:14

مەن تېمىسىغا قاراپلا كىرىپتىمەن،ئىچىدە تېخىمۇ سەرخىل تېمىلار باركەن \"\"!

dunyajan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 18:36:33

تېما ماۋزۇسىدىنلا كىمنىڭ يازغانلىقىنى پەملىگەنتىم.قۇناخۇن تېما ئىنكاس يازسا،لەمپۇڭغا يۆلۈشتۈرۈپ يازىدۇ.لەمپۇڭغا يۆلىمىسە،تېما ئىنكاسلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ.قارىغاندا لەمپۇڭنى مۇھىم ئوخشايدۇ.لەمپۇڭنىڭ خاسىيىتىنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇپ يەتمىسەك بولماپتۇ. \"\"

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 18:53:48

مۇشۇ لەمپۇڭنىڭ باھانىسىدە سورىۋالاي   {:92:}



يېقىندىن بۇيان ئىزدىنىشقا كىرسەم ئېچىلىش سۈرئىتى بەك ئاستا . تورنىڭ سۈرئىتى ئاستىمىكىن دېسەم باشقىللىرى ئۇنداق ئەمەس . سىلەردىمۇ شۇنداق تەس ئېچىلامدۇ ؟

yawayibala يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 18:59:11

لەڭپۇڭسىز ۋەزىپە 4( ئاپتۇرى:Yarkin92)

لەڭپۇڭنىڭ يىگۇدەك نەرى با؟( ئاپتۇرى : 365 )

dunyajan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 18:59:33

6- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ لەمپۇڭنىڭ باھانىسىدە سورىۋالاي \"\"



يېقىندىن بۇيان ئىزدىنىشقا كىرسەم ئېچىلىش سۈرئىتى بەك ئاستا . تورنىڭ سۈرئىتى ئاستىمىكىن دېسەم باشقىللىرى ئۇنداق ئەمەس . سىلەردىمۇ شۇنداق تەس ئېچىلامدۇ ؟



بۈگۈن ئاشتاراقكەن،خېلى بولدى تېمىلارنى چەكسەم ئېچىلماي خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋاپ مۇنبەرنى نورمال زىيارەت قىلالماي يۈرگىلى،ھازىر چەكسەم نورمال ئېچىلىۋاتىدۇ.

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 19:01:51

تېمىنىڭ ئۇلىنىش ئادىرسىنى چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز،ئەلا دەپ باھالايتىم{:92:}

yawayibala يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 19:03:25

6- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ لەمپۇڭنىڭ باھانىسىدە سورىۋالاي\"\"



يېقىندىن بۇيان ئىزدىنىشقا كىرسەم ئېچىلىش سۈرئىتى بەك ئاستا . تورنىڭ سۈرئىتى ئاستىمىكىن دېسەم باشقىللىرى ئۇنداق ئەمەس . سىلەردىمۇ شۇنداق تەس ئېچىلامدۇ ؟



نورمالغۇ ؟:    \"\"تور كۆرگۈچىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ ، يەنە بولمىسا10000غا تېلىفۇن قىلىڭ ، ئۇمۇ بولمىسا كومپىيوتىرنىئالماشتۇرۇڭ ،ئۇمۇ بولمىسا مىنىڭكىگە كىلىڭ ، ئىزدىنىش بەك تىزھازىر مىنىڭكىدە   \"\"

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 19:07:58

لەڭپۇڭ يىيىش ئىزدىنىشقا تىما يوللىغاندىن ياخشى

لەڭپۇڭ يىيىشنىڭ قەۋزىيەتكە بولغان تەسىرى

قانداق قىلغان لەڭپۇڭنى جەلىقئارا بازارغا يۇزلەندۇرۇپ يەرلىكنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ ؟

تائا مەدىنىيىتىمىز ۋە ئۇنىڭدىكى لەڭپۇڭچىلىق

لەڭپۇڭچىلىقنى غالتەكتە قىلغان ياخشىمۇ ياكى دۇكاندا ؟

لەڭپۇڭ ساتقاندا باجدىن ۋە سەھيەدىن قىچىشنىڭ تۇرلۇك ئۇسۇللىرى

قانداق قىلغاندا لەڭپۇڭنى ئىچىتماي ئۇزاق ساقلىغىلى بۇلىدۇ ؟

لەڭپۇڭ قۇشۇپ يىيىشكە بۇلىدىغان يىمەكلىكلەر

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 19:14:43

لەڭپۇڭنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى ۋە ئۇنى يېيىشتىكى پەرھىزلەر .

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 19:23:23

لەڭپۇڭ ياتىدۇ سايدا

يىمىسەڭ نىمە پايدا...

Qunek يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 19:37:21

تورداشلارنىڭ يۇقارقى ئەسەرلەرنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ، بىرىنچى قەۋەتتىكى ئىنكاس ئورنىنى پىنھاندىن ئىجارە ئېلىپ ، يۇقارقى ماقالىلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى يوللايمەن .

mahmut32 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 19:37:33

6- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ لەمپۇڭنىڭ باھانىسىدە سورىۋالاي\"\"



يېقىندىن بۇيان ئىزدىنىشقا كىرسەم ئېچىلىش سۈرئىتى بەك ئاستا . تورنىڭ سۈرئىتى ئاستىمىكىن دېسەم باشقىللىرى ئۇنداق ئەمەس . سىلەردىمۇ شۇنداق تەس ئېچىلامدۇ ؟



ۋاي ئۇنى بىردىمەڭ، بەزدە كىرەي دېسەممۇ بىر تالاي پىروگرامما خاتالىقى چىقۋالدۇ،بۇ مەسلىنى ھەل قىلساق بۇلاتتى

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 19:42:12

قۇناخۇننىڭ چىۋىن بىلەن قوشۇپ ئەتكەن لەمپۇڭلىرى ئەمدى «يىرىك ئەسەرلەر» دە جۇلالاپ، دەۋر بۆلگۈچ تەرەققىياتقا ئېرىشىدىكەندە.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 20:15:10

بارات ئوباما قۇنەكنىڭ لەڭپۇڭىنى زاكاس قىلىپ ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇرنى ئىشلىتەمدۇ؟(مۇلاھىزە)

ئاپتۇرى : مەن

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 20:20:30

لەڭپۇڭدا كۆپ كۈرىلىدىغان كاشىلىلار ۋە ئۇلارنى رىمۇنت قىلىش.(ئاپتورى-mahir512)

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 20:22:00

لەڭپۇ بىلەن مەزىبىزىنى داۋالاش ھەققىدە (ئاپتورى : بىرزات )



ياتاق بىناسىدا تۇرۇپ ، ئوقۇتۇش بىناسىغا نەزەر (ئاپتۇرى : ۋەيرانى )





يۇنجۇ نىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ پاك تەپتىشنىڭھويلىسىغا نەزەر ( ئاپتۇرى : ۋەيرانى )





بىزگە قانداق لەڭپۇچىلار كېرەك ؟ (ئاپتۇرى :ئۇيغۇربالىخ )



لەڭپۇنىڭ كىلىش مەنبەسى نىڭشامۇ ؟(ئاپتورى : كۆك تاش )
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: لەڭپۇڭ مۇھىممۇ ئىشەكمۇ (يىرىك ئەسەر)