Batush يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 13:55:17

قۇرۇق پاراڭلار

ئاغىنىلىرىمگە دەپ قويماڭلا ھە....

1

-ئاداش ، بىر ئىشقا ئەجەب ئەقلىم ھەيران ، مەن چوڭ تەرەت قىلىپ بولۇپ جىڭغا چۈشسەم ئېغىرلىقىم يەنىلا 75كىلو تۇرىدىغۇ ؟

-ئاداش پۇتۇڭغا ئولتۇرۇپ قويمىغانسەن ھە؟!....

2

-ئاداش ، سوغۇقۇڭ ئېشىپ قالدىمۇ نىمە ؟

-قانداق دەيسەن ؟

- پۇتۇڭ پۇراپ قاپتۇ ،شۇڭا دەيمەنا ….

3

-ئاداش ، بىر ھەپتە بولدى ،كۆرۈنمەيسەنغۇ ؟

-شۇ ، ئالدىنقى ھەپتە پۇتۇمنى ئت چىشلىۋىلىپ ….

-نېمە بولدى ، ئىتنىڭ سۆڭىكىنى ئاپقاچقانما ؟ قۇيرۇقىغا دەسسەپ سالغانمۇ يا ؟

-نەدىكىنى، شۇ ئىتنىڭ ھاۋشىشىنى دوراپ كوچىدا كېتىۋاتسام ، بىر يوغان يولۋاستەك ئىت ئارقىمدىن كېلىپلام پارچىقىمدىن ئالدى…

-ھە… ئەسلىدە ئىتنى بىلىپ بىلمەي تىللاپ ساپتىكەنسەن دە ….

4

-ئاداش، تورغا چىقىشنى بىلەمسەن ؟ مېنىڭ ماۋۇ كومپىيۇتېرىمدا ھىچ تورغا چىقالمىدىم …

-يېڭى ئالغان كومپىيۇتېرمىدى ؟

-ھەئە.

-توختا ،مەن قاراپ باقاي ، مانا دېمىدىممۇ ، كومپيۇتېر ئالغاندا مېنى چاقىرغىن ، مەن تاللىشىپ بېرەي دېسەم ئۇنىمايسەن ، قارا ، سېنىڭ كومپىيۇتېرىڭدا IE دېگەن تورغا چىقىش كۇنۇپكىسى يوقكەن، ئىشەنمىسەڭ كومپىيۇتېرىڭنىڭ ئىكرانىغا قارا ، مانا كۆردۈڭمۇ ، مېنىڭ كومپىيۇتېرىمنىڭ مۇشۇ كۇنۇپكىسى ئارتۇقمىكەن ؟ شۇڭا دىققەت قىلغۇلۇقتى….

5

-ھەي بىردەم چىداپ  ئوسۇرمىساڭ ئۆلەمسەن!؟سىرتقا چىقىپ ئوسۇرۇپ كىرسەڭ بولمامدۇ ؟! ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ!...

- بىز نەدە ھازىر بىلەمسەن ؟ بىز دېگەن جوڭگودا ياشاۋاتىمىز ، دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ھەممە ئىشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش دېگەن گېپىنى ئاڭلىمىغانما ؟ مەن پەقەتلا شۇ ئەمەلىيەتكە يۈزلەندىم شۇ ، ئوسۇرغۇم كەلدى،ئوسۇردۇم، قەيىرى يامان ؟….

6

-ئاداش تاماكا چىكەمسەن ؟

-ياق ، ئەمدى چەكمەيمەن ، ئاران تاشلىۋالدىم .

- قانچىلىك بولدى چەكمىگىلى ؟

-ئازكەم بىر يىرىم ئاي بولاي دېدى .

-ياخشى بوپتۇ ئاداش، ھەنىم بولسا تاشلىۋاپسەن ، مېنىڭ تاماكامغىمۇ زىيان ئۇرمايدىغان بوپسەن .بولمىغان بولسا بىر تال چېكىپ قوياتتىڭ ھە.

بىر سائەتتىن كېيىن …

-ئاداش تاماكا چىكەمسەن ؟ ئاپلا ،كەچۈرگىن ،ئۇنتۇپ قاپتىمەن سەن راست تاماكىنى تاشلىغانىدىڭ .

-ھېچقىسى يوق، ئەمما مۇنداق بەك زورلاپ تۇرۇۋالساڭ، بوپتۇ، بىرنى چېكىپ قوياي .

2سائەتتىن كېيىن…

-سەن پەقەت ئاغىنىدارچىلىققا يارىمايدىكەنسەن!

-قانداق دەيسەن ؟ قايسى ئىشنى خاتا قىلىپ قويدۇم ئالدىڭدا ؟

-قاراپ تۇراسام باياتىن بىرى بىر نەچچە تال تاماكا چېكىپ بولدۇڭ ، بىرەر قىتىممۇ زورلاپ قويمايسىنا ؟ گەرچە مەن تاماكا تاشلىغان بولساممۇ …

7

-ئاداش نېمە بولدۇڭ ؟! ئاقساپ قاپسەنغۇ ؟

-توپ ئويناپ يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتۇمنى قايرىۋالدىم. دوختۇرغا ئاچىقە مېنى .

دوختۇرخانىدا...

ئا دوختۇر : نېمە بولدۇڭ ؟

-توپ ئويناپ يېقىلىپ كەتتىم .

ب دوختۇر:  نېمە بولدۇڭ ؟

-توپ ئويناپ يېقىلىپ كەتتىم .

س دوختۇر : نېمە بولدۇڭ ؟

-توپ ئويناپ يىقىلىپ كەتتىم! .

-قانداق يېقىلدىڭ ؟

- ماۋۇ يەردە قايتىدىن بىر يىقىلىپ بىرەيمۇ يا!....

laysu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 14:33:37

تۇرمۇش يۇمۇرلىرى دېسەك بولارمۇ؟

ئادىشىڭىزغا نەسىھەت قىلىپ قويۇڭ،بىر دوختۇرنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتۇپ ئوبدان تەكشۈرتكىلىك،بولمىسا نىمە بولغاننى بىلىپ بولالماي كېسەل ئېغىرلاپ كەتمىسۇن...ئەنە ئاشۇنداق ھەممىسى باشتىن باشلاپ سوراپ تېرىكتۈرۈپ قويىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 17:53:20

\"\"

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 18:20:54

ئەلا باھا بېرىپ قويمايلىمۇ؟! ھېبى ئاڭلىسمۇ يىغلىۋەتكۈدەك پاراڭلاركەن  {:92:}

tewbe يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 18:26:21

ئالدىرىمايراق ئەلا باھالايلى، تېما بەكرەك قىزىسۇن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 18:52:32

\"\"

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 18:58:57

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 20:00:30

6- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەرلىك كولاتقان . بىر ۋاقتا گوركار تىلفۇن قىلىپتۇ . پۈتتى ، كۆرەپ باقسىلا دەپ. چىقتىم ، سىناپ يىتىپ باقسام يەرلىك ماڭا كالتە كىلىپ قالدى. يەنى پۇتۇم چىقىپ قالدى. گوركار سەل خىجىل بولۇپ ، ئاپلا دەپ سالدى. مەنمۇ ئارتۇق كايىپ خىجىل قىلماي دەپ :

--ھىچقىسى يوق ئۇستام ، كېيىن خەتنى تاپىنىمغىلا يىزىپ قويسا بولغۇدەك.

ئاۋۇ گۆركار ئىچىدە، خەتنى تاپانغا يېزىپمۇ يۈرمەي،  ئاسان تونۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە ئۆرە تۇرغۇزۇپ كۆمۈپ قويۇشنىمۇ ئويلىدى، ھەقىچان!  \"\"

ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 20:37:15

8- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قانداقسىگە ئەمدى؟ پۇتى چىقىپ قالسا تاپىنىغا نېمىشقا خەت يېزىپ قويىدۇ، چۈشىنمەدىم\"\"

پۇتىنى  قەبرە تېشى قىلىپ ئىشلەتمەكچى

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 20:42:50

@‏ulastay سەت بولدى ھە!  \"\"

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 20:46:10

8- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەرلىك كولاتقان . بىر ۋاقتا گوركار تىلفۇن قىلىپتۇ . پۈتتى ، كۆرەپ باقسىلا دەپ. چىقتىم ، سىناپ يىتىپ باقسام يەرلىك ماڭا كالتە كىلىپ قالدى. يەنى پۇتۇم چىقىپ قالدى. گوركار سەل خىجىل بولۇپ ، ئاپلا دەپ سالدى. مەنمۇ ئارتۇق كايىپ خىجىل قىلماي دەپ :

--ھىچقىسى يوق ئۇستام ، كېيىن خەتنى تاپىنىمغىلا يىزىپ قويسا بولغۇدەك.

ئاۋۇ گۆركار ئىچىدە، خەتنى تاپانغا يېزىپمۇ يۈرمەي،  ئاسان تونۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە ئۆرە تۇرغۇزۇپ كۆمۈپ قويۇشنىمۇ ئويلىدى، ھەقىچان!  \"\"

قانداقسىگە ئەمدى؟ پۇتى چىقىپ قالسا تاپىنىغا نېمىشقا خەت يېزىپ قويىدۇ، چۈشىنمەدىم\"\"

رۇسلانجاننىڭ پىششىقلىقى بولمامدۇ بۇ! \"\"

BATURKORXAT يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 20:53:56

11- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەرلىك كولاتقان . بىر ۋاقتا گوركار تىلفۇن قىلىپتۇ . پۈتتى ، كۆرەپ باقسىلا دەپ. چىقتىم ، سىناپ يىتىپ باقسام يەرلىك ماڭا كالتە كىلىپ قالدى. يەنى پۇتۇم چىقىپ قالدى. گوركار سەل خىجىل بولۇپ ، ئاپلا دەپ سالدى. مەنمۇ ئارتۇق كايىپ خىجىل قىلماي دەپ :

--ھىچقىسى يوق ئۇستام ، كېيىن خەتنى تاپىنىمغىلا يىزىپ قويسا بولغۇدەك.

ئاۋۇ گۆركار ئىچىدە، خەتنى تاپانغا يېزىپمۇ يۈرمەي،  ئاسان تونۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە ئۆرە تۇرغۇزۇپ كۆمۈپ قويۇشنىمۇ ئويلىدى، ھەقىچان!  \"\"

قانداقسىگە ئەمدى؟ پۇتى چىقىپ قالسا تاپىنىغا نېمىشقا خەت يېزىپ قويىدۇ، چۈشىنمەدىم\"\"

رۇسلانجاننىڭ پىششىقلىقى بولمامدۇ بۇ! \"\"

مەن تېخى چىقىپ قالغان پۇتىنى نەزىر -چىراققا ئىشلىتىدىغان ئوىشايدۇ دەپتىمەن.\"\"

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 21:50:00

5

-ھەي بىردەم چىداپ  ئوسۇرمىساڭ ئۆلەمسەن!؟سىرتقا چىقىپ ئوسۇرۇپ كىرسەڭ بولمامدۇ ؟! ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ!...

- بىز نەدە ھازىر بىلەمسەن ؟ بىز دېگەن جوڭگودا ياشاۋاتىمىز ، دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ھەممە ئىشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش دېگەن گېپىنى ئاڭلىمىغانما ؟ مەن پەقەتلا شۇ ئەمەلىيەتكە يۈزلەندىم شۇ ، ئوسۇرغۇم كەلدى،ئوسۇردۇم، قەيىرى يامان ؟….

============================================================

ما يۇمۇر بولىدىكەن   {:92:}

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 22:34:49

قۇرۇق پاراڭلار سوقۇلماي ئادەمنى جەلىپ قىلغۇدەك پاراڭلار بولسا بولاتتى .ئىزدىنىشنىڭ بۇرۇنقى داڭلىق ئەزالىرى نەگە كەتكەندۇ؟ ئۇلار بولمىسا پەقەتلا بولمايدىكەن ئىزدىنىشتا. ئۇلارنىڭ يازمىللىرىنى خۇيمۇ سېىغېندىغۇ كىشى.

ghaliba يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 22:53:50

ئۆلۈپ كەتكەندە بەش ئەزايى ساق ئۆلەمدۇ؟ كىم بىلىدۇ بۇنى. شۇ گۆرمۇ چوڭ كېلىپ قالامدۇ تېخى.

dunyajan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 08:02:17

بىر ئادەم يېزىدىن ئۈرۈمچىگە ئوينىغىلى چىقىپ،سەندۇڭ بويىدىن تاكسىدىن بىرنى توراپ دابازاغا بارىدۇ دەپ تىكەن،تاكسىچى چىقىڭ بارىمەن دىسە،ھېلىقى يېزىلىق ئادەم ماشىنىغا چىقىپ تۇرۇپ كېتىپ،ئۇكام خاپا بولمىسا،بايام سىلىنى خەنسو ئوخشايدۇ دەپ خەنسوچە سۆزلەپ قوياپتىمەن دېگۈدەك...  {:92:}

xahrizaman يوللانغان ۋاقتى 2012-3-28 17:42:34

\"\"  \"\"

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-29 00:43:00

مېنىڭ بىر ئاغىنەم بار. خىزمەتكە چىقمىغان ۋاقىتلىرىدا كومپيۇتېرىنىڭ شامالدۇرغۇچ دېگەندەك بىرنەرسىلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا بەك ھېرىسمەن ئىدى. مەن: «ئالماشتۇرما بولدى، بىر ئوبدان مېڭىۋېتىپتۇ مانا» دېدىم. بىراق، ئۇ ئاتا - ئانىسى بىلەن مۇشۇنداق كىچىك ئىشلار ئۈچۈنمۇ نۇرغۇنلىغان قاتتىق- قۇرۇق سۆزلەرنى قىلىپ يۈرۈپ پۇل ئېلىپ ئالماشتۇرۇپتۇ. ئۆتكەندە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ خىزمەتكە چىقىۋىدى. ئىشلەپ يۈرىدۇ. بىر كۈنى كەپتۇ:

-بۇرادەر، ئىچىم بەك پۇشۇپ كەتتى، خىزمەتداشلىرىم ھەممىسى ساختا كۈلىدۇ، ساختىپەز، يالغانچى، تولا غەيۋەت قىلىدۇ، ئىشخانىدا ئولتۇرۇش بەك ئازابلىق، ئۇلاردىن بەك زېرىكتىم. خىزمەتتىنمۇ زېرىكتىم- دەيدۇ.

ئەمىسە، باشلىقتىن رۇخسەت سورا، ئۈچ، تۆت كۈنلا سورىساڭ بولىدۇ. سېنى بىر يەرلەرگە ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرۇپ كېلەي- دېدىم. ئۇ:

-رۇخسەت سورىساق بولمايدۇ؟

-نىمىشقا؟

- ھەرگىز رۇخسەت بەرمەيدۇ؟

- نىمىشقا ئەمدى؟

-باشلىقنىڭ ئاچچىقى يامان، رۇخسەت دېسەم ئاچچىقلاپ بەرمەيدۇ؟ ئۇنىڭغا ھېچكىم رۇخسەت دىيەلمەيدۇ؟ ئۇ ئىشخانىدىن چىقسا مېڭىۋاتقانلار بولسا توختايدۇ. ئالدىغا كىرگەندە قول قۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ. باشقىلار ئۆزلىكىدىن ماشىنىسىنى سۈرتۈپ كېتىدۇ. مەن بىرەر قېتىممۇ ماشىنا سۈرتمىدىم. ئۇنىڭغا رۇخسەت دېسەم ھەرگىز بەرمەيدۇ.

-ۋاي، ۋۇي، ئاۋۋال دەپ باقمامسەن؟

-قىزىق گەپ قىلىدىگەنسىلە، بەرمەيدۇ شۇ - دەپلا تېيىشىپ تۇرىۋالدى. مەن ئاستا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم:

-باشلىق دېگەن رەھبەر دېگەن گەپ، رەھبەر دېگەن چاكار دېگەن گەپ. ئۇنىڭ خىزمىتى باشلىق، رەھبەر بولغاندىكىن، سەن ئۇنىڭدىن رۇخسەت سورايسەن، ئۇ ساڭا رۇخسەت بېرىشكە ھوقۇقى بار ھەم شۇنداق مەجبۇرىيىتى بار. ناۋادا ئۇ ساڭا رۇخسەت بەرمىسە كىم ساڭا رۇخسەت بېرىدۇ؟ ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ رۇخسەت بېرەلەمتىڭ؟ ئەمىسە ئۇنىڭ قولىدىن رۇخسەت بېرىش كەلمىسە ئۇ نېمىسىگە باشلىق مەن دەپ يۈرىدىكەن؟ بوپتۇ، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ رۇخسەت بەر، ئەتە تەييار بول ساياھەت سەپىرىگە ئاتلىنىمىز. سەن نېمەنداق بالا سەن؟ ئاۋۋال سەن رۇخسەت دەپ باقمامسەن؟ دەپ باقماي تۇرۇپ ئۇنىڭ رۇخسەت بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقىنى سەن قەيەردىن بىلىسەن؟

-شۇ ھېچكىمگە رۇخسەت بەرمەيدۇ شۇ.

- ئاۋۋال دەپ باقمامسەن؟  ئاڭلاپ تۇر ساڭا دەي، باشلىق ساڭا ئىشلارنى تاپشۇرىدۇ، ئورۇنلاشتۇرۇىدۇ،  سەن شۇ ئىشلارنى بىجىرىسەن، ئۇرۇنلايسەن، سەن ئۇنىڭغا بىرەر ئىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قىلامتىڭ؟ شۇنداق بولغاندىكىن رۇخسەت سورا، رۇخسەت بەرسە ئۇ تاپشۇرغان ئىشلارنى ھەردائىم جان-دىل بىلەن ئورۇنلايدىغان ئادەم بولىسەن، ئۇ سەندىن مەنپەئەتلىنىدۇ، سەن ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىسەن. ناۋادا، رۇخسەت بەرمىسە سەن ئىشلاردىن دائىم قۇسۇر چىقىرىسەن، ئورۇنسىز باھانىلەرنى چىقىرىسەن، خىزمەتلەرنى، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئاقسىتىسەن. ئىشلار شۇ رەۋىشتە داۋاملىشىدۇ. سەن بۇلارنى ئويلاپ باش قاتۇرمىغان بىلەن باشلىق سەن رۇخسەت دەپ بولغۇچە بۇلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ سېنىڭ رۇخسىتىڭنى تەستىقلايدۇ. - دېدىم. ئۇ ناھايىتى تەسلىكتە تىرناق كوچىلاپ ئولتۇرۇپ رۇخسەت سورارمەن بولۇپ قايتىپ كەتتى. ئەتىسى كەپتۇ:

- ئاران بىر كۈن رۇخسەت بەردى.

-نەچچە كۈن رۇخسەت سورىغانتىڭ؟

-ئۈچ كۈن سورىغان شۇ، ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت بەرگىلى بولمايدۇ. ئىشىڭنى بىر كۈندە تۈگەت دەپ بىر كۈنلۈك رۇخسەت بەردى.

- ۋاي بايقۇش، بىچارە.  باشقا گەپ قىلمىدىڭمۇ؟

-قىلمىدىم.

-سېنىڭ باشلىقىڭ بېدىكمۇ؟

- قانداق دەيسەن؟

-بازاردىكى مالنىڭ نەرقىنى ئەتكەندەك، ئۈچ كۈن رۇخسەت سورىساڭ رۇخسەتنىڭ نەرقىنى بىر كۈنگە توختىتىپتۇ - ھە! بوپتۇ. بىر كۈن بولسىمۇ ئىچ - پۇشقىڭنى چىقىرارمىز. - دەپ سەپەرگە يۈرۈپ كەتتۇق.

dunyajan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-29 08:41:27

17- قەۋەتتىكى alimjan15نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەجەپ ئۇزۇن رومانكەن...

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-29 17:28:58

18- قەۋەتتىكى dunyajanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

17- قەۋەتتىكى alimjan15نىڭ يازمىسىدىن نەقىلبولسىمۇ ئىچ - پۇشقىڭنى چىقىرارمىز. - دەپ سەپەرگە يۈرۈپ كەتتۇق.

ھەجەپ ئۇزۇن رومانكەن...

شۇ، كۈلدىغان يېرىدىن ئۈچ قېتىم ئۆتۈپ كەتكىدەك ئادەم.

بەت: [1]
: قۇرۇق پاراڭلار