paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 18:17:29

بېشىر ۋاڭ



1813 - يىلى ئەردىشىرنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىر دادىسى ئەردىشىرنىڭ ئىنانچىخان، دوروبېللىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ خانلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نىسبەتەن يېقىن بولغاچقا، خان ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈپ چىڭۋاڭ قىلىدۇ. بېشىر ۋاڭ 1815 - يىلى، 1819 - يىلى رېخىغا، (ھازىرقى خېبىي) غا بېرىپ خانغا كۆرۈنۈپ قايتىدۇ. 1823 - يىلى، 1833 - يىلى ئىككى قېتىم بېيجىڭگە بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىدۇ. خان ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى يەنە ئۆستۈرۈپ، خان ئالدىدا ئازادە مېڭىپ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىدۇ.

بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە ئوردىنىڭ مەخسۇس نوپۇس دەپتىرى بار بولۇپ، تۇغۇلغان بالىلار نوپۇس دەپتىرىگە خاتىرىلىنىپ، يەتتە ياشقا توشقاندا مەكتەپكە كىرگەن - كىرمىگەنلىكى سۈرۈشتۈرۈلۈپ مەكتەپكە بارمىغانلىرىنى مەكتەپكە بېرىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە ئالتۇنلۇقتىكى ھېيتگاھنىڭ چىنە گۈمبىزى تۇرغۇزۇلىدۇ. شەھەر ئىچىدىكى كونا مەدرىسە بىنا قىلىنىدۇ. راھەتباغ، ئۈزۈملۈك باغلار ياسىلىدۇ.

1866 - يىلى سۈپۈرگە باشچىلىقىدا بىر قىسىم كىشىلەر ۋاڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، سۈپۈرگە خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلار بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، بېشىر ۋاڭنى تۇتۇپ بېرىدۇ. 1967 - يىلى 1 - ئايدا بېشىر ۋاڭ خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

carbon يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 19:08:25

1967؟ خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 19:35:23

يا ئاللاھ !

ئەجەپمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىكەنيا   {:92:}

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 22:31:38

بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە ئوردىنىڭ مەخسۇس نوپۇس دەپتىرى بار بولۇپ، تۇغۇلغان بالىلار نوپۇس دەپتىرىگە خاتىرىلىنىپ، يەتتە ياشقا توشقاندا مەكتەپكە كىرگەن - كىرمىگەنلىكى سۈرۈشتۈرۈلۈپ مەكتەپكە بارمىغانلىرىنى مەكتەپكە بېرىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى.


ھازىرقى ئىككى ئاساسەن شۇ ۋاقىتتىلا بار ئىكەنتۇق.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 08:07:33

بوۋامدىن ئاڭلىسام، قۇمۇل ۋاڭلىرى ۋەھشى زالىم ئىكەندۇق!

kariz يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 08:11:24



بوۋامدىن ئاڭلىسام، قۇمۇل ۋاڭلىرى ۋەھشى زالىم ئىكەندۇق!

قېنى مىسال بىلەن سۆزلەپ بېقىڭە؟

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 10:03:14

5- قەۋەتتىكى karizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



بوۋامدىن ئاڭلىسام، قۇمۇل ۋاڭلىرى ۋەھشى زالىم ئىكەندۇق!

قېنى مىسال بىلەن سۆزلەپ بېقىڭە؟




سىز ھېلىقى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا لاتىن يېزىقىدا توربەت قۇرغان، تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ بىر دېتالىنى ياسىغان كارىز شۇمۇ؟


بۇنى دەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن، قىسقىلا دەي. قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ زالىملىقى ھەققىدە بايانلار كىتاپلاردىمۇ ئۇچرايدۇ. ئاپامنىڭ ئاتىسى (بوۋام) ئون نەچچە يېشىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قالغان ئىكەن. 14-يىشىدىن باشلاپ ئالۋاق ياساقتىن قۇتۇلالماپتىكەن. پۈتۈن يۇرتتىكىلەر نۆۋەت بويىچە تارانچى كۆمۈر كېنىغا بېرىپ، ۋاڭنىڭ ئوردىسىغا كۆمۈر توشۇيدىكەن، بۇ كۆمۈرنى پۇقرالار ئۆزى قېزىپ ئىشلەتسە بولمايدىكەن، قۇمۇل بويىچە پەقەت ۋاڭبېگىملا ئىشلىتىدىكەن. پۇقرالار ئاساسەن ئوتۇن قالايدىكەن. ۋاڭ بېگىم ئەتراپىدىكىلەرنى ئزېىپلا قالماي، چارۋىچىلارنىمۇ ئېزىدىكەن. چارۋىچىلار ئاساسەن ۋاڭنىڭ چارۋىلىرىنى باقىدىكەن. ئۇ چاغلاردا \"تۆمۈر چارۋا\" تۈزۈمى ئورنىتىلغان بولۇپ، ھەربىر چارۋا يىلدا بىرنى تۇغۇشى كېرەك ئىكەن، ھەتتا قوشقارلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن. ھەر يىلى سانى ھەسسىلەپ ئېلىنىدىكەن. بۇنىڭغا چىدىمىغان بەزى چارۋىچىلار مال- چارۋىنى تاشلاپ، ئائىلىسىنى ئېلىپ ياقا- يۇرتلارغا چىقىپ كەتكەنلەرمۇ بار ئىكەن.


لېكىن ۋاڭ بېگىم تەقۋا \"مۇسۇلمان\" بولۇپ، 5 ۋاق نامازنى تەرك ئەتمەيدىكەن. قۇربان ھېيتتا نامراتلارغا قوي سەدىقە بېرىدىكەن. لېكىن پۇقرالارنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكىدىنمۇ ئۆتمەيدىكەن، شۇ تىلغا ئالغۇسىز سەۋەنلىك ئۈچۈنمۇ ئېغىر جازالارنى بېرىدىكەن.


بوۋامنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرى ۋە كىتاپتىن كۆرگەنلىرىم بويىچە يېزىلدى.

carbon يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 10:48:36

بۇرۇن كۆمۈرنى ۋاڭ بىگىمگە توشۇغان بولسا ھازىر مەركەزگە توشۇيمىزغۇ؟ بۇ كۆمۈرلەرنىمۇ ئۆزىمىز ئىشلەتمەيمىزغۇ ؟ خۇددى تەبىئىي گازنى مەركەزگە ئەۋەتىپ ئۆزىمىز پاتقاق گازى ئىشلەتكەندەكلا ئىشقۇ ؟
بەت: [1]
: بېشىر ۋاڭ