Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 16:19:57

تەسىرلىك يۇمۇرلار

تەسىرلىك يۇمۇرلار



روھىي كېسەل



مەلۇم بىر كۈنى ئىككى روھىي كېسەل ۋېلسىپىتكە مىنىپ دوختۇرخانىغا قايتا كۆرۈنگىلى بارماقچى بولۇشۇپتۇ .


يولغا چىقىش ئالدىدا A تۇيۇقسىز ۋېلسىپىتنىڭ يېلىنى قويىۋېتىپتۇ .


« سەن نىمە قىلىسەن ؟ » دەپ سوراپتۇ B .


A : « چۈنكى پېدالىغا پۇتۇم يەتمەي دەسسىيەلمەيدىكەنمەن ، يېلىنى چىقىرىۋەتسەم دەسسىيەلەيمەن » دەپتۇ B غا .


بۇ چاغدا B دەرھال ۋېلسىپىتتىن چۈشۈپ ، ئىگىرىنى چىقىرىۋېتىپ ئېگىزلىكىنى تەڭشەپتۇ .


سەن : « يەنە نىمە قىلماقچى ؟ » سوراپتۇ A .


B : « ئەگەر سەن بۇنداق ئەخمىقانە ئىش قىلىدىغان بولساڭ ، مەن ئۆيگە قايتىپ كېتىمەن » دەپتۇ .




ساقچى بىلەن جىنايەتچى



بىر ساقچى جىنايەتچىنى يالاپ تۈرمىگە ئەكېتىۋاتقاندا ، تۇيۇقسىز شامال چىقىپ شەپكىسىنى ئۇچۇرۇۋېتىپتۇ .


« مەن شەپكىڭىزنى ئەكېلىپ بېرەيمۇ ؟ » دەپتۇ جىنايەتچى .


« سەن مېنى ئەخمەق كۆرۈپ قالدىڭما ؟ جايىڭدا جىم تۇر ، ئۆزەم بېرىپ ئەكېلىمەن » دەپتۇ ساقچى .




سېھىرگەر



بىر سېھىرگەر دائىم پاراخوتتا سېھىرگەرلىك قىلغاندا ، ئۇنىڭ شاتۇتى سىرىنى ئاشكارىلىۋېتىدىكەن ، بىر كۈنى سېھىرگەر سېھىرگەرلىك قىلىۋاتقاندا پاراخوت خادا تاشقا سوقۇلۇپ دېڭىزغا غەرق بولۇپ كېتىپتۇ ، سېھىرگەر بىلەن شاتۇتى ئۈچ كۈنگىچە بىر ياغاچ تاختاينىڭ ئۈستىدە تۇرۇپتۇ ـ دە ، شاتۇتى ئۇنىڭغا : « ئاكا ، مەن ئاخىرى يەڭدىم ، پاراخوتنى يوق قىلىۋەتتىم » دەپتۇ .




سودىنى تارتىش



بىر ئايروپىلان ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا ئېغىر كاشىلا كۆرۈلۈپتۇ ، ئايروپىلان باشلىقى رادىئو بىلەن بارلىق مېھمانلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ جىددىي تۈردە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋېلىشنى ، قونۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ .


ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن ئايروپىلان باشلىقى يەنە رادىئو ئارقىلىق مۇلازىمەتچىلەر باشلىقىدىن ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىغان ـ تاقىمىغانلىقىنى سوراپتۇ .


« كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تاقىدى لېكىن بىر ئادۋوكات ئىسىم كارتوچكىسىنى تارقىتىۋاتىدۇ » دەپتۇ مۇلازىمەتچىلەر باشلىقى .




باھانە



دادىسى : « پېت سەن بۈگۈن مەكتەپكە بارما ، ئاخشام ئاپاڭ ساڭا ئىككى ئۇكا تۇغۇپ بەردى ، مۇئەللىمىڭ سورىسا شۇنى دەپ قويساڭ بولىدۇ » دەپتۇ .


ئوغلى : « دادا ئەتە بىرنى تۇغقىنىنىلا ئېيتايچۇ ، يەنە بىرىنى كېلەر ھەپتە مەكتەپكە بارغۇم كەلمىگەندە ئېيتاي » دەپتۇ .




تۇماندىن پەخەس بولۇڭ



بىر شوپۇر قاتتىق تۇمانلىق بىر كۈنى كەچتە كېتىۋېتىپ ، يول ياقىسىدا تۇرغان ئېگىز بىر تۈۋرۈكتىكى كۆرسىتىش بەلگىسىنى كۆرۈپتۇ لېكىن تۇمان بەك قويۇق بولغاچقا نىمە يېزىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرەلمەي ، تۈۋرۈككە يامىشىپ چىقىپ كۆرمەكچى بوپتۇ .


شوپۇر ناھايتى تەسلىكتە تۇۋرۈككە يامىشىپ چىقىپ قارىسا « تۇماندىن پەخەس بولۇڭ ! » دېگەن خەتلەر ئىكەن .




ۋاقىتلىق كارۋاتتىكى پىراكتىكا



دوختۇرخانا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ، يېڭىدىن كەلگەن پىراكتىكانت دوختۇرلارغا : « سەل تۇرۇپ سىلەرنى باشلاپ بىمارلارنى كۆزدىن كەچۈرگىلى بارىمەن ، سىلەر بىمارلارنىڭ قانداق كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار بېشىڭلارنى لىڭىشتىڭلار ، ئەگەر بىلمىسەڭلار بېشىڭلارنى چايقاڭلار » دەپتۇ .


مۇدىر پىراكتىكانت دوختۇرلارنى باشلاپ كېسەلخانىغا كىرىپتۇ ، بىرىنچى پىراكتىكانت دوختۇر بىمارنى كۆرۈپ بېشىنى چايقاپ چىقىپ كېتىپتۇ ، يەنە بىر پىراكتىكانت دوختۇرمۇ بىمارنى كۆرۈپلا بېشىنى چايقىغىنىچە چىقىپ كېتىپتۇ . مۇدىر ئەپسۇسلىنىپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقاندا ھېلىقى بىمار كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ : « دوختۇر مېنى قۇتقۇزۋېلىڭ ! مېنىڭ ئۆلگۈم يوق » دەپ يىغلاپ كېتىپتۇ .




ئارزۇگۈل خوجا تەرجىمىسى

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 09:39:38

بىرىنچىسىنى چۈشۈنەلمىدىم ،

باشقىلىرى يامان ئەمەسكەن.

xahrizaman يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 16:25:13

قىززىقكەن   \"\"\"\"\"\"

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 21:46:32

تەسىرلىك كۈلۈپ قويدۇم .

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 21:48:45

3- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەسىرلىك كۈلۈپ قويدۇم .

...خۇش ھال كۈلۈپ قويدۇڭما؟\"\"

bariber يوللانغان ۋاقتى 2012-3-29 14:20:21

3- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەسىرلىك كۈلۈپ قويدۇم .



بۇمۇ يۇمۇركەنغۇ.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-29 17:36:24

تېمىسنى قالتىس قۇيۇپسىز‹‹ تەسىرلىك يۇمۇر››.كۆڭلۈمنى يېرىم ھالەتكە تەڭشۋېلىپ ئاندىن ئوقۇدۇم.

Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-29 20:18:55

ئۆزەڭ بىلىسەن







قېنىق گىرىم قىلىۋالغان بىر ئايال ئىشقا بېرىش يولىدا ئەرمەك ھايۋانلارنى ساتىدىغان دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. تۇيۇقسىز دۇكاندىكى شاتۇتى ئۇ ئايالغا : «ھەي ئايال، سەن نېمىدىگەن سەت؟ » دەپتۇ. ئايال قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. لېكىن ئىشقا بارىدىغان ۋاقىت توشاي دەپ قالغاچقا، گەپ قىلماي كېتىپ قاپتۇ.



ئىشتىن چۈشۈپ قايتىشىدا، ئۇ ئايال يەنە ھېلىقى دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا، شاتۇتىنىڭ: «ھەي ئايال، سەن نېمىدىگەن سەت؟!» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئاچچىقىنى باسالماي دۇكانغا ئېتىلىپ كىرىپ، دۇكاننىڭ خوجايىنىنى ئىزلەپ ئۇنىڭغا شاتۇتىنىڭ يەنە شۇنداق دېسە ئەمدى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىر مۇنچە خاپا بولۇپ كېتىپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ ئەمدى ئۇنداق دېگۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا ساپتۇ.



ئىككىنچى كۈنى ئايال دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا ، شاتۇتى ئۇنىڭغا قاراپ: « ھەي ئايال ، …» دەپتۇ .



ئايال شاتۇتىغا قاراپ : «ھە نىمە ئىش ؟» دەپتىكەن.



شاتۇتى ئۇنىڭغا: « ئۆزەڭ بىلىسەن!» دەپتۇ.







ئارزىگۈل خوجا تەرجىمىسى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 21:21:41

{:92:}

Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 08:11:35

ئانىنىڭ تەسەللىيسى







بىر ئوغۇل بالا يىغلاپ تۇرۇپ ئانىسىغا: «سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى مېنى يوغانباش دەپ زاڭلىق قىلىشىدۇ ، ئېيتىڭە نېمىشقا بېشىم بۇنداق يوغان ؟ » دەپتۇ.



ئانىسى ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ: «ئۇلارنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا قۇلاق سالما. سېنىڭ بېشىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن چىرايلىق. بولدى يىغلىما، ماگزىنغا بېرىپ بەش كلوگرام گۈرۈچ ئەپكەل» دەپتۇ.



بالا: «گۈرۈچ ئالىدىغان خالتا قەيەردە ؟» دەپ سوراپتۇ.



ئانىسى: «خالتىنى نىمە قىلىسەن؟ بۆكۈڭگە ئەكەلسەڭ بولىدۇ » دەپتۇ.







سەرەڭگە ياندۇرۇش







بىر ئەر ئايالىنىڭ قەبرە تېشىغا: «سىز كېتىپ، بۇ دۇنيا ماڭا قاراڭغۇ كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى» دەپ يېزىپتۇ.



ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە بىر خوتۇن ئاپتۇ ـ دە ، ئىلگىرىكى ئايالىنىڭ قەبرە تېشىغا: «بىراق مەن يەنە سەرەڭگە ياندۇرۇۋالدىم» دەپ يېزىپتۇ.





ئارزۇگۈل خوجا تەرجىمىسى

Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 09:31:30

بۇ يۇمۇرلانىڭ ئىچىدە «ئۆزۈڭ بىلىسەن» دېگىنىلا قىزىقارلىق. باشقىلرى ئادەتتىكىچە. بۇ بىر يۇمۇر بارلىق يۇمۇرلارنىڭ تەسىرلىك بولۇپ قېلىشىدەك رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇڭا يەنىلا «تەسىرلىك يۇمۇرلار» دېيىلدى. \"\"

karikat يوللانغان ۋاقتى 2012-3-31 22:49:15

ئۆزەڭ بىلىسەن نى ئوقۇپ، كۈلگىنىمدىن كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى.\"\"
بەت: [1]
: تەسىرلىك يۇمۇرلار