azimet يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 11:19:55

بوغماق ئۈچەي يارىسى بىلەن ئۆتكەن قىسقىچە تارىخىم

مەن ئالدى بىلەن بۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن بىر نەچچە مۇھىم نۇقتىنى يېزىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:


1. بۇ كېسەلگە چوقۇم ۋاقتىدا، مۇھىم قاراش، داۋالىتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. كېسەللىك دەسلەپكى باسقۇچتا يىنىك باشلىنىدۇ، ساقايغاندىن كېيىن تاماق، دۇرا جەھەتتە سەل قارىلىدۇ-دە، نەتىجىدە كېسەللىك تولا قوزغىلىپ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. بۇ كېسەللىك يىنىك ۋاقتىدا كونتورۇل قىلىش ئاسان، ئادەتتىكى تۇرمۇشقا دەخلى يەتكۈزمەيدۇ.


2.  بۇ خىل كېسەللىكنىڭ سەۋەبى كۆپىنچە روھى- كەيپىيات بەك مۇھىم ئامىل. مەسىلەن: خىزمەت بېسىمى، كۆپ ئاچچىقلىنىش، مۇھەببەت، تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش، ئىككىلىنىش قاتارلىق ئامىللار ۋە تاماق ئۆز ۋاقتىدا بولماسلىق سەۋەبىدىنمۇ بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، كېسەل بولغاندىن كېيىن كۆپ قېتىم داۋالاش ئارقىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەي، كەيپىياتى ياخشى بولماسلىقمۇ كېسەللىككە زىيانلىق ھېسابلىنىدۇ.شۇڭا بۇ كېسەللىك قوزغالغان ۋاقىتتا، ئۆيدە ياخشى ئارام ئېلىش كېرەك. ساغلام روھىي- كەيپىيات ھالىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


3. دەسلەپكى باسقۇچتا تاماققا ئىنتايىن دېققەت قىلىپ، كۆپىنچە نەرسىلەر يىيىلمەيدۇ، لېكىن بۇ كېسەللىك ئۇزۇن مەزگىل قورساق ئاغرىش، چوڭ تەرەتتە قان كېلىش سەۋەبىدىن، بەدەن ئېنىگىيىسىنىڭ ئۇپرىشى چوڭ بولىدۇ.ئوزۇقلۇق ياخشى بولماسلىق كېسەللىكنىڭ ياخشى بولىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا كېسەللىك قوزغالغاندىن كېيىن، تاماققا ئوزۇقلىنىشقا دېققەت قىلىش كېرەك. ئاچچىق، مايلىق، سوغۇق، يەللىك يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىيىش كېرەك.


1- باسقۇچ: كىچىك كېسەللىك، سەل قاراش باسقۇچى. مەن 2010- يىلى 5- ئايدا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىدىم. دەسلەپتە چوڭ تەرەتتە قان كېلەتتى، قورساق ئاغرىيتى. شۇڭا مەن گېمروي ياكى لېجى ئوخشايمەن دەپ سەل قارىغان ئىدىم. شۇ بويىچە دورا ئىشلىتىپ يۈرگەن ئىدىم. لېكىن بىر مەزگىل ئاۋارە بولۇپ قېلىپ چوڭ تەرەتتە قان ھەم شىلىمشىق نەرسە كېلىدىغان بولۇپ قالدى. ئاخىرى بولماي دوختۇرخانىغا باردىم، چوڭ تەرەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈچەي ياللۇغى بويىچە، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئىچكى بۆلۈمدە بالنىستا يېتىپ داۋالاندىم. دەسلەپتە ئېسىمدە قېلىشىچە ئەۋرىشىم ئىچىملىكى، مامۇران كاپسۇلى، جاۋارىش مەرۋايىت قاتارلىق(يەنە قورسى كەھرىۋا) دورىلار بىلەن داۋالىدى. ئارىلىقتا «بوغماق ئۈچەي ئەينىكى» بىلەن تەكشۈرۈپ بېقىشقا توغرا كەلدى. ھەم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ئارقىلىق بوغماق ئۈچەي يارىسى ئىكەنلىكىم ئېنىقلاندى. ئارقىدىن سوفۇفى دېگەن ئۇندەك ئۇۋاقلانغان دورا قوشۇلدى. مەجۇنى ناتىخوا دېگەن دورىنى ئىچتىم. شۇنداق قىلىپ جەمئىي ئىككى ھەپتىدە بىر قەدەر ياخشى بولۇپ دوختۇرخانىدىن چىقتىم. شۇنداقلا، ئۆيگە بېرىپ مامىران كاپسۇلى، جاۋارىش مەرۋايىت قاتارلىق دورىلارنى بىر- ئىككى ئايلاردەك ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن، توختاپ قالدى، كېسەللىك ئالامىتىمۇ يوق، ھەممە ئىشلار نورمال ئىدى. تاماققا ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە ئانچە دېققەت قىلىپ كەتمىدىم. ئۆزەمچە تىبابەتتە كېسەلنى يىلتىزىدىن داۋالىتىۋەتتىم دېگەن ئوي بار ئىدى.

azimet يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 14:12:57

باسقۇچ: كېسەللىك ئېغىرلىشىپ، ھەر جايدا دوختۇر ئىزدەش باسقۇچى.

كېسەللىك ساقىيىپ ساق بىر يىل بولغان ۋاقتىدا، يەنى 2011- يىلى 5- ئايدا چوڭ تەرەتتىن قان كېلىشكە باشلىدى. لېكىن قورساق ئاغرىقى بولمىغاچقا يەنە سەل قاراش بولدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن گېمروي ئەمەس، ئۈچەي يولنىڭ ئىشى ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى. شۇنىڭ بىلەن 2- دوختۇرخانىغا يەنە «بوغماق ئۈچەي ئەينىكى» دە تەكشۈرتۈش ئارقىلىق يەنە شۇ بوغماق ئۈچەي يارىسى بولۇپ چىقتى. ھەي، نىمە جاپا بۇ؟... تەكشۈرۈش، ناركوز قىلىش ئارقىلىق بولغان ئىدى...(كىيىن ئويلىنىپ باقسام بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەنتۇق، ئۇنداق قورقۇنچلۇق ئەمەس ئىكەنتۇق). نۇ نەتىجىنى ئېلىپ مەن يەنىلا ئۇيغۇر تىبابەتنى تاللاشقا نىيەت قىلدىم. ھەمدە ئۈرۈمچى ئۇيغۇر تىبابەت ھەزىم قىلىش بۆلىمىدە بالنىستتا يېتىپ داۋالاندىم. دەسلىپىدە قورسى كەھرىۋا، ماموران كاپسۇلى، سۇفۇفى قاتارلىق دورىلارنى ئىچتىم ھەم سىرتتىن سوفوفى تەركىبلىق سۇيۇقلۇقنى ئارقا تەرەپتىن ماڭدۇرۇش ئارقىلىق داۋالاندىم. بۇ جەرياندا ھورداققا چۈشۈش، پۇتنى دورىغا چىلاشتەك ئۇسۇللارمۇ ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە ئىككى ھەپتىدەك داۋالىنىپ كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق بولدى. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدىن چىقىپ خىزمەتكە چۈشۈپ كەتتىم. ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، چوڭ تەرەتتە يەنە ئازراق قان بارلىقىنى بايقىدىم. دوختۇرۇمغا تېلىفۇن قىلسام، قورسى كەھرىۋانى ئىچىپ بېرىڭ دېدى، شۇ بويىچە قىلدىم. توختىغاندەك بولدى، باشقا ياسالما دورىلارنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەن ئىدىم (ئاساسلىقى بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان دورىلار ئىدى) بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بېيجىڭغا خىزمەت بىلەن بېرىپ قالدىم. بۇ جەرياندا تاماق سەل تەرتىپلىك بولماي قالدى (تاتلىق ياڭيۇ، تاۋۇز، ئالما دېگەندەك يېمەكلىكلەر بۇ كېسەلگە ياقمايدىكەن) شۇنىڭ بىلەن كېسەللىك ئالامەتلىرى يەنە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا مەن بېيجىڭ شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى، 301- دوختۇرخانا،304- دوختۇرخانا قاتارلىق بىرنەچچە دوختۇرخانىلارغا باردىم. بۇ كېسەلنى چۈشىنىشكە باشلىدىم، توردىن ماتىرىيال توپلىدىم. كېيىن شۇنى ھېس قىلدىم بۇ كېسەلللىك ھەقىقەتەن تىبابەت ساھەسىدىكى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان كېسەللىك ئىكەن. (پەقەت ئالدىنى ئېلىپ داۋالاشقا بۇيرىلىدىكەن) شۇنىڭ بىلەن شۇ رىتسىپلار بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئاپتونۇم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش بۆلىمىدە بالنىستا يېتىش رەسمىيىتى بېجىردىم. بۇ 6- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىدى. مەن بۇ قېتىم غەربچە داۋالاش بىلەن جۇڭگوچە داۋالاشنى بىرگە ئېلىپ بېرىپ داۋالاشنى سىناپ باقماقچى بولدۇم. غەربچە دورىلاردىن 美沙拉嗪肠溶片, 美常安 ھەمدە جۇڭيىچە قاينىتىدىغان دورىلار، جۇڭيىچە ئارقا تەرەپتىن ماڭغۇزىدىغان سۇيۇقلۇق دورىلار بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلدى. ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق بولدى. دوختۇرخانىدىن چىقىپ نورمال تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كەتتۇق، تەخمىنەن بىرەر ھەپتىلەردىن كېيىن ئارقا تەرەپىمدە بىر نەرسە باردەك بىئارام بولدۇم، بىرنەچچە كۈن كۆزەتكەندىن كېيىن پەقەت بولمىدى. دوختۇرخانىغا بارسام«مەقەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىشىقى» دەپ دىئاگنوز قويدى، ھەم چوقۇم ئوپىراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بۇ يېشىمغا كەلگۈچە بۇنداق ئىشقا دۈچ كەلمەپتىكەنمەن (30 دىن ئەمدى ئاشقان ئىدىم)، بۇ ماڭا ئېغىر كەلدى، باشقا دوختۇرخانىغا باردىم، نەتىجىسى يەنىلا شۇنداق بولدى. ئاغرىق بەكلا ئېغىرلاشتى، قىزىتمام ئۆرلەپ كېتىپ يەنە بالنىستتا ياتتىم. ئاھ، خۇدا!....

بۇ قېتىم 2- دوختۇرخانىنىڭ مەقەت- ئۈچەي بۆلىمىدە ياتتىم. دوختۇرغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ بىرقانچە كۈن ئوكۇل ئېلىپ كۆرىنىدىغان بولدۇق(بۇ جەرياندا مەن يەنە مىللىي تىبابەتنىڭ دورىلىرىنى يىدىم. مەسىلەن ئەفى چوڭ قاتارلىق ياللۇغ قايتۇرىدىغان ) بىر ھەپتە داۋاملاشتى، ئاغرىق يەنىلا تۈگىمىدى، ئاخىرى مەسلىھەتلىشىپ ئوپىراتسىيە قىلىدىغان بولدۇق... ئاھ خۇدا، بۇ نېمە كۆرگۈلۈك!...

شۇنىڭ بىلەن 8- ئاينىڭ 8- كۈنى ئوپىراتسىيەگە كىردىم. ئەمەلىيەتتە كىچىك ئوپىراتسىيە ئىدى، لېكىن 2- دوختۇرخانىنىڭ چوڭ ئوپىراتسىيەخانىسىدا قىلىندى. ئۇ جەرياندىكى كۆرگەنلەر ھەي كىشى كىرىدىغان يەر ئەمەسقۇ، سۈرى بەك يامان ئىكەن. نىمە جېق قاسساپلار، نىمە جېق كېسەللەر ئۇ؟... شۇنداق قىلىپ ئوپىراتسىيە تومۇر ئارقىلىق ناركوز قىلىش بىلەن باشلىنىپ غەلبىلىك ئاخىرلاشتى، دەسلەپكى ئۈچ كۈن يامان تەستە ئۆتتى. مىدىرلىساملا ئاغرىق ئېغىرلىشاتتى... بۇ جەرياندا مەن ئىزچىل داسقا ئىسسىق سۇ قۇيۇپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردۇم. ھەم بوغماق ئۈچەي يارىسى كېسەللىكىنىڭ دورىسىنىمۇ ئانچە- مۇنچە ئىچىپ تۇردۇم. ئاساسلىقى 美沙拉嗪 دورىسىنى ئىچتىم، دوختۇرخانىدىنمۇ چىقتىم. ئارقىسىدىن ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، داڭلىق تىۋىپلار بىلەن بۇ بوغماق ئۈچەي يارىسى دېگەن كېسەللىك ھەققىدە ئىزدىنىپ تۇردۇم. ھەمدە يەنئەن يولىدىكى دوختۇرخانا ئىچكى بۆلۈم مۇدىرىنىڭ تەۋسىيە قىلغان ياسالما دورىسنى ئىچتىم، بۇ جەرياندا مەن ھەقىقىي كېسەل ئىكەنلىكىمگە ئىقرار بولدۇم. تۇرمۇش،  تاماق جەھەتلەردە دېققەت قىلىشقا باشلىدىم. ئويلاپ باقسام 6- ئايدىن 8- ئايغىچە بەش كىلو ئورۇقلاپ كېتىپتىمەن. ئارىلىقتا يەنە بىر ئىش يۈز بەردى.. ئوپىراتسىيە بولۇپ ئىككى ھەپتىلەردىن كېيىن ئارقا تەرەپ بىئارام بولۇپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرتتۈم، دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، ئوپىراتسىيە قىلغان ئورۇننىڭ ئۈستىگە ئازراق گۆش ئۆسۈپ قالغانمىش... كېيىنچە ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋىتىدىكەن. ئاھ، خۇدا!...

تەلىيىمگە يارىشا بۇ ۋاقىتتا  بۇ بۆلۈمدە بېيجىڭدىن ياردەمگە كەلگەن بىر دوختۇرنىڭ نامىنى ئاڭلاپ قېلىپ، دوستىمىز بىلەن بېرىپ كۆرۈندۈم. دوختۇر تەكشۈرۈش ئۆيىدىلا برىدەم بىرنىمىلەرنى قىلىپ، بولدى دېدى ھەم جۇڭيىچە دورىلارنى يېزىپ مۇشۇنىڭغا بىر ھەپتە ھوردىنىپ ئولتۇرۇشۇمنى بۇيرىدى. شۇ بويىچە بىر ھەپتىدىن كېيىن  ئۈزۈل- كېسىل يىرىڭلىق ئىششىقتىن قۇتۇلغان بولدۇم. تۇرمۇشلار يەنە جايىغا چۈشتى... ھەي، تۇرمۇش!...

azimet يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 14:13:49

داۋامى بار.....

Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 17:10:25

تېما ئاپتورىغا بىر تەكلىپ: مۇشۇ كېسەل، تەبىئىي ئاپەت مەسلىسىدە «كۈرەش قىلىش» دېگەن سىنىپىي ئاتالغۇنى ئىشلەتمىسەك. چۈنكى كېسەلنى مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى ياراتقۇچى سالىدۇ. بىز داۋالىنىمىز. (سەۋەب قىلىمىز).

azimet يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 17:12:42

\"\"     كەچۈرۈڭ  !

azimet يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 17:16:32

كەيپىياتنى تەڭشەپ، كېسەلگە قايتىدىن قاراش باسقۇچى

بوغماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئالامەتلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، غەربچە دورىسىدىن 美沙拉嗪 نى توختىتىشقا باشلىدىم (جەمئىي ئۈچ ئاي يەپتىمەن) 2012- يىلى 1- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بىر نەچچە قېتىم ئانگىنا بولۇپ، تىبابەت دورىسىنى بىر ئايدىن ئارتۇق توختىتىپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن 2- ئاينىڭ باشلىرىغۇ دەيمەن، ھەر كۈنى ئەتىگەندە چوڭ تەرەتكە چىقىدىغان بولۇپ قالدىم (قورساق ئاغرىمايدۇ، قان يوق، نورمال تەرەت) دېققەت قىلماپتىكەنمەن. ئىككىنچى ھەپتىسدىن يەنى 2- ئاينىڭ 12- كۈندىن باشلاپ، ئازراق قان كۆرۈندى. ئەتىگىنى تۇرسام قورساق سەل ئاغرىغاندەك بولدى. بۇ نېمە بوپ كەتتى... كېسەل يەنە قايتا قوزغالغان ئىدى. مەن دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ، مامۇران كاپسۇلى، قورسى كەھرىۋا، سوفوفى قاتارلىق دورىلاردىن تۆت- بەش كۈندەك ئىچتىم. لېكىن كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقالمىدى. بۇۋاقىتتا ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى مىنى داۋالىغان دوختۇر سىرتتا كوماندۇرۇپكىدا ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاپتونۇم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش بۆلىمىدىكى بىر مۇئاۋىن ۋىراچ دەرىجىدىكى دوختۇرغا كۆرۈندۈم. جۇڭيىچە ئىچىدىغان دورىنى يېزىپ  بەردى. بۇ قېتىم غەربچە دۋالاشتىكى دورىنىمۇ قوشۇپ ئىچتىم. بىر ھەپتە ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن تونۇشلار ئارقىلىق يەنە 2- دوختۇرخانىغا كېلىپ غەربچە داۋالاش بويىچە داۋالىنىشنى سىناپ باقىدىغان بولدۇم، 2- ئاينىڭ 20- كۈنى بالنىست رەسمىيەتلىرىنى بىجىردىم. مەن غەربچە داۋالاش ئۈنۈمى تېز دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ئۇنداق بولمىدى. بۇ جەرياندا يەنە «بوغماق ئۈچەيدە كىچىك بىر ئۆسمە گۆش» بار دەپ دىئاگنوز قويۇلدى.. بۇ نېمە كۆرگۈلۈك ئەمدى... ئۆسمە گۆش دەيلى...

دوختۇرنىڭ دېگىنى بويىچە يەنە 美沙拉嗪 ۋە 美常安 ئىچتىم. كېچىسى ئارقا تەرەپتىن دورىلارنى ماڭغۇزدى، بۇ دورىلارنىڭ تەركىۋى云南白药، 甲硝唑، 锡美散 قاتارلىق سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلار ئىدى. بىر ھەپتە يەنە ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى. ئارقىسىدىن ماڭغۇزىلىدىغان دورىنىڭ تەركىۋىگە پرېدنىزون (激素类药--强的松) دورا قوشۇشنى تەۋسىيە قىلدى. مەن شۇ بويىچە داۋالاش قىلدىم، شۇنداقلا يەنە شۇ بېيجىڭدىن كەلگەن مۇتەخەسىسنىڭ پىكىرى بويىچە جۇڭيى دورىسى ئىچتىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن سەل ياخشى بولدى، جەمئىي 20 كۈندەك داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىقتىم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيدە داۋالىنىشنى داۋاملاشتۇردۇم. ھەمدە ئارقىسىدىن ماڭغۇزدىغان جۇڭيى دورىسىنى ئۆزگەرتمەي پرېدنىزون دورىسىنى يېرىمدىن ئازلاتتۇق. (40ml دىن 20ml غا چۈشۈرگەن) ئىككى كۈندىن كېيىن يەنە چوڭ تەرەتتە قان ھەم ئازراق شىلىمشىق نەرسە كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن يەنە دوختۇرخانىغا باردىم。 دوختۇرلار بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق قايتىدىن جۇڭيى دورىسى ئىچىدىغان ھەم ئارقا تەرەپتىن ماڭغۇزدىغان دورىدىكى پرېدنىزوننىڭ مىقدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان بولدۇم. ھازىر بىر ھەپتە بولدى، ئالامەتلەر ھەر ھالدا ياخشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەربچە داۋالاشتىكى دورىلارنىمۇ ئىچىۋاتىمەن. جەمئىي بىر يېرىم ئاي بوپتۇ، بۇ قېتىم مەن ھەقىقىي چۆچىدىم.. خې خې خې .. نېمە جېق چۆچۈشلەر ھە بۇ؟....

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 20:17:36

بەزى كىسەللەرنىڭ كۇرۇلىدىغان ئالامەتلىرى بىر -بىرسىگە ئۇخشاپ قالىدىكەن  ،،بۇنىڭدىن كىسەلگەن سەل قاراش ۋە خاتا ھالدا دۇرا يەپ يۇرۇپ كىسەلنى ئىغىرلىتىۋىتىش ياكى داۋالىنشى پۇرسىتىنى كەتكۇزۇپ قۇيۇش قاتارلىق مەسىللەر كىلىپ چىقىدىكەن...

azimet يوللانغان ۋاقتى 2012-4-2 20:32:51

داۋامى بار.....

azimet يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 09:03:40

بۇ ئىككى يىل جەريانىدا مەن جېق دوختۇرخانا، دوختۇرلارغا بۇ كېسەل توغرىلىق كۆرۈنگەن بولدۇم. مەيلى ئۇيغۇر تىبابىتى، غەربچە داۋالاش، جۇڭيىچە داۋالاش بولسۇن ھەممىسى بىلەن تونۇشۇپ چىققان بولدۇم.. ھەم ھەقىقەتەن ئارىسالدا بولۇپ قالدىم. بۇ جەرياندا بۇ كېسەلنىڭ خەنلەردە بولۇپمۇ ياشلاردا خېلى بۇرۇنلا ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى، يۇرتىمىزدا، مىللىتىمىزدىمۇ جېق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى چوقۇم بۇ كېسەلگە قارىتا ياخشى بىر قاراش، ساغلام بولغان روھىي- كەيپىيات بۇلىشى لازىمكەن. چوقۇم بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك ئىكەن. شۇنداقلا ئادەتتە دەم ئېلىش، تاماققا، ئىچىملىككە دېققەت قىلىش كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ جەرياندا مەن ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر تىبابىتىنى چوڭ كۆرۈپ كەلدىم، لېكىن ھەرخىل مەخپىي رىتسىپلار، دوختۇرلارنىڭ ھەرخىل ئۇسلۇپلىرى مىنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى. مەن شۇنداق بىر سېستىمىلىق، ئۇزۇن مەزگىللىك داۋالاشقا موھتاج ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلماقتىمەن...

مەن دوختۇرلارنىڭ دېگىنى بويىچە نەپەسلىنىش سېستىمىسى بىلەن ئۈچەينىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن ئىكەنلىكىنى، بۇرۇن قىچىشىش، قۇرغاقلىشىش ئالامەتلىرى بولسا ئۈچەيدە ئازراق ئالامەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى، يۈزىنىڭ ئاستىنقى يېرىم قىسىمىغا مۇدۇر- چوقۇر چىقسىمۇ ئۈچەيدە بىنورماللىشىشنىڭ ئالامەتلىرى بولىدىغانلىقىدەك ئاددىي ساۋاتلارنىمۇ ئىگىلىۋالدىم. ئەلۋەتتە ئۈچەي يارىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ساقايتىش ئۈچۈن تال، ئاشقازان، بۆرەك خىزمىتىنىڭمۇ مۇھىملىقىنى بىلىۋالدىم. مىنىڭ كېسىلىم ھازىرغىچە ئۈزۈل- كېسىل بولغىنى يوق. لېكىن، مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى تۇرمۇشقا كۈلۈپ بېقىش، كەيپىياتىنى تەڭشەپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن... شۇنداقلا، ماڭا ئوخشاش بىمار دوستلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم چوقۇم كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىشى ۋە شۇنىڭغا قارىتا ۋاقتىدا داۋالىشتىش ئېلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدىنىش، ئەلكۈيى مۇنبەرلىرىگە كىرىشنى ياخشى كۆرەتتىم. بولۇپمۇ ئىزدىنىشتا گەرچە ئىنكاس يازمىغان بولساممۇ ئەمما دائىم تېما ئىنكاسلارنى كۆرۈپ تۇردۇم. يۇقارقى كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش خاتىرەم تىلى تومتاق، ئاددىيلا ئىپادىلىنىپ قالدى... دوستلارنىڭ تۈزىتىپ قوبۇل كۆرىشىنى ئۆتىنىمەن، شۇنداقلا تور دۇنياسىدىكى ئاقىللارنىڭ بۇ كېسەللىك ھەققىدە ئىزدىنىش جەريانىدا توپلىغان تەجىربىلىرىنى ئۈستىدە پىكىرلەشسەك شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ كۆرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن! ماڭا ئوخشاش بىمار دوستلار بولسا ئورتاق پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق تېخى ياخشى... ساغلام تەندە ساپ ئەقىل دەپتىكەن ھەممەيلەنگە سالامەتلىك، ساغلاملىق يار بولسۇن!

2012- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى ئەزىمەت (ئۈرۈمچى(
بەت: [1]
: بوغماق ئۈچەي يارىسى بىلەن ئۆتكەن قىسقىچە تارىخىم