GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 15:31:45

تور بەت ياسىغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

تەلەپ:


تور بەت لاھىيىلەش، ياساش تەجىربىسى بولۇشى؛


CSS, HTML, JS قاتارلىق ئاساسى بىلىملەردىن خەۋەردار بولىشى؛


Photoshop, Flash لەرنى نورمال ئىشلىتەلەيدىغان بولىشى؛


خەنزۇچە نورمال ئالاقە قىلالايدىغان بولىشى؛


تور بەت قۇرۇلمىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلالايدىغان بولىشى؛


يېڭى بىلىملەرنى تېز سۈرەتتە ئىگەللىيەلەيدىغان بولىشى؛


ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىشى ياكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولىشى؛


ئەخلاقلىق... بولىشى كېرەك.



تەلەپ مۇشۇنچىلىق ئاددى، خىزمەتمۇ جاپالىق ئەمەس.


يازدا ئىسىپ كەتمەيدىغان، قىشتا مۇزلاپ كەتمەيدىغان، پاكىزە، ئازادە بولغان ئەلا ئىشخانا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ، داۋاملىق يېڭى بىلىم، يېڭى تېخنىكىلار بىلەن ئۇچىرىشىپ تۇرالايسىز.



linux مەشغۇلات سىستېمىسى، tomcat, Weblogic مۇھىتلىرى بىلەن تونۇشلۇقى بارلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ، بىلمىسىڭىز مەيلى، بىز ئۆگىتىمىز.


تەمىناتى: 2500+سۇغۇرتا+مۇكاپات(خەلق پۇلى)


تەس ئىش يوق، سەۋىيەنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ مائاش ئۆستۈرىلىدۇ.


سان: 2 نەپەر



ئالاقىلاشقۇچى: ئەنۋەرجان.


تېلېفون: 13579833315


ئېلخەت: enwerjan@yahoo.cn


QQ: 307790918



乌鲁木齐微科互连电子科技有限公司

olive يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 16:05:10

لوبەن سىزما \"\"

ئەنۋەرجان لوبەن{:92:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 16:08:58

باش لوبەن ئەمەس، ئۆزەمنى قوشقاندا بىژقانچە ئىدەمگە لوبەن{:92:}

olive يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 16:11:20

مەكتەپتە ئوقىۋاتقاندا پارتا باشلىقى دەپ بولىدىغان،يېنىدا ئولتۇرىدىغان ئادەمنى باشقۇرىدىغان.

سىز گۇرۇپ باشلىقىكەنسىز ئەمسە \"\"

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 16:15:39

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ئورنى قەيەردە.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 16:19:45

4- قەۋەتتىكى bilkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ئورنى قەيەردە.

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلەم.


يېڭى شەھەر رايونىدا(ئېچىۋىتىلگەن رايوندا).

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 16:52:38

سازخۇمار دىگەن تورداش سىز دىگەن خىزمەتلەرنىڭ ھۆدىسىدىن چىقالايدۇ،بىر كۆرۈشۈپ باقساڭلار بۇلامدىكى.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 16:55:14

6- قەۋەتتىكى baturkorxatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سازخۇمار دىگەن تورداش سىز دىگەن خىزمەتلەرنىڭ ھۆدىسىدىن چىقالايدۇ،بىر كۆرۈشۈپ باقساڭلار بۇلامدىكى.

قانداق ئالاقىلىشىمىز؟

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 17:02:02

تېلنومۇرىنى بىلمەيمەنماۋۇ چ چ Sazhumarbwboss@qq.com(935343059

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 19:41:16

مەن تور بېكەت ياساشنى ( تور پروگراممىسى تۈزۈشنى ) بىلمەيمەن. ئاساسلىق قىلىدىغان خىزمىتىم تەكشىلىكتە لايىھىلەش ( ئەلۋەتتە تور بېكەت ۋە تور بەت كۆرۈنمە لايىھەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ). تور بېكەت يەرلىكلەشتۈرۈش، css قاتارلىق نەرسىلەرنى ئانچە - مۇنچە بىلىپ قويىمەن لېكىن\"\".


ئەگەر تەكشىلىكتە لايىھىلىگۈچى كېرەك بولسا :

تەرجىمالىم : مېنى بېسىڭ(سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش )


\"\"

ئەسەرلىرىم : مېنى بېسىڭ

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 20:26:34

ئەسەرلرىڭىزنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ چىقتىم،ھەقىقەتەن ئوبدان ئىشلەپسىز .ياقتۇرۇپ قالدىم.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 20:30:59

@sazhumarماڭا پۈتۈن كۈن ئىشلىيەلەيدىغان ئادەم كېرەك، سىز 5 ئاي پۈتۈن كۈن ئىشلىيەلەيمەن دەپسىز.

ئوقۇش پۈتتىمۇ؟

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 20:33:50

سازخۇمارنىڭ ماۋۇ تونۇشتۇرىشى ئۆزگىچە ئىكەن .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 20:43:13

بۇ بالا مەن بىلەن ئىشلەيدىغانغا نەق ماس كېلىدىكەنتۇق، لېكىن 5 ئايلا پۈتۈن كۈن ئىشلىيەلەيمەن دەپتۇ.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 20:43:16

11- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@sazhumar ماڭا پۈتۈن كۈن ئىشلىيەلەيدىغان ئادەم كېرەك، سىز 5 ئاي پۈتۈن كۈن ئىشلىيەلەيمەن دەپسىز.

ئوقۇش پۈتتىمۇ؟



ئوقۇشقا 9 - ئايدا بارىمەن. ئەگەر 5 ئايدىن كىيىن يېرىم كۈن ئوقۇساممۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا ئىشەنچىم كامىل.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 20:44:54

13- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ بالا مەن بىلەن ئىشلەيدىغانغا نەق ماس كېلىدىكەنتۇق، لېكىن 5 ئايلا پۈتۈن كۈن ئىشلىيەلەيمەن دەپتۇ.

مېنىڭ ئوقۇماقچى بولغان كەسپىم بىلەن سىزنىڭ شىركەتتىكى خىزمەت بەك ماس كىلەتتىكەنتۇق ...\"\"

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 21:45:10

ساز خۇمارغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم! تېخى 18 ياشلىق بالىكەن!كونىلارنىڭ: «ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا» دېگىنى شۇ بولسا كېرەك؛مۇشۇنداقمۇ ئەۋلادلىرىمىز باركەنغۇ؟!ۋۇجۇدۇم ئەجەب بىر راھەت بولۇپ قالدى! تىرىشىڭ، ئۇكام! ئاللاھ يۈكسەك ئارزۇ - ئۈمىدلىرىڭىزگە يەتكۈزگەي! ئىنشائاللاھ! ~~~

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 21:50:37

16- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ساز خۇمارغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم! تېخى 18 ياشلىق بالىكەن! كونىلارنىڭ: «ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا» دېگىنى شۇ بولسا كېرەك؛ مۇشۇنداقمۇ ئەۋلادلىرىمىز باركەنغۇ؟! ۋۇجۇدۇم ئەجەب بىر راھەت بولۇپ قالدى! تىرىشىڭ، ئۇكام! ئاللاھ يۈكسەك ئارزۇ - ئۈمىدلىرىڭىزگە يەتكۈزگەي! ئىنشائاللاھ! ~~~

رەھمەت سىزگە. بىزدە تالانتلىقلار نۇرغۇن، شۇ كۆمۈلۈپ قىلىۋاتىدۇ، ئۆز يولىنى تاپالمايۋاتىدۇ.

Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 08:15:09

گۇدلاك، شىركەتنى بىلگەندىكىن مەن بارايمۇ يا؟!{:90:}

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 09:18:33

سەن بارساڭ نىمە ئىش قىلىپ بىرەرسەن ؟
بەت: [1] 2
: تور بەت ياسىغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ