ئەنگىلىيەدە چەكمەيتتىم،جۇڭگودا چېكىۋەردىم...
جۇڭگودا ئۆتكۈزىلىۋاتقان سنوك مۇسابىقىسىدە راكىتا دېگەن نامى بىلەن دۇنياغا داڭلىق بولغان 、ئەنگىلىيەلىك بىليارت ماھىرى ئوسالىۋان تۈنۈگۈن (3-ئاينىڭ 30-كۈنى) ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغۇدەك ھەرىكەت ۋە پاراڭ قىلدى.
تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابقىىسدە ئوسالىۋان يەنە بىر كۈچلۈك رەقىب ماكۈير بىلەن تۇتۇشۇپ قالدى. مۇسابىقە كولمىناتسىيە باسقۇچىغا ئۆرلەپ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ قولدا مەيداندا يەتتە نومۇرلۇق قارا تاشنى تالىشىش ئارقىلىق غەلىبە - مەغلۇبىيەت ئايرىلىقىدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئوسالىۋاننىڭ پۇرسەت تۇتالماسلىقى بىلەن ئاخىرقى نەتىجىدە ماكۈير 69-62 نومۇر پەرقى بىلەن تۆت كۈچلۈككە كىردى. مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات يىغىنىغا ئوسالىۋان تاماكا چەككەن ھالەتتە كىرىپ، تاماكا ئىسىنى بىخارامان پۈۋدىگەچ ئاخبارات يىغىنىنى كۈتىۋالدى.
مۇسابىقە توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارغا ئىنتايىن ئادەتتىكىدەك جاۋاب بەرگەن ئوسالىۋاننىڭ تاماكا توغرۇلۇق قىلغان پارىڭى جۇڭگو مۇخبىرلىرى ھەم كۆرۈرمەنلىرىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. مۇخبىرنىڭ :
- ئەگەر ئەنگىلىيەدە بولسىڭىزمۇ ئاخبارات يىغىنىغا مۇشۇنداق تاماكا چېكىپ كىرەمتىڭىز ؟
ئوسالىۋان؛
- ئەنگىلىيەدە زال ئىچىدە تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىدۇ، جۇڭگودا بولسا خۇددى ھەممەيلەن بەك ئىختىيارىيدەك بىلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئوسالىۋان قاتناشقان ئاخبارات يىغىنى زالىغا قىزىل رەڭدە ئايرىم قىلىپ < NO SMOKING > (تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىدۇ) دەپ يېزىلغان.
ئوسالىۋاننىڭ بۇ مەنسىتمەسلىك خاراكتېرى كۆپىنچە يولداشلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنمىكىن دەپ ئەنسىرەپ كەتسەم ،نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر قېتىملىق ھاقارەتكە ئوخشاشلا ئادەتتىكىدەك بىلىنگەن ئوخشايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئوسالىۋان جۇڭگودىكى مۇسابىقىدە جۇڭگولۇق بىرەيلەن بىلەن تۇتۇشۇپ ئەڭ ئاخىرقى قارا تاشنى تالىشىش باسقۇچىغا زورلاپ ئېلىپ بېرىپ، ئۇرۇش ئاسان بولغان قارا تاشنى بوشلا ئۇرۇپ قويۇپ تۆشۈكنىڭ ئالدىدا توختىتىپ قويىدۇ... (ئۆز ۋاقتىدا بۇ مۇسابىقىنى نەق مەيدان كۆرۈپ كاللامدىن ئۆتمىگەن)
ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە دەپتۇ-دە . قارا يۇمۇرچىكەن بۇ. ئوسال+ ۋان(بىرىنچى)، دىمەك ئوساللىقتا ئۇچىغا چىققان.
ئىسمى جىسمىغا لايىق ئوسال گۇيمۇ بۇ


6- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىپىرىسنى چىقىرىپ بىلىكىگە پوسلا قويسا ھە![]()
ئاندىن نېمە كارامەت بۇ دەپ ئاغزىمىزنى ئېچىپ قالساق-ھە...!

6- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىپىرىسنى چىقىرىپ بىلىكىگە پوسلا قويسا ھە![]()
مۇخبىرلانى كۈتۈش يىغىنىغا قاپاقتىن بىرنى كۆتۈرۈپلا كىرسە ھە...


2- قەۋەتتىكى mayhanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوسال+ ۋان(بىرىنچى)، دىمەك ئوساللىقتا ئۇچىغا چىققان.
ئىسمى جىسمىغا لايىق ئوسال گۇيمۇ بۇ![]()
ئۇيغۇرچە ئىسمىنى كىم قويۇپ بەرگەن بولغىيدى، ئەمدى؟!

2- قەۋەتتىكى mayhanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوسال+ ۋان(بىرىنچى)، دىمەك ئوساللىقتا ئۇچىغا چىققان.
ئىسمى جىسمىغا لايىق ئوسال گۇيمۇ بۇ![]()
مەنمۇ مۇشۇنداق ئويلىغان ئەمما ئالامەت ئوينايدۇ جۇمۇ بۇ،شۇڭا راكىتا دېيىشىدۇ ئەمەسمۇ كاساپەتنى.... جۇڭگولوق مەمورلارنىڭ ئىشىكىگە«ئىس-تۈتەكسىز ئىشخانە»دەپ خەت چاپلانغان،ئەمما ئىچىگە كىرسە كۈلدانلار تاماكىغا تۈشۈپ كەتكەنلىنى تازا ياخشى بىلىدىغان ئاداشكەن بۇ.تازا شۇئار توۋلاپ باقمىغان ئۇسال گۇيكەن راست.
قايسى يىلى 149 نۇمۇرنى تولۇق ئالغان بىرلا ئۇرۇش نۆۋىتىدە. يامان ئەدەم بۇ... مەن يالغان تاما چەككەندەكلا چېكىۋېتىپتۇ!!!

سنوكتىكى تولۇق نومۇرنى ئەڭ كۆپ ئالغىنىمۇ ئەڭ تېز ئالغىنىمۇ مۇشۇ ئوسالىۋان
15- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قايسى يىلى 149 نۇمۇرنى تولۇق ئالغان بىرلا ئۇرۇش نۆۋىتىدە. يامان ئەدەم بۇ...
تولۇق نومۇر 147 تۇرسا ئىككى نومۇرنى نەدىن قوشۇۋالدىڭلا ئادىشوي

http://v.youku.com/v_show/id_XMTUzMTAwNTY4.html
ماۋۇ ئادرىستىكىسى تېمىنىڭ ئاخىرىدا ئېيتقىنىمدەك جۇڭگولۇق سويمىغا ھالقىلىق قارا تاشنى تۆشۈكنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ بەرگەن كۆرۈنۈشى
http://video.sina.com.cn/p/sports/o/v/2010-04-01/000860509812.html