wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 22:28:21

قوشماق ئوغولغا ئىسىم تەۋسىيە قىلساڭلار

     ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار ،ئاكامنىڭ ئايالى قوشماق ئوغول يەڭگىگەن ئىدى ،شۇلارغا ئىسىم ئىزدەي دەپ بۇ تېمىنى يېزىشىم ،ئاكامنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى "ئېھسان "،ئىدى ئۆز ئىسمى سالاھىددىن ،تورداشلىرىمنىڭ دوستانە ھالدا  مەنىلىك ئىسىم تەۋسىيە قىلىشىنى ئۆتۈنىمەن .


kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 22:36:20

مۇبارەك بولسۇن.

ئىرپان بىلەن ئېكرام دىگەن ئىسىمنى ئويلىشىپ باقسىمۇ بولىدۇ.

ghaliba يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 22:57:12

چىدىماسلىق قىلماي دەپ بېرەي. ئەڭ ياخشى ئىسىملار. ئابدۇللا، ئابدۇراخمان. ئىسىم جەھەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىنلىشىش مۇشۇ ئىككى ئىسىم. ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھتائالانىڭ 99 ئىسىملىرىدىن  تاللاپ قويىۋەسۇن. ئابدۇراززاق، ئابدۇبەسىر،ئابدۇرېھىملەرنى ئويلۇشۇپ بېقىڭ.

2378 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 22:59:44

مۇبارەك بولسۇن.

ھەسەن، ھۈسەن

قاينام، تاشقىن

ئەيسا، مۇسا

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 23:12:44

ئۆتكۈر، سەزگۈر؛

ھەسەن، ھۈسەن؛

ئەكبەر(چوڭىغا)، ئەسقەر(كىچىكىگە)، ئەزھەر، ئەنۋەر؛

نەجمىدىن (دىننىڭ يۇلتۇزى مەنىسىدە)، نەجىبىدىن (دىننىڭ پاك كىشىسى)؛

ئىسمەتۇللاھ (ئاللاھنىڭ پاك بەندىسى)، ئەمرۇللاھ (ئاللاھنىڭ ئەمرى)؛



ئىلتەرىش، ئىلتەبىر؛

ئەركئوغۇز، ئەركتېكىن؛

ئۇيغۇرزات، ئۇيغۇرشات؛



  بۇلار مەن ياقتۇرىدىغان ئىسىملار ئىدى، يەنە ئويلاپ باقاي...

birdil يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 23:28:51

مۇستەقىل-مۇستافا

ھىدايەت-ھۆرلۈك

سەبىر-سەيدۇللاھ

ھىدايىتۇللاھ-ھىجرەت

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 23:32:33

قابىل،ھابىل.

ئىلشات،دىلشات

مىرزات،شىرزات

مىرئەلى،شىرئەلى

مەۋلان،جەۋلان،جەسۇر،

ئۆركەش،دىلكەش............  بەك كۆپكەن،ياقتۇرسىڭىز ئويلىشىپ بېقىڭ!

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 23:56:54

ئىلتەبىر، دىلكەبىر

تۈركان، بىلكان

ئېرشات، شىرزات

ئەلقۇت، ئەليار

دانىيار، دانىيال

شىرئەلى، نۇرئەلى

سادىر، زاھىر

....

222ttt يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 00:25:18

جۈرئەت -تەلئەت .  {:92:}    {:92:}

yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 00:27:00

ئەلقۇت -نۇرقۇت ماۋۇچۇ؟؟

dumqak يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 00:27:34

ھەسەن ، ھۈسەيىن .



ئابدۇخەبەر ، ئابدۇلئەھەد . (  نەۋرە ئىنىمنىڭ قوشكىزەك باللىرىغا بۇ ئىسىمنى ئۈزۈم تاللىغان  \"\" )

ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 07:13:30

ئۆزەم كىچىك بولساممۇ كىيىنچە قوشكىزەك بالام بولسا قۇيىمەن دەپ تاللاپ قويغان  ئىسىم ئىدى. سىزگە دەپ بىرەي.

شىرئەلى ،نۇر ئەلى.

ئاددى ،يىقىشلىق ،ئىغىزغا ئاسان ،مەنىسى ياخشى.

laysu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 07:14:45

سادىر-سابىر

ھەسەن؛ھۈسەن

ئەسئەت؛ئەسمەت

سالام-سائەت

ئەمەت-مەمەت

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 07:24:08

4- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆتكۈر، سەزگۈر؛

ھەسەن، ھۈسەن؛

ئەكبەر(چوڭىغا)، ئەسقەر(كىچىكىگە)، ئەزھەر، ئەنۋەر؛

بۇلار مەن ياقتۇرىدىغان ئىسىملار ئىدى، يەنە ئويلاپ باقاي...




ئەكبەر دەپ ئىسىم قويسىمۇ بولامدا ؟


=============================================


ئاكىسى ئېھسان بولغاندىكىن بىرىنىڭ ئىسمىنى ئېھساق قويىلى . يەنە بىرىنى ئۆزىڭىز ئويلۇشۇڭ !

hvsniya يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 07:25:54

ئىھسانغا مەنىداش مۇھسىن، ئاندىن مۇئمىن بولسا قانداق.

karkat يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 07:29:03

مەن دىگدەك ئىسىم قالمىدىمۇ  نىمە ....

ئەمدى  كىرگەنلە داقىراتما  .شاقىراتما  دىمسە بولاتتىغۇ..........  {:90:}

danix2 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 08:09:57

قۇتلۇق -تۇغلۇق

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 08:10:20

قوياش بەگ

ئۇلۇغبەگ

laysu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 08:14:35

كۆك ۋە دېڭىز

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 08:52:35

16- قەۋەتتىكى danix2نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قۇتلۇق -تۇغلۇق

\"\" مۇيناق ئىسىم ماۋۇلار، مەن دېمەكچى بولغاننى دەپتۇ بۇ توردىشىمىز.


مۇبارەك بولسۇن، قوشماق جىيەنلىك بولۇپتىلا! ئۇرۇغ-تۇغقان ھەممەيلەنگە بەختىيارلىق يار بولسۇن!

بەت: [1] 2 3 4
: قوشماق ئوغولغا ئىسىم تەۋسىيە قىلساڭلار