Mihman يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 12:16:41

16 خىل ھىساۋات ئارقىلىق تور بەتلەرگە كىرىش

بېكەت باشلىقلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم بىر تۈرى بولسا، شۇبېكەت ئەزالىرىنىڭ قولايلىق ئۇسۇلدا تىزىملىتىشى  ۋە ئەزالىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنىڭ توپلىنىشى .

بېكەت ئەزالىرىنىڭ كۆپ بولىشى ئەلۋەتتە شۇ بېكەت تەرەققىياتىغا ئوڭ تاناسىپ ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز چۈشىنەلەيمىز.

خوش ئۇنداقتا قانداق قىلىپ بېكەت ئەزالىرىنى كۆپەيتىمىز؟ بۇ بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ، بېكەت مەزمۇنىنىڭ سەر خىل بولىشىدىن باشقا ئەڭ قولاي ئۇسۇلدا شۇ بېكەتكە ئەزا بولۇشمۇ بېكەت تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدۇ دىسەك خاتالاشمايمىز ئەلۋەتتە !

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك ؛ سىزدە QQ ھىساۋاتى ،ئېلخەت ئادېرىسلىرى بولىشى مۇمكىن ، سىز بۇ ھىساۋاتلىرىڭىزنى پەقەت شۇ تۈردىلا بىردىنبىر دەپ ئويلىشىڭىزمۇ مۇمكىن . ئەمدى بۇ بىردىنبىر ھىساۋاتىڭىز باشقا تور بەتلەردىمۇ ئوخشاشلا كۈچكە ئېگە، بۇ ھىساۋاتلىرىڭىزدىن باشقىچە پايدىلىنىدىغان يېڭىلىقتىن بەھرىمان بولايلى .



ھازىر نۇرغۇن تور بەتلەر ئۆز ئەزالىرىنىڭ API  ئۇلىنىش ئېغىزىنى تەمىنلەپ  باشقا تور بەتلەردىكى تەكرار تىزىملاش ئاۋارچىلىقىغا خاتىمە بېرىۋاتىدۇ ،  http://www.denglu.cc بولسا دەل مۇشۇ خىلدىكى تور بەت بولۇپ ، تور بېكەت باشلىقلىرىغا ئەڭ قولاي ئۇسۇلدا تور بەتتىكى ئەزالارنىڭ  (QQ،yahoo,msn,google,163 قاتارلىق 16 خىل ھىساۋات)  باشقا ھىساۋات ئارقىلىق  كىرىش ئېغىزىنى تەمىنلەيدۇ . بۇ پەقەت ھىساۋاتنى قولايلىق ئۇسۇلدا ئىشلىتىشتىن باشقا ،ھەمبەھىرلەش، باھا بېرىش، چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى سۈزۈۋېتىش، قاتارلىق ئىقتىدارلارمۇ بار.

بۇ ئىقتىدارلارنى ھەر خىل تور بەتلەردە  قانداق ئىشلىتىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش دەرىسلىكى داۋاملىق ئىشلىنىۋاتىدۇ ، ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ .


سىناق كۆرۈش ئادېرىسى : http://uyghurbiz.com

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 13:14:24

قارىسام پۇلغا ئالاقىدار توربەتمۇ بارئىكەن 支付宝 غا ئوخشاش. مەن ھەرقانچە ئاۋارچىلىق بولسىمۇ ئاشۇ توربەتنىڭ ئۆزىگە چىقىپ تىزىملىتىشقا ئامراق!

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 13:47:05

تور بەتلەرگە تىزىملاتقاندا، ئاشۇ 16خىل ھېساباتتىكى ئىسمىمىز بويىچە تىزىملىنىدىكەن. مەسىلەن كيۇ كيۇ ئارقىلىق تىزىملاتقاندا، خەن يېزىقىدا  ئىسىم قويغانلار شۇ پېتىچە ئىسىم ئىشلىتىدىكەن. ئۇيغۇرچە ئىسىم يېزىش ئىمكانىيتى بار تۇرۇپمۇ، خەنچە ئىسىم بويىچە كىرگەندىكىن ئاشۇنداق قوينىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان ئۆچكىدەك غەيرىيلا قالاپ تۇرىدىكەن.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 13:54:37

كەلگۈسىدە ئىزدىنىشمۇ ھېساۋاتىمىزنى   {:92:}   ئاشۇنداق باشقا توربەتلەرگە ئىشلىتىشكە بولىدىغان بوپ كەتسە ھە.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 14:38:38

ھېسابات دېگەننى ھېسىيات دەپ ئوقىۋاپتىكەنمە، نىمە دېگەن گەپتۇ بۇ دەپ خېلى ئاۋارە بولدۇم \"\"

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 14:45:30

كۆزەڭلا تور؛ىشىدىغان بوپ قاپتۇ،بالدۇرراق بېشىڭلىنى ئوڭشىۋېلىڭلا كۆزەڭلىدىن چاتاق چىقىشتىن بۇرۇن.  {:92:}  

مالنىڭ ياخشىسىنى تالىيالماي قالماڭلا ئەمدى. \"\"

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 15:30:26

ئىزدىنىش ئابونت نامىنى ئۇيغۇرچە قىلسا بولاتتى.

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 18:40:13

ئۇيغۇرچە قىلمىسىمۇ يوغانراق قىلىپ قويسا بولىتى

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 21:10:29

6- قەۋەتتىكى matuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىش ئابونت نامىنى ئۇيغۇرچە قىلسا بولاتتى.

ماۋۇ پىكىر ياخشى بېرىلىپتۇ،ھازىر خېلى كۆپ مۇنبەرلەرگە ئۇيغۇرچە تىزىملاتقىلى بولىدىكەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 21:27:30

8- قەۋەتتىكى taklimakan10نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى matuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىش ئابونت نامىنى ئۇيغۇرچە قىلسا بولاتتى.

ماۋۇ پىكىر ياخشى بېرىلىپتۇ،ھازىر خېلى كۆپ مۇنبەرلەرگە ئۇيغۇرچە تىزىملاتقىلى بولىدىكەن.


يوق ئىشنى تاپماڭلا باللا، Goodluck نى قاملاشتۇرۇپ دېگىلى بوممايدۇ\"\"


شۇنداققۇ ھە @guitarfan ئاداش

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 21:38:53

ئىشنى بۇزماڭلار،ھازىر يامان ئوبدان مېڭىۋاتىدۇ. \"\"

ئىسمىمنى گۈيتارفەن،گىتتارسارىڭى دەپ تىزىملىتىپ يۈرەمدىم ئەمدى. \"\"

سىلىغۇ تەلەيجان بولىۋالاسىلە @Goodluck

مىنىڭ لاۋزىلىشىپ كېتىدىكەن.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 21:47:56

9- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى taklimakan10نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى matuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىش ئابونت نامىنى ئۇيغۇرچە قىلسا بولاتتى.

ماۋۇ پىكىر ياخشى بېرىلىپتۇ،ھازىر خېلى كۆپ مۇنبەرلەرگە ئۇيغۇرچە تىزىملاتقىلى بولىدىكەن.


يوق ئىشنى تاپماڭلا باللا، Goodluck نى قاملاشتۇرۇپ دېگىلى بوممايدۇ\"\"


شۇنداققۇ ھە @guitarfan ئاداش



مۇقىم
Goodluckدىگەن ئىسىمغا ئېسىلۋالمىساڭلىمۇ،خېلى پەيزى ئۇيغۇرچە ئىسىملار كۆپقۇ.

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 10:46:26

ئالا شەرىڭنى تەرىڭنى ، كۆمەي تەرىڭنى ...

Mihman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 11:27:16

2- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تور بەتلەرگە تىزىملاتقاندا، ئاشۇ 16خىل ھېساباتتىكى ئىسمىمىز بويىچە تىزىملىنىدىكەن. مەسىلەن كيۇ كيۇ ئارقىلىق تىزىملاتقاندا، خەن يېزىقىدا ئىسىم قويغانلار شۇ پېتىچە ئىسىم ئىشلىتىدىكەن. ئۇيغۇرچە ئىسىم يېزىش ئىمكانىيتى بار تۇرۇپمۇ، خەنچە ئىسىم بويىچە كىرگەندىكىن ئاشۇنداق قوينىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان ئۆچكىدەك غەيرىيلا قالاپ تۇرىدىكەن.

كيۇ كيۇ ئارقىلىق تىزىملاتقاندا، 网站昵称:  بۇ يەردە كىيۇ كىيۇدىكى ئىسمىڭىز كۆرۈنگەن ئورۇندىكى ئىسىم ئورنىغا لاتىنچە ياكى ئۇيغۇرچە يازسىڭىز بولدۇ، (شۇ بەتتە تىزىملاتمىغانلا ئىسىم بولسا )يېڭىدىن  تىزىملاپ كىرەلەيسىز .

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-4-1 11:30:36

13- قەۋەتتىكى Mihmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تور بەتلەرگە تىزىملاتقاندا، ئاشۇ 16خىل ھېساباتتىكى ئىسمىمىز بويىچە تىزىملىنىدىكەن. مەسىلەن كيۇ كيۇ ئارقىلىق تىزىملاتقاندا، خەن يېزىقىدا ئىسىم قويغانلار شۇ پېتىچە ئىسىم ئىشلىتىدىكەن. ئۇيغۇرچە ئىسىم يېزىش ئىمكانىيتى بار تۇرۇپمۇ، خەنچە ئىسىم بويىچە كىرگەندىكىن ئاشۇنداق قوينىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان ئۆچكىدەك غەيرىيلا قالاپ تۇرىدىكەن.

كيۇ كيۇ ئارقىلىق تىزىملاتقاندا، 网站昵称:  بۇ يەردە كىيۇ كىيۇدىكى ئىسمىڭىز كۆرۈنگەن ئورۇندىكى ئىسىم ئورنىغا لاتىنچە ياكى ئۇيغۇرچە يازسىڭىز بولدۇ، (شۇ بەتتە تىزىملاتمىغانلا ئىسىم بولسا )يېڭىدىن  تىزىملاپ كىرەلەيسىز .

ھە، ئەسلى مۇنداقكەن-دە؟!  مەن كۆرگەنلەر دىققەت قىلمىغان ئوخشايدۇ بۇ نۇقتىغا!
بەت: [1]
: 16 خىل ھىساۋات ئارقىلىق تور بەتلەرگە كىرىش