turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 10:10:27

بۇخارا ياكى ماۋەرائۇننەھر تارىخى

بۇخارا ياكى ماۋەرائۇننەھر تارىخى

ھېرمان ۋامبىرى

نەشرگە تەييارلىغۇچى: باۋۇدۇن نىياز

ئىستىقبال يول كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بىرى

«ئۆتمۈشى ئۇنتۇلغان مىللەتنىڭ ئىستىقبالىمۇ زۇلمەت پەردىسىنىڭ ئارقىسىدا بولىدۇ.»

ماجار (ۋېنگرىيە) ئالىمى ھېرمان ۋامبىرىنىڭ ئۆتمۈشى ئۇنتۇلغان مىللەت ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى بۈگۈن پۇقرا ۋە ئۆلىمالىرىمىزنىڭ يېقىنقى ۋە قەدىمكى تارىخىمىز ھەققىدە ناھايىتى يۈزەكى تەسەۋۋۇرغا ئىگە بىر دەۋردە ئەسلەش ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىشتۇر. ئۆتمۈشتىن خەۋەرسىزلىك تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى ئەۋلادنى مەنىۋى جەھەتتىن قاششاق، روھسىز، يۇرتىغا، مىللىتىگە، ئىستىقبالىغا بىپەرۋا قارايدىغان قىلىپ قويغانىدى. ۋەھالەنكى، ئېلىمىز بۈگۈنكى كۈندە، باشقىلارغا بېقىنىدىغان قورقۇنچلۇق روھى مۇھىتتىن قۇتۇلۇشقا ئېرىشتى. ياش – قېرى ھەممىسى بىردەك سىياسەتكە، ئىقتىسادقا، مەدەنىيەتكە زوقمەن كىشىلەرگە ئايلاندى. مىللىي ئۆرپ – ئادەت، بايلىق توغرىسىدا قىزىقىپ ئويلاشقا باشلىدى. بەزىلەر بولسا كېلەچەككە زۇلمەت پەردىسى قاپلىغان تۈن كەبى مەجھۇل بىر بوشلۇققا قامىلىپ تىكىلگىنىچە ھازىرمۇ كارامەت كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئەپسۇسكى ئېنىق ۋە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بولماستىن تۇرۇپ ئىستىقبالنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. دېمەكچىمىزكى، بۈگۈنكى جۇمھۇرىيىتىمىزدە ياشاۋاتقان ئەۋلادنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى ئالتە مىڭ يىللىق تارىخقا، مەدەنىيەتكە ئىگە؛ ئەجدادلىرىمىز ئۆتكەن دەۋرلەردە ھۆكۈمرانلىقمۇ قىلغان ۋە ھۆكۈمرانلىق ئاستىدىمۇ بولغان؛ مىللىي راۋاجلىنىش ۋە نەتەزۇل (ئارقىغا قاراپ چېكىنىش) پەيتلىرىمۇ بولغان. يەر بايلىقلىرىمىز، چېگرالىرىمىز، ئېلىمىزنىڭ نوپۇزى، قوشنا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى، مەشھۇر شەخسلىرى بولۇپمۇ، مىللەتنى جاھان مىقياسىدا شانۇ شۆھرەتكە ئىگە قىلغان بۈيۈك شەخسلىرى ھەققىدە ئاساسلىق بىر قارارغا كەلمەي تۇرۇپ، كېلەچەكتىكى ھاياتىمىزنىڭ قانداق بولۇشنى بەرىبىر تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. مېنىڭچە كېلەچەككە پەقەت ئۆتمۈش يول كۆرسىتىدۇ. ئۇ يول بۈگۈنكى دەۋرنى بېسىپ ئۆتمەي مۇمكىن ئەمەس. بۈگۈنىمىز كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم بولسا، ئۆتمۈش ۋە كېلەچەكنىڭ ئېغىر كۆۋرۈكىنى كۆتۈرەلەيدۇ. خەلقىمىزنىڭ پۈتۈن ئۆمرى بېسىپ ئۆتىدىغان ئاشۇ كۆۋرۈكنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يول كۆرسەتكۈچىلەر بولۇشى لازىم. تارىخ ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولۇش زۆرۈر. ئەسلى ئانا يۇرتلىرى كونا تۈركىستان بولغان ماجارلار (ۋېنگرلار — ھۇنگىرلار — ھون ئەرلەر. ت. ق) ئالىمى ھېرمان ۋامبىرىنىڭ «بۇخارا ياكى ماۋەرائۇننەھر تارىخى» ناملىق كىتابىمۇ شۇنداق يول كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابنىڭ رۇسچىسىغا ئاركادى پاۋلوۋسكىي تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى تاشكەنتتىكى ئەلىشىر ناۋائىي ناملىق كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان «تۈركىستان توپلىمى»نىڭ 70 -، 71 – جىلدلىرىدىن ئورۇن ئالغان. بىز ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان پارچىلارنى تەييارلاشتا شۇ كىتابتىنمۇ پايدىلاندۇق. ئاساسەن 20 – يىللاردا بۇخارا خەلق مائارىپ نازارىتى نەشرىياتىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن مۇشۇ رۇسچە تەرجىمىدىن فاتىخ كەرىمى ۋە بۇرھان شەرەپ تۈركچىلەشتۈرگەن ئىككى جىلدلىققا (موسكۋا، 1924 – يىل، كونا ئىملايىمىزدا) تايىنىدۇ. مەلۇمكى، ھېرمان ۋامبىرىنىڭ تۈركى خەلقلەرنىڭ ھاياتى ئىسلامغا ئائىت ئىلمىي، ئەدەبىي، سىياسىي، تارىخىي تېمىغا ئائىت يىگىرمىدىن ئارتۇق ئەسىرى بار. قىسقىسى، بىز بۇ ئورۇندا ۋامبىرىنىڭ «ئىنگلىز جاسۇسى» ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەشتى. ئارتۇقچە دەپ قارايمىز ۋە فاتىخ كەرىمنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى تەكىتلەش بىلەن كۇپايىلىنىمىز. بۇ ئالىم «سىياسىي پىكرى جەھەتتىن ناھايىتى ئېنىق تۈرك مۇخلىسى، ئىنگلىز تەرەپدارى، رۇسىيە مۇخالىپى (قارشى چىققۇچى) ئىدى. شۇنىڭغا ئاساسەن پادىشاھ رۇسىيىسىنىڭ قارىشىچە غەيرىي مەقبۇل كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىناتتى» ئەمما ئالىمغا نىسبەتەن شۇنداق قاراشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ «بۇخارا ياكى ماۋارائۇننەھر تارىخ» ئەسىرىنى 1873 – يىلىدا ئەۋلىيا پېتىر شەھىرىدە تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلغانلىقى ۋە بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇمدۇر. تەرجىمان ئا. پاۋلوۋسكىينىڭ «كىرىش سۆز»دىكى پىكىرلىرى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن: «مۇئەللىپ ۋامبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەسىر ياۋروپالىق مەلۇماتلىق ئەمما ئۈچۈن ترانسۇكسانىيە — ماۋەرا ئۇننەھر مەملىكىتى ھەققىدىكى» بىرىنچى تارىخ بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ۋامبىرى بۇ كىتابنى يېزىشتا ئەسلى مەنبەلەردىن، تۈرك، موغۇل، ئەرەب، پارىس تىلىدىكى تارىخ كىتابلىرى بۇ ئۆلكىگە قىلغان ساياھەتلىرى داۋامىدا كۆرگەن ۋە ئۆزى توپلىغان قوليازمىلىرىدىن پايدىلانغان. تەرجىمان بۇ ئۆلكە تېمۈرىيىلەر سەلتەنىتىنىڭ يىمىرلىشىغىچە ماۋارائۇننەھر دەپ ئاتالغان، كېيىن ئون ئالتىنچى يۈز يىللىقتىن باشلاپ بۇخارا خانلىقى دەپ شۆھرەت تاپقانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ كىتابنىڭ پايدىلىق تەرەبلىرى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن. ئەمما، ئۇنىڭدا مەلۇم قىسمەن نۇقسانلارمۇ يوق ئەمەس. ئېنىقكى بۇ تەبىئىي ھالدۇر. چۈنكى، مۇئەللىپ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي كىتابلاردىن ئۆگىنىپ، ئۆزى باشقا بىر مىللەتكە ۋە باشقا بىر مىللىي كۆزقاراشقا ئىگە بولغىنى ھالدا ھۆكۈمران بىر مۇھىتنىڭ ۋەكىلى بولغاچقا بۇ ئەسەرنى ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا يازغان. ئەسەرنى نەشرگە تەييارلىغۇچى سىراجىدىن ئەخمەتمۇ ۋە مەنمۇ ئۇنى تەھرىرلەش ۋە تۈركچە، رۇسچە نۇسخىلىرىغا سېلىشتۇرۇش جەريانىدا مەنمۇ ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە شۇ جەھەتلەرگە ئېتىبار بەردۇق. كىتابخانىلارنىڭ مىللىي ھېسسىياتى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىگە تېگىدىغان بەزى، ئىبارە ۋە جۈملىلەرنى ئەتەي چىقىرىۋەتتۇق بەزىلىرىنى ئىلمىي ئاساسقا ۋە مەنتىقىغە تايىنىپ ئۆزگەرتتۇق. مەسىلەن، تۈركچە نۇسخىدىكى «ئەرەبلەرنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلىش» بابى مۇنداق باشلىنىدۇ: «ئۇلۇغ ئىسلام يۇرتىنىڭ تايانچلىرى غەربىي ئاسىيادا تىكلەنگەندىن كېيىن ئىنشا قىلىنغاندىن ئەرەب ئەمەلدارىنىڭ غالىب قوشۇنلىرى ئىسكەندەرى كەبىر يولى بىلەن ماۋەرائۇننەھرگە كىرىپ كەلدى.» تۈركچە نۇسخىدا بۇنىڭدىن كېيىن كۆپ ئورۇنلاردا ئۇچرايدىغان «قەھرىمان ئەرەب » دېگەنگە ئوخشاش ئومۇمەن ئەرەبلەرنىڭ ئۇلۇغلايدىغان ئىبارىلەر رۇسچە نۇسخىدا يوق. مەن ۋامبىرىنىڭ كىتابىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇيالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا پەقەت بىر پەرەز بىلەن چەكلىنىمەن: ۋامبىرى ئۆز كىتابىنى يېزىشتا ئەرەب مۇئەللىپلىرىنىڭ ئاساسەن مۇسۇلمان شەرقىي مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان ۋە ئۇنىڭدىكى ئەرەبلەر مەدھىيىلەش مەزمۇنلىرىنى سىڭدۈرۈۋالغان. شۇ سەۋەبتىنمۇ رۇسچە ۋە تۈركچە نۇسخىلىرىدىمۇ ماۋەرا ئۇننەھرگە — تورانغان باستۇرۇپ كىرگەن ئەرەبلەر «قەھرىمانلار» دەپ، بۇ يۇرتنىڭ ئۆز ئېگىلىرى ۋە يۇرت ھىمايىچىلىرى بولسا «دۈشمەن» دەپ ئاتالغان. قوتەيبە «ئەڭ ئاۋۋال بايكەند شەھىرىگە قارشى يۈرۈش قىلدى. ئۇ سەھرا ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن شۇ يەردە دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى تاسادىپىي ئۇچراتتى. دۈشمەن ئەسكىرى سان جەھەتتە قۇتۇيبە ئەسكەرلىرىدىن بەك كۆپ ئىدى. رۇسچە نۇسخىدىمۇ بۇ مەنتىقى خاتالىقنىڭ تەكرارلانغانلىقىنى كۆرىمىز:» شۇنىڭغا ئاساسەن بىز «دۈشمەن» سۆزى ئورنىغا بەزى ئورۇنلاردا تورانلىقلار ۋە تۈركلەر دېگەن ئىبارىنى قوللاندۇق. ۋامبىرىنىڭ كىتابىدىكى مۇھىم مەلۇماتلاردىن بىرى شۇكى، ئۇ ئەمىر تېمۇرنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى تورغاي ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ۋە ئىزاھتا: «ۋەيلىنىڭ ئوقۇغىنىغا ئوخشاش تاراغاي ئەمەس» دەيدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ۋامبىرىنىڭ پىكرى توغرا. چۈنكى، تورغان ياكى تاراغاي سۆزىنىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ بەرمىگەن. ۋامبىرىمۇ بۇ يەردە نېمىشقا تورغاي ئىكەنلىكىگە ئىزاھات بەرمىگەن. قەدىمىي تۈركلەر تارىخىدىن مەلۇمكى، ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى بۇددا دىنىغا، كۆپ دىنىي (شامانىزم) غا ئېتىقاد قىلغان. ئۇلارنىڭ تۇتىملىرى ھايۋانلار ۋە قۇشلار بولغانلىقى مەلۇم. شۇ جەھەتتىن قارىغاندا شۇنداقلا تېمۇرىيىلەر دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ ئىسلامدىن ئاۋۋالقى قەدىمىي تۈرك ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى، خۇسۇسەن ئىسلاملاشقان تۈركلەر ئۆزلىرىگە بىر ئەرەبچە ئىسىم بىلەن بىرگە بىرەر قەدىمكى تۈركچە ئىسمىنىمۇ بىللە قويغانلىقىنى ئەسلىسەك، نېمىشقا تورغاي دەپ ئاتالغانلىقى ئېنىق بولىدۇ. ۋامبىرىنىڭ بىر ئىزاھىدا «كوراگان» سۆزى گۈزەل مەنىسىنى بىلدۈرۈشنى، كۆرەگان — كۆركىلى، كۆركەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مۇئەللىپ: «تېمۇرنىڭ ئورۇقى بارلاس بولغان. ئەمما، ئائىلە تارمىقى كۆرەگاندۇر» دەيدۇ. دېمەك، ئەمىر تېمۇر بارلاس قەبىلىسىنىڭ كۆرەگان – كۆركەم ئۇرۇقىدىن بولغان. ھازىرمۇ شەھرىسەبز ۋە باشقا يەرلەردە ياشىغۇچى بارلاس قوۋمىگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ كۆركەم ئىكەنلىكىمۇ ئالىمنىڭ بۇ پىكرىنى تەستىقلايدۇ. كۆرەگان سۆزىنى موڭغۇلچىغا باغلىغۇچىلارنىڭ تايانغىنى مېنىڭچە، تېمۇر سەلتەنىتى ۋە يۈرۈشلىرى دەۋرىدە ئانچە – مۇنچە ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچار قىلىنغان ئەللەرنىڭ ۋەكىللىرى بولمىش خۇسۇسەن ئەرەب ۋە پارس مۇئەللىپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمىسى ۋاسىتىسى بىلەن ياۋروپاغىمۇ ئۆتكەن بىر تەرەپلىمە خاتا مەلۇماتلاردۇر. ئەمىر تېمۇرنىڭ «موغۇل نەسلىدىن ئىكەنلىكى ھەققىدە مىرخاند، شەرەپىددىن ئەلى يەزدىي، ۋەيل، ھاممىر ۋە باشقا شەرقشۇناسلارنىڭ رىۋايەتلىرى ئىككى قېتىم ئۆزىنى كۆرسەتتى» ۋامبىرى بۇ پىكىرنى ۋە «تېمورنىڭ قاراچار نويان نەسلىدىن بولۇشى ئاساسسىز ھېكايە» ئىكەنلىكىنى، چاغاتاينىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىرىنىڭ بولغانلىقى توغرىسىدىكى سۆز «تارىخى جاھان كۇشاي»دا يوق ئىكەنلىكى، ئەمما رەشىدىددىن، مىرخاند ۋە باشقىلارنىڭ بۇ مەلۇماتلارنى «تارىخى جاھان كۇشاي»دىن ئالغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تېمۇرنىڭ نەسلىنى موغۇللارغا باغلىغان زامانىمىز تارىخچىلىرىمۇ ئاشۇ ئادىشىشنىڭ ئىختىيارسىز قۇربانلىرى بولغان ئاساسسىز سۆزلەرنى تەكرارلاپ يۈرگەنلىكلىرىنى مانا ئەمدى چۈشەنسە بولار، دەپ ئويلايمەن. ماجار ئالىمى ۋامبىرىنىڭ «تېمۇر تۈزۈكلىرى» ھەققىدىكى بىر ئىزاھاتمۇ دىققەتكە سازاۋەردۇر: «تۈزۈك» سۆزىنىڭ ئەسلى قەدىمكى تۈركچىدىكى «تۇتسۇق» بولۇپ، ئەرەبچە: نىزام دېگەن مەنىدە. بۇ سۆزگە ئەرەبچە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇپ، «تۈزۈكات» سۆزى ياسالغان. ئالىم يەنە بىر ئىزاھاتىدا «تېمۇر تۈزۈكلىرى»نىڭ ئەسلى چاغاتايچە نۇسخىسى يەمەن ۋالىيسى جەپەرنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. ۋامبىرى تەرەپبازلىق قىلماستىن، ئىبنى ئەرەبشاھنىڭ «تېمۇر چىڭگىزخاننىڭ ياساقلىرىنى ‹قۇرئان› دىن يۇقىرى كۆرەتتى» دەپ ئەمىر تېمۇرنى ھەقسىز ئەيىبلىگەنلىكىنىمۇ تەكىتلەيدۇ؛ ئەسلىدە، ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ لەشكىرى ئىدارە بولۇشتىن كۆرە، روھانىي ئىدارىگە تەتبىق قىلىنىپ ياسالغانلىقىنى، موغۇل ياساقلىرى بولسا، دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرۇشتا، مۇستەھكەملەشتە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مېنىڭچە ۋامبىرىنىڭ بۇ قارشى بۈگۈنكى كۈندىمۇ «دۆلەت تەشكىلاتى دىنىي بولۇشى كېرەكمۇ ياكى ئەسكىرىي بولۇشى كېرەكمۇ؟» دەپ بەس – مۇنازىرە قىلىشىۋاتقان كىشىلەر بىلىپ قويسا ئەرزىيدىغان مۇھىم پىكرىدۇر. ھەقىقەتەنمۇ بىر دۆلەت روھانىي تەرەققىيات ئاساسىدا جەمئىيەت قۇرسايۇ، ئۇنىڭ ئىلكىدىكى دۆلەت قوشۇنى لەشكىرى تەرەققىياتقا ئىگە جامائەتتىن ئىبارەت بولسا روھانىي تەشكىلاتلىق دۆلەت ئۆزىنى قانداق ھىمايە قىلىدۇ؟ ئەمىر تېمۇر بۇ مەسىلىلەرنى ئۆز دەۋرىدە چوڭقۇر ئويلىغان ۋە ئۆز سەلتەنىتىنىمۇ قەدىمكى تۈرك دۆلەتچىلىكىگە ئوخشاش لەشكىرى تەرتىپلەرگە، شۇنداقلا ھۆكۈمران روھانىي تەشكىلاتىغا ئاساسلىنىپ قۇرغان. قىسقىسى، ۋامبىرىنىڭ بۇ كىتابى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كەسكىن مۇلاھىزىلەرنى ئويغىتىشى تەبىئىي. ئۇنى ئىلمىي تەتبىقلاش بولسا ئالىملىرىمىزغا ھاۋالە. ئەرەبلەرنىڭ ھۇجۇمى، ئىسلامنى قوبۇل قىلىش ھىجرىيىنىڭ 46 – 96 (مىلادىيە 666 – 714) – يىللىرى بۈيۈك ئىسلامىيەتنىڭ تايانچلىرى غەربىي ئاسىيادا بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئەرەبلەرنىڭ غالىب قوشۇنلىرى ئىسكەندەرنىڭ يولى بىلەن ماۋەرائۇننەھرگە كىرىپ كەلدى. زىيادبىن ئەبۇسوفيان ھىجرىيە 46 (مىلادىيە 666) – يىلىدا لەشكەر بېشى رابىئە بىننى ئەل ھارسىنى ئىراقتىن خۇراسانغا يۆتكەپ كەلدى. ساسانىيلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھىنىڭ پاراكەندىچىلىكى بىلەن پەيدا بولغان پەرىشانلىقتىن پايدىلىنىپ، ئەرەبلەر شەرقىي ئىراندا ئۆز يولىدىكى ھەرقانداق توسقۇنلۇقلارنى جايىدىلا تارمار قىلىپ، غەلىبە بايرىقى بىلەن بەلخقە يېتىپ باردى. بۇ شەھەر ماۋەرائۇننەھرىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىلىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى. بۇ يەردە تۇرۇپ، سوغدىياننىڭ بايلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان، غەلىبە ۋە ئولجىغا شۇنچە زوقمەن بولغان ئەرەبلەرنىڭ بۇنىڭغا كۆز تىكىشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. ئۇلار ئالدى بىلەن پەتھى قىلىش پىلانلىرى بىلەن سىر دەرياسى بويلىرىغا قەدەر يېتىپ كەلدى. بۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ قانچىلىك چوڭ ۋە قولغا كىرگۈزگەن ئولجىلىرىنىڭ نەقەدەر كۆپ ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدىن بىلىش مۇمكىنكى، زىياد ۋاپات بولۇپ تۆت يىلدىن كېيىن (ئۇ ھىجرىيە 50 -، مىلادىيە 670 – يىلىدا ۋاپات بولدى) ئۇنىڭ ئوغلى ئۇبەيدۇللا مۇئاۋىيە بۇخاراغا يەنە قوشۇن تارتتى. بۇ ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم جىددىي ھالەتتە بولدى. ئۇبەيدۇللا بىن زىيادە ئەڭ قەدىمكى سودا مەركىزى ۋە ناھايىتى باي بولغان پايتەخت بايكەند شەھىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت قامال قىلغاندىن كېيىن بېسىپ ئالدى بۇ ھىجرىيە 53 (مىلادىيە 672) – يىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ئىدى. ئايال پادىشاھ تۈرك ئەسكەرلىرىنى ياردەمگە چاقىردى. ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنچاناق (تاش ئاتقۇچى قورال) لىرى بىلەن شەھەرنى پۈتۈنلەي قامال قىلغاندىن كېيىن بۇخارا پادىشاھىغا ياردەمگە كەلگۈچى تۈركلەر ئۇبەيدۇللا بىن زىيادقا ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى. ئۇبەيدۇللا مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇپ بۇ يۇرتلۇقلارغا كۆپ زىيان – زەخمەتلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، بۇخارانى قامال قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، مەرۋىگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى. (تەبەرىينىڭ يېزىشىچە، ئۇبەيدۇللا تاشكەنتكىچە كەلگەن .) مۇسۇلمانلار بۇ يەردىن ناھايىتى كۆپ خەزىنە، قورال، كىيىم – كېچەك، ئالتۇن – كۈمۈش قاتارلىقلارنى ئولجا ئالدى. بۇلار ئارىسىدا ئايال پادىشاھنىڭ ئاجايىپ جاۋاھىرلار بىلەن زىننەتلەنگەن كىيىم – كېچەكلىرى سەھرالىق ئەرەبلەرنى بەكمۇ ھەيرەتتە قالدۇردى. بۇ يىگىرمە مىڭ دىرھەمگە باھالانغانىدى. ئۇلار ئارقىغا چېكىنىش ۋاقتىدا، ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى نۇرغۇن ياشانغانلارنى ئۆلتۈرگەن، ھەتتاكى دەل – دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلىغان. ئەرەب تارىخچىسى مۇنداق دەپ يازىدۇ. «ئايال پادىشاھ بۇخارا ئۆلكىسىنى خاراب بولۇشتىن ۋە خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇبەيدۇللا بىلەن سۈلھ تۈزۈپ، ئۇنىڭغا ھەر يىلى بىر مىليون دىرھەم تۆلەم تۆلەشكە ۋەدە بەرگەن» ئىدى. لېكىن، بىز كۆرەلەيمىزكى بۇ ۋەقەدىن ئۈچ يىل ئۆتە – ئۆتمەي ئەرەبلەر سەئىد بىن ئوسمان قوماندانلىقىدا ئايال پادىشاھقا قارشى تەكرار ھۇجۇم باشلىدى. ئايال پادىشاھ ئۇبەيدۇللا بىلەن تۈزگەن سۇلھىگە ئەمەل قىلىپ، ئەرەب قوماندانىغا خىراجەت ئەۋەتىپ كۆردى. ئۇنىڭ تەدبىرلىرى ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى. سەئىد ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى. ئەۋەتىلگەن خىراجەتلەرنى قايتۇرۇۋەتتى ھەم ھېچقانداق ئاساسسىز ھالدا بۇخاراغا باردى. ئۆز قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكى سەۋەبىدىن سادىر بولغان كۆپلىگەن ماجىرالار نەتىجىسىدە زەئىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئايال پادىشاھ بۇ قېتىم دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلالماي، سۇلھى تۈزدى. سەئىد ئۆزى كەتكەن ۋاقىتتا ئىشەنچلىك بولۇش ئۈچۈن گۆرۈ سورىدى. ئايال پادىشاھ ئادەملىرىدىن سەكسەن كىشىنى ئۇنىڭغا كۆرۈگە بەردى. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەڭ خەۋپلىك تاشقى دۈشمەنلىرىدىن خالاس بولغاندەك ھېس قىلدى. سۇلھى تۈزۈلگەندىن كېيىن مەغرۇر ئەرەب، ئايال پادىشاھنى ئۆزىنىڭ لەشكەر گاھىغا كېلىشنى تەلەپ قىلدى. پەۋقۇلئاددە گۈزەل بولغان ئايال پادىشاھ ئاجايىپ زىننەتلىك كىيىملەر بىلەن ياسىنىپ، شەۋكەتلىك ھالدا ئەرەب لەشكەرگاھىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئەرەبنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئىشق ئارزۇسى بىلەن سوقتى. بۇھال ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتكە سەۋەب بولدى. بۇ ۋەقە ناخشىلاردا كۈيلىنىپ، بۇ بۇخارا خەلقى ئارىسىدا بىرنەچچە ئەسىرلەر مابەينىدە ئېيتىلىپ يۈردى. بۇخارا شۇ يول بىلەن ئېلىنغاندىن كېيىن، سەئىد شەرق تەرەپكە، سوغدىيانغا ھەم سەمەرقەند شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ چاغدا سەمەرقەندنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ئۇنى سوغدىدىن تەيىنلەنگەن تۈرك تارخانى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتاتتى. ئەرەبلەر ھۇجۇم قوزغاپ سەمەرقەندنىمۇ ئىشغال قىلىۋالدى. سەئىد ئارقىغا، خۇراسانغا قايتقاندا، بۇخاراغا كىرگەندىن كېيىن بۇخارالىقلار گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىدى. سەئىد ئامۇ دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىگە چىقىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشنى مەرۋىگە يېتىپ بارغۇچە كېچىكتۈردى. ئاخىرىدا گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى نىشاپۇردا ئازاد قىلىشنى ۋەدە قىلدى. نىشاپۇردا بولسا كۇفەدە ئازاد قىلىمىز دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ ماۋەرائۈننەھرىنىڭ مۆتىۋەرلىرى زەرەپشاننىڭ گۈزەل ساھىللىرىدىن ئەرەبىستان سەھرالىرىغا غەنىيمەت ئولجا بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى. سەئىد مەدىنەدە ئۇلارنىڭ قىلىچ، كىيىم ۋە جاۋاھىراتلىق كەمەرلىرىنى، كىيىملىرىنى تارتىۋېلىپ، بۇ مەغرۇر بەگزادىلەرنى قۇللارغا ئايلاندۇردى. بۇ ۋەقە ئۇلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار قىساس ئېلىش ئۈچۈن سەئىدنىڭ سارىيىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئۆز سارىيىدا قەتل قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېلىشتى. بۇ ۋەقە يەزىد بىن مەرۋان خەلىپىلىكى زامانىدا يۈز بەردى. باي بولۇپ قايتقان ئەرەبلەر يىراق سوغدىنىڭ ئاجايىباتلىرى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئۆز قوۋملىرىگە ئېيتىپ تۈگەتكۈچە، بۇخارادا ئەرەب ھاكىمىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلدى. سەئىد ئورنىغا خۇراساندا ئەمىرلىككە تەيىنلەنگەن مۇسلىم بىن زىياد نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن ئامۇ دەريا ساھىلىغا سەپەر قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئايال پادىشاھ يەنە تۈرك قوشۇنلىرىنى ياردەمگە چاقىردى. تۈركىستاننىڭ شىمالىدىن بىريۈز يىگىرمە مىڭ تۈرك ياردەمگە يېتىپ كەلدى. لېكىن، ئەرەبلەر تۈركلەرنىڭ سانى ۋە ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ بولغۇچە ھۇجۇمنى كېچىكتۈرگەندىن كېيىن مۇسلىم بىن زىياد ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن ئەسكەر بېشى مەھلەبكە تۈركلەرنى رازۋېدكا قىلىشنى تاپشۇردى. مەھلەب بۇ ئىشقا ئانچە چوڭ ئەمىلى يوق باشقا بىرسىنى ئەۋەتىشكە مەسلىھەت بەردى. لېكىن، مۇسلىمنىڭ ئىككىنچى قېتىم چۈشۈرگەن پەرمانىدىن كېيىن بۇ ئىشنى بېجىرىشكە كىرىشتى. ھەربىر قىسىمدىن بىر نەپەردىن ئەسكەرنى ئېلىپ يېرىم كېچىدە يوشۇرۇن رەۋەشتە يولغا چىقتى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە مۇسلىم ئۆز ئەسكەرلىرىگە مەھلەبنى چارلاشقا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەرەبلەر بۇ ئىشتىن تەشۋىشكە چۈشۈپ: «سەن ئەمىر مەھلەبنى ئولجىلارنى ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتتىڭ، ئەگەر جەڭ قىلىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن بىزنى ئەۋەتكەن بولاتتىڭ» دېيىشتى. ناھايىتى كۆپ كىشىلەر ئىنتىزامسىزلىق بىلەن مەھلەبنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئۇنى قوغلاپ يەتتى. مەھلەب ئۇلارغا: «سىلەر بىزنى يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدۇڭلار. بىز بۇ يەرگە پەقەت ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن كەلگەنىدۇق، سىلەر بىزنى دۈشمەنگە سەزدۈرۈپ قويدۇڭلار، ئەمدى ئىشلىرىمىز يامان بولۇشى مۇمكىن» دېدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي مەھلەب خاتىرجەملىكىنى يوقاتمىدى. ئۆز يېنىدىكى ئەسكەرلەرنى قوشۇپ توققۇز يۈز ئادەم بولغانلىقىنى ساناپ چىقتى. ئەسكەرلەر سەپكە تىزىلىپ، بولۇشى بىلەنلا تۈركلەر تەرىپىدىن جەڭگە ئاتلىنىش بۇرغۇسى چېلىندى. ئۇلار دەرھال ھۇجۇمغا ئاتلىنىپ، ئەرەبلەردىن تۆتيۈز كىشىنى قېلىچتىن ئۆتكۈزدى. قالغانلىرىنى قېچىشقا مەجبۇر قىلدى. مەھلەب ئۆزىنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرى تەرىپىدىن ئوراپ ئېلىندى. ئۇ ناھايىتى قورقۇنچلىق بىر ئاۋازدا قاتتىق نەرە تارتىپ ۋارقىرىدى. نار شاھىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ئۇنىڭ ئاۋازى يېرىم فەرسەخ يىراقلىقتىكى ئەرەبلەر لەشكەرگاھىغا ئاڭلانغان. شۇ ھامان ئابدۇللا بىن جەدان قوماندانلىقىدا بىر قىسىم ئەسكەرلەر ياردەمگە كېلىپ جەڭگە ئاتلانغان. مەھلەب ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئۆز ئەسكەرلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا، ئاخىرقى كۈچىنى توپلاپ، يەنە جەڭنى داۋاملاشتۇرغان. تۈركلەر مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن ھەربىر ئەرەب ئەسكىرىگە ئون مىڭ دىرھەمدىن پۇل بېرىلگەن. بۇ خىل ئەھۋالدا ئايال پادىشاھقا تەسلىم بولۇشتىن باشقا ھېچقانداق ئامال قالمىغانلىقتىن سۈلھ تۈزگەن ئەرەبلەر مەرۋىگە قايتىپ كەلگەن. ئەمما، بۇ قايتىپ كېتىش خاراب بولغان ماۋەرائۇننەھرىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ تۆت قېتىملىق ھۇجۇمدىن كېيىن يەنە تەكرار ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىدى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئەمىر ئۆزىنىڭ تەدبىرچانلىقى، غەيرەتلىكلىكى بىلەن كونا ئىران مەدەنىيىتى بۆشۈكىنى پۈتۈنلەي سۇندۇرۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تەلىماتىنى ئەڭ يىراقتىكى تەڭرى تاغلىرىغىچە تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولدى. بۇ ئەمىر — قۇتەيبە ئىبن مۇسلىم ئىدى. ھەججاج ھىجرىيە 86 (مىلادىيە 705) – يىلدا ماۋەرا ئۇننەھرىنى ئىشغال قىلىشنى تاپشۇردى. ئەمدىكى مەقسەت – تۈركلەرنىڭ بۇ ئۆلكىسىنى تالان – تاراج قىلىش، چېكىنىش ھەققىدە ئويلىماستىن، مەملىكەتنى تامامەن بويسۇندۇرۇش ۋە مۇسۇلمان قىلىش ئىدى. قۇتەيبە بۇ يولدا ئاۋۋال جەنۇبتىكى ئەڭ بىرىنچى قەلئە — بەلخنى ئىشغال قىلىشقا قارار قىلدى. ئۆزىنىڭ مەرۋىدە يىغىلغان ئەسكەرلىرىنى قۇتەيبە ۋەز – نەسىھەت ۋە قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن تېگىشلىكىچە ھازىرلىغاندىن كېيىن، مۇنبەردىن چۈشۈپ توغرا ئۆزىنىڭ سەپەر ئېتىغا مىندى – دە، جەڭگە ئاتلاندى. ئۇ قەدىمكى باكتېرىيىگە يېتەر – يەتمەستىن بەلخ ئاھالىسى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ھۆرمەت – ئېھتىرام بىلەن ئۆز شەھەرلىرىگە باشلاپ كىردى. ئۇ شەھەردە خەلىپىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قارارلاشتۇردى. كېيىن ئامۇ دەريا ئارقىلىق ئايلىنىپ ھازىرقى چارجۇيدىن ئۆتۈپ مەرۋىگە قايتتى. شۇ يەردىن ھىجرىيە 87 (مىلادىيە 750) – يىلىدا ماۋەرا ئۇننەھرىنى ئىستېلا قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئەڭ ئاۋۋال بايكەند شەھىرىگە قارشى يۈرۈش قىلدى. ئۇ سەھرادا مەلۇم مەنزىلىگە يەتكەندىن كېيىن تۈرك ئەسكەرلىرى بىلەن تاسادىپىي توقۇنۇشۇپ قالدى. تۈرك لەشكەرلىرى سان جەھەتتىن قۇتەيبە لەشكەرلىرىدىن كۆپ ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركلەر تەرىپىدىن قاتتىق مۇھاسىرە قىلىندى. نەتىجىدە بىرنەچچە ئايغىچە ئۇنىڭدىن ھېچبىر خەۋەر بولمىدى. ھەججاج ئەئلائى كەلىمەتۇللا ئۈچۈن جىھاد قىلىپ، خەۋپلىك ھالغا چۈشۈپ قالغان مۇجاھىرلار ئۈچۈن نىجات تىلەپ دۇئا قىلىشقا پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنى دەۋەت قىلدى. قۇتەيبە ھالاكەتتىن قۇتۇلدى. تۈركلەرنىڭ نەقەدەر كۆپلۈكى ھەم ھەججاجنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە يالغان گەپ تارقاتقان بۇخارالىقلارنىڭ ھىيلە – مىكىرلىرى ھەم ئۇنىڭ تۆمۈردەك ئىرادىسىنى بوشىتالمىدى. ئۇ تۈركلەر بىلەن جەڭگە كىرىپ بىر كۈنلۈك ئېلىشىشتىن كېيىن، ئۇلارنى يەڭدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قاچتى. بىر قىسمى خۇددى مىيتندەك قاتتىق بولغان بايكەندكە يوشۇرۇندى. بۇ چاغدا قەلئە قامال قىلىندى. بۇ قامال نەتىجىسىدە ئەرەبلەر كۆپ رىيازەت چەكتى. ئۇلارنىڭ ئون بەش كۈن قىلغان جەڭلىرى بىكارغا كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن قەلئەنىڭ سېپىللىرى تېشىلدى. قۇتەيبە قەلئەگە بىرىنچى بولۇپ بارغان ۋە بۇ جەرياندا شېھىد بولغان كىشىلەرنىڭ بالا – چاقىلىرىغا نۇرغۇن مۇكاپات بېرىشكە ۋەدە قىلدى. بۇ ۋەدە چوڭ تەسىر قوزغاپ، ئەرەبلەر ئاخىر قەلئەنى ئىشغال قىلدى. لېكىن، قۇتەيبە شەھەردىن كەتكەندىن كېيىن، بايكەند ئاھالىسىنىڭ ئىسيان كۆتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ يەرگە ۋالى قىلىپ قالدۇرغان ۋەرقەبىن نەسرۇلبەھالى ھەم ئۇنىڭ يېنىدىكى مۇھىرلار ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەرەبلەر بۇ بالانى ئۆز بېشىغا ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەنىدى. ۋەرقە بايكەند بىر ئادەمنىڭ ئىككى نەپەر گۈزەل قىزىغا ھاقارەت قىلغان. بۇ ئادەم خورلانغان قىزلىرى ئۈچۈن قىساس ئېلىش مەقسىتىدە ۋەرقەنى قىلچ بىلەن چاپقان. شۇنداق بولسىمۇ قۇتەيبە غەزەپكە كېلىپ، كىشىلەرنىڭ غەليانىغا ھەققانىي مۇناسىۋەتتە بولماي شەھەرگە قايتىپ كېلىپ ھەممە ياقنى بۇزۇپ ۋەيران قىلىشقا بۇيرۇق قىلغان. قىلىچ تۇتالايدىغانلىكى ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش، خوتۇن – قىزلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسىر قىلىشقا بۇيرۇغان، ھەتتا تۈركلەرنىڭ بىر كۆزى قارىغۇ سەردارنىڭ ئۆز خۇنى ئۈچۈن پۇل تۆلەپ تىرىك قىلىش ھەققىدىكى تەلىپىنىمۇ رەت قىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە بايكەند ئاھالىسى، كۆپرەك باي سودىگەرلەر، چىن ۋە پۈتۈن دۇنيا بىلەن سودا قىلغۇچىلار بۇ ئۇرۇش ۋاقتىدا شەھەردە بولمىغان. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، ئۆز – خوتۇن قىزلىرىنى ئەرەبلەرگە ھەق تۆلەپ قايتۇرۇپ ئېلىشقان. شەھەر بىر قەدەر تىنچلانغان. يەنە تىزدىن ئەرەب ئىستېلاسى ئاستىدا قالغان خارابىلەر ئىچىدە ناھايىتى گۈزەل بىر شەھەر پەيدا بولغان. بايكەند پۈتۈن ماۋەرا ئۇننەھرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي دەرۋازىسى بولغانلىقتىن ئۇنى بويسۇندۇرۇش ئەرەبلەر ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. سوغدا ۋە رامىتەندىن كېيىن قالسا ئەڭ تەرەققىي تاپقان بۇ شەھەردە بويسۇندۇرغۇچىلار ھېسابسىز بايلىقلارغا ئېرىشكەنىدى. مەسىلەن، بىر بۇتخانىدا قىرىق مىڭ دىرھەم مىڭ ئېغىرلىقتا ساپ ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بۇتلار بولۇپ ھەربىرىنىڭ كۆزى ئورنىدا كەپتەر تۇخۇمىچىلىق ئىككى گۆھەربار ئىدى. قۇتەيبە بۇلارنى ئولجىلارنىڭ بىر قىسمى بىلەن بىرگە ھەججاجغا ئەۋەتىپ بەردى. ھەججاج بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆز تەشەككۈر نامىسىدا ئۆزىنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئەرەبىستان بەدەۋىيلىرىنىڭ مەغلۇپ قىلىنغانلار تەرىپىدىن توپلانغان خەزىنىلەرگە نەقەدەر ئاچ كۆزلۈك ۋە ھېرىس بىلەن توختاۋىسىز ھۇجۇم قىلىنغانلىقلىرىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. بەدەۋىيلەرنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلغان نەرسىسى قورال ئىدى. ئاسىيانىڭ بۇ ئۆلكىسى قەدىمدىن بۇيان قورالنى ئىنتايىن پۇختا ھەم گۈزەل قىلىپ ئىشلەش بىلەن مەشھۇر ئىدى. گەرچە ئەسكەرلەرگە بايكەندتە ئىشلەنگەن قوراللارنىڭ ئاساسىي بىر قىسمى تەقسىم قىلىپ، سوۋغا قىلىنغان بولسىمۇ، خېرىدارنىڭ كۆپلۈكىدىن قوراللارنىڭ نەرخى شۇ قەدەر يۇقىرىلىدىكى بىر سۈپەر يەتمىش دىرھەم، تۆمۈر ساۋۇت ئىككى يۈز دىرھەم قالقان ئۇنىڭدىنمۇ قىممەترەك بولدى. ئەسكەرلەر ئاز ئىدى. چۈنكى، ماۋەرا ئۇننەھر جەڭلىرىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا ئېرىشكەن بەنى تەسىم، بەكرى، ئابدۇلقەيس قەبىلىلىرىنىڭ ئۆزىلا ئەسكەرلىككە يىگىرمە بىر مىڭ ئادەم (ھەممىسى بولۇپ قىرىق بىر مىڭ) بەرگەنىدى. ئادەم سانى جەھەتتىن كەمچىلىك بولمىسىمۇ، ئەرەبلەر ھەربىي قورالنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىن پەخىرلەنگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. قۇتەيبەنىڭ ئىستېلاسىدىن، بولۇپمۇ تۈركىستان سەھرا ۋىلايەتلىرىنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىنى ئشىغال قىلغاندىن كېيىن باشقا جايلارغا ھۇجۇم ئازراق ئۇيۇشتۇرۇلدى. چۈنكى، باسقۇنچىلارغا ھېلىھەم قورال يېتىشمەيتتى. دەرۋەقە. بۇخارا بىلەن دۈشمەنلىك ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە قۇتەيبەنىڭ ئۆزى سەۋەبچى بولدى. ئۇنىڭ ھەربىي پىلانى مۇداپىئە ئۈچۈن قۇلايسىز بولغان بۇ شەھەرنى ئەڭ ئاۋۋال شىمالدىن ھەم شەرقتىن كېلىدىغان ياردەمچى تۈرك ئەسكەرلىرىدىن مەھرۇم قىلىش، كېيىن بولسا ئەڭ ئالدى بىلەن ۋاردون (ھازىرقى ۋەردانزى)، رامىتەن ھەم سوغدىدىكى كىچىك مۇستەقىل خانلىقلارنى تارمار قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇنىڭغا ھەججاج شۇنداق ھەرىكەت قىلىشنى تاپشۇرغانىدى. قۇتەيبە ھىجرىيە 87 (مىلادىيە 707) – يىلى كېش (شەھرىسەبز) ھەم نەخشەب (قارشى) نى بويسۇندۇردى. ئۇ ھىجرىيە 90 (مىلادىيە 708) – يىلى ۋەردانغا يۈرۈش قىلىشنى نىيەت قىلدى. لېكىن، بۇ نىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغاندا، ئۆزى ئويلاپ باقمىغان قارشىلىققا دۇچ كەلدى. تۈرك خاقانلىرى ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزئارا بىتىم تۈزۈشتى ھەم بىرلەشكەن كۈچلىرى بىلەن قۇتەيبەنى يولدا توختىتىپ قويدى. بۇ قېتىم بۇخارا ئەتراپىدىكى، پۈتۈن ماۋەرائۇننەھر ھەم سوغدى خانلىرى توپلاندى. پەرغانە پادىشاھى ھەم يىراق شەرقتىن *** خاقاننىڭ ئىنىسى «كورىمغان» دېگەن بىر كىشى ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار گويا ئومۇمىي تەھلىكىنى ھېس قىلىپ بىرلەشكەن كۈچلىرى بىلەن ئەرەب ئىستېلاسىنى توختىتىشقا قارار قىلىشقانىدى. بۇ پەيتتە ۋەردانغا يېتىپ كەلگەن قۇتەيبە ئۇلار تەرىپىدىن ئۇچرىدى. بۇنى تەبەرىنىڭ ناھايىتى ياخشى تەسۋىرلەپ بەرگەنلىكىدىن ئېنىق كۆرۈش مۇمكىن. تارىخچىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ھەر تەرەپتىن قىسىپ قويۇلغان ئەرەبلەر، قەتئىي مەغلۇبىيەت تەھلىكىسىنى سەزگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى سەت ئاۋازلىرى بىلەن غوۋغا قىلىپ، يۈزلىرىنى تاتىلاشتى. لېكىن، قۇتەيبەنىڭ تەسىرلىك نۇتۇقلىرى ئەرەبلەرنىڭ روھىنى ئۆستۈردى: «ئوغۇللىرىم ئالغا! بۇ تۈركلەرنى سىلەر تارمار قىلىشىڭلار كېرەك!» دەپ تۈرلۈك قەبىلىلەرگە خىتاب قىلدى. ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئالدى بىلەن تەمىم قەبىلىسى ئاۋاز قوشتى. ئۇلارنىڭ ئەسكەر بېشى جەۋەنغار زەيىم قەبىلە رەئىسى ۋەقىئى بىن ئەبۇ ئەسۋەدنىڭ ئەمرى بىلەن بىرىنچى بولۇپ مەيدانغا چۈشتى. تەبەرى ئېيتقاندەك ئەرەبلەرنىڭ بۇ جەڭدە غەلىبىگە ئېرىشىشى شۇبھىلىك ئىدى. لېكىن، شۇنىسى ئېنىقكى ئەرەبلەر بۇ قېتىم تۈركلەرنىڭ سەپلىرىنى بۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. ئۇلار بۇ ئىشنى سىياسىي ھىيلە بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. جەڭدە غەلىبە قازىنالىشىغا كۆزى يەتمىگەن قۇتەيبە بىرلەشكەن تۈركلەرنىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزۇشقا قەست قىلدى ھەم بۇنىڭغا ئېرىشەلمىدى. چۈنكى، ئىتتىپاقلىققا ساداقەتمەنلىك تۈركلەرنىڭ مىللىي خۇسۇسىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئىتتىپاقچىلار قوشۇنى ئارىسىدىكى ئەڭ كۆپ ساندىكىسى سوغدى پادىشاھى قويغان ئەسكەرلەر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سوغدى قوشۇنىنى باشقىلاردىن ئايرىۋېتىش ۋە ئۇلارنى جەڭدىن توختىتىش لازىم ئىدى. قۇتەيبە بۇ سىياسىي پىتنىنى ئىشلەشنى ھەييان نەباتى ناملىق بىر كىشىگە تاپشۇردى. ئۇ بىر جەڭ مەزگىلىدە ئىنتايىن مەخپىي ھالدا سوغدى پادىشاھىغا «ئىتتىپاقچىلار سېنى تەختتىن مەھرۇم قىلىشقا قارار قىلدى» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. ۋە بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇتەيبەنىڭ بۇ تەرەپتىن كېتىشىنى كۈتمەكتە دېدى. مەككار ئەرەب يەنە ئىزاھات بېرىپ: «بىز بۇ يەردە يىلنىڭ ئىسسىق ۋاقىتلىرىدىلا تۇرالايمىز قىش ۋاقتى كېلىشى بىلەن ئىسسىق تەرەپلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولىمىز. ئەمما، سەن ئۆزۈڭنىڭ شىمالدىن كەلگەن ئىتتىپاقداشلىرىڭنى ئۇنتۇما. ئۇلارنى سوغدىياننىڭ گۈزەل پاراۋانلىقىدىن ئايرىپ، قايتۇرۇپ كېتىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ ئەڭ ياخشىسى شۇكى، سەن بىز بىلەن سۇلھ تۈزگىن، ئەمما ئىتتىپاقداشلىرىڭغا «ھەججاج ئەرەبلەرگە كېش ۋە نەخشەب ئارقىلىق ناھايىتى كۆپ ياردەم ئەۋەتىپتۇ، مەن شۇ ئىشتىن ئەنسىرەپ سۈلھ تۈزدۈم» دېسەڭ، بۇ قىلغان ئىشىڭغا ماس ھالدا ئۆزرىخاھلىق سورىغانلىقىڭ بولىدۇ، بىز توغرۇلۇق سەن تامامەن خاتىرجەم بولغىن» دېدى. بۇ سۆزلەر سوغدى خانىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بۇ تۈركلەرنىڭ خىيانەتكارلىقىمۇ ياكى باشقا بىر مۇھىم سەۋەب بارمۇ دېگەن مەسىلىنى ئويلاپ – ئويلاپ ئاخىر بىر پىكىرگە كېلەلمىدى ئاقىۋەتتە ھىيلە – مىكىرگە مەغلۇپ بولدى. ئەرەبلەر بىلەن مەخپىي ئەھدۇ – پەيمان قىلىشتى. ئۇلارغا يىلىغا ئىككى مىليون خىراجەت تۆلەشكە ۋەدە بەردى ھەم دەرھال ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختاتتى. باشقا ئىتتىپاقچىلارنىمۇ ئۆز جايىغا قايتىشقا مەجبۇر قىلدى. قۇتەيبە تۆت ئاي داۋاملاشقان تەھلىكىدىن شۇ تەرىقىدە قۇتۇلۇپ قالدى. ئەمدى تەكرارلاشنىڭ ھاجىتى يوقكى، بۇ سىياسىي ھىيلە – مىكرىنىڭ جازاسىنى ھەممىدىن كۆپرەك سەمەرقەند تارخانى تارتتى. سۈلھى ئەھدى قىلىشقا قارىماي، ئەھدىنامىغا مۇۋاپىق بۇ يەردە سېلىنىدىغان مەسچىت قۇرۇلۇشنى تېزلەشتۈرۈش باھانىسى بىلەن شەھەرگە خىش پىشۇرغۇچىلار ئورنىغا تۆت مىڭ قوراللىق ئەرەبنى كىرگۈزدى. تارخان بۇ خىيانەت ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشنى كۆزلىگەنلىكتىن ئەرەبلەر ھۇجۇم قوزغىدى. ئۇنى پۈتۈن تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ئۆلتۈردى. سەمەرقەند تالان – تاراج قىلىندى. ساسانىيلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى يەزدىگەردنىڭ قىزى ھەم ئەسىرلەر ئارىسىدا ئىدى. ئۇ خەلىپە ۋەلىگە ئەۋەتىپ بېرىلدى. غەنىيمەت ئېلىنغان ئالتۇن بۇتلار ۋە ئۇلارنىڭ جاھازلىرى ئەللىك مىڭ مىسقال ئېغىرلىققا يېتەتتى. ئەرەب ئەسكەرلىرىگە بىرقانچە ۋاقىتقىچە دەم ئېلىشقا توغرا كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇتەيبە مەرۋىگە قايتتى. پۈتۈن قىش مەۋسۇمىنى ئىستىراھەتتە ئۆتكۈزدى. ئاخىر ئىراق ھەم خۇراساندىن زور مىقداردا ياردەمچى ئەسكەر ئېلىپ كېلىپ، ياز كۈنى ھىجرىيە 91 (مىلادىيە 709) – يىلدا بۇخاراغا سەپەر قىلدى. بۇ سەپەردىن مەقسىتى — بۇخارا ئۈچۈن بولىدىغان يۈرۈشلەرگە خاتىمە بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. نارشاھنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇ ۋاقىتتا زەرەپشان پايتەختنىڭ ئىدارە قىلىنىشى ئايال پادىشاھىنىڭ ئىلىكىدە ئىدى، دېيىلىدۇ. ئەمما، بۇ پەيتلەردە ئۇ ناھايىتى قېرى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ گەپلەر ئانچە توغرا ئەمەس. ھەرھالدا ئايال پادىشاھمۇ ياكى باشقا پادىشاھمۇ قايسى بولمىسۇن ئەرەبلەرگە يەنە قارشىلىق كۆرسىتىشنى پايدىسىز دەپ بىلىشەتتى. ئۈچ قېتىم بويسۇندۇرۇلغان، ئۈچ قېتىم ئىسلام دىنى قايتىدىن قوبۇل قىلدۇرۇلغان، ھەر قېتىم يوشۇرۇن ھالەتتە ئۆزىنىڭ كونا دىنىغا قايتقان بۇخارا ئەمدى دەرۋازىسىنى 4 – قېتىم ئاچتى. بۇ يۇرت ئاۋۋال غەيرىي بىلىنگەن دىننى بېسىپ كىرگەنلەر بىلەن بىللە قوبۇل قىلىپ، كېيىنچە شۇ دىننىڭ ئەڭ ئەشەددىي مۇجاھىدلىرىنىمۇ يېتىشتۈردى. ھازىر ئاسىيانىڭ ھەر – بىر قىتئەسىدە ئىسلام گوياكى ئارقىغا قاراپ كېتىۋاتقان بىر ھالەتتە، يالغۇز بۇخارادىلا خەلىپە رەشىدنىڭ ئەسىرىدىكى قائىدە – يوسۇنلار داۋام قىلماقتا. قۇتەيبە شەھەرنى بېسىپ ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ پادىشاھى خۇدات (خان) ئۆز مەنسىپىدە قالدۇرۇلدى. لېكىن، ئۇنىڭ يېنىغا خەلىپە تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بىر مەمۇرىي شەخس قويۇلۇپ، ئۇ ھاكىم مۇتلەقلىق يۈرگۈزۈپ، خۇداتنى بىر قونچاققا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇداتنىڭ خەلىپىگە يىلىغا يىگىرمە مىڭ دىرھەم، خۇراسان ئەمىرىگە ئون مىڭ دىرھەم خىراجەت پۇلى تۆلەپ تۇرىدىغانلىقى بەلگىلەندى. يەنە بۇخارادا قالدۇرۇلغان ئەرەبلەرگە شەھەردىكى ئومۇمىي ھامماملارنىڭ ساپ خىراجىتىدىن بىر قىسمى بېرىلىشى كېرەكلىكى تەيىنلەندى. ئەلۋەتتە بۇ ئىشلار ئاخىر ئىسلام مەملىكىتىگە ئايلاندۇرۇلغان بۇخارا ئۈچۈن، باشقا ئىسلام مۇستەملىكىلىرىدە قوللىنىلغان سىياسىي تەدبىرلەرگە ئوخشاش ئېغىر ئىدى. لېكىن، ئىسلامنى تارقىتىش يولىدىكى بەزىبىر سىرلىق ئۇسۇللارنى مەغرۇر بۇخارالىقلار چوڭقۇر ھېس قىلىشتى، ئەرەبلەرگە مەلۇم بولۇشىچە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ئىككىلەنگۈچى كىشىلەر يوشۇرۇن ھالدا كونا مەبۇدلىرىغا ھامان ئىبادەت قىلىپ تۇرۇشقان. شۇ سەۋەبتىن ھەربىر بۇخارالىققا ئۆز ھويلىسىنىڭ يېرىمىنى ئەرەبلەرگە بېرىش بۇيرۇلغانىدى. ئۇ ئەرەبلەر ئۆي ئىگىلىرىگە ئىسلام شەرىئەتلىرىدىن تەلىم بەردى ھەم ئۇلارنىڭ ئىسلام ئىبادەتلىرىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرۇشتى. ئەگەر ئۇلار ئىسيان كۆتۈرۈش ئەھۋاللىرىنى سىزىپ قالسا دەرھال ئەرەب مەمۇرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ چاقار ئىدى. جۈمە كۈنى قۇتەيبە مەسچىتىگە نامازغا كەلگەن كىشىلەرگە ئىككى دىرھەمدىن مۇكاپات تارقىتاتتى. رېگىستاندا بىنا قىلىنغان بۇ مەسچىتتە قىيام، رۇكۇ، سەجدىلەر ئەركانى ئىبادەتكە، يەنى ئىمامغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلاتتى. ئىبادەت دۇئالىرى، قۇرئان ئايەتلىرى ئەرەبچە ھەتتا پارسچە ئوقۇلاتتى. كونا دىن تەرەپدارلىرى ئۆزلىرىگە تېڭىلغان دىنغا بىرقانچە ۋاقىتقىچە قارشى تۇرۇشتى. مۇشۇ زامانغا ئائىت ئەيىبلىگۈچى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇخارا مۇسۇلمانلىرى ئون يىل مابەينىدە مەسچىتكە بارغاندا يانلىرىغا قورال ئېلىپ يۈرۈشكەن. يەرلىك خەلقلەرگە بولسا ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقان بولسىمۇ، قورال ئېلىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمىغان. ئىككى ئارىدا پات – پات كېلىشمەسلىكلەر چىقىپ تۇرغان. بەزى مەنبەلەردە بۇخارانىڭ سەھرالىقلىرى كۆپرەك قارشىلىق قىلغانلىقلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇلار مەسچىتكە تەكلىپ قىلىنغاندا تاش بىلەن جاۋاب بېرىشكەن. بۇ مۇئامىلە ئەرەبلەرنى غەزەپلەندۈرگەن شۇ سەۋەبتىن ئۇلار سەھرالارغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىپ مال – مۈلۈكلىرىنى تالان – تاراج قىلىشقان. ئۆيلىرىدىكى ئەسۋاب – ئۈسكۈنىلىرىنى مەسچىتلەرنى تەمىنلەشكە ئېلىپ كېتىشكەن. نارشاھىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە مەسچىتلەرنىڭ ئىشىكلىرى تۈرلۈك رەسىملەر ۋە بۇتلار بىلەن زىننەتلەنگەن. بۇنىڭدىنمۇ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى بۇ تەسۋىرلەر بۇ ئىشلار سۈنني مۇسۇلمانلىرىغا تەشۋىش سېلىپ، ئۈچيۈز يىلغىچە داۋاملاشقان. يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەدبىرلەر كۈتكەندەك نەتىجە بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇخارا شەھىرىنى يەرلىك ئاھالىنىڭ قولىدىن پۈتۈنلەي تارتىۋېلىپ، ئۇنى ئەرەبلەر ئۆزئارا بۆلۈشۈۋېلىپ باشقۇرۇشقان. شەھەرنىڭ دەرئەتتاران بىلەن قەلئەدە دەرۋازىسىنىڭ ئارىلىقى ناسرىلارغا، ئىككىنچى قىسمى — يەمەنىيلارگە بېرىلگەن. باشقىلارغا بولسا قەلئەنىڭ تاشقىرىدىن ئورۇن بېرىلگەن. مەسچىت سۈپىتىدە قايتا قۇرۇلغان ناسارا كالساسى (چىركاۋى) مۇشۇ يەردە بولغان. ئەرەبلەر سەمەرقەنددىمۇ ئەلگە نىسبەتەن ئاشۇنداق شىددەت بىلەن مۇئامىلە قىلدى. بۇ يەردىمۇ خەلقنى ئۆزىنىڭ قورال – ئەسلىھەلىرىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. تەبەرىينىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ئەجنەبىيلەر ھەم سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ قوللىرىنى مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھۈرلەپ قويىدىغان بولۇشقان. كېچىدە رۇخسەتسىز چىققان كىشىلەرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. قۇتەيبە توغرۇلۇق سۆزلەيدىغان بولساق، ئۇ بۇخارادا يېڭى تەرتىپلەرنىڭ قاتتىق ئۆزلىشىشىنى كۈتۈپ تۇرماي، شەرقنى ئىستېلاھ قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ھىجرىيە 93 (مىلادىيە 711) – يىلى فەرغانىغا، ھازىرقى قوقەند خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىگىلىدى. قەدىمكى يول بىلەن چوڭقۇر كېچىكتىن ئۆتۈپ، تۈركىستاننىڭ شەرقىگە بىزنىڭ ئېيتىشىمىزچە تۈركىستان چىنىغا سەپەر قىلدى. بۇ يەردە كىچىك ئۇيغۇر خانلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ ئۇلار ئۈستىدىن ئاسانلا غەلىبە قازاندى. گەرچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شىمالىي جۇڭغارىيىدىن قالماق ئەسكەرلىرىنى ياردەمگە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ قۇتەيبەگە قارشى تۇرالمىدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئەرەبلەر خەنزۇ ۋىلايەتلىرىگىچە ھۇجۇم قوزغىغان. قەشقەر، خوتەن، تۇرپانلاردا ئەرەب پەيغەمبىرىنىڭ تەلىماتى خېلى كېچىكىپ تارقالغان. بۇددا ۋە نەسرانىيەت نەچچە ئەسىرلەردىن كېيىنمۇ ئىسلامىيەت بىلەن تەڭ ھالدىكى ئۆز قوۋملىرىنى تاپالمىغان. ئەمما، شۇنىسى ھەقىقەتكى تۈركىستاننىڭ شەرقىدىكى ئاھالە ئەرەبلەرنىڭ بىرىنچى پەيدا بولغان دەۋرىدە تەڭرىتاغلىرى ئەتراپى بۇددا ئۇگىسى بولغان ئەسىردە يۇقىرىدا ئېيتىلغان شەھەرلەردە ئىسلامنى قوبۇل قىلدۇرغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگەنىدى. ئىسلامنىڭ شەرقتە ئەڭ ئاخىرقى سەردى (چېگرىسى) بولغان بۇ يەردىن قۇتەيبە پەرغانە ئارقىلىق مەرۋىگە كەتتى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا خەلىپە ۋەلىدنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر سەۋەب بولدى. ئۇنىڭ يېڭى خەلىپە سۇلايمان بىن ئابدۇلمەلىكتىن خەۋپسىرىشىگە ئاساسى بار ئىدى. ئۇ خەلىپىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆز تەدبىرىنى كۆرۈشكە نىيەت قىلدى ھەم ئاشكارا ھالدا ئىسيان كۆتۈردى. دەرۋەقە بۇ ئىشقا قۇتەيبە ئىشەنچلىك بىلەن كىرىشەلمىدى. لېكىن، يېڭى خەلىپىگە بوي سۇنۇشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن چۈشەندىكى خۇراساننىڭ بەختلىك ئەمىرى بىلەن ئاشكارا ئۇرۇش قىلىش ئورنىغا، ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى مەخپىي ھالدا تەييارلاش ئىشى بىلەن شۇغۇللاندى. قۇتەيبە بۇ ئىشقا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلدى. خەلىپىگە ئۇنىڭ ئىسيانىنى مەلۇم قىلغۇچى ئەلچىگە بۇ خەۋەردىن تاشقىرىقى ئىككى مەكتۇپ ئەۋەتتى. بىرىنچى مەكتۇپتا سۇلايمانغا ئىتائەت قىلىشقا قارشىلىق بىلدۈرۈلدى. ئىككىنچى مەكتۇپتا يەزىد بىن مەھلەپنى ھاقارەتلەپ، ئەگەر ئۇنى خۇراسانغا ئەمىر قىلىپ بەلگىلەنسە ئىسيان كۆتۈرىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. قۇتەيبە يەزىد بىن مەھلەپنى ئۆزىگە قارىتا رەقىب ھېسابلاپ، ئۇنىڭدىن بەكمۇ قورقاتتى. يەزىدنىڭ ھەر دائىم خەلىپىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ قۇتەيبە ئەلچىگە بۇيرۇپ: «ئالدى بىلەن خەلىپىگە بىرىنچى مەكتۇپنى تاپشۇرغىن، ئەگەردە مەكتۇپنى ئىبن مەھلەپكە بەرسە، ئىككىنچى مەكتۇپنى تاپشۇرغىن، يەزىد ئۇنى ئوقۇسا، شۇ ھامان ئۈچىنچى مەكتۇپنى بەرگىن». ئەلچى خەلىپىنىڭ ھۇزۇرىدا ئىبن مەھلەپنى كۆردى ۋە بۇيرۇق بويىچە ھەرىكەت قىلدى. سۇلايمان ھېچ ئىش بولمىغاندەك سۈكۈت قىلىپ، ئەلچىنى ھۆرمەت بىلەن كۆزەتتى. ئەلچى قايتىپ كەلمەستىن بۇرۇن قۇتەيبە ئىشنىڭ نەتىجىسىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقانلىقتىن ئىسيان ئېلان قىلدى. لېكىن، قۇتەيبە ئۆزىگە شانلىق غەلىبىلەرنى كەلتۈرۈپ بېرىپ، نۇرغۇن بايلىق توپلاپ بەرگەن ئەسكەرلىرى ئۈستىدە خاتالاشتى. ئەگەر ئۇ ئۆز بۇرادىرى ئابدۇراخماننىڭ مەسلىھەتىگە ئاساسەن ماۋەرائۇننەھرىگە كېتىپ، مۇستەقىل پادىشاھلىق قۇرغان بولسا، بۇ جايلاردا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان خوتۇنپەرەستلىك ماجىرالىرىدىن پايدىلىنىپ ئەلۋەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولاتتى. قۇتەيبە بولسا ئۆز ئەسكەرلىرىگە ئىشىنىپ مەرۋىدە تۇرۇپ قالدى. ئېغىر شارائىتتا ئۇ ئەسكەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خۇراسان ئەمىرلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، خەلىپە زامانىدىكى تەرتىپسىزلىكلەر ۋە بەختسىزلىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلەرگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ناھايىتى قاششاق ھالدا ئىكەنلىكى كېيىن ئىران ۋە تۇران خانلىقلىرىنىڭ خەزىنىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ باي بولۇپ كەتكەنلىكلىرىنى سۆزلىدى. ئۇنىڭ قىلغان ۋەز – نەسىھەتلىرى نەتىجە بەرمىدى. ۋەقىئ بىن ئەبۇ ئەسۋەت ھەمدە ھىيان بىن ئىياس رەئىسلىكىدىكى ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان قىلىش ھەرىكىتىنى تىزلەشتۈردى، خالاس. ئۇ ئۆزىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلۈشىنى بىلگەندىن كېيىن، ھىياننى ئۆلتۈرۈشكە قارار قىلدى. لېكىن، شۇ ھامان ھەممىسى ئۇنىڭغا قارشى ھۇجۇم قوزغىدى. نەتىجىدە ناھايىتى چوڭ ئېلىشىشلاردىن كېيىن ئۇنى ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن، ئۇنىڭغا سادىق ۋە ساراينى ھىمايە قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى، قەتل قىلىندى. ئىسلام دىنى ئۈچۈن يىراق شەرقتە ناھايىتى زور ۋە كۈچلۈك مەملىكەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن، زەرش دىنىگە (قۇدۇسسىيە ۋە نەھراندىكى جاراھەتلەر بەدىلىگە) ئەڭ ئاخىرقى زەربىنى بەرگەن، بۇ يەرلەردە ئىسلامنى يەرلەشتۈرگەن بىر مۇجاھىد ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن تونۇلغان ھاياتىنى قىرق يەتتە يېشىدا ھىجرىيە 98 (مىلادىيە 714) – يىلى قەمەرىيە يىلىنىڭ 12 – ئېيىدا شۇ تەرىقىدە ئاياغلاشتۇردى.

داۋامى بار.

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 15:50:44

.....قۇتەيبە توغرۇلۇق سۆزلەيدىغان بولساق، ئۇ بۇخارادا يېڭى تەرتىپلەرنىڭ قاتتىق ئۆزلىشىشىنى كۈتۈپ تۇرماي، شەرقنى ئىستېلاھ قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ھىجرىيە 93 (مىلادىيە 711) – يىلى فەرغانىغا، ھازىرقى قوقەند خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىگىلىدى. قەدىمكى يول بىلەن چوڭقۇر كېچىكتىن ئۆتۈپ، تۈركىستاننىڭ شەرقىگە بىزنىڭ ئېيتىشىمىزچە تۈركىستان چىنىغا سەپەر قىلدى. بۇ يەردە كىچىك ئۇيغۇر خانلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ ئۇلار ئۈستىدىن ئاسانلا غەلىبە قازاندى. گەرچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شىمالىي جۇڭغارىيىدىن قالماق ئەسكەرلىرىنى ياردەمگە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ قۇتەيبەگە قارشى تۇرالمىدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئەرەبلەر خەنزۇ ۋىلايەتلىرىگىچە ھۇجۇم قوزغىغان. قەشقەر، خوتەن، تۇرپانلاردا ئەرەب پەيغەمبىرىنىڭ تەلىماتى خېلى كېچىكىپ تارقالغان. بۇددا ۋە نەسرانىيەت نەچچە ئەسىرلەردىن كېيىنمۇ ئىسلامىيەت بىلەن تەڭ ھالدىكى ئۆز قوۋملىرىنى تاپالمىغان. ئەمما، شۇنىسى ھەقىقەتكى تۈركىستاننىڭ شەرقىدىكى ئاھالە ئەرەبلەرنىڭ بىرىنچى پەيدا بولغان دەۋرىدە تەڭرىتاغلىرى ئەتراپى بۇددا ئۇگىسى بولغان ئەسىردە يۇقىرىدا ئېيتىلغان شەھەرلەردە ئىسلامنى قوبۇل قىلدۇرغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگەنىدى. ئىسلامنىڭ شەرقتە ئەڭ ئاخىرقى سەردى (چېگرىسى) بولغان بۇ يەردىن قۇتەيبە پەرغانە ئارقىلىق مەرۋىگە كەتتى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا خەلىپە ۋەلىدنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر سەۋەب بولدى.....

++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

بۇ يەردە ئېيتىلغان جۇڭغارىيەدىكى قالماق ئەسكەرلەر كىملەرنى كۆرسىتىدىغاندۇ؟  كۆك تۈركلەر؟ قارلۇقلار؟ تۈركەشلەر؟...

قۇتەيبەنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن كىرمىگەنلىكى توغۇرلۇق ئېنىق بىر مەلۇمات يوققۇ دەيمەن. «يىپەك يولىدىكى 99 سىر» دىگەن كىتاپتا شۇنداق بىر يەرلەرنى ئوقىغاندەك  يادىمدا.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 16:30:34

ئالدىرماي بىر ئوقاي بۇنى.......

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 19:25:29

خەتكۈچ

qomushchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 12:37:48

بۇلاق جورنىلىدا ئىلان قىلىنغانتى بىر چاغدا.

تارىخى چىنلىق  ئازدەك كۈرۈندى.

ۋامبىرى قاچان ياشىغان ئەدەمكەن؟

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 17:34:54

داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 20:14:02

6- قەۋەتتىكى tarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1200- يىللاردىن بۇرۇن 7-8 يۈز يىللاردا قالماق ،موڭغۇل نىمە قىلىدۇ يەرشارىدا .

چىڭگىزخان  موغۇل بولمىغان بولسا،  موڭغۇل  دىگەن  نام بىر مىللەت دەرىجىسىگە ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە بىر ئىرق  دەرىجىىسگە  كۆتىرىلىپ قالمايتى .


مۇشۇنداق تارىخچىلار  موڭغۇلنى  تۈرك  قەۋمىدىن  ئايرىپ بىر مىللەت  ، ئاخىرىدا بىر ئىرققا ئايلاندۇرۇپ قويدى .


بابۇرخاننىڭ كىتابىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندىمۇ شۇ كىتابلاردىمۇ ئۆز ئەينەنلىكنى ساقلاپ قالمىدىمۇ ئەيتاۋۇر ،

1400 -1500 يىللاردا مۇھەممەد ئۆزبېكخان ئۆزىنى خان دەپ جاكارلاپ ، پۈتۈن قەۋمنى ئۆزبېك دەپ ئاتىماستىن ئىلگىرىمۇ شۇ يەردە ئۆزبېك مەۋجۇتتەك ، كىتابتا ئۆزبېك بايانلىرى بەك كۆپكەن .

شۇ كىتابنىڭمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىدىكى ئاشۇ ناملار تەرجىمان تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدىمۇ ئەيتاۋۇر ، كىتابنىڭ شۇ يەرلىرىدىن سەل رازى بولماي ئوقىۋەتكەنتىم . ماۋۇ ماقالىمۇ شۇنداقكەن .



ئۆزبېك دېگەن نام مۇھەممەد شەيبانىخاندىن ئىلگىرىمۇ بار. ئۆزبېك دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇسۇلمان تارىخچىلار مۇھەممەد شەيبانىخاننىڭ ئەجدادى يەنى ئالتۇن ئوردا خانى ئۆزبېكخاننىڭ (1312-يىلىدىن 1340-يىلىغىچە خان بولغان) نامىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ. بۇ يەردىكى ئۆزبېكلەر دېگەن ئۆزبېك خاننىڭ پۇقرالىرى دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئۆزبېك مىللىتىنى كۆرسەتمەيدۇ.


\"بابۇرنامە\" نى چاغاتايچىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىغا ئۆرۈشتە مەسىلە يوق. كىتابتا ئەينى شۇنداق.




بەت: [1]
: بۇخارا ياكى ماۋەرائۇننەھر تارىخى