paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 18:26:44

مېھربانۇ ۋاڭ

بېشىر ۋاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت تۇڭجىنىڭ 6 - يىلى (1867 - يىلى) 7 - ئايدا چىڭۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىدۇ. (مۇھەممەت ۋاڭ تۇغما پالەچ بولۇپ، ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرالمىغاچقا) ئانىسى مېھرىبانۇ ئوردىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتىدۇ. خان 1889 - يىلى مېھرىبانۇغا چىڭۋاڭ فۇجۇڭلۇق مەرتىۋىسىنى بېرىدۇ.

1873 - يىلى شەنشىدىكى خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى بەي يەنخۇ قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدىكى يۈسۈپ بىلەن مەخپىي ئالاقە باغلاپ، شەھەر ئىچىنى ئىشغال قىلىدۇ. بەي يەنخۇ مېھرىبانۇنى 2000 دىن ئارتۇق دېھقان بىلەن بىللە چىقتىمغا ئېلىپ كېتىدۇ. 1877 - يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى ئەسكەر چىقىرىپ بەي يەنخۇنى مەغلۇپ قىلىدۇ. 1878 - يىلى 1 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى دېھقانلار بىلەن مېھرىبانۇنى قۇمۇلغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ مېھرىبانۇ قۇمۇلنى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بىر قانچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن خەلقنىڭ ھالى ياخشىلىنىپ قالىدۇ. ئۇياق - بۇياققا قېچىپ، سەرسان بولۇپ يۈرگەنلەر قايتىپ كېلىدۇ.

مېھرىبانۇ ۋاڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن سۈپۈرگە ۋە بەي يەنخۇغا سېتىلغان يۈسۈپلەرنى تۇتۇپ كېلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ قىساس ئالىدۇ.

1882 - يىلى مۇھەممەت ۋاڭ ۋاپات بولىدۇ. مېھرىبانۇ ۋاڭ ياشىنىپ قالىدۇ. 1882 - يىلى 7 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى شامەخسۇتنىڭ جاساق خوشۇت چىڭۋاڭلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى تەستىقلايدۇ. مېھرىبانۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ۋاڭلىق ھوقۇقىنى شامەخسۇتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.
بەت: [1]
: مېھربانۇ ۋاڭ